Skip to content

مامبەت تۇردى

يازغۇچى

مامبەت تۇردى (قىرغىز، بەزى يەرلەردە مامبەت تۇردۇ، مەمبەت تۇردى دەپمۇ يېزىلغان) شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدىن، 1988-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى فېلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ مەملىكەتلىك 8-9-10-نۆۋەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ، ئاپتونۇم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «ماناس» تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئۆتەپ كەلمەكتە.

مامبەت تۇردى 1983-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، 2003-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن، «قەلب» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئۆزىمىزنى ئۇنتۇمايلى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، «قىرغىز ئەدەبىياتى تارىخى» (قىرغىزچە، خەنزۇچە)، «ماناسنىڭ كۆپ خىل شەكلى ۋە ئورۇنلاش سەنئىتى» قاتارلىقلار بار.

ئۇ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىجادىيىتى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائى پەن نەتىجىلىرى ۋە «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.

مامبەت تۇردىنىڭ ھەرخىل ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان بىرقىسىم ماقالىلىرى.