Skip to content

ئۇيغۇريارغا ئەزا بولۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

ئۇيغۇريار ( نورۋېكچە تىزىمغا ئېلىنغان ئىسمى uygurhjelp)  پايدا ئالمايدىغان ئورگان شەكلىدە تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، نورۋېگيەنىڭ قانۇنى بويىچە بۇنداق ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئەزالارنىڭ ئايلىق بەدەل پۇلى ۋە ئىئانىسىدىن كېلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇريارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇريارغا ئەزا بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇريارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بولۇپ، يىللىق خامچوت ۋە پىلانلىغان تۈرلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. ئىككىنجىدىن، ئۇيغۇريارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلار ئۇيغۇريارغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق ئۇيغۇريارنى بىرلىكتە باشقۇرۇرىدۇ. ئۇيغۇريارنىڭ رەئىسى ۋە ھەيئەتلىرىنى بىرلىكتە سايلاپ چىقىدۇ.ئۇيغۇريارنىڭ كەلگۈسى نىشان ۋە سىتراتىگىيەلىرىنى بېكىتىشكە ۋاستىلىق قاتنىشىدۇ. بۇ ئۇيغۇريارنىڭ ساغلام ۋە دېموكراتىك تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇريارغا ئەزا بولغانلارنىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىدىن باشقا، ئۇيغۇريارنىڭ خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىمۇ بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئايدا مەلۇم مىقداردا بەدەل پۇلى تاپشۇرۇش ۋە ئۇيغۇريار تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش مەسئۇلىيىتىمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇريارنىڭ خىزمىتىنى پىدائىيلىق ۋە ئىختىيارىيلىقتىن ئىزچىللىق ۋە سېستىمىلىققا كۆتۈرىدۇ، قىسقىسى ئۇيغۇريارنىڭ خىزمىتى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەزا سانىنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇيغۇريارنىڭ ئىشەنچلىكلىكنى ئاشۇرۇپ، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشىىغا يول ئاچىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇريارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى فوندىمىزغا ئەزا بولۇپ، ئۇيغۇريارنى بىرلىكتە باشقۇرۇشقا، بىرلكتە گۈللەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلىمىز.

5 thoughts on “ئۇيغۇريارغا ئەزا بولۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!”

  1. ئابلەتجان ئابدۇغەنى

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    مەن ئۇيغۇريارغا ئەزا بۇلۇش شەرتلىرنى تەپسىلىراق بىلمەكچى ئىدىم .

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      ئەزا بولۇشنىڭ باشقا ئارتۇقچە شەرتلىرى يوق.
      ئەزا بولۇش توغرىلىق تۆۋەندىكى يازمىلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ:
      ئۇيغۇريارغا ئەزا بولۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
      ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى

      بۇ يەردىن ئۇيغۇر يار پىلانىغا قاتنىشالايسىز: ئۇيغۇر يار پىلانىغا قاتنىشىش جەدۋىلى

Comments are closed.