Skip to content
ئابلىمىت تۇردى

ئابلىمىت تۇردى، داڭلىق شائىر، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، ژورنالىست ۋە يازغۇچى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلنىڭ ئاخىرى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھازىر ئۇ ئاتۇشتىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن، ئاتۇش شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە قاراشلىق «قىزىلسۇ گېزىتى»نىڭ مۇھەرىرى ئىدى.

ئابلىمىت تۇردى بىر ئانا تىل پائالىيەتچىسى بولۇپ ئۇ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاتۇش شەھرىدىكى پەرۋاز رېستۇرانىدا 15-قېتىملىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلىگەن. پائالىيەتكە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىن يازغۇچىلار، شائىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ناخشىچىلار ۋە سازەندىلەر تەكلىپ قىلىنغان. شائىلار ئانا تىلغا ئاتالغان شىئېرلارنى ئوقۇغان. مۇزىكانتلار ئانا تىلغا ئاتاپ ئىشلىگەن مۇزىكالارنى تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ 2017-يىلى كۈزدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەت سەۋەپ بولغان.

ئابلىمىت تۇردى 1969 -يىلى 5-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئاتۇش شەھرى مەشھەت كەنتىدە تۇغۇلغان. 1992-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى خىتاي تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ قىزىلسۇ گېزىتى ئىدارەسىگە خىزمەت تەقسىم قىلىنغان. ئۇ تۇنجى شىئېرىنى 1986-يىلى «قىزىلسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان. شۇندىن بۇيان ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ۋە نۇرغۇن شىئېرلارنى ئېلان قىلغان. 1998-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇنىڭ «مەن زېمىننىڭ ئەركە بالىسى» ناملىق شىئېرلار توپلىمىنى، 2000-يىلى «ئىتىقاد مەكتۇبى» ناملىق شىئئېرلار توپلىمىنى ئېلان قىلغان. 2004-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇنىڭ «بۆرە تېشى» ناملىق ھېكايە توپلىمىنى ئېلان قىلغان. 2005-يىلى ئۇنىڭ «ئاخىرقى كۈنلەر» رومانى ئېلان قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 2015-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان «تەقدىر يولى» ناملىق رومان ئۇنىڭ ئاخىرقى نەشىردىن چىققان رومانى بولۇپ قالغان.

توردىن تېپىلغان بەزى ئەسەرلىرى:

تەقدىر يولى
تەقدىر يولى، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش
ئاخىرقى كۈنلەر
ئاخىرقى كۈنلەر، چۈشۈرۈش ئادرېسى

«ئاخىرقى كۈنلەر» رومانىدىكى ئۆزگىچە يارىتىلغان بەدىئىي ئوبراز قاسىم بايۋەچچە