Skip to content

ئۆمەرجان نۇرى

Omerjan Nuri
ئۆمەرجان نۇرى
ئۆمەرجان نۇرى –

ئۆمەرجان نۇرى تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2017-يىلى 10-مارتتا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2018-يىلى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق.

ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.

1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

ئۆمەرجان نۇرىنىڭ «نۇشرىۋان يائۇشېفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار»، «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1732-يىلىدىكى شەرققە كۆچۈشى ھەققىدە بىر مەلۇمات»، «ئاتالمىش ياش قەشقەرلىكلەر پارتىيەسى ۋە ئەندىجان ۋەقەسى»، «قۇتلۇق شەۋقىگە قىلىنغان تۆھمەت»، «ئاتاتۈركنىڭ ئۇيغۇر دوستى»، «بۇرھان شەھىدىنىڭ تەرجىمىھالىدىكى بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات»، «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر يېگەنلىكى ھەققىدىكى ئۆز خاتىرىسى»، «تۈركلەردىكى نۇردىن تۆرىلىش ئەپسانىلىرى ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيەدە قوللىنىلىشى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى، «8-10-ئەسىر غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت»، «تۆت خەلىپە»، «سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا»، «مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېيتقانلىرى – كۇڭزى مۇنداق دەيدۇ» قاتارلىق ياپونچە، تۈركچە ۋە خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتابلىرى ھەمدە «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» ناملىق باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نەشرگە تەييارلىغان كىتابى بار.

توردا تېپىلغان بىر قىسىم كىتابلىرى:

تۆت خەلىپە
تۆت خەلىپە، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش
ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت
ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش
سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا
سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش
مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېيتقانلىرى - كۇڭزى مۇنداق دەيدۇ
مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېيتقانلىرى – كۇڭزى مۇنداق دەيدۇ
8-10-ئەسىر غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات
8-10-ئەسىر غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش
ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى
ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

ھەر خىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلىرى