Skip to content

ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى ۋە كىرىش سۆز

The Gift
ھەدىيە
ئېدىس ئېگىر (Edith Eger)
كىرىش سۆز
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life
Edith Eger
Introduction

ئاپتور ھەققىدە

Edith Eger
Edith Eger

ئېدىس  ئېگىر  كۆزگە كۆرۈنگەن پىسخولوگ، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچى. ئۇ ۋېنگىرىيەدە تۇغۇلۇپ، 1944- يىلى 16 يېشىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرىغا قامالغان. ئاتا-ئانىسى لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەن. ئېگىر خانىم لاگېردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان ۋە خىزمەت قىلغان. ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندا پىسخولوگىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. بۈگۈنكى كۈندە 90 ياشتىن ئاشقان ئېگىر خانىم كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لاجوللا شەھىرىدە كىلىنىكىلىق پىسخىكا داۋالاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ساندىياگودىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىدا ئىشلىمەكتە. ئۇ يەنە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئازاپتىن ئەسلىگە كېلىش، ئاسارەتنى داۋالاش مەسلىھەتچىسى.

ئېگىر خانىم مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىمىز پەرقلىق بولسىمۇ، كۆپىنچىمىز ئوي – خىياللىرىمىزغا ئەسىر بولۇپ قالىمىز . بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز قانداق ھېس قىلىشىمىزنى، ئىش-ھەرىكىتىمىزنى، مۇمكىنچىلىكلەرنى قىياس قىلىش – قىلالماسلىقىمىزنى بەلگىلىيەلەيدۇ ۋە چەكلىيەلەيدۇ.  خىزمەت جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، گەرچە ھەربىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىز ۋە ئازابلىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ، بۇ ئازاب – ئوقۇبەتلەرگە سەۋەپ بولغان روھى تۈرمە ئوخشاش ئىكەن. بۇ كىتاب شۇ خىل روھىي تۈرمىلەرنى ئىلغا قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئازاد بولۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىشتا ياردەمچى بولالايدىغان ئەمەلىي قوللانما ھېسابلىنىدۇ».

‍ئېگىر خانىم بۇ كىتابىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ ۋە بىمارلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى قاباھەتلىك پەيىتلەردىن قانداق ساۋاق ئېلىش كېرەكلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ كىتاب يەنە بىزگە ئۇچرىغان كۈلپەتتىن قايتۇرغان ئىنكاسىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. تۇرمۇشتا دائىم ئازاب – ئوقۇبەت، يوقىتىش، ئۈمىدسىزلىك، قورقۇنچ، تەشۋىش ۋە مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىمىز. ئەمما شۇنداق چاغلاردا شۇنى بىلىشىمىز زۆرۈركى، بىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەر بىر دەقىقەنى «تەن بېرىش»دەپ تونۇشتىن باشقا  «ھەدىيە» دەپ ئىتىراپ قىلىش پۇرسىتىمىزمۇ بار .

كىرىش سۆز

روھىي تۈرمىدىن بۆسۈپ چىقىش

جازا لاگېرىدا قانداق ياشاشنى ئۆگەندىم

1944 – يىلى ئەتىيازدا مەن 16 ياشتا ئىدىم، ئاتا – ئانام ۋە ئىككى ھەدەم بىلەن ۋېنگرىيەنىڭ كاسسا شەھىرىدە تۇراتتۇق. ئەتراپىمىزنى ئۇرۇش توغرۇلۇق  شەپىلەر، شۇنداقلا بىزگە بولغان كەمسىتىشلەر قاپلىغان ئىدى. كىيىملىرىمىزگە سېرىق رەڭلىك يۇلتۇز بەلگىسى  ئورنىتىلغان، ۋېنگرىيە ناتسىستلىرى – نىيلاسلار بولسا كونا ئۆيىمىزنى ئېگەللىگەن؛ گېزىتلەر ئۇرۇش مەيدانلىرى ۋە گېرمانىيە ئىشغالىيىتىنىڭ ياۋروپاغا كېڭەيگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىلەن تولغان ئىدى. ئاتا – ئانامنىڭ تاماق ئۈستىلىدە بىر-بىرىگە ئەندىشىلىك بېقىشلىرى… يەھۇدىي بولغىنىم ئۈچۈن ئولىمپىك گىمناستىكا كوماندىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن شۇ قورقۇنچلۇق كۈن… شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا ئادەتتە ياشلاردا بولىدىغان غەملىرىم بىلەن ئاۋارە ئىدىم. كىتاب كۇلۇبىدا تونۇشقان ئېگىز ھەم ئەقىللىق يىگىت ئېرىك بىلەن تۇنجى مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن ئىدۇق. مەن توختىماي تۇنجى سۆيۈشۈشلىرىمىزنى مەشىق قىلاتتىم. دادام مەن ئۈچۈن لايىھەلىگەن يېڭى كۆك كۆينەككە مەستلىكىم كېلىپ قاراپ تويمايتتىم. يەنە تېخى بالېت ۋە گىمناستىكا كۇلۇبىدىكى كارامىتىمنى پەش قىلىپ، چىرايلىق ھەدەم ماگدا ۋە بۇداپېشتتىكى ئىسكىرىپكا ئۆگىنىۋاتقان ھەدەم كلاراغا چاقچاق قىلىپ ئوينايتتىم.

توساتتىن ھەممە ئىشلار ئۆزگەردى.

شۇ يىلى ئاپرېلدىكى بىر سوغۇق سەھەردە، كاسسادىكى يەھۇدىيلار يىغىۋېلىنىپ، شەھەر چېتىدىكى كونا خىش زاۋۇتىغا قامالدى. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا ئاتا – ئانام، ماگدا ۋە مەن تۆتىمىز ئاۋسىۋېتىسقا (يىغىۋېلىش لاگىرى) بارىدىغان يۈك ماشىنىسىغا سېلىندۇق. بىز لاگېرغا قامالغان شۇ كۈنى ئاتا – ئانام گازلىق ئۆيدە ئۆلتۈرۈلدى.

ئاۋسىۋېتىسدىكى تۇنجى كېچىسى، ئەزرائىل دەپ نامى چىققان گېرمان ناتسىس ئەمەلدارى جوسېف مېڭگېلغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشكە زورلاندىم. ئۇ بىز لاگېرغا كەلگەن كۈنىلا كىشىلەرنى رەتكە ئايرىپ، ئاپامنى گازلىق ئۆيگە بۇيرىغان ئادەم شۇ ئىدى. گازارمىنىڭ بېتونلۇق بىناسىدا مۇزلاپ، قورقۇپ تۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا : « ئۇسسۇل ئويناپ بەر!» دەپ بۇيرۇق قىلدى.

سىرتتىكى لاگېر ئوركېستىرى «كۆك دوناي دەرياسى» ناملىق ۋالىس مۇزىكىسىنى چېلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا مەن ئاپامنىڭ «ئېسىڭدە بولسۇن، قەلبىمىزگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن نەرسىلەرنى ھېچكىم بىزدىن تارتىۋالالمايدۇ!» دېگەن گېپىنى ئېسىمگە ئېلىپ، كۆزلىرىمنى يۇمدۇم-دە، ئىچكى دۇنيارىمغا قېچىپ كىرىۋالدىم. خىيالىمدىكى «ئۆزۈم» جازا لاگېرىغا سولانمىغان، سوغۇق ۋە ئاچلىقتىن يىراق، يوقۇتۇشلاردىن ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەن ھالەتتە ئىدى. خىيالىمدىكى «ئۆزۈم» بۇداپېشت ئوپېرا تىياتىرخانىسىنىڭ سەھنىسىدە چايكوۋىسكىينىڭ ئەسىرىدىكى جۇلىتتا رولىنى ئېلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ئىچىمدىكى پاناھگاھىمدا قوللىرىمنى كۆتۈرۈلۈشكە، پۇتلىرىمنى پىرقىراشقا بۇيرۇپ، پۈتۈن كۈچۈمنى تىرىك قېلىش ئۈچۈن ئۇسسۇل ئويناشقا مەركەزلەشتۈردۈم.

ئاۋسىۋېتىسدىكى ھەر بىر دەقىقە مەن ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى دوزاختەك بىلىنەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ يەرنى مەن ئەڭ ياخشى دەرسخانىگە ئايلاندۇردۇم. يوقىتىش، قىيناش، ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈم تەھدىتلىرى ئاستىدا، ھايات قېلىش ۋە ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ ئامالىنى بايقىدىم. دەل مۇشۇ ئاماللار كېيىنكى پسىخىكالىق داۋالاش ئەمىليىتىم ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنىڭ ياخشى ھەمراھلىرىغا ئايلاندى.

2019 – يىلى كۈز، كىتابىمنىڭ ئۇشبۇ كىرىش سۆزىنى يېزىۋاتقىنىمدا 92 ياشقا كىردىم. 1978 – يىلى كلىنىكىلىق پسىخولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، 40 يىلغا يېقىن بىمارلارنى داۋالاش بىلەن ھەپىلەشتىم.  پېشقەدەم جەڭچىلەر، جىنسى زوراۋانلىقتىن قۇتۇلغۇچىلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى،  ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى، خۇمارغا قارشى كۈرەش قىلۋاتقانلار، تەشۋىشلىك ۋە چۈشكۈنلۈك بىلەن تىركىشىۋاتقانلار، ئۆچمەنلىكنى يېڭىپ مۇھەببەتكە قايتىشنى ئارزۇلاۋاتقان ئەر – ئاياللار؛ ئىجىل بىللە ئۆتۈشنى ياكى ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزئارا نورمال ياشاشنى ئۆگىنىۋاتقان ئاتا – ئانا ۋە بالىلار بىلەن ئۇچراشتىم.

مەن بىر پسىخولوگ، ئانا، موما، بۇزرۇك موما، ئۆزۈم ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزەتكۈچى، شۇنداقلا ئاۋسىۋېتىستىن ھايات قالغۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھاياتتا مېنى ئەڭ دەھشەتلىك قىينىغىنى ناتسىستلارنىڭ تۈرمىسى بولماستىن،  مەن ئۆزۈم ئۈچۈن قۇرغان روھىي تۈرمىلەر بولدى.

گەرچە تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ، مېنىڭ نېمىلەرنى دېمەكچى بولغانلىقىمنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن. كۆپىنچىمىز ئۆزىمىزنى خىياللىرىمىزغا قاپسىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز. بىزنىڭ ئوي – پىكىر ۋە ئەقىدىلىرىمىز قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىمىزنى، ئىش – ھەرىكىتىمىزنى، نېمەلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان قىياسىمىزنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە چەكلىيەلەيدۇ. خىزمەت جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، گەرچە بىزنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئوي-پىكرىمىز  ھەرخىل نامايەن بولسىمۇ، ئازاب – ئوقۇبەتلىرىمىزگە سەۋەپ بىر قىسىم روھىي تۈرمىلىرىمىز ئوخشاشكەن. بۇ كىتاب شۇ خىل روھىي تۈرمىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان ئەمەلىي قوللانما ھېسابلىنىدۇ.

* * *

ئەركىنلىكنىڭ ئاساسى __ تاللاش ھوقۇقىنىڭ بولۇشىدۇر. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ئايلىرى ماڭا قالغان تاللاش يوق دېيەرلىك بولۇپ، قېچىش يولۇممۇ يوق ئىدى. ۋېنگىرىيەلىك يەھۇدىيلار ياۋروپادىكى ئاخىرقى تۈركۈمدە ئۆلۈم لاگېرىغا سۈرگۈن قىلىنغانلار ئىدى. بىز لاگېردا سەككىز ئاي تۇرغاندىن كېيىن، روسىيە ئارمىيەسى گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئاۋسىۋېتىستىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، پولشادىن گېرمانىيە ئارقىلىق ئاۋسترىيەگە سۈرگۈن قىلىندۇق. يولدا زاۋۇتلاردا قۇل بولۇپ ئىشلىدۇق. گېرمانىيەنىڭ ئوق – دورا توشۇيدىغان پويىزلىرىنىڭ ئۈستىدە بەدىنىمىزنى قالقان قىلىپ يۈكلەرنى ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ بومبىسىدىن قوغدىدۇق (ئەلۋەتتە بۇ ئەنگلىيەنىڭ پويىزلارنى بومباردىمان قىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى).

1945 – يىلى مايدا، ھەدەم ئىككىمىز ئاۋستىرىيەدىكى جازا لاگېرى گۈنسىكېرچېندىن ئازاد قىلىندۇق. بۇ سولانغىنىمىزغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن چاغ بولۇپ، ئاتا – ئانىمىز ۋە بىز تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۈزلۈكسىز قىلىنغان جىسمانىي خورلۇقتىن دۈمبەم سۇنۇپ كەتتى. ئاچ ۋە يارىلانغان ھالدا جەسەت دۆۋىسى، شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش كېسەل ۋە تاشلىۋېتىلگەن كىشىلەر  توپىدىن ئاران ئۆمىلەپ چىقتىم. ماڭا قىلىنغان زۇلۇمنى توسۇپ قېلىشقا قۇربىم يەتمىدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ناتسىستلارنىڭ جەسەتلەرنى مال يۆتكەش ماشىنىسىغا ياكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئازگىلىغا ئىتتىرىشىنى، يەھۇدىيلارنى كۈچىنىڭ بېرىچە قىرغىن قىلىشىنى توسۇپ قالالمىدىم. مەن يەنە لاگېردىكى ئالتە مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ خورلىنىشنى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىنى توسۇپ قالالمىدىم. مېنىڭ بىردىنبىر قىلالىغىنىم قورقۇنچ ۋە ئۈمىدسىزلىككە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىش بولدى. مەن ئۈمىدۋار بولۇشنى تاللىدىم.

ئاۋسىۋېتىستىن تىرىك قۇتۇلۇش ئەركىنلىك سەپىرىمنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىدى. مەن نەچچە ئون يىلغىچە ئۆتمۈشنىڭ مەھبۇسى بولۇپ ياشىدىم. قارىماققا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندەك، روھىي جاراھەتلەردىن ئەسلىمگە كېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتىم. پرېشوۋدىكى بىر ياخشى جەمەتنىڭ پۇشتى – سلوۋاكىيەنىڭ تاغلىرىدا ناتسىستلار بىلەن جەڭ قىلغان بېلا بىلەن توي قىلدىم، ئانا بولدۇم. ياۋروپادىن قېچىپ ئامېرىكىغا كەلدىم. پۇل تېپىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم. 40 ياشقا كىرىپ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇدۇم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. كېيىن يەنە مەكتەپكە قايتىپ مائارىپ پىسخولوگىيەسىدە ماگىستىرلىق ۋە كلىنىكىلىق پسىخولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدىم. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى كېچىكىپ باشلىغان بولغاچقا، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ۋەدە بەرگەنلىكىم، شۇنداقلا كلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىدا قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، دەپ قارالغىنىم ئۈچۈن، مەن ئىزچىل ھەقىقىي «ئۆزۈم»نى يوشۇرۇپ كەلدىم. ئۆتمۈشۈمدىن قاچتىم، ئازاب ۋە جاراھەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىم، ئازابلىرىمنى كىچىكلىتىپ كۆرسەتتىم، يوشۇردۇم. باشقىلارنى خۇشال قىلىشقا، ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلدىم. يولدىشىم بېلانى رەنجىش ۋە ئۈمىدسىزلىكلىرىمگە سەۋەبچى دەپ ئەيىبلىدىم. مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق يوقاتقانلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولدۇم.

بىر كۈنى مەن ئىلگىرى پراكتىكا قىلغان تېكساس ئىشتاتىنىڭ فورت شەھىرىدىكى ۋىليام بىئومونت ئارمىيە داۋالاش مەركىزىگە كەلدىم. ئاق خالاتنى كىيىپ «روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى – دوكتور ئېگىر» دېگەن ئىسمىم يېزىلغان كارتوچكىنى تاقىغان شۇ دەقىقىدە كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، كارتوچكىدىكى سۆزلەر كۆزۈمگە «يالغانچى دوكتور ئېگىر» بولۇپ كۆرۈندى. دەل شۇ مىنۇتتا، ئۆزۈمنى ساقايتماي تۇرۇپ باشقىلارنى ساقايتالمايدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم.

مېنىڭ داۋالاش ئۇسۇلۇم ئۆزگىچە بولۇپ، ھېسسىي تۇيغۇغا باي، تونۇش – بىلىشنى ئاساس قىلغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتنىڭ ئارىلاشمىسى  ئىدى. مەن ئۇنىڭغا «تاللاش داۋالاش ئۇسۇلى» دەپ ئىسىم قويدۇم، چۈنكى ئەركىنلىك تاللاش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ئازاب ئوقۇبەتلەر ساقلانغىلى بولمايدىغان، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرگە ئورتاق نەرسە بولسىمۇ، بىز ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى تاللىيالايمىز. مېنىڭ ۋەزىپەم بىمارلىرىمنىڭ شۇ خىل تاللاش ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.

مېنىڭ خىزمىتىم تۆۋەندىكى تۆت خىل يادرولۇق پسىخىكا پىرىنسىپلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ:

بىرىنچى، مارتىن سېلىگمان ۋە ئاكتىپلىق پىسخولوگىيەسىنىڭ «چارىسىزلىقنى ئۆزلەشتۈرۈش» ئۇقۇمى:  بىز ھاياتىمىزدا ھېچقانداق ئۈنۈم يارىتالمىغان ۋە ھەرقانداق تىرىشچانلىقمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا ئەڭ كۆپ ئازابلىنىمىز. ئۈمىدۋارلىقنى ئۆگىنىپ، غەيرەتلىك ۋە قەيسەر ھالدا ھاياتىمىزنىڭ مەنىسى ھەم يۆنىلىشنى تاپقىنىمىزدا بولسا ھەقىقىي چاقنايمىز.

ئىككىنچى، ئاڭ ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش: بىزنىڭ ئوي – پىكىرىمىزنىڭ ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكىتىمىزنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش. زىيانلىق ، ئۆزىمىزنى ۋەيرانلىققا ۋە مەغلۇبىيەتكە باشلايدىغان ئىش ھەرىكەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئوي پىكىرلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش؛ پاسسىپ كۆز قاراشلىرىمىزنى ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە پايدىلىق ئوي پىكىرلەر بىلەن يېڭىلاش.

ئۈچىنچى، ماڭا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان ئۇستازلىرىمنىڭ بىرى كارل روجېرسنىڭ تەشەببۇسىدىكىدەك _ ئۆزىگە بولغان شەرتسىز، ئاكتىپ ھۆرمەتنىڭ مۇھىملىقى. ئازاب – ئوقۇبەتلىرىمىزنىڭ مەنبەسى بولغان «مېنىڭ ھەقىقىي ئۆزۈم ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىمەيدۇ» دېگەن خاتا تونۇشتا بولساق، بۇ بىزنى «مەن باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشىم كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئۆزۈمنى ئىنكار قىلىشىم ياكى يوشۇرۇشۇم كېرەك»، دېگەن تۇيغۇغا باشلايدۇ.

خىزمىتىمدە بىمارلىرىمغا ئۆزىگە بولغان شەرتسىز مۇھەببەتنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشتىم، ھەمدە ئۇلارغا ئۆزلۈكىمىزنى يوشۇرۇشتىن،  باشقىلارنىڭ كۈتكىنىدىن چىقىشتىن ۋاز كەچكەندىلا ھەقىقىي ئازادلىققا چىقىدىغانلىقىمىزنى ئىزاھلىدىم. بۇلارنى قىلالىغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى شەرتسىز سۆيۈشكە باشلىيالايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىشكە يېتەكلىدىم.

تۆتىنچى، سۆيۈملۈك ئۇستازىم، دوستۇم، شۇنداقلا ئاۋسىۋېتىستىن ھايات قالغۇچى ۋېكتور فرانكىل بىلەن ئورتاقلاشقىنىمدەك: تۇرمۇشتىكى ئەڭ ناچار كەچۈرمىشلىرىمىز بىزگە ئەڭ ياخشى ئۇستاز بولالايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ يېڭى بايقاش ۋە مۇمكىنچىلىكلەرنى كۆرەلىشىمىزگە سەۋەب بولالايدۇ. ھاياتنىڭ بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى تاللاش، ئازاب – ئوقۇبەتلەردىن تۇرمۇشنىڭ مەنىسى ۋە مەقسىتىنى تېپىش  ئارقىلىقلا ساقىيىش بىزنى مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

ئەركىنلىكنى ئۆمۈرلۈك ھاياتقا تەدبىقلاش لازىم. ئۇ  بىزنىڭ ھەربىر كۈندىكى قايتا – قايتا تاللىشىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئاخىرقى ھېسابتا ئەركىنلىك ئۈمىدنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى جەھەتتىن تەبىر بېرىمەن: ئازاب – ئوقۇبەتلەر گەرچە قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ۋاقىتلىقتۇر . كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىنتىلىش بىزگە ئۆتمۈشتە ئەمەس ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاشنى، روھىي تۈرمىلىرىمىزدىن بۆسۈپ چىقىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ.

* * *

ئازادلىققا چىقىپ 75 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ، كېچىلىرى مېنى ئوخشاشلا قارا باسىدۇ. ئۆتمۈش كۆز ئالدىمدا قايتا – قايتا نامايان بولىدۇ. ھېلىھەم بۇ ئالەمدە كۆز يۇمغۇچە ئۆزلىرىدىن تۆرەلگەن تۆت پەرزەنتىنى كۆرەلمىگەن ئاتا – ئانام ئۈچۈن قايغۇرىمەن. ۋەھىمە ھەرۋاقىت مەن بىلەن بىللە بولۇپ كەلدى. يۈز بەرگەن ئىشلارنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش ياكى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

لېكىن ئۆتمۈشنى ئەسلەش، ھۆرمەتلەش باشقا، ئەمما بۇرۇنقى ئۆزىنى ئەيىبلەش، ئاچچىقلىنىش، ئۆچمەنلىك شۇنداقلا ئۆتمۈشتىن قورقۇش پۈتۈنلەي باشقا بىر گەپ. مەن رېئاللىققا ۋە نېمىلەرنى يوقىتىپ قويغانلىقىمغا يۈزلىنەلەيمەن، ھېچقاچان مۇھەببەت ۋە ئۈمىدنى تاللاشتىن توختاپ قالمايمەن. تاللاش قابىلىيىتى – مەن ئاۋسىۋېتىستىن ئېرىشكەن ھەقىقىي ھەدىيە ھېسابلىنىدۇ، يەنى مەن چىدىغۇسىز ئازاب – ئوقۇبەت ۋە ھالسىراش ئىچىدىمۇ ئۆزۈمگە تاللاش ئىمتىيازىنى بېرىپ كەلدىم.

ئۆلۈم لاگېرىنىڭ ھەرقانداق يادىكارىنى «ھەدىيە» دەپ ئاتاش ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. دوزاختىن قانداقمۇ ياخشى نەرسە چىقسۇن؟ ھەر دائىم ئادەملەر توپىدىن ئايرىپ چىقىرىلىپ گازلىق ئۆيگە تاشلىنىشتىن قورقاتتىم. تۇرخۇندىن چىقىۋاتقان قارا ئىس – تۈتەك مەن يوقىتىپ قويغان ۋە يوقاتماقچى بولغان نەرسىلەرنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. مەندە بىمەنە ۋە ھەددىدىن ئاشقان قىسمەتلەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولمىدى، لېكىن كاللامدا نېمىلەرگە دىققىتىمنى بېرىشنى قارار قىلالايتتىم. ئىنكاس قايتۇرماسلىقنى تاللىيالايتتىم. لاگېر ماڭا ئىرادەم ۋە تاللاش ئىقتىدارىمنى بايقاش پۇرسىتى بەردى. ناۋادا لاگېرغا سولانمىغان بولسام، ئۆزۈمگە تايىنىشنى ئۆگىنەلمىگەن بولاتتىم.

ھەممىمىزنىڭ تاللاش قابىلىيىتى بار. بىزگە سىرتتىن ھېچقانداق ياردەم ياكى يېتەكلەش بولمىغان ۋاقىت دەل بىزنىڭ ھەقىقىي ئۆزلۈكىمىزنى بايقايدىغان پەيتىمىزدۇر. بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلار ئەمەس، شۇلار بىلەن نېمىلەرنى قىلىشىمىز مۇھىمراق.

روھىي تۈرمىدىن ئازادلىققا چىققاندا، بىزنى چۈشەپ قويۇۋاتقان نەرسىلەردىن قۇتۇلۇپلا قالماي، ھەقىقىي ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئەركىن يۈرەلەيمىز. 1945 – يىلى ماي، ئازادلىق كۈنىدىكى گۈنسكېرچېندا 17 ياشلىق مەن تۇنجى قېتىم پاسسىپ ۋە ئاكتىپ ئەركىنلىكنىڭ پەرقىنى تونۇپ يەتتىم. 71 – پىيادە ئەسكەرلەر پولىكى لاگېردىكىلەرنى قۇتۇلدۇرغىلى كەلگەندە، مەن لاي ئارىسىدىكى جەسەت دۆۋىسىدە ئۆلۈمنى كۈتۈۋاتقان ئىدىم. ئەسكەرلەرنىڭ چۆچىگەن كۆزلىرى ھېلىھەم يادىمدا. ئۇلار چىرىگەن جەسەت پۇرىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىدىن ئېغىز بۇرۇنلىرىنى ئېتىۋېلىشقان ئىدى. ئازادلىقنىڭ تۇنجى دەقىقىلىرىدە، ماڭالايدىغان لاگىرداشلىرىمنىڭ لاگېر دەرۋازىسىدىن مېڭىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئەمما بىرئازدىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كېلىشتى ۋە لاگېر ئىچىدىكى ئوت – چۆپلۈك ياكى داق يەردە جىمجىت ئولتۇرۇشتى، شۇنداقلا قايتا مېڭىپ چىقىپ كېتىشكە قۇربى يەتمىدى. ۋىكتور فىرانك سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئاۋسىۋېتىسنى ئازاد قىلغان كۈنىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بىز ئازاد قىلىنغان ئىدۇق، بىراق كۆپىنچىمىز جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكىمىزنى تونۇپ يېتەلمىگەن ئىدۇق. كېسەللىك، ئاچارچىلىق ۋە جاراھەتتىن ئاجىزلىشىپ، ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇش ئىقتىدارىمىزدىن ئايرىلغان ئىدۇق. ئىلگىرى قانداق ياشىغانلىقىمىزنى ئەسلىيەلمەيتتۇق.

بىز ناتسىستلاردىن قۇتۇلدۇق، ئەمما تېخىچە ھۆر بولالمىغان ئىدۇق.

ھازىر شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئەڭ قورقۇنچلۇق تۈرمىنى ئەسلى ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە سالىدىكەنمىز. ئۇنىڭ ئاچقۇچى بولسا يانچۇقىمىزغا سېلىقلىق ئىكەن. ئۇ قانچىلىك ئازاب – ئوقۇبەتلىك، ئۇنىڭ توساقلىرى قانچىلىك مۇستەھكەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن ئازاد بولۇش تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

* * *

«تاللاش» ناملىق كىتابىمدا جازا لاگېرىدىن ئازادلىققا، ئاندىن ھەقىقىي ئەركىنلىككە چىقىش كەچمىشىمنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدىم. كىتابىمنىڭ دۇنياۋى ئالقىشقا ئېرىشىشى، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئۆز ئازاب – ئوقۇبەتلىرى بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىنى مەن بىلەن ئورتاقلىشىشى مېنى كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە ھەيران قالدۇردى ۋە خۇرسەن قىلدى. مەن شۇ ئوقۇرمەنلەر بىلەن گاھىدا بىۋاسىتە، گاھىدا  ئېلخەت، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ياكى سىندىداردا ئالاقە ئورناتتىم. ئۇلاردىن ئاڭلىغان نۇرغۇن ھېكايىلەرنى بۇ كىتابقا كىرگۈزدۈم (كىشىلەرنىڭ ئىسىم ۋە باشقا ئۇچۇرلىرى شەخسىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزگەرتىلدى).

مەن «تاللاش»تا تىلغا ئالغىنىمدەك، كىشىلەرنىڭ كەچمىشلىرىمنى ئوقۇپ «مېنىڭ ئازابىم ئۇنىڭ ئازابى ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسكەن» دېگەن ئويغا كېلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. كىشىلەرنىڭ ھېكايەمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  «ئەگەر ئۇ قىلالىغان بولسا، مەنمۇ قىلالايمەن» دېيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن ھاياتىمدا ۋە بىمارلىرىمنى كىلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىدا قوللانغان ئەمەلىي مېتودنى سورىغان ئىدى. «ھەدىيە» دەل شۇ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابتۇر.

بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر بابىدا بىزگە ئورتاق بولغان مەلۇم بىر روھىي «تۈرمە» ئۈستىدە توختىلىمەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە زىيىنىنى تۇرمۇشۇم ۋە كىلىنىكىلىق خىزمىتىمدىكى ھېكايىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاچقۇچلىرىنى تەمىنلەيمەن. بەزى ئاچقۇچلار كۈندىلىك خاتىرىمىزدىكى ئەسكەرتمىلەردەك، ياكى يېقىن دوستىڭىز ۋە پىسخىك يېتەكچىڭىز بىلەن دېيىشىدىغان گەپلەردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما يەنە بەزىلىرى بولسا تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئەمەلىي ئۇسۇللاردۇر. گەرچە ئەسلىگە كېلىش بىر تۈز سىزىقلىق جەريان بولمىسىمۇ، مەن بابلارنى مەلۇم بىر تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىك سەپىرىمنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم. دېمەك سىز ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان مەلۇم بىر باپنى ئوقۇسىڭىزمۇ ياكى خالىغان تەرتىپتە ئوقۇسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ . سىز ئۆز سەپىرىڭىزنىڭ يول باشچىسى. كىتابنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك يوسۇندا ئىشلىتىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

مەن يەنە سىزنى ئەركىنلىككە باشلايدىغان دەسلەپكى ئۈچ تەكلىپنى بېرىمەن.

بىز تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇرغان ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. بەزىدە بىز دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلار، مەسىلەن: ئاجرىشىش، كېلىشمەسلىك، كېسەللىك، ئۆلۈم قاتارلىقلار دىققىتىمىزنى قۇربىمىز يەتمەيدىغان ئىشلاردىن باشقا ئىشلارغا مەجبۇرلايدۇ. بەزىدە ئازاب – ئوقۇبەتلەر ياكى ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇلار بىزنى قىينايدۇ. ۋاھالەنكى، بىز ئىنتىلگەن «تەييارلىق» سىرتتىن كەلمەيدۇ، ئۇنى ئالدىراتقىلى ياكى مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ. «مەن ھازىرغىچە مۇنداق قىلىپ كەلگەن ئىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق قىلىمەن» دېگەنگە ئوخشاش ئىچكى دۇنيارىڭىزدىكى مەلۇم نەرسە ئارقىلىق  ئۆزگىرىشنى قارار قىلغىنىڭىزدا، ئاندىن تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولىدۇ.

ئۆزگىرىش كېرەكسىز بولغان ئادەت ۋە ئەندىزەلەردىن قول ئۈزۈشتۇر. تۇرمۇشنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلىش ئۈچۈن قىممىتى يوق ئادەت ياكى ئەقىدىدىن ۋاز كېچىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بار بولغان باشقا ئادەتلەرنى كونا ئادەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش زۆرۈر بولىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يۆنىلىشىڭىزنى تاللاڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭ. يېڭى سەپىرىڭىزنى باشلىغاندا نېمىلەرگە ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنىلا ئەمەس، نېمىلەردىن ئازاد بولۇش ۋە ياكى قانداقراق ئادەمگە ئايلىنىشقا ئىنتىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ.

ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىش بىلەن سىز باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالمايسىز، بەلكى ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە ئايلىنىسىز. بېشىڭىزدىن  ئۆتكەن بارلىق ئىشلار، ھازىرغا قەدەر قىلغان تاللاشلىرىڭىز ، قىيىنچىلىقلاردىن غالىب كېلىش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشلارنىڭ ھەممىنى كەينىڭىزگە تاشلاپ نۆلدىن باشلاشنىڭ ھاجىتى يوق. نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، شۇ ئىشلار يۈز بەرگەچكىلا سىز بۈگۈنگىچە، مۇشۇ دەقىقىغىچە ئۇزاپ كېلەلىدىڭىز.

بىر ئۆمۈر ئەركىنلىككە يېتەكلەيدىغان ئاچقۇچ __ ھەقىقىي ئۆزىمىزگە يېتىش سەپىرىدۇر.

ABOUT THE AUTHOR

Edith Eger
Edith Eger

EDITH EGER is an eminent psychologist and Holocaust survivor. She has worked with veterans, military personnel, and victims of physical and mental trauma. She lives in La Jolla, California. She is the author of the award-winning book The Choice.

Edith Eva Eger (née Elefánt, September 29, 1927 – April 27, 2026) was a Hungarian and American psychologist, specialist in the treatment of post-traumatic stress disorder, and Holocaust survivor.[2][3] Her memoir entitled The Choice: Embrace the Possible, published in 2017, became an international bestseller.[4] Her second book, titled The Gift: 12 Lessons to Save Your Life was published in September 2020.

Personal life and death

Eger died in San Diego on April 27, 2026, at the age of 98.[20][21][22] Bela Eger preceded her in death in 1993.[2][23]

At the time of her death, Edith Eger was survived by her daughter Marianne Engle, a clinical psychologist married to Robert Engle, Nobel laureate in economics; Audrey Thompson, an executive coach; son John, a retired businessman; five grandchildren and ten great grandchildren.[2][12]

Books

Introduction

UNLOCKING OUR MENTAL PRISONS

I learned how to live at a death camp

 In the spring of 1944, I was sixteen, living with my parents and two older sisters in Kassa, Hungary. There were signs of war and prejudice all around us. The yellow stars we wore pinned to our coats. The Hungarian Nazis—nyilas—who occupied our old apartment. Newspaper accounts of battlefronts and German occupation spreading across Europe. The worried glances my parents exchanged at the table. The awful day when I was cut from the Olympic gymnastics team because I was Jewish. Yet I had been blissfully preoccupied with ordinary teenage concerns. I was in love with my first boyfriend, Eric, the tall, intelligent boy I’d met in book club. I replayed our first kiss and admired the new blue silk dress that my father had designed for me. I marked my progress in the ballet and gymnastics studio, and joked with Magda, my beautiful eldest sister, and Klara, who was studying violin at a conservatory in Budapest.

And then everything changed.

One cold dawn in April the Jews of Kassa were rounded up and imprisoned in an old brick factory at the edge of town. A few weeks later, Magda and my parents and I were loaded into a cattle car bound for Auschwitz. My parents were murdered in the gas chambers the day we arrived.

My first night in Auschwitz, I was forced to dance for SS officer Josef Mengele, known as the Angel of Death, the man who had scrutinized the new arrivals as we came through the selection line that day and sent my mother to her death. “Dance for me!” he ordered, and I stood on the cold concrete floor of the barracks, frozen with fear. Outside, the camp orchestra began to play a waltz, “The Blue Danube.” Remembering my mother’s advice—No one can take from you what you’ve put in your mind—I closed my eyes and retreated to an inner world. In my mind, I was no longer imprisoned in a death camp, cold and hungry and ruptured by loss. I was on the stage of the Budapest opera house, dancing the role of Juliet in Tchaikovsky’s ballet. From within this private refuge I willed my arms to lift and my legs to twirl. I summoned the strength to dance for my life.

Each moment in Auschwitz was hell on earth. It was also my best classroom. Subjected to loss, torture, starvation, and the constant threat of death, I discovered the tools for survival and freedom that I continue to use every day in my clinical psychology practice as well as in my own life.

As I write this introduction in the fall of 2019, I am ninety-two. I earned my doctorate in clinical psychology in 1978 and I’ve been treating patients in a therapeutic setting for over forty years. I have worked with combat veterans and survivors of sexual assault; students, civic leaders, and CEOs; people battling addiction and those struggling with anxiety and depression; couples grappling with resentment and those longing to rekindle intimacy; parents and children learning how to live together and those discovering how to live apart. As a psychologist; as a mother, grandmother, and great-grandmother; as an observer of my own and others’ behavior; and as an Auschwitz survivor, I am here to tell you that the worst prison is not the one the Nazis put me in. The worst prison is the one I built for myself.

Although our lives have probably been very different, perhaps you know what I mean. Many of us experience feeling trapped in our minds. Our thoughts and beliefs determine, and often limit, how we feel, what we do, and what we think is possible. In my work I’ve discovered that while our imprisoning beliefs show up and play out in unique ways, there are some common mental prisons that contribute to suffering. This book is a practical guide to help us identify our mental prisons and develop the tools we need to become free.

* * *

The foundation of freedom is the power to choose. In the final months of the war, I had very few options, and no way to escape. Hungarian Jews had been among the last in Europe to be deported to death camps, and after eight months in Auschwitz, just before the Russian army defeated Germany, my sister and I and a hundred other prisoners were evacuated from Auschwitz and marched from Poland, through Germany, to Austria. We performed slave labor in factories along the way, and rode on top of trains transporting German ammunition, our bodies used as human shields to protect the cargo from British bombs. (The British bombed the trains anyway.)

When my sister and I were liberated at Gunskirchen—a concentration camp in Austria—in May 1945, a little over a year after we’d been taken prisoner, my parents and almost all the people I knew were dead. My back had broken from constant physical abuse. I was starving, covered in sores, and could barely move from where I lay in a pile of corpses; people who had been sick and starving like me, whose bodies had given up. I couldn’t undo what had been done to me. I couldn’t control how many people the Nazis had shoved into the cattle cars or crematoria, trying to exterminate as many Jews and “undesirables” as they could before the end of the war. I couldn’t alter the systematic dehumanization or slaughter of the over six million innocents who died in the camps. All I could do was decide how to respond to terror and hopelessness. Somehow, I found it within myself to choose hope.

But surviving Auschwitz was only the first leg of my journey to freedom. For many decades, I remained a prisoner of the past. On the surface, I was doing well, putting my trauma behind me and moving on. I married Béla, the son of a prominent family in Prešov who had been a partisan during the war, fighting the Nazis in the mountain forests of Slovakia. I became a mother, fled the Communists in Europe, immigrated to America, lived on pennies, rose out of poverty, and, in my forties, went to college. I became a high school teacher, and then returned to school for a master’s in educational psychology and a doctorate in clinical psychology. Even late in my graduate training, committed to helping others heal and trusted with some of the toughest cases during my clinical rotations, I was still in hiding—running from the past, denying my grief and trauma, minimizing and pretending, trying to please others and do things perfectly, blaming Béla for my chronic resentment and disappointment, chasing after achievement as though it could make up for all I’d lost.

One day I arrived at the William Beaumont Army Medical Center at Fort Bliss, Texas, where I held a competitive clinical internship, and put on my white coat and name tag: Dr. Eger, Department of Psychiatry. But for a split second the words blurred and it seemed to say, Dr. Eger, Impostor. That’s when I knew I couldn’t support others in healing if I didn’t heal myself.

My therapeutic approach is eclectic and intuitive, a blend of insight- and cognitive- oriented theories and practices. I call it choice therapy, as freedom is fundamentally about choice. While suffering is inevitable and universal, we can always choose how we respond, and I seek to highlight and harness my patients’ power to choose—to effect positive change in their lives.

My work is rooted in four core psychological principles:

First, from Martin Seligman and positive psychology, the concept of “learned helplessness”—that we suffer most when we believe that we have no efficacy in our lives, that nothing we do can improve the outcome. We flourish when we harness “learned optimism”—the strength, resiliency, and ability to create the meaning and direction of our lives.

Second, from cognitive-behavioral therapy, the understanding that our thoughts create our feelings and behavior. To change harmful, dysfunctional, or self-defeating behaviors, we change our thoughts; we replace our negative beliefs with those that serve and support our growth.

Third, from Carl Rogers, one of my most influential mentors, the importance of unconditional positive self-regard. Much of our suffering stems from our misconception that we can’t be loved and genuine—that if we are to earn others’ acceptance and approval, we must deny or hide our true selves. In my work I strive to extend unconditional love to my patients, and to guide them to discover that we become free when we stop wearing masks and fulfilling the roles and expectations others assign us, and start unconditionally loving ourselves.

Finally, I work from the understanding, shared with my beloved mentor, friend, and fellow Auschwitz survivor Viktor Frankl, that our worst experiences can be our best teachers, catalyzing unforeseen discoveries and opening us up to new possibilities and perspectives. Healing, fulfillment, and freedom come from our ability to choose our response to whatever life brings us, and to make meaning and derive purpose from all we experience—and in particular, from our suffering.

Freedom is a lifetime practice—a choice we get to make again and again each day. Ultimately, freedom requires hope, which I define in two ways: the awareness that suffering, however terrible, is temporary; and the curiosity to discover what happens next. Hope allows us to live in the present instead of the past, and to unlock the doors of our mental prisons.

* * *

Three-quarters of a century after liberation, I still have nightmares. I suffer flashbacks. Till the day I die, I will grieve the loss of my parents, who never got to see four generations rise from the ashes of their deaths. The horror is still with me. There’s no freedom in minimizing what happened, or in trying to forget.

But remembering and honoring are very different from remaining stuck in guilt, shame, anger, resentment, or fear about the past. I can face the reality of what happened and remember that although I have lost, I’ve never stopped choosing love and hope. For me, the ability to choose, even in the midst of so much suffering and powerlessness, is the true gift that came out of my time in Auschwitz.

It may seem wrong to call anything that came out of the death camps a gift. How could anything good come from hell? The constant fear that I’d be pulled out of the selection line or the barrack at any moment and thrown in the gas chamber, the dark smoke rising from the chimneys, a pervasive reminder of all I’d lost and stood to lose. I had no control over the senseless, excruciating circumstances. But I could focus on what I held in my mind. I could respond, not react. Auschwitz provided the opportunity to discover my inner strength and my power of choice. I learned to rely on parts of myself I would otherwise never have known were there.

We all have this capacity to choose. When nothing helpful or nourishing is coming from the outside, that is precisely the moment when we have the possibility to discover who we really are. It’s not what happens to us that matters most, it’s what we do with our experiences.

When we escape our mental prisons, we not only become free from what has held us back, but free to exercise our own free will. I first learned the difference between negative and positive freedom on liberation day at Gunskirchen in May 1945 when I was seventeen. I was lying on the muddy ground in a pile of the dead and dying when the Seventy-First Infantry arrived to free the camp. I remember the soldiers’ eyes full of shock, bandanas tied over their faces to block out the stench of rotting flesh. In those first hours of freedom, I watched my fellow former prisoners—those who were capable of walking—leave through the prison gates. Moments later, they returned and sat listlessly on the damp grass or on the dirt floors of the barracks, unable to move forward. Viktor Frankl noted the same phenomenon when Soviet forces liberated Auschwitz. We were no longer in prison, but many of us weren’t yet able, physically or mentally, to recognize our freedom. We were so eroded by disease, starvation, and trauma, we had no capacity to take responsibility for our lives. We could hardly remember how to be ourselves.

We’d finally been released from the Nazis. But we weren’t yet free.

I now recognize that the most damaging prison is in our mind, and the key is in our pocket. No matter how great our suffering or how strong the bars, it’s possible to break free from whatever’s holding us back.

It is not easy. But it is so worth it.

* * *

In The Choice, I told the story of my journey from imprisonment to liberation and then on to true freedom. I’ve been astounded and humbled by the book’s global reception and by all the readers who shared stories of how they have confronted their own pasts and worked to heal their pain. We were able to connect, sometimes in person, sometimes through email, social media, or video calls, and many of the stories I heard are included in this book. (Names and other identifying details have been changed to protect privacy.)

As I wrote in The Choice, I don’t want people to read my story and think, “There’s no way my suffering compares to hers.” I want people to hear my story and think, “If she can do it, so can I!” Many have asked for a practical guide to the healing I’ve done in my own life and with my patients in my clinical work. The Gift is that book.

In each chapter, I explore a common prison of the mind, illustrating its effects and challenges with stories from my life and clinical work, and closing with keys to free ourselves from that mental prison. Some of the keys are questions that could be used as journal prompts or in discussion with a trusted friend or therapist; others are actionable steps you can take right now to improve your life and relationships. Though healing is not a linear process, I’ve organized the chapters in an intentional sequence that reflects the arc of my own journey toward freedom. That said, the chapters can also stand alone or be read in any order. You’re the director of your own journey; I invite you to use the book in whatever way best serves you.

And I offer three initial guideposts to start you on the path to freedom.

We do not change until we’re ready. Sometimes it’s a tough circumstance— perhaps a divorce, accident, illness, or death—that forces us to face up to what isn’t working and try something else. Sometimes our inner pain or unfulfilled longing gets so loud and insistent that we can’t ignore it another minute. But readiness doesn’t come from the outside, and it can’t be rushed or forced. You’re ready when you’re ready, when something inside shifts and you decide, Until now I did that. Now I’m going to do something else.

Change is about interrupting the habits and patterns that no longer serve us. If you want to meaningfully alter your life, you don’t simply abandon a dysfunctional habit or belief; you replace it with a healthy one. You choose what you’re moving toward. You find an arrow and follow it. As you begin your journey, it’s important to reflect not only on what you’d like to be free from, but on what you want to be free to do or become.

Finally, when you change your life, it isn’t to become the new you. It’s to become the real you—the one-of-a-kind diamond that will never exist again and can never be replaced. Everything that’s happened to you—all the choices you’ve made until now, all the ways you’ve tried to cope—it all matters; it’s all useful. You don’t have to throw everything out and start from scratch. Whatever you’ve done, it’s brought you this far, to this moment.

The ultimate key to freedom is to keep becoming who you truly are.

You can download the English version from here: ھەدىيە

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.