Skip to content

ئۇيغۇريار بىخ مۇكاپاتى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئېزىز قېرىنداشلار!

ئۇيغۇريار فوندى 2018 – يىلى 9 – ئاۋغۇستتا مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلار مائارىپ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ بىخ مۇكاپاتى، ئىستىقبال مۇكاپاتى، ھۈنەر مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپات تۈرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئەۋلادلار مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى، ئىستىقبالىدۇر. ياراملىق شەخسلەر ياخشى ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىقىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىقتسادىي ئەھۋالى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن، لېكىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن پەرزەنتلىرىمىزنى ۋە ئاتا – ئانىسىنى بۇ غەمدىن خالىي قىلىش، پەرزەنتلىرىمىزگە ياخشى ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇريار دائىمىي ھەيئەتلىرى مۇزاكىرىلىشىپ، ئوتتۇرا مەكتەپكە ياخشى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان ( يەنى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نومۇرى 340 تىن يۇقىرى بولغان) ، لېكىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن مەكتەپنىڭ خىراجەتلىرىنى تۆلىيەلمەيۋاتقان ئۈمىدلىك نوتىلار ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم تۈرى تەسىس قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئوقۇش ياردەم پۇلى – مەكتەپ تىزىملىتىش ھەققى، قوشۇمچە ئېلىنىدىغان كىتاب پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.