Skip to content

ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى

Ablet Abdurishit Berqi
ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى
ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى –

ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى 1971-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى فىلولوگىيە ئېنىستىتۇتىدا جۇڭگو ھازىرقى زامان بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كەسپىدە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرگەن. 2011-يىلى ئوقۇشنى تاماملىغان. 2010-يىلى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى يۆنىلىنىشىگە دوكتۇر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان.

ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ تۈرلۈك ئەسەرلىرى  1988-يىلىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 2001 -يىللىرىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان. بۇ تىرىشچان ئەدىبنىڭ 2000-يىلى «قىز پەسلى» دېگەن شېئىرلار توپلىمى، 2003-يىلى «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز» دېگەن ماقالىلەر توپلىمى، 2004-يىلى «ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە» دېگەن پوۋسىتلار توپلىمى بىلەن «سۆيگۈ ۋە قىساس» دېگەن رومانى، 2005- يىلى بالتاسار گراسيان يازغان «جاھاندارچىلىق رىسالىسى» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى ۋە 2011-يىلى «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى» دېگەن ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ ئالقىشلانغان.

ھازىرغا قەدەر پروزا، پوئىزىيە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ گېزىت-ژورناللاردا ئۈچ يۈز پارچىگە يېقىن ئەسەر ئېلان قىلغان. 30 پارچىدەك ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئۇيغۇرچە، ئېگىلىزچە، خەنزۇچە ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن بىر قىسمى خەنزۇ، ئېنگىلىز، ئەرەپ، نېمىس، ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئىسرائىلىيەدىكى خايفا ئۇنۋېرىستىتىدە دوكتور ئاشتىلىق خىزمىتىدە بولغان.

2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 13 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 2023-يىلى ئۇنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن رومانى تۈركىيەدە، تۈركچە نەشىر قىلىنغان.

توردىكى بەزى كىتابلىرى:

قىز پەسلى
قىز پەسلى، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

 

كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز
كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز
سۆيگۈ ۋە قىساس
سۆيگۈ ۋە قىساس

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى ئەسەرلىرى

قەشقەر تەسىراتلىرى (ماقالە)

لياڭشەن كۆلىگە يېغىلغان ئۇيغۇر باتۇرلار ھەققىدە (شېئىر)

بەزى كىتابلىرىنىڭ مۇقاۋىسى (توردىن تېپىلمىدى)

ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە
ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە
ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى
ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى

ھەرخىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بىرقىسىم شېئىر ۋە ماقالىلىرى