Skip to content

«سىياسىي سەھنەدىكى زاكىروفلار»

  • ماقالە

«سىياسىي سەھنەدىكى زاكىروفلار»
دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «سىياسىي سەھنەدىكى زاكىروفلار» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 2-تومىدۇر.
«زاكىروفلار» سۇلالىسىدىن كېلىپ چىققان شۆھرەت زاكىر 2014-يىلى نۇر بەكرىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ «قىزىل ئارقا كۆرۈنۈشى» گە دىققەت قىلغان ئىدى. شۆھرەت زاكىر 2017-يىلىدىن باشلانغان زور تۇتقۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قانداق ماسلاشقان بولسا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 3 مىليوندىن كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدا قانچىلىك لاپ ئېيتقان بولسا، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇللا زاكىروفمۇ بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن شۇنداق ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» جەريانىدا ئابدۇللا زاكىروف ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ۋاڭ ئېنماۋغا يېقىندىن ماسلىشىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر كادىرلار، ھەر سەھەدىكى سەرخىللار ۋە زىيالىيلارنىڭ «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى بىلەن ئەيىبلىنىشى ھەم جازالىنىشىدا مەلۇم روللارنى ئالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدار ھېسابلانغان ئابدۇللا زاكىروف 1959-يىلى بىر سەكرەپلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە، 1960-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىكىگە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇيغۇر خەلقى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن تارىخنىڭ ھالاكەتلىك سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەندە، زاكىروفلار جەمەتىنىڭ «قىزىل تارىخى» نى ئۆزىگە دەسمايە قىلغان «قىزىل ئىككىنچى ئەۋلاد» ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك تەختىگە چىقىرىلىدۇ.
خىتاي ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقان ئارخىپ ھۆججەتلىرى، تارىخىي ماتېرىياللار ۋە بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ئەسلىمىلىرى زاكىروفلار سۇلالىسىنىڭ قىزىل باپكىسىغا قاچىلانغان سىرلىق تۈگۈنلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى ئېچىپ كۆرسەتمەكتە. ئەگەردە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىنىڭ ئېتىلمىغان سەھىپىلىرىگە يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ ئىككىنچى تومى «سىياسىي سەھنەدىكى زاكىروفلار» غا مەرھەمەت!
بۇ كىتاب ئۇيغۇريار فوندى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسىدا سېتىلىدۇ.
ئالاقە نۇمۇرى: 905324144055