«تارىخى ھەمىدى» ئۇيغۇر تارىخىغا بېغىشلانغان، خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان بىر تارىخى ئەسەر. ئۇ بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ بۇندىن 115 يىل بۇرۇن ئۆز تارىخى ھەققىدە قىلغان ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجەسى. ئاپتور كىتابىنى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان مۇئەللىپلەر ياراتقان تارىخى مەنبەلەر ئاساسىدا، ئۆزى كۆرگەن، تەھقىقلىگەن ۋە تەتتىق قىلغان شەخسلەر، ھادېسەلەر ئاساسىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، ئەسەردە مىڭلىغان ئىسىم ساقلانغان.
ئۇيغۇرچە فامىلە ۋە ئىسىملارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن «تارىخى ھەمىدى»گە ئوخشاش كىتاپلارنى ۋاراقلاش بىزنى مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھالبۇكى، كىتاپتا تونۇشتۇرۇلغان تارىخى شەخسلەر ئەر، قالدۇرۇلغان ئىسىملارمۇ ئەرەنچە ئىسىملار بولغاچقا، قىز ئاياللارغا خاس ئىسىملار كۆپ ئۇچرىمايدۇ. تۆۋەندە بىز «تارىخى ھەمىدى»دە تىلغا ئېلىنغان ئىسىملاردىن ساپ ئۇيغۇرچە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىغا، ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم سۆزلەرنى تاللاپ دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
1.يافەس، ياپەس دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شەرق رىۋايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ئەجدادى، نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ بىرى
- فۇدەك، پۈدەك، بۈدەك دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ياپەسنىڭ ئوغلى
- خەرەز، ئەرەز دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، پۈدەكنىڭ ئوغلى
- غەر، ئەر دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەرەزنىڭ ئوغلى
- بىغۇر، ئەرنىڭ ئوغلى
- بىغوردىن كېيىنكىلەر؛ ساقلاپ، بارتاس، چىن، ماچىن، موغۇل، تاتار، قاراخان، ئوغۇزخان،
- ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادى، ئۇيغۇر، قانقىل، قاي، قالاچ، قىپچا، كۈنخان، ئايخان، يۇلدۇزخان، ئەلخان،
- ئەلخاننىڭ ئوغلى تەگۈر، قىنان، قىيات، بۇلغار،
تەگۈرنىڭ ئوغلى، ئۆكۈش، يۇقارقى ئوغۇزخان ئەۋلادى ياشىغان جاينىڭ ئىسمى «ئەرگىنە قون». يۇقارقى ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئوغۇللارغا خاس بولۇپ، بىر جۈپ ئوغۇل قىزى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلار قىزىنىڭ ئىسمىنى ئەرگىنە، ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى قون قويسا ماسلىشىدۇ.
- ئەرگىنە، بۇ سۆز ئەر دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ «گىنە، كىنە» دېگەن قوشۇمچە ئەركىلەتمە تۈسنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا قىزلارغا ئەرگىنە دېگەن ئىسىم ماس كېلىشى مۇمكىن.
- ئالان، ئالانقۇۋا ئوغۇزخاننىڭ نەۋرە قىزى، بۈگۈنكى قارا شەھەردە ياشىغان دېيىلىدۇ
- ئالانقۇۋانىڭ بۈزەنگىر، بۈزەنجىر دېگەن ئوغلى بولغان، ئۇنىڭ ئوغلى بۆكە، دۇمان، قايدۇ، بايىنقىر. بايىنقىرنىڭ ئوغلى دومناي، دومناينىڭ قابىل، قاچۇل دېگەن بىر جۈپ ئوغلى بولغان.
- بارتان، قابىلخاننىڭ ئوغلى، بارتاننىڭ ئوغلى تىمۇچىن باھادىر
- تايان، ئالتان، نايمان، ئوڭخان، گۈرخان، توقابەگ، مەركىت.
- ئازار، ھازار دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىدۇ، بۈگۈنكى ھازار دېڭىزىنىڭ ئىسمى
- قەنتۇرا، خانتۇرا دەپمۇ ئېيتىلىدۇ، تۈركلەرنىڭ موما تەرەپ ئەجدادىنىڭ ئىسمى
- قاراچار، نويان چىنگىزخاننىڭ ۋەزىرىنىڭ ئىسمى
- چاغاتاي، ئۆگدەي، ياكى ئوكتاي، تولۇي
- يالۋاچ، ئەلچى، دىپلومات، بۇيان (ساۋاپ)
- بەرك، بەركخان بىر خاننىڭ ئىسمى، بەركە-بۇ سۆز مۇستەھكەم، مەزمۇت، مۇنتىزىم، پۇختا دېگەن مەنىدە كېلىدىغان بەرك سۆزىگە يېقىن بولغاچقا بەركە شەكلىدە قىزلارغىمۇ قويۇشقا بولۇدۇ.
- مەڭگۈ، بىر خانزادەنىڭ ئىسمى، قىزلارغا ئىسىم قىلىشقا بولۇدۇ
- بەركىن، بەكىن تولۇيخاننىڭ ئەۋلادى، بىر خاننىڭ ئىسمى، مەناسى تەمبەل، قاۋۇل، بۇنى ئەركىن بىلەن جۈپلەپ قوشماقلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇشقا بولۇدۇ.
- ئىلخان، ئىلخان، ئاباقا، ئاباقاخان، ئارغۇن (پاك، ساپ) ئارغۇنخان، كەنجىتاي،
- ئۇيغۇرلاردا كەنجى ئوغۇللارغا قويۇلغان، كەنجە قىزلارغا ماس كېلىشى مۇمكىن، مەناسى ئوخشاش.
- قازانخان، قازان، ئارغۇنخاننىڭ ئوغلى
- ئۇلجىتاي، ئۇلجا، ئۇلجاتو قازانخاننىڭ ئوغلى
- تەمۈر، جانتەمۈر
- نويان، تۇران، چوپان، تۆلەك
- تۇغلۇق، قۇتلۇق، ئۇلۇس، ئۇلۇت، ئۇلۇغ، سۇلۇغ (چىرايلىق)
- تارخان، داغان، تاراغاي، تۆكەل، تاغبېك، بولجار
- ئىجىل، ئىمىل،
- توقتامىش، ئالپامىش،
- ئۇلۇغبەگ، ئەلبەگ
- نەۋكەر، لەشكەر، ئەسكەر، سەنجەر
- باغراش، ئالاي، مۆلجەر، دوغلات، بارلاس، باران
- بۇلاج، بالقار، بالقاش، ئەسەن،
- ئىسەن، ئىسەنبوغا، بوتا دېگەن ئىسىملار قىزلارغا ماس كېلىشى مۇمكىن.
- شىراۋۇل، ياساۋۇل، چاپاۋۇل، چاغداۋۇل، ئىراۋۇل، باقاۋۇل، شاغاۋۇل
- تاشتۆمۈر، مەڭلىك، بەگچەك،
- دامات، كوراگان،
- بۇراق، بۇراقخان، بايقارا، بايسۇن، بايسۇنقۇر
- تۆكەل، تۈگەل قىزلارنىڭ ئىسمى
- ئەرزىن-ئەر ئىسمى، بايرىن، بۈگۈنكى بارىننىڭ پەرقلىق تەلەپپۇزى
- بارىمتاي، تۇرۇمتاي، دوختاي، جوراس.
- ئەرەندىز، گىزەك ئۇيغۇرچە يۇلتۇزلارنىڭ ئىسمى، ئەرەپچەسى جەۋزا
- بۇغرا، بارقىن، يارقىن
- يىگىت (ئاتلىق ئەسكەر) سەرۋاز (پىيادە ئەسكەر)
- قۇشبەگ، ئۆزبەگ، نۇربەگ
- توقسۇن (تولۇق، باي)، تۇيغۇن (سەزگۈر، ھۇشيار)
- يارغۇ (ھۆكۈم) پەرمان (بۇيرۇق)
- ساتۇق، سالجۇق، سالقىن، سالۇر
- باباخان، باباجان، باباق
- ئاغچا، ئىگە، ئىگىچە، ئىلكە، ئۈلكە قىزلارغا ماس كېلىشى مۇمكىن

