Skip to content

قەھرىمان روزى ئەرچىن

Qehriman Rozi Erchin

قەھرىمان روزى ئەرچىن 1967-يىلى 30-دېكابىردا باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا يەرلىك ژۇرنال ــ «مۇزات دولقۇنلىرى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ۋە تاشقى تەشۋىقات مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئۇنىڭ ھازىرغىچە 550 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى 30 پارچىدىن ئارتۇق نەسرلىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بالىلارغا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرى 150 پارچىدىن ئاشىدۇ.

1993-يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئويۇشتۇرغان ياش ئەدىبلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت سىمىنارىيەسىدە بىر پارچە شېئىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1994-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئويۇشتۇرغان «كارۋان يولى» بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىر پارچە شېئىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1996-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» (ھازىرقى ‹قەشقەر› ژۇرنىلى) ژۇرنىلى ئويۇشتۇرغان «ئانا يۇرت-ئالتۇن دىيار» تېمىسىدىكى شېئىر-نەسر مۇسابىقىسىدا ئىككى پارچە نەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتور بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەن. 2008-يىلى «ئاي قوشىقى» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى 17-قېتىملىق ‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى› غا، ۋە شاڭخەي-ئاقسۇ ھەمكارلىقىدىكى «پۇجياڭ لوڭقىسى»  مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2017-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ «ئىزگۈ» ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» يېغىنىدا «مۇنەۋۋەر تور مۇھەررىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «تارىم ناۋاسى»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سېنى ئۇنتالمايمەن»، «غايىپ بولغان قەھرىمان»، «تەكلىماكان چىچەكلىرى»، «‹شىنجاڭ يېڭى دەۋر ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما››نىڭ ‹نەسىرلەر توپلىمى›» (خەنزۇچە)، «سالغا تېشى» (خەنزۇچە)، «ئىللىق ۋەنباۋ» (خەنزۇچە)، «شائىرانە باي» (خەنزۇچە)، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى: تەرجىمە – نەشر تۈرى» گە كىرگۈزۈلگەن «جوڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرجىمە ئەسەرلىرى» تومىنىڭ ئۇيغۇر تومى (خەنزۇچە)، «يېڭى دەۋر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى» تومىنىڭ ئۇيغۇر تومى (خەنزۇچە)…قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا شېئىر-نەسرلىرى تاللىنىپ كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرىگە مۇزىكا ئىشلىنىپ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان، يەنە بىر  تۈركۈم شېئىر-نەسرلىرى  خەنزۇچە ژۇرناللاردا  ئېلان قىلىنغان. 2014-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مەشۇقسىز مەكتۇپ» ناملىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى (يەتتە كىشىلىك) نەشر قىلىنغان. ئۇ  1999-يىلى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن.

قەھرىمان روزى ئەرچىن ھازىر  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى (ئېغىز ئەدەبىياتى) جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى.

توردا تېپىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى:

دېڭىز كۆزلۈك قىز

يوشۇرۇن كۆيۈش ــ مەڭگۈلۈك ھەسرەت