Skip to content

«ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى»

  • ماقالە

«ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى»
دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 1-تومىدۇر.
1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 214-نومۇرلۇق ياتىقىدا سىرلىق سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى» دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق دېلوسىنىڭ تۇۋىقى يېپىلىدۇ. بۇ ۋەقە كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سىياسىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا، كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن كۈرەشكە تارتىلغان، 48 يېشىدا سىرلىق سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇرەھىم ئەيسا كىم؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش غايىسى قانداق بەربات قىلىندى؟ ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستىخباراتىنىڭ بىرلەشمە قولى بولغانمۇ؟ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزىنى بىلىدىغان شاھىتلار نېمە ئۈچۈن يېرىم ئەسىرگىچە سۈكۈت قىلدى؟…
تارىخىي تۈگۈنلەر سوئاللار بىلەن ئېچىلىدۇ، ئىزدىنىش جەريانىدا يېشىلىدۇ. ئەگەردە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى توغرىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ سىرلىق سەھىىپىلىرىدىن، توپا بېسىپ ياتقان ئارخىپلارنىڭ سارغايغان بەتلىرىدىن ۋە شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن جاۋاب تېپىشقا قىزىقسىڭىز، دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ بىرىنچى تومى – «ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى» نى ئوقۇپ چىققايسىز!
بۇ كىتاب ئۇيغۇريار فوندى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسىدا سېتىلىدۇ.
ئالاقە نۇمۇرى: 905324144055