Skip to content

ئۈمىدلەر ئۇيغۇرياردا ياشنايدۇ

ئۈمىدلەر ئۇيغۇرياردا ياشنايدۇ

بۇنىڭدىن 100 يىل مۇقەددەم ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم – مەرىپەتتىن يىراق قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تارىخ بېتىگە بۇ مىسرالارنى پۈتكەنىدى:

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن تېخى يالاڭئاياق، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

مىللەت ئىلىم – مەرىپەت بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ. مەرىپەتتىن يىراق قالغان مىللەتنىڭ كۆزى ياشتىن، قىسمىتى زاۋاللىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەجدادلىرىمىز «بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى» دېگەنىكەن. دەۋرىمىزدە ئىنسانلارنىڭ بىلەك بىلەن ئەمەس، بەلكى بىلىم بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئۆزىمىز ئىلىم – مەرىپەت ئېلىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولساقمۇ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىلىم – مەرىپەت بىلەن قوراللىنىش پۇرسىتى بار. دۇنيادا پاراۋۇزلۇق رولىنى ئويناۋاتقان مىللەتلەر كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئۇيغۇر مىللىتى مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن ھەر تەرەپتىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇريار فوندى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈش ۋە مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى بولغان پەرزەنتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتۇشىغا يار – يۆلەكتە بولۇش مەقسىتىدە «بىخ مۇكاپاتى» تارمىقىدا ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن «ئوقۇش ياردەم پۇلى» تۈرىنى تەسىس قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا 340 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان ئۆسمۈرلىرىمىزگە ياردەم بېرىش ھەققىدە تور بېتىمىزدە ئېلان چىقىرىپ، مىكرو تاراتقۇلاردا تارقاتقانىدۇق. بۇ مۇكاپاتقا بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىغا ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگەن ئىككى نەپەر پەرزەنتىمىز ئىلتىماس سۇنۇپ، مەكتەپ ئوقۇش پۇلى، ياتاق ۋە قوشۇمچە ئوقۇش ماتېرىياللىرى راسخوتى ئۈچۈن جەمئىي 10746 لىرا ياردەمگە ئېرىشتى.

قەدىرلىك ئاتا – ئانىلار، مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭلارنى، ئۇلارنىڭ كېينكى ئوقۇش چىقىملىرىدىن غەم قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇريار فوندىنى قوللاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنى ھەر دائىم قوللايدۇ.