Skip to content

بالىلارغا مىڭ ئۆي قۇرايلى

بالىلارغا مىڭ ئۆي قۇرايلى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئۇيغۇر بالىلىرى تۈركىيەدە «قەلبىمدىكى شەرقى تۈركىستان» رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ۋە ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، مەرال ئاقشەنەر قاتارلىق سىياسىيۇنلارنىڭ قولىدىن مۇكاپاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر بالىلىرى باشقا ئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپمۇ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بەزى بالىلار رەسساملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە توردا رەسىم دەرسى ئېلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتلىك رەسساملارنىڭ قولىدا دەرسخانىلاردا مەخسۇس ماھارەت ئۆگىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىز ئۇيغۇر بالىلارنىڭ رەسىم قىزغىنلىقىغا سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن «بالىلارنىڭ مىڭ ئۆيى» نامىدا بىر سەينا ھازىرلىماقچى. بۇ سەھنە ئاۋامغا ئوچۇق، ئىنىستىگرام ۋە فېيسبۇكتا بولىدۇ.
«بالىلارنىڭ مىڭ ئۆيى» بارلىق ئۇيغۇر بالىلارغا دوستلۇق پۇرسىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوچۇق. 18 ياشتىن تۆۋەن بارلىق بالىلارنىڭ ئەسەرلىرى مىڭ ئۆيگە قويۇلىدۇ. ئەسەرنى بالىلار ئۆزى ئەۋەتىپ بەرسىمۇ، ئاتا ئانىسى ئۇلارغا ۋاكالەتەن ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. رەسىملەرنى مىڭ ئۆيگە قويۇلغاندىن كېيىن يىلدا بىر باھالىنىپ مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
بالىلارنىڭ مىڭ ئۆيىگە قويۇلغان ۋە باھالاش نەتىجىسىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن رەسىملەرگە «ئابدۇكېرىم نەسىردىن مۇكاپاتى» بېرىلىدۇ.
بالىلارغا بېرىلىدىغان مەزكۇر مۇكاپاتنى ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ پەرزەنت ۋە شاگىرتلىرى مۇھاجىرەتتە تەسىس قىلغان بولۇپ يىلدا بىر تارقىتىلىدۇ. رەسىملەرنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاشنى مەزكۇر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان رەسساملار ئۈستىگە ئالىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇريار فوندى ۋە «بالىلارنىڭ مىڭ ئۆيى» تەييارلىق گۇرۇپپىسى.
رەسىملەرنى رەسسام نىجات ھوشۇرغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار. رەسىم يوللانغاندا ئىسىم فامىلە ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلىتى، يېشى قاتارلىقلارنى قوشۇپ يوللاش كېرەك.
نىجات ھوشۇر:[email protected]
ئېلانلىق رەسىمنى مەسئۇدە ئابدۇۋەلى سىزغان.