Skip to content

تەلئەت قادىرى

Telet Qadiri
تەلئەت قادىرى
تەلئەت قادىرى

تالانتلىق شائىر، ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ تەتقىقاتچىسى تەلئەت قادىرى 1961-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى تېجەن كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1994-يىلى قىزىلسۇ پېداگوگىكا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئالىي لېكتور.

ئۇنىڭ 1998-يىلى «دۇئېلدىكى شائىر»، 2000-يىلى «يارىلانغان قۇش» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، «بىز ئىزدىگەن مائارىپ» ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە ئىز-دىرىگى يوق.

توردا تېپىلغان بەزى كىتابلىرى:

دەرسلىك كىتابلار (بىرلىكتە تۈزگەن):

تىل – ئەدەبىيات (7 – يىللىقلار ئۈچۈن) 1-قىسىم

تىل – ئەدەبىيات (7 – يىللىقلار ئۈچۈن) 2-قىسىم

تىل – ئەدەبىيات (8 – يىللىقلار ئۈچۈن) 1-قىسىم

تىل – ئەدەبىيات (8- يىللىقلار ئۈچۈن) 2-قىسىم

تىل – ئەدەبىيات (9 – يىللىقلار ئۈچۈن) 1-قىسىم

تىل-ئەدەبىيات (9 – يىللىقلار ئۈچۈن) 2-قىسىم)

توردا تېپىلغان بەزى شېئىرلىرى:

قىسمەت

ھاياتلىق كوچىسى

چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا

مائارىپ تەپەككۇردىن قانچىلىك يىراقتا (ماقالە)

ھەرخىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بەزى ماقالىلىرى

 

قىسمەت
تەلئەت قادىرى

كىملەرنىڭ چىرايىدا شادلىق-كۈلكە،
كىملەرنىڭ چىرايىدا قايغۇ يۇقى.
كىملەرنىڭ ئامەتلىرى كەلسە ئوڭدىن،
كىملەرنىڭ يەر چىشلىگەن ئەلەم-تۇغى.

كىملەرنىڭ بەكىلىرى كەسكەن بىلەن،
كىملەرنىڭ تىغ-خەنجىرى ئۆتمەي قالار.
كىملەرنىڭ قارچۇغىسى ئالالماي ئوۋ،
كىملەرنىڭ چۈجىلىرى شۇڭقار ئالار.

قوغلىشىپ بولالمايسەن ئادىللىقنى،
بولغاندەك تەبىئەتنىڭ ياز ۋە قىشى.
بەزىدە قىسمەتنىڭ گىرۋەكلىرىدىن،
نۇرلىنىپ قالىدۇ ھاياتنىڭ سىرى.

*****

ھاياتلىق كوچىسى

تەلئەت قادىرى

دەريا ئۆز قىنىدا ئاققاندەك ھامان،
بەزىدە ئۆركەشلەپ بەزىدە پەسلەپ.
ياشىدۇق ھاياتلىق كوچىلىرىدا،
بەزىدە راۋۇرۇس،بەزىدە ئەپلەپ.

بىز مۇشۇ كوچىنىڭ ئاپىرىدىسى،
ھاياتلىق، ھەقىقەت، رىزىق ئىزلىگەن.
بىر گۈزەل روھ ئۈچۈن ئادىمىيلىكنىڭ،
ئېتىز-قىرلىرىدا ئوزۇق ئىزلىگەن.

بىز مۇشۇ كوچىنىڭ ئازغۇن بەندىسى،
بەزىدە كىملەرگە شۇملۇق تىكلىگەن.
گۈل تۇتۇش ئورنىغا خەنجىرىمىزنى،
ھەسەتنىڭ تېشىغا سۈرگەن بىلىگەن.

بىز مۇشۇ كوچىنىڭ كۆلەڭگىلىرى،
ياشىغان بەزىدە ئوغرى مۈشۈكتەك.
قەدىرسىز ئوق تەگسە ھالال سۆيگۈگە،
باغرىدىن تامچىغان قانلار ئېسەدەپ.

بىباھا غۇرۇرنىڭ جەڭگاھلىرىدا،
سۇنغان شۇ ئۈن-تىنسىز يىگىتنىڭ بېشى.
ئەقىدە دېگىنىڭ،نۇمۇس دېگىنىڭ،
قالغان شۇ ئارخىپتا مەڭگۈلۈك نېسى.

پەرىشتە تەرك ئەتكەن كوچا-رەستىگە،
يايغاندا شەيتانلار قاناتلىرىنى.
ئايلانغان چېغىدا ئولجىسىغا بىز،
تەبرىكلەپ تۇتار مەي شارابلىرىنى.

ياشايمەن،ئىزلەيمەن مۇشۇ كوچىدا،
مەن سۆيگەن،روھىمغا ئوزۇق-دىيانەت.
ياسايمەن،ھاياتنىڭ ئېقىنلىرىدىن،
تاش تېرىپ يەنىلا ئېھرام-ئىمارەت.

<تۇرپان ژورنىلىدىن ئېلىندى.2009-1-سان>

 

*****

چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا
تەلئەت قادىرى

چېكىپ قالدى بىر كۈن ئىشىكنى،
تەرەبباللا ئوتۇنجى بوۋاي.
تۇرۇپ كەتتىم بىر ھازاغىچە،
بۇ قانداق ئىش، ئەمدى نە قىلاي؟

بېسىپ قوياي دېسەم يوق ھويلام،
ئوتۇنىدىن ئېلىپ بىر باغلاپ.
ئۆگزىسى يق كاتەكتەك ئۆيدە،
ياشىغاچ بىز خوتۇن ۋە بالام.

ئۇنتۇلماقتا ئوتۇنچى بوۋاي،
ئۇنتۇلماقتا جاڭگال ئوتۇنى.
ئۇنتۇلماقتا مەھەللىلەرنى
قاپلىغان شۇ ئارچا تۈتۈنى.

تەبىئەتنى بىلىدۇ بالام،
مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن پەقەت.
جاڭگال، توغراق، يۇلغۇن دېگەننى
تونۇمايدۇ ئۇلار شۇ سەۋەب.

چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا،
تەبىئەتتىن شۇنچە يىراقتا.
ئېمىپ پات-پات مومىلىرىنى
تاش ئەينەكتىن مۇزېيخانىدا.

رەنجىمىگىن، ئوتۇنچى بوۋاي،
ئوتۇنىڭدىن ئالاي بىر باغلام.
كۆرۈپ قويسۇن توغراق دېگەننى،
شور تۇپراقنى پاسپورتلۇق بالام.

تەقلىدىي سۈت ئېمىپ ھەر كۈنى،
چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا.
شۇ بىر باغلام ئوتۇنغا ئوخشاش،
قېرىماقتا شەھەردە دادا.

*****

 

مائارىپ تەپەككۇردىن قانچىلىك يىراقتا
تەلئەت قادىرى

«ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ مېڭىسى» ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئادەمنىڭ %96 ئەزاسى چوشقا ۋە ئاتنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن بىردىنبىر پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى ، ئۇلار تەپەككۇر قىلىش ۋە پىلان تۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە . ھايۋانلار بولسا چوڭ مېڭىسىدىكى تەبىئىي ئىنكاس قايتۇرۇش ياكى تەكرار ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ، تاشقى مۇھىتقا قارىتا ئادەتتىكىدەك ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغىلا ئىگە . ئۇلاردا تەپەككۇر قىلىش بولمايدۇ ، پەقەت ئادەتتىكى تەكرارلاشلا بولىدۇ»(1) . يۇقىرىقى قىسقىلا سېلىشتۇرمىدىن بىز ئادەمنىڭ تەپەككۇرغا قانچىلىك موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز . ھازىرقى زامان مېڭە ئىلمىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ تارتقان زىيىنى 1-، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى زىيان بولماستىن ، بەلكى ئىنساننىڭ غايەت زور تەپەككۇر بايلىقى يوشۇرۇنغان «مېڭە»دىن ئىبارەت مۇشۇ بىر كىچىككىنە كاللىنى ئاچالماسلىقتا ھېسابلىنىدىكەن . چۈنكى كاللىسى ئەڭ ئۆتكۈر دەپ قارالغان ئالىملارنىڭمۇ پەقەت مېڭىسىنىڭ 4-3 پىرسەنتىلا ئىشلەيدىكەن . ئەگەر ئادەملەرنىڭ مېڭىسى نورمال تەرەققىي قىلىپ ھازىرقىدىن بىرنەچچە ھەسسە ئالغا سىلجىيدىغان بولسا ، ئۇ ھالدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىكەن . شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ، ئىنسان مېڭىسىنىڭ «يوشۇرۇن بايلىق» سۈپىتىدە قېزىلماسلىقى ، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلالماسلىقى ، ماھىيەتتە ئىنسان ئۈچۈن بىر خىل «مېڭە كرىزىسى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئاخىر بۇ خىل ئىنسانلار تۈركۈمى ئۆزلىرى تەۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمىغان دەرىجىدە «بېسىم» پەيدا قىلىدۇ.
ئۇنداقتا ، جەمئىيەتتىكى قايسى ساھە بۇ خىل كرىزىس ۋە بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى يەڭگىللىتىشى كېرەك؟ ئەلۋەتتە ، مائارىپ بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك . چۈنكى مائارىپ ھەقىقىي مەنىسىدىن ئالغاندا ، ئۇ ئىنساننىڭ تەپەككۇرىنى ئويغاتقۇچ بۆشۈك . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، ئادەم بىلەن ھايۋاننى بىردىنبىر پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان «تەپەككۇر»دىن ئىبارەت بۇ سىمۋوللۇق ئالاھىدىلىكنى بىزنىڭ مائارىپىمىزغا ، مائارىپىمىزنىڭ «جەڭ سەھنىسى» ھېسابلانغان دەرسخانىلىرىمىزغا تەدبىقلىساق ، ئۇ ھالدا بىزنىڭ مائارىپىمىزدىن ، بىزنىڭ تۆت تام بىلەن قورشالغان دەرسخانىلىرىمىزدىن تەپەككۇر ئامىللىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە تاپقىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك تەس . چۈنكى بىزنىڭ مائارىپىمىز يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە ئەسلىدە «تەپەككۇرلۇق مائارىپ» بولۇشى كېرەك بولسىمۇ ، ئەپسۇسكى ، ئۇزاقتىن بۇيان «قاچىلاش» ۋە «يادلاش»نى ئاساس قىلغان «تەكرارلاش مائارىپى»غا ئايلىنىپ قالدى . ئەقىللىق كىتابخانلار بۇ يەردىكى «تەكرارلاش» نۇقتىسىدىن بىزنىڭ مائارىپنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە كۆڭلىدە باھا بېرىپ بولدى . ئۇنداق بولسا نەزىرىمىزنى دەرسخانىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى . دەرسخانا دېگەن ئوقۇتقۇچى ئۆگىتىدىغان ، ئوقۇغۇچى باش چۆكۈرۈپ ئۆگىنىدىغان جىمجىت ، تىمتاس جايمۇ ، ياكى بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىدىغان مەشىق سورۇنى ، تەپەككۇر گىمناستىكىسى مەيدانىمۇ؟ بىز بۇ مەيداننىڭ ئىچىدىمۇ ياكى سىرتىدا؟ ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، بىزنىڭ مائارىپ خېلىدىن بېرى تەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ سىستېمىنىڭ مەركىزىدە ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ تاشقى قەۋىتىدە ھەرىكەتلىنىپ كەلدى . نەتىجىدە تەپەككۇر رېلىسىدىن بارغانسېرى چىقىپ كەتتى.
شۇ سەۋەبتىن ، بالىلار ھەمىشە دېگۈدەك مەكتەپنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتمۇقات بېسىمى ئاستىدا دەرسلىك كىتابتىكى بىر-بىرىدىن سىرلىق ، بىر-بىرىدىن مەۋھۇم بىلىم-چۈشەنچىلەرنى ، قائىدە-قانۇنلارنى پۈتۈنلەي ھېسسىياتسىز ۋە جەريانسىز ھالەتتە خۇددى ئۈنئالغۇغا ئوخشاش ئۆلۈك ھالدا كاللىسىغا كۆچۈرۈپ كەلدى . مەكتەپنىڭ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىمتىھاندىن ئىبارەت بۇ «قوماندانلىق كالتىكى»نىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئاشۇ مېخانىك تەكرارلاشنى كۈچەيتىشلا بولدى ، خالاس . شۇڭا ، ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا «ئېسىمدە قالماپتۇ» ، «ئېسىڭدە ياخشى ساقلىماپسەن» دېگەن رەنجىش-كايىشلار ھەر ۋاقىت قۇلىقىمىزنىڭ يېنىدا جاراڭلاپ تۇردى . ئۇنداقتا ، بالىلار نېمىشقا شۇنچىۋالا ئۆگەنسىمۇ ئېسىدە تۇتالمايدۇ؟ چۈنكى بىزنىڭ دەرسخانىمىز «تولغاقسىز دەرسخانا» بولۇپ ، بىلىمنىڭ نەتىجىسى ۋە يەكۈنى كۆپ ھاللاردا «ئازابلىق تولغاق» جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەيلا ، تەجرىبە ، تەسىرات ، سەرگۈزەشت قاتارلىقلارغا ئىگە بولمايلا ، خۇددى بالىنى قورساقتىن ئەمەس ، ساندۇقنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ قويغاندەكلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ . مائارىپتىكى بۇ خىل ئەجەللىك مەسىلە تاكى بۈگۈنگىچە مائارىپنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەچكە ، مائارىپ گەپنى يوغان قىلغان بىلەن كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەي ، ھەرقاچان ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەلدى.
بۇ خىلدىكى مائارىپنى «ئۆتنە بېرىش» ۋە «قەرز قايتۇرۇش» تىپىدىكى مائارىپ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ . چۈنكى ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەتلىك دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارغا «بەرگەن» بىلىملەرنى شۇ سائەتتە «قايتۇرۇش»قا مەجبۇرلايدۇ . ئوقۇغۇچى قانچىكى تېز «قايتۇرۇپ» بەرسە ، ئوقۇتقۇچى خۇشال بولىدۇ . ئوقۇغۇچى غەمدىن خالاس بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تەكرارلاش خاراكتېرىدىكى ئوقۇتۇش نەتىجىسىدە ، ئوقۇغۇچىلار ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ، يېڭى نەرسىلەرنى بايقاش ، كۆزىتىش ، ئىجاد قىلىش چېگرىسىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىدۇ . مەلۇم بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە ، بىرقىسىم خەلقئارالىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەرقايسى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى: «سىلەر دۇنيادىكى قايسى دۆلەتلەردە ئاشلىق قىس بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا ، ئوقۇغۇچىلار بىردەك: «بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن . ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچىلار نېمىنىڭ «ئاشلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن . ياۋروپالىق ئوقۇغۇچىلار «قىس بولۇش»نىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن . ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار «باشقا دۆلەت»نىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن . جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار «تەپەككۇر»نىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن . ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۇ «كۈلكىلىك ھېكايە»نىڭ ئارقىسىغا مائارىپتىكى تەپەككۇر نامراتلىقىدىن ئىبارەت تراگېدىيە يوشۇرۇنغان.
رېئاللىققا دىققەت قىلىدىغان بولساق ، خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەقىبلىرىنى يېڭىپ ، ھەر خىل شەخسىي ۋە كوللېكتىپ مۇكاپاتلارغا ئوڭايلا ئېرىشىدىغانلىقىنى ، ئالتۇن مېدالنىڭ ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا چۆچەكلەردىكىدەك تورۇكلاپ تۆكۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز . بۇنىڭغا قاراپ ، «جۇڭگونىڭ مائارىپى نېمىدېگەن قالتىس مائارىپ» دەيلى دېسەك ، ئەپسۇس ، نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەنگەن بىرەر تالانت ئىگىسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىدى . ئۇنداقتا ، جۇڭگو مائارىپىدىكى بۇ ئېغىر باش قېتىنچىلىقى ۋە تېڭىرقاشنىڭ يىلتىزى نەدە؟ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە پەنلىرى ساھەسىدىكى خەلقئارالىق مۇسابىقىدىكى ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق . يەنى ئۇلارنىڭ ئۆلۈك يادلاشنى ئاساس قىلغان سوئاللاردا نومۇرى ئالاھىدە يۇقىرى بولسىمۇ ، بىراق مۇستەقىل پىكىر قىلىش ، ئويلاش ، تەپەككۇر قىلىش ، تەسەۋۋۇر قىلىش ، ھۆكۈم چىقىرىش جەھەتلەردىكى سوئاللاردا ئەكسىچە نومۇرى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن.
يېقىندا ، فرانسىيىلىك بىر مائارىپشۇناس جۇڭگوغا كېلىپ ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىن مۇنداق بىر سوئال سورىغان: «ئەگەر پاراخوتقا 86 كالا ، 34 قوي بېسىلغان بولسا ، سىز مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ، كاپىتاننىڭ نەچچە ياش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالامسىز؟» بۇ سوئالغا %90 ئوقۇغۇچى كالىنىڭ سانىدىن قوينىڭ سانىنى ئېلىۋېتىپ ، «كاپىتان 52 ياش» دەپ جاۋاب بەرگەن . %10 ئوقۇغۇچى «بۇ بىر بىمەنە سوئال ، چۈنكى كالا بىلەن قوينىڭ سانىنىڭ كاپىتاننىڭ يېشىنىڭ نېمە ئالاقىسى بار» دەپ قارىغان . بۇ كىشى ھېلىقى «كاپىتان 52 ياش» دەپ جاۋاب بەرگەن %90 ئوقۇغۇچىدىن ئۇلارنىڭ نېمىشقا شۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى سورىغاندا ، ئۇلار: «مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەرقانداق گەپنىڭ جاۋابى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدا شەرت بېرىلگەن . شەرت بېرىلگەنىكەن ، چوقۇم نەتىجىسى بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ مائارىپشۇناس جۇڭگو مائارىپىنىڭ %90 دائىرىدىكى تەپەككۇر چەمبىرىكىنىڭ ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى . بۇ سوئالنى ئۇ ئۆز دۆلىتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن سورىغاندا %90 ئوقۇغۇچى: «بۇ بىر بىمەنە سوئال ، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ جاۋاب بەرسە ، %10 ئوقۇغۇچى: «بۇنداق سوئالنى سورىغان ئوقۇتقۇچى كالۋا ئوقۇتقۇچى» دەپ جاۋاب بەرگەن . بىزدە «كالۋا ئوقۇتقۇچى»لار كۆپ بولسىمۇ ، ئوقۇغۇچىلار بىلىدىغانلىرى ، ئېغىزغا ئالىدىغانلىرى چىقمايدۇ . چۈنكى بىزدە مائارىپ دېموكراتىيىسى شەكىللەنمىگەن ھەم ئۇلارنىڭ كالۋالىقىنى سېزىدىغان «ئەقىللىق»لارمۇ كەمچىل.
ئۇزۇندىن بۇيان مائارىپتا ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «جەڭ»نىڭ تۈرتكىسىدە ، ئوقۇغۇچىلار «سوئال دېڭىزى»غا غەرق بولۇپ كەتتى . ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتكۈل زېھنىي-قۇۋۋىتى قانداقتۇر «ئۆلچەملىك جاۋاب»نى تېپىش بولدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشۇ «ئۆلچەملىك جاۋاب»تىن ھالقىپ چىقىشى ، يەنى بىزنىڭچە «خاتا جاۋاب» بېرىشى ئىزچىل تۈردە چەكلىمىگە ئۇچرىدى . مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ، بالىلارنىڭ «گەپ ئاڭلاش»ى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى . ئىلھاملاندۇرۇش ، تەشەببۇسكارلىق ، قول سېلىپ ئىشلەش ، يېڭىلىق يارىتىش روھى چەتكە قېقىلدى . ئەقىل-پاراسەت خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپلىرى دات بېسىپ تۇرىۋېرىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە «بۇرۇنقى جاھانگىرلىك زېمىن ئىگىلەش ۋە يەر ئېچىشتا كۆرۈلەتتى ، يېقىنقى جاھانگىرلىك بايلىق توشۇش ، بازار ئىگىلەش رىقابىتىدە كۆرۈلدى ، بۈگۈنكى زامانىۋى جاھانگىرلىك مېڭىنى قېزىش ئارقىلىق يارىتىلغان بايلىقنى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئومۇملاشتۇرۇشتا كۆرۈلمەكتە . ئىككى قۇلىقىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق دۇنيادا تېخى ھېچكىم يۈرۈش قىلمىغان بوز يەر . بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى مۇشۇ بوز يەرنى ئىگىلەشكە قاراپ ماڭماقتا» (ئابدۇقادىر جالالىدىن).
تۆۋەندىكى «چەمبەرنىڭ ھېكايىسى»گە قاراپ باقايلى ، بىر ياشانغان كىشى مۇنداق بىر ئۆزگىچە سىناق ئۆتكۈزگەن: دوسكىغا بور بىلەن بىر دانە چەمبەر سىزىپ ، سىنئالغۇچىدىن بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان . باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى بالىلار ئادەتتىن تاشقىرى جۇشقۇنلۇق بىلەن: «چېكىت» ، «تىك-تاك توپ» ، «ئاي» ، «قازان نېنى» ، «مۇئەللىمنىڭ غەزەپلىك كۆزى» ، «ئىشىكتىكى مۈشۈك كۆز» دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن . تولۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سورىغاندا ، بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچى «نۆل» دەپ جاۋاب بەرگەن . ئۆگىنىشتە كەينىدە تۇرىدىغان بىر ئوقۇغۇچى «ئىنگلىز يېزىقىدىكى O» دەپ جاۋاب بېرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان . ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سورىغاندا ، ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ۋە «بۇ سوئالغا پەقەت كالۋالارلا جاۋاب بەرسە بولىدۇ» دېيىشكەن . ئورگان كادىرلىرىدىن سورىغاندا ، ئۇلار ئالاقزادە بولۇشۇپ ، سورۇندىكى رەھبەرگە تەلمۈرۈشكەن . رەھبەر خېلى ئۇزۇن تۇرۇۋېتىپ: «مۇزاكىرىلەشمەي تۇرۇپ ، سوئالىڭغا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن» دېگەن.
بىزگە مەلۇمكى ، بالىلار مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن توختىماي سوئال سورايدۇ . ھەتتا بەزىدە ئۇلارمۇ جاۋاب بېرەلمىگۈدەك سوئاللارنى سورايدۇ . ئۇنداقتا باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا چۇرقىرىشىپ ، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ قول كۆتۈرۈپ سوئال سورايدىغان ، جاۋاب بېرىدىغان بۇ بالىلار كېيىن نەگە يوقالدى؟ بۇنىڭ نېگىزلىك سەۋەبىنى يۇقىرىقى مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ ، يەنى بىزنىڭ مائارىپ ئۇزاقتىن بۇيان «چەمبەر»دىن ئىبارەت بۇ بىر تال جاۋابنى بىردىنبىر «ئۆلچەملىك جاۋاب» قىلىپ تاللىۋېلىش بەدىلىگە ، قالغان جاۋابلارنى بىردەك ئىنكار قىلىپ كەلدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىچە تەسەۋۋۇر قىلىشىغا يول قويمىدى . «توغرا جاۋاب» قىلىپ تاللىۋېلىش بەدىلىگە ، قالغان جاۋابلارنى بىردەك ئىنكار قىلىپ كەلدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىچە تەسەۋۋۇر قىلىشىغا يول قويمىدى . «توغرا جاۋاب»تىن باشقىچە جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن مەسخىرىگە ئۇچرىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئېڭىدا «گەپ قىلىپ تىل ئاڭلىغاندىن ، جىم تۇرغىنىم ياخشىراقكەن . شۇ چاغدا زىخمۇ كۆيمەيدىكەن ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىكەن» دېگەن بىر خىل قاراش شەكىللىنىپ ، دەرسخانىلاردىكى روھىي چۈشكۈنلۈك ، مەنىۋى تىمتاسلىق ۋەزىيىتى ئەۋج ئېلىپ كەتتى . بىز بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قانىتىنى ، پۇت-قولىنى چۈشەپ قويۇپ ، يەنە ئۇلارنىڭ گەپ قىلالماسلىقىدىن ئاغرىنىپ كەلدۇق . ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل ئويلاپ باقمىدۇق . ئەمەلىيەتتە قاراپ باقايلى: باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى بالىلارنىڭ گەرچە «چەمبەر»گە تىلى كەلمىگەن بولسىمۇ (چۈنكى ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا تىلى تېخى چىقمىغان) ، بىراق ئۆزىنىڭ تۇرمۇش دائىرىسى ، بىۋاسىتە تەسىراتى ، سەرگۈزەشتىسى ، قىزىقىشى ۋە تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان جاۋابلارنى بەرگەن . شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىنىڭ ئەلۋەتتە مۇئەييەن ئاساسى بار . مەسىلەن ، چەمبەرنى مۇئەللىمنىڭ غەزەپلىك كۆزىگە ئوخشاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئەللىمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق . ئىشىكتىكى مۈشۈك كۆزگە ئوخشاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرقەدەر كۈچلۈك دېگەندەك . ئەگەر مۇشۇنداق كۆزىتىدىغان بولساق ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشى يوللۇق بولۇپ چىقىدۇ . مائارىپتىكى بۇ خىل ئەركىن تەسەۋۋۇر «بوشلۇق»ى ئېڭىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مائارىپتىكى تەپەككۇر جېڭىنىڭ ئەمدىلەتىن باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . دېمەك ، «ئۆلچەملىك جاۋاب» ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى . ھېلىمۇ ياخشى بۇ قېتىمقى دەرس ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئاساس مائارىپتىكى پارتلاش خاراكتېرلىك ئىنقىلاب مائارىپ تەپەككۇرىنىڭ بوينىدىكى بۇ خىل بويۇنتۇرۇقنى چۆرۈپ تاشلىدى . شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى دېيىش ، دادىل تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ زېمىنىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلدى.
يېقىندا ، مەلۇم بىر ژۇرنال «ياخشى بالا» دېگەن تېمىدا ئاتا-ئانىلار ئۈستىدە سىناپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، بۇ پائالىيەتكە 18 ئۆلكە ، شەھەردىكى 1904 نەپەر ئاتا-ئانا قاتنىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى سىناپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان . بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، «ياخشى بالا» ئۈچۈن تەييارلانغان 48 خىل جاۋاب ئىچىدە «ئاتا-ئانىسىنىڭ ياكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ» دېگەن جاۋابنى قۇۋۋەتلىگەن ئاتا-ئانىلار 211 نەپەر بولۇپ ، ئومۇمىي ساننىڭ 08.11 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ ، رەت تەرتىپتە 5-ئورۇنغا تىزىلغان . «مۇستەقىل كۆزقارىشى ، ئىدىيىسى بار ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن جاۋابنى پەقەت 23 ئاتا-ئانا قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ ، ئومۇمىي ساننىڭ ئاران 21.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ ، رەت تەرتىپتە 28-ئورۇنغا تىزىلغان . يۇقىرىقى روشەن سېلىشتۇرما بىزنىڭ مائارىپنىڭ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلەشتە ھەممىدىن بەك نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا بۇ خىل «كۆڭۈل بۆلۈش»نىڭ ئاقىۋىتى ۋە مەغلۇبىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . بۇ سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى ، بۈگۈنكى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ قارىشىدا ، ئەسلىدە 1-ئورۇنغا تىزىلىشقا تېگىشلىك بالا جەمئىيەتنىڭ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە 5-ئورۇنغىمۇ ئەمەس ، بەلكى 28-ئورۇنغا تىزىلىپ قالغان . شۇڭا ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ 28-ئورۇندىكى «ياخشى بالا» بىلەن 5-ئورۇندىكى «ياخشى بالا»نى ئەمەس ، دەل 1-ئورۇندىكى «ياخشى بالا»نىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش بۈگۈنكى مائارىپنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە نىشانى بولۇشى كېرەك.
مائارىپىمىزدىكى تەپەككۇرغا يانداش تېمىنىڭ ئىككىنچىسى دەرسخانىدىكى سوئال مەسىلىسىدۇر . سوئال دېگەن نېمە؟ مۇبادا گرامماتىكىدىكى سوئال جۈملىنىڭ تەبىرى نۇقتىسىدىن «سوئال ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ، سوئال مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ، ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى قويۇلغان جۈملە سوئال جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەننى ئۆلچەم قىلساق ، ئۇ ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان «ئۇ ئۆيىدىن نېمە ئىزدەپ چىقتى» ، «بۈگۈن ئاسماندىن نېمە ياغدى» دېگەندەك سوئاللارنى سوئال دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . بىراق يۇقىرىقى تەبىرگە «سوئال پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرالايدىغان ۋە مەجبۇرلايدىغان خاراكتېرگە ئىگە» دېگەن بىر جۈملىنى قوشۇپ قويساق ، ئۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ئاز دېگەندە مىنۇتىغا بىردىن ، كۆپ دېگەندە ئىككى-ئۈچتىن سورايدىغان سوئاللىرىنىڭ 90 پىرسەنتى ئۆزلۈكىدىن سوئاللىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ . مەن كۆپ ۋاقىتلاردا «ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا ئوقۇتقۇچىغا خىرىس قىلالمايدىغاندۇ؛ نېمىشقا ئوقۇتقۇچىغا بېسىم پەيدا قىلىپ ، ئۇنى ئالدىغا سالالمايدىغاندۇ؛ ئادەم سۆيۈنگۈدەك سوئال سورىيالمايدىغاندۇ» دەپ كەلگەنىدىم . بارا-بارا ھېس قىلدىمكى ، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى چېنىقتۇرالايدىغان ئىجادىي سوئاللارنى قويالمايدىكەن . شۇڭا ، بىزنىڭ دەرسخانىلىرىمىزدا ئىجادىي سوئالمۇ ، ئىجادىي جاۋابمۇ بولمايدىكەن . سوئال يامغۇردەك كۆپ بولغان بىلەن «نېمە ئۈچۈن»دىن ئىبارەت قاتلاملىق تەپەككۇرنىڭ ئورنى بوش ئىكەن . ئەمەلىيەتتە ، «نېمىنى بىلىش»كە قارىغاندا ، «قانداق بىلىش» تېخىمۇ مۇھىم . بۇ خۇددى ئۇيغۇر يېزىقى نەچچە ھەرپتىن تەشكىل تاپقان؟ دېگەن سوئالغا قارىغاندا ، ئۇيغۇر يېزىقى نېمە ئۈچۈن 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان؟ دېگەن سوئالىڭ ئىجادىيراق ئىكەنلىكىدەك بىر گەپ . شۇڭا ، ئاغزىمىزدىن سوئالنىڭ يېرىمى چىققۇچە جاۋابى تورۇكلاپ تۆكۈلۈپ كېتىدىغان سوئاللار ماھىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنى كولدۇرلىتىش ۋە دۆتلەشتۈرۈشتىن باشقىغا ئەرزىمەيدۇ . ئېينىشتېيىن: «سوئالنىڭ قويۇلۇشى مەسىلىنىڭ يېرىمىنىڭ ھەل بولغانلىقىغا تەڭ» دېگەنىدى . تەپەككۇر ئەنە شۇنداق مەسىلە سۆرەپ چىقالايدىغان سوئاللارنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ . دەرسخانا بۇ خىلدىكى سوئاللاردىن يىراقلاشسا ، شۈبھىسىزكى ، مائارىپمۇ ئىجادىي تەپەككۇردىن يىراقلىشىدۇ.
بىر قېتىم «بۆرە بىلەن قوزىچاق» دېگەن دەرسنى ئاڭلاپ ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم . چۈنكى ئوقۇتقۇچى بالىلاردىن مۇنداق سوئال سورىغانىدى: «ساۋاقداشلار ، بۆرە ياخشىمىكەن ، قوزىمۇ؟» بالىلار بىردەك «قوزا» دەپ ۋارقىرىدى . ئوقۇتقۇچى: «ئۇنداقتا ، سىلەر بۆرە بولامسىلەر ، قوزىمۇ؟» ، «قوزا» دەپ ۋارقىراشتى بالىلار . بۇ دەرسنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولدى . ئىزوپ بۇ مەسەلنى بىزنىڭ بۆرە بىلەن قوزىدىن بىرنى تاللىۋېلىشىمىز ئۈچۈن يازغان بولغىيمىدى؟ شۇنداق بولسا ، بۇ مەسەل ئاشۇنداق ئاددىي ئىدىيە بىلەن قانداقسىگە نەچچە ئەسىر مابەينىدە بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ كېلەلىدى؟ ئەپسۇسكى ، مەسەلدە ئالغا سۈرمەكچى بولغان ئىدىيە ھەرگىزمۇ ئۇنداق بىر تەرەپلىمە ، يۈزەكى ، چاكىنا ئەمەس ، بەلكى مەسەلگە ناھايىتى چوڭقۇر كۆزقاراش يوشۇرۇنغان . ئۇنداقتا ، مەسەلگە سىڭگەن پەلسەپىۋى داۋلى قايسى؟ ئوقۇتقۇچى مەسەلنىڭ ئىدىيىسى بىلەن قانداق قىلغاندا بالىلارنى ئەڭ يېقىن جايدىن ئۇچراشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ؟ بۇ مەسەلدە روشەنكى ، دۇنيا كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلاردىن شەكىللەنگەن . يولسىز زوراۋانلار بولسا ، ئۆزىدىن ئاجىزلارنى پۇرسەت تاپسا بوزەكلەشكە ئۇرۇنىدۇ . بىراق جاھاندا مۇتلەق كۈچلۈك بولمايدۇ . ھەرقانچە كۈچلۈك دېگەننىڭمۇ چوقۇم بىر ئاجىزلىقى بولىدۇ ، دېگەن ئىدىيە گەۋدىلەنگەن . شۇڭا ، مەسەلدىكى بۆرە قوزىغا نىسبەتەن كۈچلۈك بولسىمۇ ، بىراق ئۇ شىر- يولۋاسلارغا نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا ، ھامان بىر كۈنى شىر-يولۋاسلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھېساب بېرىپ قېلىشىنى ئويلاپ ، بىگۇناھ قوزىدىن گۇناھ ئىزلىمەكچى بولىدۇ . چۈنكى ئۇ ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق قوزىنى يەپ قويسا ، شىر-يولۋاسلارغا جاۋاب بېرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . بۇ خۇددى مېلوشىۋىچنىڭ بىر كېچىدە ئالبانلارنى يەپ قويۇپ كلىنتون تەرىپىدىن خەلقئارا گائاگا سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلگەندەك بىر ئىش . شۇڭا بۇ دەرستە ھېلىقىدەك بالىلارنى «قوزا» قىلىپ تەربىيىلەيدىغان ئەخمىقانە سوئاللارنىڭ ئورنىغا دەل مۇشۇ ئىدىيىنىڭ «كەسمە يۈزى»دىن تۆشۈك ئاچالايدىغان «بۆرە كۈچلۈكمۇ ، ئاجىزمۇ» دېگەن سوئالنى ، شۇنىڭغا قوشۇپ «بۆرە كۈچلۈك بولسا نېمە ئۈچۈن قوزىنى ئۇدۇل كەلگەن پېتى يەۋېتەلمەي ، باھانە-سەۋەب ئىزدەيدۇ» دەپ سورىساق ، مېنىڭچە ، بالىلارنى توغرا تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىگەن بولىمىز . چۈنكى «بۆرە كۈچلۈكمۇ ، ئاجىزمۇ» دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى بىلەن تەڭلا بالىلارنىڭ كاللىسىدا بۆرىنىڭ «كۈچلۈك» ئىكەنلىكىگە قارىتا گۇمان تۇغۇلىدۇ . تەپەككۇرمۇ ئەنە شۇ گۇماندىن باشلىنىدۇ . گالىلېي ئارستوتىلنىڭ ئالەمنىڭ تارتىش قانۇنىدىن گۇمانلانمىغان بولسا ، «قىيسىق مۇناردىكى تەجرىبە»نى ۋۇجۇدقا چىقىرالامتى؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز ئەنە شۇنداق گۇمان جۇغلانمىسىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر پىلتىسىگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتۇرالايدىغان ، ئۇلاردا جىددىي تالاش-تارتىش پەيدا قىلالايدىغان گۇمانىي سوئاللار كەم بولۇۋاتىدۇ . دېمەك ، بۇ بىر سائەتلىك دەرس بىزنىڭ «مىللەتنىڭ ئۈمىدى» ھېسابلانغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ساپاسى بىلەن تەپەككۇرىنىڭ ئارىلىقىنىڭ خېلى بارلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ . مېنىڭچە ، تەپەككۇر سوئالغا بېقىپ بولىدۇ . ئەڭ ئادەتتىكى بىمەنە سوئال ئەڭ ئاددىي ، بىمەنە تەپەككۇرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئادەمنى بارغانسېرى دۆتلەشتۈرىدۇ . ئاخىرىدا ، مەزكۇر ماقالە تېمىسىغا ئالاقىدار ئۈچىنچى مەسىلە «تەقلىدچىلىك»كە ئائىت «مىلاد دەرىخى»نىڭ سىزىلىش جەريانى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
«ئامېرىكىلىقلارنىڭ ساپا تەربىيىسى»(2) ناملىق كىتابتا مۇنداق بىر ۋەقە بار: مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى خۇاڭ چۇەنيۈ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ، ۋەتىنىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە پوچتا بۇيۇمى تاپشۇرۇۋالىدۇ . ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا ، چىرايلىق سىزىلغان بىر دانە بامبۇكنىڭ رەسىمى ئىكەن . رەسىمنىڭ ئاستى تەرىپىگە «ئۈچ ياشلىق ئوغلىڭىز سىزدى» دېگەن خەت يېزىلغانىدى . ئۈچ ياشلىق ئوغلىنىڭ بۇنداق تالانتىدىن ھەيران قالغان خۇاڭ دوكتور بۇ رەسىمنى دەرھال يېتەكچى ئوقۇتقۇچى دارىنغا كۆرسىتىپ:
— بۇ رەسىمنى جۇڭگودىكى بىر مەشھۇر رەسسام سىزىپتۇ . سىزنىڭچە ، قانداقراق سىزىپتۇ؟— دەپ سورىغان.
— ھەقىقەتەن قالتىس رەسسامكەن ، ناھايىتى ياخشى سىزىپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان خۇاڭ دوكتور پروفېسسور دارىننى ئۇتۇۋالغاندەك ، گويا ئۇنى مەنسىتمىگەندەك تەلەپپۇزدا:
— بۇ رەسىمنى قانداقتۇر جۇڭگودىكى مەشھۇر رەسسام ئەمەس ، بەلكى مېنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلۇم سىزغان،— دەپتۇ.
— ئۈچ ياشلىق ئوغلىڭىز سىزسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دارىن.
بۇ گەپتىن قاتتىق ئەجەبلەنگەن خۇاڭ دوكتور:
— بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟— دەپ سوراپتۇ.
— مەن سىزگە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي،— دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ پروفېسسور دارىن،— مەن ئۆتكەن يىلى زىيارەتچى ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىدە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە كۈنمىڭغا باردىم،
ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارغا «ئىجادكارلىقنى ئۆگەتكىلى بولامدۇ» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ ، ئىجادكارلىقنى ئۆگەتكىلى بولمايدىغانلىقى ، ئەمما يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارىشىمنى بايان قىلدىم . بىراق مېنى ئەڭ ئەجەبلەندۈرگىنى مەن ئىككى سائەت ئىجادكارلىقنى ئۆگەتكىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىسەممۇ ، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلار: «ئىجادكارلىقنى زادى قانداق قىلساق ئۆگىتەلەيمىز؟ ئۇنىڭ بىرەر قېلىپى بارمۇ؟» دەپ سوراپ تۇرۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردىم: مەن ئوقۇغۇچىلارغا «شادىيانە بايرام» دېگەن تېمىدا بىر پارچە رەسىم سىزىڭلار دەپ تاپشۇرسام ، ھەممەيلەن ئوپ-ئوخشاش «مىلاد دەرىخى»نى سىزىپتۇ . مەن ئەجەبلەنگەن ھالدا: «نېمىدەپ ھەممىڭلار ئوخشاش سىزدىڭلار؟» دەپ سورىسام ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوسكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرۇشتى . قارىسام ، ئۇ يەرگە بىر پارچە مىلاد دەرىخىنىڭ رەسىمى ئېسىلغانىكەن (بۇ رەسىمنى مەكتەپ مېنىڭ «مىلاد بايرىمى»منى تەبرىكلەپ ئېسىپ قويغانىكەن) . ئوقۇغۇچىلار ئەنە شۇ رەسىمنى كۆچۈرۈپ سىزىپتۇ . مەن شۇنىڭ بىلەن دەرھال رەسىمنىڭ يۈزىنى يېپىپ قويۇپ «مىلاد دەرىخىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىڭلار» دەپ تاپشۇردۇم . بايا «مىلاد دەرىخى»نى بىردەمدە سىزىپ چىققان بالىلار ئەمدىلىكتە شۇنداق قىينىلىپ كەتتى . ئۇلار ئاخىر رەسىمنى سىزىپ تاپشۇردى . بىراق بۇ قېتىم رەسىمنىڭ سۈپىتى باشتىكىدەك ياخشى بولمىسىمۇ ، بىراق بىر-بىرىنىڭكىدىن روشەن پەرقلىق ئىدى . دېمەك ، ئالدىنقىسى تەقلىدچىلىك بولسا ، كېيىنكىسى ئىجادىيەت ئىدى . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، جۇڭگونىڭ مائارىپىنى كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسىغا ئوخشىتىشقا بولىدىكەن . چۈنكى بۇ خىل مائارىپ ئوخشاش پىكىرلىك ، ئوخشاش ئىدىيىلىك ، ئوخشاش تەپەككۇرلۇق «مەھسۇلات»لارنى پەقەت كۆپەيتىپ ئىشلەپ چىقىرىدىكەن . بالىلار رەسىم سىزغاندا ھەممىدىن بەك «ئوخشاپتىمۇ» دېگەن سۆزگە كۆڭۈل بۆلىدىكەن . جۇڭگودىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى قۇياشنى بىر خىل رەڭ ، بىر خىل شەكىلدە سىزىشقا ئادەتلەنگەنىكەن . ئامېرىكىدا قۇياشنى كۆك ، چاسا قىلىپ سىزسا بولىۋېرىدۇ . شۇڭا ئامېرىكىلىق بالىلار رەسىمنى سىزىپ بولۇپ ، «ئوخشاپتىمۇ» دېگەننىڭ ئورنىغا «قانداق چىقىپتۇ» دەپ سورايدۇ . «ئوخشاپتىمۇ» دېگەن سۆزدىن چىقىپ تۇرىدۇكى ، ئۇنىڭ چوقۇم قېلىپى ، نۇسخىسى بولغان بولىدۇ . شۇڭا «ئوخشاپتىمۇ» دېگەن سۆز ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ پرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ بولۇپ ، بۇنداق مائارىپنىڭ تۇپرىقىدىن ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ بىخلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزمۇ ئاشۇ «ئوخشاپتىمۇ»نىڭ ئىسكەنجىسىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەچكە ، بىرەر بالا قۇياشنى قىزىلدىن باشقا رەڭدە سىزىپ قويسا ، چىرايىمىزدا قان قالماي كەينىمىزگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالىمىز ، ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق رەڭدە سىزغانلىقى بىلەن كارىمىز بولمايدۇ . ئۇنداقتا ، تەپەككۇر ئەركىنلىكى ۋە ئىجادىيەت مۇھىتى ھازىرلانمىغان مائارىپتا ، قانداقمۇ پەرق ۋە خاسلىققا تويۇنغان تەپەككۇر دەرىخى كۆكلەپ مېۋە بېرەلىسۇن؟!
دارىن ئەپەندىنىڭ «مەشھۇر رەسسام سىزسىمۇ ، ئۈچ ياشلىق بالىڭىز سىزسىمۇ ئوخشاش» دېگەن گېپىنىڭ كەينىگە ئەنە شۇنداق ئۆتكۈر كىنايە ، ئاچچىق مەسخىرە يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ھېلىقى ئۈچ ياشلىق «تالانت ئىگىسى»نىڭ سىزغىنى ھەرگىزمۇ مۇستەقىل ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بولماستىن ، بەلكى پەقەت «بامبۇك»نىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئىدى . پروفېسسور دارىن بۇ تەرەپنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەچكە ، شۇڭا مۇشۇنداق گەپنى قىلغان.
بىز يۇقىرىقى «مىلاد دەرىخى»نىڭ سىزىلىش جەريانىدىن ئىجادكارلىقنىڭ ، ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ ھەرگىزمۇ قېلىپ-نۇسخىسى بولمايدىغانلىقىدەك ئاگاھلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ھېس قىلغاندىن كېيىن ، مائارىپىمىزدا تەپەككۇر ئېغىزىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىكى ماھىيەتلىك سەۋەبلەرنىڭ ئۈچىنچىسى «دوراش» ، «تەقلىدچىلىك»تىن ئىبارەت «قورام تاش» ئىكەنلىكىنى روشەن بايقايمىز . شۇنداق بولغاچقا ، بىز بېيجىڭدىن تارتىپ خوتەنگىچە ، ئوقۇتقۇچىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىغىچە ھەممىمىز دېگۈدەك بىر خىل فورما ، بىر خىل رەڭ ، بىر خىل قېلىپ ئىچىدە ھەرىكەتلىنىپ كەلدۇق . شۇڭا ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئاچچىق كەچۈرمىشلەرنى ئەستايىدىل ئويلىنىشى ، ئۆزىنىڭ نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىدە «تەپەككۇر»دىن ئىبارەت بۇ «خاسىيەتلىك» ھەمرىيىنى چوقۇم تېپىۋېلىشى ، ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇنى «تاشلىۋەتمەسلىك»ى كېرەك . شۇ چاغدىلا مائارىپ مائارىپقا ئوخشايدۇ.
قىسقىسى ، مائارىپ بىر مەيدان «تەپەككۇر مۇسابىقىسى»غا موھتاج.