Skip to content

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتسە يىراق،
مەن مىسالى يالاڭئاياق، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

مائارىپ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قايتا زەپەر قازىنالايدۇ، لېكىن مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قايتا باش كۆتۈرەلمەيدۇ. دۇنيانىڭ يېقىن تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مەيلى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان گىرمانىيە بولسۇن، ياكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتوم بومبىىسى بىلەن مەغلۇپ قىلىنغان ياپۇنىيە بولسۇن، ئۇرۇشتىن كېيىن مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن قىسقا مەزگىل ئىچىدە قەد كۆتۈرۈپ چىقتى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن جاھالەتتۇر. توپ، زەمبىرەك بىلەن قولغا كەلتۈرگەن غەلبىنى ساقلاپ تۇرغۇچى ئامىللاردىن بېرى، جاھالەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدۇر.
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئابدۇقادىر داموللام، مەمەتېئلى ئەپەندى، ئەلىخان تۆرەم ۋە مەمەتئىمىن بۇغرالارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ۋەسىيەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئەۋلادلارنى دەۋر تەقەززاسىغا ماس ھالدا ئىلىم – پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەققىدە توختالغانلىقىنى كۆرىمىز.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى بولغان پەرزەنتلىرىمىز بىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا، ئىلىم – پەننىڭ يېڭى پەللىسىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا. پەرزەنتلىرىمىزنى ئوقۇشتا ئىلھاملاندۇرۇش، تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇريار فوندى بۇ يىلمۇ ئەلا نەتىجە ئالغان باشلانغۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردە ئىلىم – پەن ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، ئۇيغۇر ئالىمەسى مايسەم مۇتەللىپوۋا، ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى دوكتۇر ئابدۇشكۇر ئابدۇرېشىت ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئاتا – ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى نۇمۇرغا پەرزەنتىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچىنى ئەۋەتىپ تىزىملىتىشىنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇريار فوندى

ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:
05393191868
تىزىملاش ۋاقتى: 4- سېنتەبىر سائەت 22:00 گىچە.

پائالىيەت ۋاقتى: 2019 – يىلى 8 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00
پائالىيەت ئورنى:
فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتىتى ئىسلامى ئىلىملەر فاكۇلتېتى يىغىن زالى
Zeyrek, İtfaiye Cd. No:1, 34083 Fatih/İstanbul
فاتىھ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى يان تەرىپى

خەرىتىدىن كۆرۈش