Skip to content

مەڭگۈتاشلاردىن تاللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

مەڭگۈتاشلاردىن تاللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

«مەڭگۈتاش»لار تىلىمىزنىڭ تۇنجى خاتىرەسى، يېزىقچە مەنبەلىرىدۇر. تۈرك ئاكادېمىيەسى 2025-ئېلان قىلغان مەلۇماتقا كۆرە ياۋرۇ ئاسىيا قۇرۇقلىقىدىن بايقالغان، تۈرك-رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلار 700 ئەتراپىدا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 200 دىن ئارتۇقى موڭغۇلىيەنىڭ ئۇرخۇن يىنسەي دەرياسى ۋادىسىدىن بايقالغان. مەڭگۈ تاشلار تۈرك-رۇنىڭ يېزىقىدا يېزىلغاندىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغىدىمۇ يېزىلغان بولۇپ تۇرپاندىن بايقالغىنى 20 ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ئەدەبى ئەسەرلىرى، تاشقا مۆھۈرلەنگەن مىراسى ھېساپلىنىدۇ.

مەڭگۈ تاشلار بۇندىن مىڭ بەش يۈز يىل بۇرۇنقى ئەجداتلار بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلەتمەدۇر.  ئۇلار بىزنىڭ تۇنجى داستانىمىز، ھېكايىمىز ۋە شىئېرىمىزدۇر. ئۇلار يەنە ئۇلۇغلاردىن قالغان تەۋسىيە، نەسىھەت ۋە تەجرىبەلەردىن ئىبارەت. ئۇلارنى ھاياتىمىزغا باشلاپ كىرىشنىڭ، ئۇنۇتماسلىقنىڭ بىر يولى ۋارىسلىق قىلىشتۇر. ۋارىسلىق مەڭگۈ تاشلاردا چىقىدىغان ئىسىملارنى پەرزەنتلەرگە ئىسىم قىلىپ قويۇش، ئۆزىمىزگە فامىلە قىلىپ تاللاش بىلەنممۇ رۇياپقا چىقىدۇ.

تۆۋەندە بىز مەڭگۈ تاشلاردىكى سۆزلەردىن ياسالغان ۋە تاللانغان ئىسىملارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

 

  1. ئارقىش، كارۋان
  2. ئالقىش، مەدھىيە، تەرىپ، ماختاش
  3. ئايغىچ، ۋەزىر، دانىشمەن، سۆزچى
  4. بالبال، مەڭگۈتاش، سىنتاش، خاتىرە تاش
  5. بودۇن، خەلق، ئاۋام، مىللەت
  6. بۆرۈ، بۆرە، قاسقىر، تۇتېم.
  7. بۇيرۇق، بۇيرۇق بەرگەن كىشى، قۇماندان
  8. چاۋۇش، چابىش، قۇماندان
  9. ئەدىز، ئۇلۇغ، قىممەتلىك، ھۆرمەتلىك
  10. ئەرك، ھۆر، كۈچ، قۇۋۋەت،
  11. بالغىن، مەخسۇس يېتىشتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك، مەخسۇس تەربىيەلىنىدىغان كىشى
  12. ئىدۇق، مۇقەددەس، قۇتسال، ئۇلۇغ
  13. تارمان، سەپنى تۈزگۈچى، قازاقىستاندا بىر يەر ئىسمى
  14. قۇنچۇي مەلىكە، پادىشاھنىڭ قىزى
  15. قۇتاي، يىپەكلىك رەخت، ئەتلەس
  16. ئوغۇش، ئەجدات، يىلتىز، جەمەت
  17. ئۆگۈم-ئۆگەم، ئانام، ئاپام، قەدىردانىم
  18. ئۆگۈز، دەريا، ئېقىن، ئىرماق
  19. ئۆتۈنچ، تەلەپ، ئىلتىماس، ئىلتىجا
  20. شاد، يۈكسەك بىر ئۇنۋان، باشچى
  21. سەلەن-سەلەنگە، موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياشىغان يەر ئىسمى
  22. سەنگۈن، گېنېرال، ئارمىيە قۇماندانى
  23. سۈچۈك، تاتلىق، شىرىن، يېقىملىق
  24. سۈنگۈ، نەيزە، ھازىر مىلتىقنىڭ ئۇچىدىكى تىغ
  25. تالۇي، دېڭىز، ئوكيان
  26. تىرگۈر، ياشارتماق، كۆكلەتمەك
  27. تىرىل، جانلانماق، تىرىلمەك
  28. تىرەن، چوڭقۇر، ئويمان
  29. تىركىش، كارۋان، سەپەرچىلەر
  30. تۆرە، قانۇن، ياساق، تۈزۈم
  31. تۈمەن، ئون مىڭ، ئارمىيە بىرلىكى، بىر دەريا
  32. تۈزۈل، ئاڭلاشماق، ئارىسى تۈزەلمەك، كېلىشمەك
  33. يابغۇ، باشقۇرغۇچى، ئىدارەچى، ۋالى
  34. ياداغ، ئاياقسىز، پىيادە، پىيادە ئەسكەر
  35. ياغىز، قارا، كۈچلۈك، مۇنبەت
  36. ياراق، قىلىچ، قورال، تىغ
  37. ياران، يارىماق، ئەرزىمەك، ئالقىشقا ئېرىشمەك
  38. يوغۇر، دەريادىن كەچمەك، ئاشماق
  39. تونباغا، بىر خاقاننىڭ ئىسمى
  40. تونيۇقۇق، داڭلىق ھەربى ئالىم، نەچچە شاھنى تەختكە چىقارغان ستراتىگىيەچى ۋەزىر
  41. يوللۇغ، ھەدىيە، يوللۇق، سوۋغا
  42. يوللۇغتېكىن، يازغۇچى، ئالىم، كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئاپتورى
  43. ئاقىن. ئېقىن، ئېرىق، ھۇجۇم
  44. ئارىل، پاك، دۇرۇس، توغرا
  45. ئاراس، شەرەپلىك، تەلەيلىك، نومۇسلۇق
  46. ئانىل، ئەسلىنىدىغان، داڭلىق، مەشھۇر
  47. ئاردا، ھۆكۈمدارلىق ئالامىتى، ھاسا، كۈچلۈك، ئىز قالدۇرغان، جەمەتى داۋام قىلغان
  48. ئارقىن، ئېغىر بېسىق، تەمكىن، سۈكۈتچان
  49. ئارقۇن، كېلەچەك، كېيىنكى يىل، كەلگۈسى
  50. باران، ئۇلۇغ، يۈكسەك، بىر قەبىلە ئىسمى بارىن دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ
  51. ئاقمان، پاكىزە، سۈزۈك، پاك ئىنسان
  52. بالقى، چاقماق، چېقىن، ئۇچقۇن
  53. بارچىن، يىپەكلىك رەخت، رەخت
  54. بارلاس، كۈرەشچى، خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى
  55. بارتۇ، باي، روزغارلىق، بىر تۈرك خاقانىنىڭ ئىسمى
  56. بۈرچە، بۆرە بالىسى، باتۇرنىڭ ئەۋلادى
  57. دۇمرۇل، تۇغرۇل قۇشى، دەدە قۇرقۇت داستانىدا بىر قەھرىمان ئىسمى
  58. ئەرەندىز، يۇپتىرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى
  59. ئەرىنچ، تىنچ، راھەت، ھوزۇر
  60. ئىلدىر، ئۇچقۇن، پارلىغان نەرسە
  61. ئىلغار، ئالدىن يۈرەر قىسىم، ھۇجۇم، ھاۋانىڭ پارلاق ۋاقتى
  62. ئىلغىم، ئۇپۇق، سۈبھى، ھاۋانىڭ ئېنىقسىزھالىتى
  63. ئىلخان. ھۆكۈمدار، خان، ئىمپراتور
  64. ئىلىك، ھۆكۈمران، باشقۇرغۇچى
  65. ئىمرەن، ئارزۇ، ئىستەك، تەشنالىق
  66. قارغىن، تاشقىن سۇ، مول، باي
  67. قارتال، يىرىتقۇچ قۇش، كۈچلۈك
  68. ئولجاي، تەلەيلىك، بەختلىك، پۇرسەتلىك
  69. ئونات، ئ‍وڭ، توغرا، دۇرۇس
  70. ئونغۇن، تولۇق، پۈتۈنلەي، مۇنبەت
  71. ئۆنگەن، غەلىبە، زەپەر، ئۇتۇق
  72. ئۆرگەن، خالات، ياپقۇ، يېپىق
  73. ئۆزەرك، ئۆزىنى ئ‍ىدارە قىلىدىغان، باشقۇرۇغۇچى
  74. ئۆزگەر، ساغلام، يۈرەكلىك
  75. سالغۇر، ھۇجۇمچى، ئاتاكىچى
  76. سەنجەر، ئىستىھكام، قەلئە، شەھەرچە
  77. سىرىن، بىر خىل گۈلنىڭ ئىسمى، سىرىنگۈل
  78. تالاس. توز، قۇيۇن، قەدىمكى بىر يەر نامى
  79. تاڭقۇت، شەپەق ۋاقتى، بەختلىك كىشى
  80. تادۇ-ئاساس، ماددا، ھاياتلىقنى تەمىنلىگۈچى ئاساس، تۆت تادۇ
  81. تۇتۇق، كونا ئەمەلدار، باشقۇرغۇچى
  82. ئۇران، بەلگە، پارول، ئۇستا
  83. ئۇراز تەلەي، پۇرسەت، ئامەت
  84. ئۇلۇغ، ھەشەمەت، داغدۇغا، ھەيۋەت
  85. ئۈلگەر، شاپائەتلىك، شاپيۇل، رەختنىڭ ئۈستىدىكى يالتىرىغۇچ
  86. يالمان، قىلىچ، قامچا، تىك، بۈيۈك قىيا
  87. يارقان، يۈكسەك، پارلاق، نۇرلۇق
  88. يىلدىر، پارلاق، پارلىغان، نۇر
  89. يالۋاچ، ئەلچى، دىپلۇمات، پەيغەمبەر
  90. سورغۇن، كەسكىن، قەتئىي، سۇمبۇل چاچ
  91. ئالىن، تەدبىر، چارە، ماھارەت
  92. ئارىن، پاك، ساپ، سۈزۈك
  93. ئايلان، ئايدىڭ، ئوچۇق، مەيدان
  94. بىگەم، بىلىملىك ئايال، مۆھتىرەم ئاغىچا
  95. ئەرسىن، ئەردەك، كۈچلۈك، باتۇر
  96. ئەركە، يۇمشاق، مۇلايىم، جانغا يېقىن
  97. ئەلۋىن، جەننەت گۈلى، ھارارەت
  98. ئىلغىن، ئىسسىق، ئىللىق، تاۋلانغان
  99. ئىلكە، كۆرسەتكۇچ، رەھبەر، يېتەكچى
  100. قۇغۇ، كەپتەردىن چوڭراق، ئۇزۇن بويۇنلۇق چىرايلىق بىر قۇش
  101. ئۆدۈل، مۇكاپات، ھەدىيە، تارتۇق
  102. ئۆۋگۈ، ماختاش، تەرىپلەش، ئالقىشلاش
  103. ئالقىن، ماختاشقا ئېرىش، مەدھىيەگە ئېرىش
  104. ئۆۋۈن، ماختان، مەھىيەلەن، ئالقىشلان
  105. يوسۇن، قائىدە، تەرتىپ، ئادەت
  106. كۆلتىگىن، مەڭگۈ تاشلاردا ئىسمى چىقىدىغان كىشى
  107. بىلگە قاغان، مەڭگۈ تاشلاردا ئىسمى چىقىدىغان كىشى
  108. تۆكۈن، مول، كەڭرى، ئاۋات
  109. ئىلتەرىش، مەڭگۈ تاشلاردا ئىسمى چىقىدىغان كىشى
  110. ئىلبىلگە قاتۇن، ئىلتەرىش خاقاننىڭ خانىشى، بىلگە قاغان ۋە كۆلبىلگە قاغاننىڭ ئاناسى
  111. بۇمىن قاغان، مەڭگۈ تاشلاردا ئىسمى چىقىدىغان كىشى
  112. ئىستەمى قاغان، مەڭگۈ تاشلاردا ئىسمى چىقىدىغان كىشى
  113. قاپاغان قاغان، مەڭگۈ تاشلاردا ئىسمى چىقىدىغان كىشى
  114. ئىلتەبىر مەڭگۈ تاشلاردا ئىسمى چىقىدىغان كىشى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.