دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا
قىسقىچە تەرجىمىھال
دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا 1983-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى لوپ ناھىيەسىدە ئالغان. 2002-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا ئىنستىتۇتنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. 2004-2002- يىلغىچە لوپ ناھىيەسىدە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ ئۆز ئالدىغا بىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرغان.
ئۆزىنىڭ بىلىمگە بولغان يۈكسەك ئىشتىياق بىلەن ئۇ داۋاملىق ئوقۇش يولىنى تاللاپ 2006- يىل شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىل كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا، 2010- يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىلشۇناسلىق ۋە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ماگىستىر ئۇقۇش جەرياندا ئۇ تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. نەبىجان ھەبىبۇللا ماگىستىر ئوقۇشىدا پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللانىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركىي تىللار دىۋانىنى مىسال قىلىپ «ئۇيغۇر تىل خوتەن دىيالېكتىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى» توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەبىجان ماگىستىر ئۇقۇشنى تاماملاپ خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدە بىر يىل خىزمەت قىلغان.
ئۇ 2011-يىلى بۇ خىزمىتىنى توختىتىپ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان. 2012-يىل دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ چەتئەلدە بىلىم ئېلىش تۈرىگە ئېرىشىپ، 2014-يىلغىچە ئىككى يىل گېرمانىيە گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور پىتىر لاۋتنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن گېرمان تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ گېرمان تىلىدا يېزىلغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. 2016-يىل 6-ئايدا «خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان كونا ئۇيغۇر بۇددىست تېكىستلىرىدىكى پېئىللارنىڭ لۇغەت مەنىسى» توغرىسىدىكى دوكتورلۇق ماقالىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. شۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. بۇ جەرياندا خىزمەت ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە ئۆزى باش بولۇپ 2 دۆلەت دەرىجىلىك ، 1 ئاپتونوم ۋە 1 مەكتەپ دەرىجىلىك تۆت تەتقىقات تۈرىگە ئېرىشكەن. نەبىجان ئىنستىتۇت بويىچە 2017-يىل «مۇنەۋۋەر باكلاۋۇرلۇق ماقالە يېتەكچىسى»، 2018-يىل «مۇنەۋۋەر تەتقىقاتچى» بولۇپ باھالانغان. ئۇ ھازىرغىچە 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.
مۇشۇنداق پۈتۈن كۈچ، ئىشتىياق بىلەن تىرىشىپ ئىلىم-پەن يولىدا تىرىشىۋاتقان بۇ باش 2018-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تاكى 2021-يىل 3-ئايغىچە ھېچقانداق ئىز- دېرىكى بولمىغان. يېقىندا دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ 15 يىللىق قاماققا كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.
دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ تۇتۇلۇش ۋە قامىلىشىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېكىتكەن سەۋەبى بىزگە ئېنىق ئەمەس. ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدىن تۇتۇلغان نەبىجاننىڭ ماگىستىر يېتەكچى ئۇستازى ئارسلان ئابدۇللاغا ئوخشاش نۇرغۇن پىروفېسسور ۋە ئوقۇتقۇچىلاردەك ئۇنىڭ قىلغان تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىل ۋە تارىخىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تۇتۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.


