Skip to content
تۇرسۇن ئەرشىدىن

تۇرسۇن ئەرشىدىن 1952-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى غۇلجا شەھەرلىك 13-باشلانغۇچتا، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى غۇلجا شەھەرلىك 5- ئوتتۇرىدا، تولۇق ئوتتۇرىنى غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرىدا ئوقۇغان. 1970-يىلى غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان ھەم شۇ يېزىغا قاراشلىق 13-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تەرجىمان، باش تەربىيىچى، يېزا خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كوررېكتور، مۇھەررىر بولغان . 1989-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يۆتكىلىپ مەخسۇس كاتىپ، پەن-مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قانۇنچىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشقارما دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىشلىگەن.

تۇرسۇن ئەرشىدىن 1970 – يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق ھەم تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرغا قەدەر «يۇلتۇزلارغا يېزىلغان خەت»، « كوماندىرنىڭ بۇيرۇقى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. «پارىس مەكتۇپلىرى»، «قىزىل ياقۇت» ، «تېلېۋىزىيە»، «يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان نۇر-ئېلېكترون ئىلمى» قاتارلىق 16 پارچە ئەدەبىي، پەننىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ «تەبىئەتكە ساياھەت»، «غىلاجىدىن بىلەن غىلامىدىن»، «رىزۋانگۈل»، «قۇتادغۇبىلىك تىكى تەبىئىي پەنگە دائىر بىلىملەر» قاتارلىق سەككىز پارچە ئەدەبىي ھەم ئىلمىي كىتابى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى نەشرىياتلاردا نەشر قىلىنغان.

تۇرسۇن ئەرشىدىن يەنە مەخسۇس ل. مۇتەللىپ ھەققىدە ئىزدىنىپ، «ل. مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە»، «لۇتۇن»، «قاينام ئۆركىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى» قاتارلىق ئالتە پارچە كىتاب يازغان ۋە نەشر قىلدۇرغان. «ل. مۇتەللىپ» ناملىق بۇ ئەسەر ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە يازغان يەتتىنچى كىتابى.

تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ تەرجىمىھالى «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى» ، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى» قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن.

تۇرسۇن ئەرشىدىن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ خەلقئارا مائارىپ تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى.

تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ بىر قىسىم ئىلمىي، ئەدەبىي ئەسەرلىرى خەنزۇ، رۇس، تۈرك، قازاق، ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

تۇرسۇن ئەرشىدىن 2018-يىلى يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغان نەتىجىلىك زىيالىلارنىڭ بىرى.

تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ توردىن تىپىلغان بەزى ئەسەرلىرى ۋە نەقىللەر:

ھەر خىل ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى

كۈتۈپخانەدىكى بەزى كىتابلىرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ شېئىرى ئىجادىيەتلىرى

ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلار، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

لۇتۇن، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

دادام ئېيتقان قىسسىلەر، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

ئەركىنلىك جەڭچىسى ئەخمەتجان قاسىمى، باشقا ئۇلىنىش

شەپقەت ھەمشىرىسى: رىزۋانگۈل

قاينام ئۆركىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ

مەرىپەتپەرۋەر ئانا: ئايخان

پارىس مەكتۇپلىرى، داۋامى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى -11: لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كۆتۈرگەن بايراق

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە

ئوتيۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەۋەللۇت كۈنىنى ھەممىمىز بىرلىكتە تەبرىكلەيلى

ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بەزى شېئىرلىرى:

 

يىللارغا جاۋاپ

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.

********************************************************

تەسىراتىم

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ئوقۇپ ئەشئارلىرىنى غەرق مەست بولۇپ،
تەسىراتىم چىنىسىگە تەسىرات تولۇپ.

كۆزۈم بىر نۇقتىغا قاراپ قېتىپ قالىدۇ،
ۋۇجۇدۇم خىيال بەھرىگە پېتىپ قالىدۇ.

يېپىپ كىتابنى ئۆزۈمگە سۇئال بېرىمەن،
«نەۋايى قانداق بىر ئۇلۇغ ئادەمدۇر؟» دەيمەن.

قېنى شۇ نەۋايى؟ قېنى بىر كۆرسەم؟
مۇبارەك قوللىرىدىن ئۇنى بىر سۆيسەم.

قاراپ تۇرسام «خەمسە»نى يازغاندا،
قاراپ تۇرسام قەلەمدە گۆھەر قازغاندا.

قاراپ تۇرسام پەرھادقا رەسىم سىزغاندا،
قاراپ تۇرسام شېرىنگە گۈللەر تىزغاندا.

قاراپ تۇرسام بەھرامنىڭ قىياپىتىگە،
قاراپ تۇرسام گۈلەندەمنىڭ لاتاپىتىگە.

قوي شائىر! سۆزلىمە جۆيلۈپ يوققا،
نەۋايى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا…

ئۇنىڭ مازارىنى ھەربىر ۋاراقتىن ئىزدە،
گۈمبەز قەبرىسىنى ھەر مىسرادىن ئىزدە.

ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،
ئۇ ھەر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن.

1944-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان

چال، سازەندىم

(مۇخەممەس)

ئاپتورى : لۇتپۇللا مۇتەللىپ

_ مەشھۇر ناخشىلار ئىجاتچىسى ياش سازەندە زىكرى ئەپەندىگە بېغىشلايمەن

چال سازىڭنى زوق بىلەن، تىنماي چال، سازەندىم،
ھەركىتىڭ تېتىك، قوللىرىڭ مەجنۇن تال، سازەندىم،
ناخشاڭ شىرىن، تاتلىق سېنىڭ، گوياكى بال، سازەندىم،
ياشلىقنىڭ زىلۋا چېغىدا، ئىجاد قىلىپ قال، سازەندىم.

ئىجاد قىل ۋۇجۇدۇڭدا بار ئوبدان غەزەلنى،
كۈرەشجان سەنئەت مەيدانىدا باشلىغىن بەلنى،
سازلىرىڭ روھى بىلەن راست سۇغارغىن ئەلنى،
سەنئەتتىن مەۋجۇت قىل دولقۇنلۇق سەلنى،
شادىمان ھاياتنىڭ قوينىدا ئوبدان ئەھۋال، سازەندىم.

بۇ ۋەتەندە جاراڭلىسۇن نەغمەڭ ساداسى،
ھاۋالارغا ئۆرلەپ كەتسۇن مۇڭلۇق ناۋاسى،
تەسەددۇق، خويمۇ كەڭ كۈزەللىك دۇنياسى،
كونا مۇقاملار لەززەتنىڭ ئەڭ چوڭ باباسى،
ئۆسۇش، ئىجاد، يۈكسىلىشكە ئەپلىك ئامال، سازەندىم.

بىھۇدە يات كىرلەرنى تازىلىغاي ئېسىل سەنئەت،
ئىنكاسىدۇر ھاياتنىڭ، جان ئۈچۈن لەززەت،
ئىلھام بېرىپ ۋىجدانغا، تەۋرەتسۇن خسلەت،
سازەندىنىڭ قولىغا بەرمىسۇن ھېچ دەرت،
كۆڭۈل مەيلىنى سازىڭ ئىشقى قىلسۇن ئىشغال، سازەندىم.

مۇقام-سەنەم، سەن بول بىر ئاشىق غېرىپ،
ئۇچرىشىشقا ئالدىرا ۋۇجۇدۇڭ بېرىپ،
مۇھەببەتنىڭ مەنزىلىدە يۈر كۆكىرەك كېرىپ،
ھەر قەدەمدە ئۈنچە-مارجان، ياقۇتلار تېرىپ،
شانۇ-شەۋكەت زىمىنىدا ئوتۇر نىھال، سازەندىم.

ۋەتەن، خەلق ئۈچۈندۇر دائىم بىزنىڭ ئېشىمىز،
ئازات تۇرمۇش ئاشنىسى بولدى ھەر بىر كىشىمىز،
ھور مەقسەتلەر يولىدا بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز،
ئىجات ئېتشتۇر ھارماي يېپ-يېڭىنى زىكرىمىز،
قوبۇل ئەيلەڭ شېئىرىمنى، سىز بىمالال، سازەندىم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.