Skip to content

تۇرسۇنئاي سۇلتان

Tursunay Sultan
تۇرسۇنئاي سۇلتان
تۇرسۇنئاي سۇلتان .

تۇرسۇنئاي سۇلتان داڭلىق تور يازغۇچىسى. ئۇنىڭ تورلاردىكى تەخەللۇسى بەرگىيە. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكى 2017-يىلنىڭ ئاخىرى لاگىرغا يوللىنىش سەۋەپلىك تارتىۋېلىنغان.

ئۇ 1979-يىلى ئىلى ۋىلايەتىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىجادىيەت سېپىگە 1995-يىلى ئىلى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «دېمە» ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. 2008-يىلى تور ئەدەبىياتىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن تور ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپ قايتىدىن ئىجادىيەتنى باشلىغان. ئارقا-ئارقىدىن تورلاردا «قەبرىدىكى ئىلتىجا»، «تۇنجۇققان روھ»، «ئىھ ناتونۇش يوللار»، «مۇز تۇتقان دېرىزە»، «مەن تۇل خوتۇن لېكىن بۇزۇق ئەمەس»، «چۈشۈمدىن چىق مۇھەببەت»، «جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى»، «يىگىت يىغلىمايدۇ»، «قۇياش كۆكسىدىكى ئايال»، «سەرگەردان بۇلاق»، «قانسىرىغان گۈل» قاتارلىق ھىكايە-پوۋىسىتلارنى ئېلان قىلغان.

توردا ئالقىشلانغاندىن كېيىن «ئىلى دەرياسى»، «كروران»، «تۇرپان» قاتارلىق ژورناللاردا «مەن بىر تامچە ياش»، «بەخت كۈلكىسى»، «قارچۇقتا بىر سۆيگۈ بىر قەترە ئازاب» قاتارلىق شېئىرلىرى تاللاپ ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىلى گېزىتى» قاتارلىقلاردا «ئىشەنىچ»، «يۈرەك»، «كېپىنەك» ماۋزۇلۇق شىئېرلىرى ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا كۆرۈلۈش قېتىم سانى500 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ ئەڭ يۇقىرى چەكنى ياراتقان «خىرۇستال قىز» ناملىق رومانى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2015-يىلى سىنتەبىردە نەشىر قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان «تىۋىشىسز كېچىلەر» ماۋۇزلۇق ھېكايەلەر توپلىمىغا ئۈچ پارچە ھېكايەسى تاللانغان.

خىرۇستال قىز
خىرۇستال قىز، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش