Skip to content

ئۇيغۇريار فوندى «1 – قارارلىق كىيىم تىكىش – لايىھەلەش كۇرسى» ئېچىلدى

ئۇيغۇريار فوندى «1 – قارارلىق كىيىم تىكىش – لايىھەلەش كۇرسى» ئېچىلدى

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولۇپ، مۇھاجىر ئۇيغۇرلار تۈرلۈك چارىلەر بىلەن بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا تىرىشماقتا.

كىيىم -كېچەك، توقۇمىچىلىق ساھەسى تۈركىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، ساپاكۆي رايونلىرىدا بۇ خىزمەت ساھەسىدە ئىش پۇرسەتلىرى كۆپ بولۇپ، مەزكۇر ساھە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قىزىقتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىنى سۇنماقتا.

ساپاكۆي رايونىدا ئولتۇراقلاشقان بىر تۈركۈم مۇھاجىر ئۇيغۇر خانىم – قىزلارنىڭ تەلىپى بىلەن، ئۇيغۇر يار فوندى كىيىم تىكىش – لايىھىلەش ساھەسىدە ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئۇستىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر يار فوندى ھۈنەر -كەسىپ تۈرى بويىچە نۆل سەۋىيەدىن باشلانغان «1 – قارارلىق كىيىم تىكىش – لايىھىلەش كۇرسى» ئېچىشنى قارار قىلدى. بۇ كۇرس 6 ئاي داۋاملىشىدۇ.

كۇرس 2 – ئاۋغۇستتا رەسمىي تۈردە دەرس باشلاندى، مەزكۇر كۇرسقا ئون نەپەر ئۇيغۇر خانىم – قىزلار تىزىملاتتى. كۇرستا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەربىيەلەپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ 6 ئايلىق ئوقۇش بەدەل پۇلى ئۇيغۇر يار فوندى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ.

1 thought on “ئۇيغۇريار فوندى «1 – قارارلىق كىيىم تىكىش – لايىھەلەش كۇرسى» ئېچىلدى”

Comments are closed.