Skip to content

«ئۇيغۇريار»نىڭ 2020-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2021-يىللىق قىسقىچە پىلانى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «ئۇيغۇريار»نى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن  يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلار!

بىز بۇلتۇر يانۋاردا ھەر قايسىڭلارغا «ئۇيغۇريار»نىڭ 2019-يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە، 2020-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىمىزنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ بىر يىل جەريانىدا «ئۇيغۇريار»دىكى بارلىق قېرىنداشلار مەزكۇر پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى. گەرچە ۋەزىيەتتىكى كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بەزى پىلانلىرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە ئىمكان بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتۇق. تۆۋەندە  بىز 2020-يىلى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئاساسلىق خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە ھەرقايسىڭلارغا قىسقىچە دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە 2021–يىلىدىكى پىلانلىرىمىزنى سىلەرگە سۇنماقچى. بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نازارەت قىلىشىنى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

2020-يىلى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئاساسلىق خىزمەتلەر:

  1. 2019-يىلى «ئۇيغۇريار» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فوندىغا ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشكەن خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇندىلىپ، 4572 ئارخىپ تۇرغۇزۇپ چىقىلدى. بۇ ئاساستا «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر تىجارەتچى–كارخانىچىلار تىزىملىكى»، «زىيانكەشلىككە ئۇيغۇر زىيالىيلار تىزىملىكى»، «زىيانكەشلىككە ئۇيغۇر ئۆلىمالار تىزىملىكى»، «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىسىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى» تۇرغۇزۇپ چىقىلدى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى.
  2. بۇ يىلمۇ «ئۇيغۇريار»نىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بولغان ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇردۇق. «ئۇيغۇريار»دىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىۋاتقان 2 نەپەر ئوقۇغۇچى 2020–يىلى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئۇتۇقلۇق پۈتتۈردى. بۇلاردىن بىر نەپەر ئوقۇغۇچى دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان بىر نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدى. ئوقۇش مۇكاپات تۈرى بويىچە 2020–يىلى 8 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 64400 لىرا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلدى.
  3. بىخ مۇكاپاتىمىز بۇ يىلمۇ داۋام ئەتتى. ئۈمىدلىك مايسىلارنى ۋاقتىدا بايقاش، كەلگۈسىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىش ئېھتىماللىقى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىقتىساد تۈپەيلى ئوقۇشسىز قالماسلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن چاقىرىق ئالغان، ئەمما ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن بىخ مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ئىدۇق. بۇ يىلمۇ تۈرنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2 نەپەر پەرزەنتىمىزنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ماتېرىياللىرىنىڭ خىراجەتلىرى تۆلەپ بېرىلگەندىن سىرت، ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئوقۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر دانە تابلەت ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىي 5325 لىرا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى.
  4. بىز يەنە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنى ھۈنەر–كەسىپلىك بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، ھۈنەر-كەسىپ مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ئىدۇق. بۇ يىلمۇ بۇ تۈر بويىچە بىزگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا 1670 لىرا ياردەم قىلىندى.
  5. پىداكارلىق ياردىمىمىز ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئەتتى. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ ئىچىدىكى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ ئالدىدا ئالدىدا بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى قەدىرلەش، ئۇلارنى يات ئەلدە موھتاجلىقتا كىشىلەرگە تەلمۈرىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن تەسىس قىلغان بۇ ياردىمىمىز بويىچە قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن 2020-يىلى 20200 لىرا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى.
  6. ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم تۈرى داۋام قىلىندى. بۇيىل جەمئىي 12 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 15500 لىرا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى.
  7. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن تارتىپ بالىلار مائارىپى ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ياردەم تۈرىمىز بويىچە بىر يەسلىگە نۇقتىلىق ھالدا ھەر ئاي 2000 لىرا ياردەم قىلىپ كەلگەنىدۇق. بۇ ياردەم تۈرى 2020-يىلى 3-ئايغىچە داۋاملاشتى. 2020-يىلى ئانا تىل تۈرى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزغا 8329 لىرا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى.
  8. موھتاجلارغا ياردەم تۈرىمىز بۇ يىلمۇ توختاپ قالماي داۋاملاشتى. خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بۇ يىل ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بۇ تۈر بويىچە 2020–يىلى قېرىنداشلىرىمىزغا 75907 لىرا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى.
  9. يىللاردىن بېرى داۋام ئېتىپ كېلىۋاتقان نەشرىياتچىلىق تۈرىمىز بۇ يىلمۇ داۋام قىلدى. بۇ تۈر بويىچە ئانا تىل ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان دىليار ئوبۇلقاسىم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «ئويغانغاندىن كېيىن» ناملىق رومانى نەشر قىلىندى. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قەلەمكەشلەردىن ئەسەت سۇلايمان نەشرگە تەييارلىغان 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىدىن «ئابدۇرېھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى»، «سىياسىي سەھنىدىكى زاكىروفلار» ۋە «1937-1957-2017» سەرلەۋھىلىك ئەسىرى نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ياشلىرىمىزغا ئىلھام بېرىش ۋە يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن شائىرە ئابىدە ئابباس نەسرىن تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «تۇرنا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. 2020-يىلى نەشر-ئەپكار خىزمىتى ئۈچۈن 35846 لىرا سەرپ قىلىندى.
  10. تەشۋىقات، ئاخبارات ئىشلىرىنى داۋاملىق مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق. ۋەتەندە بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاشكارىلاش، ئارزۇ ئىستەكلىرىمىزنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاخبارات ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ يىلمۇ بۇ ئىشلىرىمىزنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. ۋەتەندىن كەلگەن بىر تۈركۈم مەخپىي ھۆججەت ۋە ئارخىپلارنىڭ خەلقئارا دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. داۋاملىق تۈردە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ۋەتەندىكى زۇلۇملارنى، خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ زارىنى، ئارزۇ ئىستەكلىرىنى پاكىتلىق ھالدا دۇنيا خەلقىگە ئاڭلاتتۇق. پىداكارلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئەلجەزىرە، ب ب س، ۋايىس، سىكاي نىيۇس، نىيورك تايىمس، ۋاشىڭتون پوست، س ن ن، د دابلىيۇ… قاتارلىق نوپۇزلۇق ۋە ئوقۇرمەن ۋە كۆرۈرمەنلىرى كۆپ تېلېۋىزور ۋە گېزىت–ژۇرناللار بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ، ھەر تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاخباراتلاردا چىقىشنى خالايدىغان ئۆز دەردى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى خالايدىغان 150 تىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى مۇخبىرلارغا تونۇشتۇردۇق، زىيارەت ئۈچۈن ئورۇن تەييارلىدۇق، خالىس ھالدا تەرجىمانلىق ۋە باشقا خىزمەتلەردە بولدۇق. ھەم بۇ نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ ساندا خەۋەر ۋە ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلىنىشىغا ياردەم قىلدۇق.
  11. شائىر ئىمران ئابدۇغېنى سادائىينىڭ تامچە دېگەن تۈركچە شىئ‍ىر توپلىمى، ئابىدە ئابباسنىڭ تۇرنا دېگەن شىئېر توپلىمىنىڭ باسما ھەققىنى چىقىرىپ بەردۇق. «ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەن ئېنگىلىزچە كىتاپنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە سۇندۇق.
  12. ئاخباراتچىلىق خىزمىتىدە، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى دەلىللەش، ئاخباراتلاشتۇرۇش ۋە دوكىلاتقا ئايلاندۇرپ سۇنۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدۇق. «ئاقسۇ تىزىملىكى»نى دەلىللەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ ئاۋاتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىدە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. 4577 كىشىنىڭ ئارخىپنى ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىگە پاكىت قىلىپ سۇندۇق.بۇ يىلدا ئەرەپچە تاراتقۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەلئان تېلۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىنى ئەرەپ دۇنياسىغا ئاڭلاتتۇق. يېڭىدىن قىلغان بىر ئىش سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەجگە بېرىپ تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمەمەت روزى مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە قايتۇرمايدىغانلىق، سەئۇدى ئەرەبىستاندا سوتلايدىغانلىق خەۋىرىگە ئېرىشتۇق. بۇندىن كېيىنكى خىزمەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسىنى بىر جىددى قۇتقۇش مىخانىزىمى بەرپا قىلىپ ئىشلەشكە تىرىشىمىز.
  13. 2020-يىلى ئوكتەبىردىن باشلاپ ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر فوندى بىلەن ھەمكارلاشتۇق. ئۇلاردىن ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىمىز ئۈچۈن ئۈچ مىڭ دوللار ياردەمگە ئېرىشتۇق.

ئىككىنچى، ئورۇنلانمىغان پىلانلىرىمىز ۋە يېتەرسىزلىكلىرىمىز:

  1. 2020-يىلى فوندىمىزغا كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن «كىتاب ئوقۇش تۈرى» ۋە «پىداكارلىق مۇكاپاتى تۈرى»نى ئامالسىزلىقتىن توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق.
  2. گەرچە 2020-يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر يەسلىسى ئېچىشنى پىلانلىغان بولساقمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ قانۇنلۇق يەسلى ئېچىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولماسلىقى؛ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ ئىجتىمائىي ھاياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى تۈپەيلىدىن بۇ پىلان ئەمەلىيلەشمىدى.
  3. «ئۇيغۇريار» 2020-يىللىق خىزمەت پىلانىدا ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن شارائىت سەۋەبلىك بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى.
  4. گۇرۇپپىمىزدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى ھەممىسى ئىشتىن سىرت ۋە خالىس ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۆز خىزمىتى ۋە ئائىلىسىنىڭ جىددىي ئىشلىرىنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقمىسا بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار پىلانلانغان ۋاقتىدا ئورۇنلانماي قالدى. بەزى ئاينىڭ مالىيە ھېسابى ۋاقتىدا بېرىلمەي سوزۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇ سەۋەبلىك بىزنى قوللاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز ۋە توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈچىنچى، 2021-يىللىق پىلانلىرىمىز:

  1. ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوقۇش مۇكاپاتى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئىستىقبال مۇكاپاتى، بىخ مۇكاپات، ھۈنەر-كەسىپ مۇكاپاتى قاتارلىق ياردەم تۈرلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
  2. ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ كىرىمى ئائىلىسىنى قامداشقا يەتمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان موھتاجلارغا ياردەم تۈرىمىزنى بۇ يىلمۇ داۋاملاشتۇرىمىز.
  3. خەلقئارا ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ، تۈركىيەدىكى ئىشسىز قالغان ياشلىرىمىزنى مۇئەييەن ھۈنەر-كەسىپ بىلەن تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە بىر خەلقئارالىق ياردەم تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
  4. نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز. 2021-يىلىدا ئەسەت سۇلايمان ئەپەندىم قەلەمگە ئالغان «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەشر قىلدۇرماقچى بولغان كىتابلىرى بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى سورايمىز.
  5. تەشۋىقات-ئاخبارات ئىشلىرىنىمۇ داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ دەردىنى دۇنياغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.
  6. «ئۇيغۇريار»نىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشۈشى، تېخىمۇ ئىقتىدارلىقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىغا كىرىپ، «ئۇيغۇريار»نىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى ھەم «ئۇيغۇريار»نى دېموكراتىك سىستېمىغا ماس ھالدا ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، نىزامنامىمىز بويىچە ئۈچ يىلدا بىر سايلام قىلىمىز. مۇشۇ سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يىل «ئۇيغۇريار»غا ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. يىللاردىن بېرى «ئۇيغۇريار»نى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەزا بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

بەلكىم ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى پىلانلىرىمىزدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى، بەزى پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولماسلىقى ۋە ياكى بىز پىلانغا ئالمىغان بەزى ئىشلار قوشۇلۇشى مۇمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن خەلقىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشىلا بولىدىكەن، ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ كېتەلەيمىز دېگەن ئۈمىدىمىز بار. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئارزۇ–ئۈمىدىمىزگە يېتىشكە نېسىپ قىلغاي.

 

 

2020- يىللىق ھېسابات تىزىملىكى:

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.12

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.11

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.10

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.09

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.08

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.07

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.06

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.05

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.04

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.03

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.02

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2020.01

 

1 thought on “«ئۇيغۇريار»نىڭ 2020-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2021-يىللىق قىسقىچە پىلانى”

Comments are closed.