يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇدا توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1973-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئاغۇ يېزىسىدا ئوقۇغان. 1980-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.
1987-يىلى يالقۇن روزى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇخبىرلىق قىلغان. 1991-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2005-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى دەرسلىك بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىنى قىلغان. 2016-يىلى ئۆكتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغان. 2018-يىلى 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
يالقۇن روزى «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، «مەمتىلى ئەپەندى» (مېرزاخمەت سىيىت بىلەن بىللە)، «ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى» (ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلىمى)، «مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن»، «لاي قەلئەنىڭ سىرى» (ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلىمى) قاتارلىق كىتاپلىرى ۋە بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى (مەسىلەن، «تۇرمۇشتىكى پەلسەپە») نەشىر قىلىنغان ۋە نۇرغۇنلىغان ماقالە – ئوبزورلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.
يالقۇن روزى مۇھەررىرلىكىدە 2008-يىللاردا بىر يۈرۈش ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى نەشىر قىلىنغان.
توردا تېپىلغان بەزى كىتابلىرى:
يالقۇن روزى تۈزۈشكە قاتناشقان بەزى دەرسلىك كىتابلار:
YouTube تىكى بەزى ئاۋازلىق ئەسەرلەر
توردىكى بەزى ماقالىلىرى:
ئىلىدا يىڭى مائارىپ ھەركىتى, باشقا ئۇلىنىش, باشقا ئۇلىنىش
يالقۇن روزى ماقالىلەر توپلىمى (1-توم), باشقا ئۇلىنىش, باشقا ئۇلىنىش
بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟, باشقا ئۇلىنىش, باشقا ئۇلىنىش
ئەدىبلەر نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ؟, باشقا ئۇلىنىش
ھەر خىل گېزىت، ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلىرى