Skip to content

ئابدۇسەمەت روزى

Abdusemet Rozi After Detention
ئابدۇسەمەت روزى
ئابدۇسەمەت روزى –

ئابدۇسەمەت روزى 1966- يىلى 5- ئايدا ئاتۇش شەھرى سۇنتاغ يېزىسىنىڭ ۋاقۋاق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز كەنتىدە تاماملاپ، 1978- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئوقۇغان. 1981- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، شۇ يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1987- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئاتۇش شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. 1994- يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرستېتىغا يۆتكىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئابدۇسەمەت روزى 1989- يىلى «قىزىلسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «تەقدىر» سەرلەۋھەلىك شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان. رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرستېتىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئىجادىيەتتىكى زېھنىنى رادىئو-تېلېۋىزىيە مائارىپى ۋە ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ تەتقىقاتىغا قارىتىپ، ھازىرغا قەدەر «شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقاتى»، «رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا «ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش»، «ئوقۇتقۇچى پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار»، «مىللىي رايونلاردا ئوچۇق مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئەتىسى» قاتارلىق 10 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ئابدۇسەمەت روزىنىڭ 2005- يىلىدىن 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بەش يىللىق جاپالىق ئەمگىكى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان «ئىزچىلار» ناملىق كىتابتا ئۇلۇغ مائارىپچى، تالانتلىق تەشكىلاتچى، ئوت يۈرەك كومپوزىتور ۋە شائىر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ 1934- يىلى 8- ئايدىن 1935- يىلى 1- ئايغىچە ئاتۇشنىڭ ئوڭئېرىق كەنتىدىكى قىسقا مۇددەتلىك مۇئەللىم يېتىشتۈرۈش  كۇرسىدا تەربىيەلىگەن تۇنجى قارار ئىزچىلارنىڭ دېرىكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇپ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مائارىپچىلىق ھاياتى تەتقىقاتىدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.

ئىزچىلار
ئىزچىلار