Skip to content

‫«تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى جانلىقلاردىن تاللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

‫«تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى جانلىقلاردىن تاللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

بىز بوۋىلارنىڭ ئىزى، مومىلارنىڭ ئىزباسارى. مۇھاجىرەتتە ئۇلارنى  ھەر قانچە سېغىنساقمۇ، سۆيسەكمۇ تىرىلدۈرەلمەيمىز، ئەمما ئۇلاردىن قالغان سۆزلەرنى سۆزلەپ تىرىلدۈرگىلى، ھاياتىمىزغا ھەمراھ قىلغىلى، ئېسىمىزگە تامغىلاپ، ئەسلەپ ساقلاپ قالغىلى، شۇنداقلا كېيىنكى ئەۋلادىمىزغا مىراس قالدۇرغىلى بولۇدۇ. ئەگەر ئەجدادىمىزدىن تەۋەرۈك قەلغان ئىسىملارنى بالىلارغا قويساق، ئۆزىمىزگە فامىلە قىلىپ تاللىساق ئۇلارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمىگەن، چىرىغىنى ياندۇرغان بولۇمىز.

مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز بىزگە مىڭ يىل بۇرۇن يېزىپ بەرگەن قامۇسىمىز «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇنتۇلمىغان، سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى يەكۈنلىگەن ماقال-تەمسىللەر، بىز ئەمەل قىلىدىغان ھېكمەتلەر، ۋەسىيەتلەر ۋە ھېكايەتلەر بار. شۇلارنى ئۆزىمىزگە داۋاملىق ئ‍ەسلىتىش خاتىرىمىزدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن پەرزەنتلەرگە ئات قويغاندا، پاسپورتقا يېزىش ئۈچۈن فامىلە تاللىغاندا «دىۋان»غا مۇراجەت قىلىش ئەۋزەل.

بىز ئۇيغۇرچە ئىسىم ۋە فامىلەلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر ۋە گۈللەر، دەرەخلەر، ھايۋاناتلارغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى تاللاپ، مەنىسىنى يېشىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.  توردىن رەسىمىنى تېپىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن لاتىنچە ناملارمۇ ئىلاۋە قىلىندى.

  1. ئاشار، يۈكسەك، ئالى، ئارتقان
  2. ئالىن، ھۈنەر، پەم، تەدبىر
  3. ئالمىلا، ئالمانىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى
  4. ئاندۇز، بىر خىل شىپالىق ئوت، دىۋاندا «ئاندۇز بولسا ئات ئۆلمەس» دېگەن ماقالدا چىقىدۇ juniperus drupacea
  5. ئاڭغىت، ئۆدەككە ئوخشايدىغان بىر خىل قۇش، بۈگۈن ھاڭغىت تەلەپپۇز قىلىنىدۇ
  6. ئانت، قەسەم، ۋەدە، ئاڭلاشما
  7. ئارال، بۈگۈنكى ئارال، ئىككى سۇ ئارىسى
  8. ئارغۇ، بۈگۈنكى ئارتۇشتا ۋە باشقا يەرلەردە يەر ئىسمى، ئايرىلغان يەر
  9. ئارتۇچ، ئارچا تىپىدىكى بىر دەرەخ
  10. ئارچا، ئۇيغۇرلار ئەتىۋارلاپ ئىسرىق سېلىشتا ئىشلىتىدىغان بىر دەرەخ
  11. ئارپا، بۈگۈنكى ئارپا، دانلىق زىرائەت
  12. ئارتان، ئارتقان، يۈكسەلگەن، ئاشقان
  13. ئايا، قەدىمكى ئۇيغۇرچە قولنىڭ ئىچى، چاڭگال
  14. ئاياز، قىش، قۇرۇق سوغۇق
  15. ئايدىڭ، بۈگۈنكى ئايدىڭ، مەرىپەت، ئاقارتىلغان
  16. ئايۋا، دىۋاندا بۈگۈنكى بېھىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
  17. ئايرىق، بىر شىپالىق ئۆسۈملۈك dactylon cynodon
  18. ئاغىر، قىممەت، قەدرىيەت، ۋەزىن
  19. بايىر، شەھەر سىرتى، دالا، سەھرا
  20. باسار، ياۋا سامساق، تاغ سامساق
  21. داۋا، ئىلغىن، يەنى بۇلغۇن دەرىخىنىڭ مىۋەسى
  22. چاغىر، شەربەت، شاراپ، مەي
  23. ئىلغىن، ئۇيغۇرچە بۇلغۇن دېيىلىدىغان يۇلغۇنغا ئوخشايدىغان بىر دەرەخ tamarix
  24. بالغىن، يېڭىدىن ئەي قىلىنىش ئالدىدىكى مايسا، ياكى مەخسۇس تەربىيەلىنىۋاتقان ئىنسان
  25. چارۇن، چىنار، شىنار دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان
  26. چىمگەن، ئايرىق ئوتىنىڭ يەنە بىر ئىسمى
  27. چىمەن، بىر گۈل ئىسمى، ئۆزى ئۈنۈپ چىققان گۈل
  28. ئەرىك، بۈگۈنكى ئۆرۈكنىڭ دىۋاندا تىلغا ئېلىنغان بىر تۈرى
  29. قايىن، بۈگۈنكى قىيىن دەرىخى fagus orientalis
  30. تۇرما، تۇرۇپنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى raphanus sativus
  31. ياۋشان، ئاق ۋە سۆسۈن ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈل، ياپچان، ياۋسان دەپمۇ ئېيتىلىدۇ artemisia
  32. يارپۇز، يىلانلارنى ئۆلتۈرەلەيدىغان بىر ھايۋان، مەزىلىك پۇرايدىغان بىر خىل شىپالىق ئوت، تۈركچە قىر نانەسىمۇ دەيدۇ mentha pulegium
  33. يىكتە، يەنە بىر تەلەپپۇزى يىگدە، جىگدە elaeagnus angustifolia
  34. يەگەن، جەگەن، بۈگۈنكى يىكەن
  35. يونجا، بۈگۈنكى ئىسمى بىدە trifolium
  36. ئىشگۈن، قىزىل ئېچىلىدىغان چېچەك چىققانغا پايدىلىق بىر شىپا rheum ribes
  37. كۆۋۈرگەن، گۈلسامساق، ياۋا سامساق بىر خىل شىپالىق ئوت
  38. كۈرت، قىيىنغا ئوخشايدىغان، قامچا ياسايدىغان بىر خىل دەرەخ
  39. سارغان، شورلۇق تۇپراقتا ئۆسىدىغان، چىداملىق بىر خىل ئوت chenopodium album
  40. سىركەن، ياۋا پالەك
  41. قاراغان، كېۋەز گۈل cistus criticus
  42. سىنجان paliurus spina-christi
  43. يەمشەن carataegus
  44. ئۇچ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار قەلەم ياسىغان دەرەخ، قارىغاينىڭ بىر تۈرى
  45. ئۇچقات، قارىغاي تۈرىدىكى بىر تەرەخ، تەڭرىتاغلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ
  46. ئۈگۈر يۇقارقى تۈردىكى بىر دەرەخ
  47. ئالچىن، يىگىلى بولىدىغان بىر تاغ ئوتى
  48. ئامچۇي، سېرىق ئۈرۈك
  49. ئاربات، ياڭاققا ئوخشايدىغان بىر مىۋە tamarinde
  50. ئاۋىلغۇ مىۋەسى قىزىل، كۆز ئاغرىقىغا شىپالىق بىر دەرەخ
  51. باسار، تاغ سامساق
  52. بىتمىل، (باسمىل) قارامۇچقا ئوخشايدىغان بىر ئۆسۈملۈك، دورا
  53. بۇغا، ھىدىستاندىن كەلتۈرۈلىدىغان بىر خىل خورما
  54. باستۇل، بىر خىل كۆكتات
  55. بۇغرا، ئەركەك تۆگە
  56. بۇغۇر، نەسىللىك تۆگە
  57. بۈكەن، ھىنىدىستان تاۋۇزى
  58. چايسۇ، كۆز ئاغرىق دورىسى
  59. چىندان، سەندەل دەرەخى
  60. چىگىن، ئۈزۈمنىڭ ئارىسىدا ئۆسىدىغان بىر خىل گۈل
  61. كۈركۈم، زەپەنىڭ ئۇيغۇچەسى
  62. ماندار، سېرىغۇت، دەرەخلەرگە يامىشىپ ئۆسىدۇ
  63. ئوغۇن، قەشقەردە يېتىشتۈرۈلگەن ۋە يىيىلىدىغان ئاق ۋە تاتلىق بىر خىل سەۋزە
  64. سارىغ تۇرما، سەۋزە
  65. سەنگەچ، فىندىقتەك چوڭلۇقتا بولۇدىغان، بىر يۈزى ئاق يەنە بىر يۈز قىزىل بولۇدىغان تاتلىق ئالما
  66. سۇغۇن، بىر خىل شىپالىق ئوت
  67. سىبۇت، قارا مۇچقا ئوخشايدىغان، تاماققا قوشۇلىدىغان بىر ئوت
  68. يۇدا، يوپۇرمىقى كۈنجۈت ياپرىقىغا ئوخشايدىغان، دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ
  69. ئۇليان، يىگىلى بولىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك
  70. چاغرى ياكى چاغىر، بۈگۈنكى ئىسمى قارچىغا
  71. ئىلقۇش، بۈگۈنكى ئىسمى تازقارا
  72. قىرغۇي، بۈگۈنكى تۈركچە ئىسمى ئاتماجا
  73. تاپۇلغان بۈگۈنكى بۆدۈنەگە ئوخشايدىغان يىرتقۇچ قۇش، دىۋاندا بۇ قۇشنىڭ قانىتى پولاتتىن ئىكەن، تاغنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۇرۇلسا ئۇ تەرەپتىن ئاۋاز چىقىدىكەن دەپ يېزىلغان.
  74. ساندۇۋاچ، پارىسچە ئىسمى بۇلبۇل
  75. ساندىلاچ، بۈگۈنكى ئىسمى شاخ سانىغۇچ
  76. سۇنقۇر، شۇڭقارنىڭ دىۋاندىكى تەلەپپۇزى
  77. سۈۋلىن، بۈگۈنكى ئىسمى قىرغاۋۇل
  78. تارتار، چۇقارمۇ دېيىلىدۇ، يەنە بىر ئىسمى تاغ توخۇسى
  79. توغرۇل، قارچىغا، توغرىل دەپمۇ ئېيتىلىدۇ
  80. تويغار، قۇشقاچنىڭ بىر تۈرى
  81. تۇرنا ھازىرقى تەلەپپۇزى تۇرنا
  82. ئۇلار، ھازىرقى تەلەپپۇزى ئۇلاي
  83. ئالات، ئالا ئات
  84. ئارقۇن، مەخسۇس بەيگىگە سېلىنىدىغان ئات
  85. ئاتان، تۆگەنىڭ بىر تۈرى
  86. بوتا، تۈگە تايلىقى
  87. باتۇق، سۈتتىن ئايرىلغان تۈگە تايلىقى
  88. بويمۇل، بوينىدا ئېقى بار ئات
  89. بۇلات، پۇتىدا ھالقا شەكىللىك ئاق بەلگىسى بولغان ئات
  90. چىلگۈ، قىزىل تۇرۇق، قىزىل ئات
  91. چۇۋغا، پوچتا يوللاش ئۈچۈن لەڭگەردە ئالماشتۇرۇپ مىنىلىدىغان يورغا ئات
  92. ئىنگەن، چىشى تۈگە
  93. قاشقا، تېنى قارا، بېشى ئاق بولغان ئات
  94. قۇبات، تۇرۇق بىلەن سېرىققا مايىل ئات
  95. مۇندۇز، يورغا ئات، سىلىق چاپىدىغان ئات
  96. ئويات، تۇپراق رەڭلىك ئات
  97. ئوزۇق، يارىشتا ۋە بەيگىدە ئۇتۇپ چىققان ئات
  98. ئوغات، تۆت ياشتىن ئاشقان قىران ئات
  99. سالغات، تاشقىن، چاپقىن ئات
  100. شاشات، ئۈركۈپ تۇرىدىغان ئات
  101. تورۇم، سۈتتىن ئايرىلغان تۈگە تايلىقى
  102. ئۇغار، پىشانەسى ئاق بولغان ئات
  103. سوقار، مۈڭگۈزسىز قوي
  104. ئاپلان تىيىنغا ئوخشاش بىر ھايۋان
  105. بۇرسلان، ئارسلان بىلەن بىللە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان، قاپلانغا ئوخشاش ھايۋان
  106. چەكۈن، توشقان بالىسى، بۆجەن
  107. ئەنىك، بۆرە، سىرتلان، يولۋاس بالىسى
  108. سارسال, تۈركچە سانسار دەيدىغان بىر ھايۋان Martes martes
  109. سانسار، قەدىمكى ئۇيغۇرچە جاھان دېگەن مەنىدە كەلگەن
  110. توڭا، پىللارنى ئۆلتۈرەلەيدىغان بىر خىل قاپلان
  111. ئالاۋان، تىمساق
  112. باشغىل، باسىل بېشى ئاق ھايۋانلار
  113. تارغىل، تېنى ئالا بولغان ھايۋانلار
  114. قۇلان، ئىككى ئۈچ ياشلىق تاي
  115. تورلاق، ھەر قانداق ھايۋاننىڭ ئورۇقى، توشقان بۆجەنى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.