Skip to content
مۇختار سۈپۈرگى
مۇختار سۈپۈرگى
مۇختار سۈپۈرگى

پروفېسسور مۇختار سۈپۈرگى 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئەدىپلەرنىڭ بىرى. ئۇ ھازىر خوتەندىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

مۇختار سۈپۈرگى 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1980-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا  ئوقۇشقا كىرگەن. 1984-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزى ئوقۇغان فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1991-يىلدىن 1992-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان، 1999-يىلى دوتسېنتلىق ۋەزىپە ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 9-ئايدا ۋۇخەن ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىدا «يېڭى دەرس ئۆلچىمى» بويىچە مەملىكەت دەرىجىلىك سېمىنارىيەگە قاتناشقان. 2005-يىلى شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنۋېرستىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2007-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 2003-يىلى 10-ئايدىن 2008-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن پېداگوگىكا ئالى تېخنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008-يىلى 7-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى باشلانغۇچ مائارىپ فاكۇلتېتىغا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ تەڭشەلگەن.

ئۇ، 1981-يىلدىن ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، داستان، ھېكايە، مەسەل ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. «كۈنلۈك ئاستىدا» ، «گۇما ئابىدىلىرى»، «نورۇز لىرىكىسى» قاتارلىق شېئىرلىرى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» ۋە خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «تۈن لىرىكىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى» ناملىق دەرسلىك كىتابى نەشىر قىلىنغان. «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ژورناللاردا ئىجادىيەت ھاياتى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى «جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ياش ئەدىپلىرى قامۇسى»، «جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر قامۇسى»… قاتارلىق 8 پارچە قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى» ۋە «خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى.

تۈن لىرىكىسى
تۈن لىرىكىسى، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش ISBN: 7-228-07907-8 شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل 3-ئايدا نەشىر قىلغان.
ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى
ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش ISBN: 7-5631-1731-8 شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى 2003-يىلى 5-ئايدا نەشىر قىلغان.

توردىكى بەزى شېئىرلىرى: ئوقۇغىن, باشقا ئۇلىنىش

بەزى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى

ئوقۇغىن – مۇختەر سۈپۈرگى

ئوقۇغىن
مۇختەر سۈپۈرگى
تەقدىرىڭگە جەڭ ئوقى ئاتماق بولساڭ ئوقۇغىن،
كائىناتنىڭ سىرىنى ئاچماق بولساڭ ئوقۇغىن،
ئەل- ۋەتەنگە تۆھپىلەر قاتماق بولساڭ ئوقۇغىن،
نىسىۋەڭنى ئىلكىڭگە ئالماق بولساڭ ئوقۇغىن،
ئەيىپىڭنى ئىلىمدە ياپماق بولساڭ ئوقۇغىن.

《ساۋاتسىزلىق شەرەپ ئىش》 دېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
ئەل غېمىنى يالغاندىن يېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
تىرىكتاپقا ئاش بەرگەن لىگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
نادانلارنى ئېشەك قىپ مىنگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
بەيگىلەردە ئۆزگىدىن ئاشماق بولساڭ ئوقۇغىن.

ئەجدادىمىز ياراتقان قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،
چىققان بىزدە روياپقا دورا ئاتلىق مۆجىزە،
نەسلى ئىدۇق ئەشۇنداق زېرەكلەرنىڭ ئەسلىدە،
بىز جاھانغا تۇنۇلغان ئىلىم بىلەن دەرۋەقە،
كەلگۈسۈڭنى ئەجدادقا چاتماق بولساڭ ئوقۇغىن.

كۈلپىتىڭدىن ۋايسايسەن، 《نە ئۈچۈن》 دەپ باقمايسەن،
قاراڭغۇ دىل خانەڭگە ئىلىم نۇرى ياقمايسەن،
ئۆزگىلەرگە ئۆزۈڭدىن خۇشپۇراقلار چاچمايسەن،
تۇرۇپ بىر دىل، بىر تىللىق، بىر كوچىغا پاتمايسەن،
خىسلىتىڭدىن نۇر- زىيا چاچماق بولساڭ ئوقۇغىن.

نىجاتلىقنى ئىلىمگە باغلىغانلار باياشات،
ئۇچتى ئايغا، مارسقا، بولدى ئاڭا پەن قانات،
ئەمما سېنى يالمىدى ۋاقتى ئۆتكەن خۇراپات،
ھەل بولمىدى تىلىكىڭ قىلىپ شۈنچە مۇناجات،
باياشاتلىق تۆرىدە ياتماق بولساڭ ئوقۇغىن.

مەكتەپ دېسە داجىيسەن، قىيامەتتىن قاچقاندەك،
گويا ساڭا زاۋاللىق ئاغزىنى چوڭ ئاچقانداك،
قېنى روھىڭ، جۈرئىتىڭ، ئەجداد بەرگەن قاپلاندەك،
يېتىپ كەتتىڭ نادانلىق بۆشۈكىدە مېھماندەك،
قورغىنىنى غەپلەتنىڭ، چاقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ، ئۇ دۇنيا دەپ ياشايسەن،
بىساتىڭنى، بالاڭنى كىملەرگىدۇر ئاتايسەن،
ماڭىسەنۇ ماڭىسەن، لېكىن قىردىن ئاشمايسەن،
مۇشۇ ھالىڭ- تۇرقۇڭدىن سەن كىملەرگە يارايسەن،
ياراتقۇچى ئىگەمگە ياقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

يارالغاندا لاي- خاكى ئەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
يىراق ئېرا- ئۆتمۈشتە نەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
بېقىپ كەلدى يەر شارى، يەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
سەن، مەن ۋە ئۇ بولمىقى بەلكى سىردۇر ئىنساننىڭ،
يىلتىزىڭنى- ئەسلىڭنى تاپماق بولساڭ ئوقۇغىن.

يىراق قىلما دىلىڭنى ئىلىم نۇرى- خىسلەتتىن،
ئالماي ساۋاق يۈرەمسەن شۇنچە ئاچچىق ئىبرەتتىن،
كىم قۇتقۇزار سېنى بۇ ئۆزۈڭ تاپقان كۈلپەتتىن،
يارىلىشىڭ قىسمەتتىن، يارالمىشىڭ ھېكمەتتىن،
دەرياسىدا ھېكمەتنىڭ ئاقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

《يېڭى قاشتېشى》ژۇرنىلى 2014-يىل 4-سانىدىن