2000- يىلىدىن بىرى تۈركىيە ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىپ كېلىۋاتقان، ئەلگە تونۇلغان چوڭ كارخانىچىلاردىن ئىخلاس كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى مۇساجان ئىمام خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئاتۇش شەھىرىدىكى مەلۇم تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. مۇساجان ئىمام 2002- يىلى ئىخلاس شىركىتىنى قۇرغان، بۇ شىركەت ئۇيغۇرلار قۇرغان كەسىپلەشكەن، مۇنتىزىملاشقان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ شىركەت بولۇپ، مەھسۇلات تۈرى 200 خىلدىن ئاشىدۇ، ئومۇمى خىزمەتچىسى 2000 ئەتراپىدا، ھەرقايسى جايلاردا 50 دىن ئارتۇق توپ تارقىتىش ئورنى ۋە 500 دىن ئارتۇق پارچە سېتىش ماگىزىنلىرى بار. زاۋۇتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە تاشقى سودا مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن ئەپەندىم قاتناشقان. بۇ زاۋۇتتا ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىك، كەمپۈت، شاكىلات، قات قات ۋە فېرما قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن يىلىغا 10.000 توننا ئىشلەپچىقىرالايدىغان يۈرۈشلەشكەن 6 ئىشلەپچىقىرىش سېخى بار . ئىخلاس مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىز ئىچىدە چوڭ-كىچىك ھەممىگە تونۇلغان، ئۇيغۇر خەلقى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىدىغان ھالال مەھسۇلاتلار ئىدى.
مۇساجان ئىمام بىر قانچە ئاكا – ئۇكا بولۇپ بۇلارنىڭ چوڭى قۇدرەت ھاجىم 1978-يىلىدىن باشلاپ 4 ئىنىسى بىلەن بىللە تىجارەتكە كىرىشكەن. بۇلار ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرى بولغان دۆڭكۆۋرۈككە 20 قەۋەتلىك قىران بۈركۈت سودا سارىيىنى قۇرۇپ، 1997- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرگەن، قۇدرەت ھاجىم 2005-يىلى خوتەننىڭ ئاۋات رەستىسى گۈلباغقا خوتەن خەلقئارا چوڭ بازارنى سېلىپ ئىشقا چۈشۈرگەن، بۇ بازارغا 58 مېتىر ئېگىزلىكتە مىللىيچە مۇنار تىكلىگەنلىك سەۋەبىدىن 2019 يىل بازار تاقالغان، مۇنار چېقىۋېتىلگەن.
ئىخلاس شىركىتى خەلققە تونۇلغان خەلق ياخشى كۆرىدىغان شىركەت بولۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئورۇن شەخسلەرگە ياردەم قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلار، 2006- يىلى قەشقەر كونا شەھەر ئوغۇساق يېزىسىدا ئىخلاس ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا 600.000 يۈەن ياردەم قىلغان. 2007-يىلى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىدە 2- ئىخلاس باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 600.000 يۈەن ياردەم قىلغان. 2008- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 100.000 يۈەن ياردەم قىلغان، 2014- يىلى 2- ئايدىكى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 300.000 يۈەن ، يەنە 2015- يىلى7- ئايدا خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 270.000 يۈەن ياردەم قىلغان.
مۇساجان ئىمام ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى 2000- يىلىدىن بىرى تۈركىيەدىكى يېمەك-ئىچمەك ماگناتى ئۈلكەر گۇرۇھىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر خىل يېمەكلىك ۋە زەيتۇن مايلىرىنىڭ خىتايدىكى باش ۋاكالەتچىسى بولغان. سودا ئالاقە جەرياندا تۈركىيە ھەم تۈركىيە ماللىرىنى كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇش رولىنى ئويناپ ئىناۋەت تىكلىگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شۇ سەۋەبتىن ئۇنى بۇ قېتىمقى باستۇرۇشتا نىشانغا ئالغان. يەنە، ساپ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرغانلىقى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقانلىقى، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئىچىدە تاشقى سودا بىلەن ئىچكى سودىنى ماس قەدەمدە بىرلەشتۈرۈپ باشلامچى كارخانا بولغانلىق سەۋەبلىرىمۇ تۇتقۇن قىلىشقا باھانە بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇندىن باشقا مۇساجان ھاجىمنىڭ ئوغلى مۇزەپپەر مۇسا مىسىرغا ساياھەتكە چىقىپ 3 ئاي تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇزەپپەر مۇسامۇ 2017 -يىلى 6-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، جىيەنى ئەكبەر ئەلامۇ كارخانىچى بولۇپ، ئەكبەر ئەلا 2018- يىلى 10- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى، ھازىر ئۇلارنىڭمۇ ئاتۇشتا مەلۇم تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مۇساجان ئىماملار نەچچە ئەۋلاد سودا-سېتىق ۋە كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋە بۇ جەرياندا سىياسىي ۋە دىنى پائالىيەتلەردىن ئۆزلىرىنى ئۇزاق تۇتقان بولسىمۇ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشىدىن ئامان قالالمىغان. مۇساجان ئىمام، مۇزەپپەر مۇسا، ئەكبەر ئەلانىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالغان مۇساجان ئىمامنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى گۇۋاھلىق بەردى.

