Skip to content
ئەسئەت ئابدۇرېشىت
ئەسئەت ئابدۇرېشىت
ئەسئەت ئابدۇرېشىت

ئەسەت ئابدۇرېشىت 1967-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى توققۇزتارا ناھىيە كالا فېرمىسىدا ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائېلىسىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، توققۇزتارا ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا مۇخبىر-مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. كەسىپتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن 1992-يىلى «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇخبىر -مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن گېزىتچىلىك ھاياتىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئاخبارات ۋە قىسقا ھىكايىلىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم ياخشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. 1996-يىلى ئىلى  ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتىدىكى تەجرىبىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكەپ كېلىدۇ.
ئۇنىڭ  ئەدەبىي  ئىجادىيەت  ھاياتى  90-يىللاردىن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى ژانىرلاردا پوۋېست، ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات  ۋە  ئىلمىي  ماقالىلارنى  ئېلان قىلىپ كەلدى. ئۇ يازغان «بىر تامچە ياش بولسىمۇ كەم تۆكۈلسۈن» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات 1993-يىلى گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئاپتونوم رايون بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «شەھەرنىڭ ھېكايىسى» ناملىق ھېكايىسى «ئشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «كارۋان يولى» بەدىئىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىگە «ياقۇتقا قونغان توزانلار» ناملىق ماقالىسى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىگە، «دوقمۇشتىكى لەتىپە»، «يەكپاي ئاياغ» ناملىق ھىكايىلىرى 1995-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيۇشتۇرغان گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىگە، «ئەركەكلەر» ناملىق ھېكايىسى 7-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئادىنوشكا» ناملىق ھېكايىسى 3-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «ئاق رومال» ناملىق پوۋېستى 3-نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۇر ئەسەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنىپ شۇ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2015-يىلى ئەسئەت ئابدۇرېشىت يازغان «ئىلى يولى ئەگرى-توقاي»، «بۇلۇت قىز» ناملىق ئىككى پوۋېست، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

«شەھەرنىڭ ھېكايىسى» ناملىق  ھېكايىسى تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىگى ئۈچۈن تۈزۈلگەن يېزىقچىلىق يېتەكچىسى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ، قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە كوللىكتىپ توپلارغا  كىرگۈزۈلدى ھەم ئوبزورلار يېزىلىپ ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. «ئايدىكى داغ» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «يەكپاي ئاياغ» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزىگە  خاس بەدىئي پەللە ياراتقانلىقى بىلەن ئالاھىدە خارەكتېرلىنىدۇ.