Skip to content

2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆلىمالار

2018-يىلى ئۆكتەبىرگىچە ۋەتەندىن ئېلىنغان ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى ئۆلىملارنىڭ ئاساسەن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. 2020-يىلى ئاپىرىلنىڭ بېشىغىچە ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 28 مىڭدىن ئارتۇق ئۆلىما ياكى ئەھلى ئىلىم ياكى دىندار زات تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى ساھەلەر بويىچە ئايرىغاندا دىھقانلار ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا دىندىن ئازراق تەلىم ئالغان ياكى تەلىم بەرگەن كىشىلەر قامالغان. بىز مەزكۇر ئۆلىمالارنى پائالىيەت سورۇنى بويىچە تىزىپ تۆۋەندىكىچە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ تىزىملىك بىر قانچە قېتىم يېڭىلانغاندىن كېيىن 2019-يىلى مارتتىن كېيىن تولۇقلىنىپ باقمىدى. بۇ ئايدىن باشلاپ بىر تولۇق تىزىملىك تۇرغۇزۇپ چىقىش قارار قىلىندى. بۇ تىزىملىككە ئاساسەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەمكارلىقىدا بىر دوكىلات يېزىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنماقچى. دوستلارنىڭ بۇ تىزىملىككە تەپسىلى بىر قاراپ چىقىپ، 1. ئىسمى- فامىلىسى يوقلارنى تولۇقلاپ بەرسە، 2. قىسقىچە تەرجىمھالىنى ئەۋەتىپ بەرسە، 3. تىزىملىككە كىرمەي قالغانلارنى تولۇقلاپ بەرسە بىر بەت ئۈچۈن ئۆز يېنىمدىن  15 لىرادىن ھەق بېرىمەن.

بۇ تىزىملىكتە بۆرتالا، ئالتاي، قارىماي، سانجى قاتارلىق يۇرتلاردىن تۇتۇلغان ئۆلىملارنىڭ ئىسىملىكى يوق، سەۋەپ بۇ يۇرتتىن مەلۇمات بېرىدىغانلارنىڭ بولمىغانلىقىدىن. تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلاردىن تۇتۇلغان ئۆلىمالارنىڭ تىزىمغا ئېلىنغىنى پەۋقۇلاددە ئاز، بۇمۇ شۇ مەلۇمات بەرگۈچىنىڭ بولمىغانلىقىدىن. بۇ توغرىدا مەلۇماتلارنىڭ بېرىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن- ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۈرۈمچىدە پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

  1. ئابدۇسەمەت ساۋۇت، 1974-يىلى تۇغۇلغان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن، 2017-يىلى مايدا تۇتۇلغان. ئەزكا تاماقخانىسى خوجايىنى، دەۋەتچى، زىيالىلار ۋە ئاۋام ئارىسىدا تونۇلغان ئۆلىما، 1996-يىلدىن 2007-يىلغىچە مىسىردا ئەزھەر ئۇنۋىرستىتىنى پۈتتۈرگەن.
  2. يۈسۈپجان ئابىدىن، ئىسلام ئېنىستىتۇتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، 1998- يىللىرى مەكتەپتىن قوغلانغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولغان.
  3. ئابىدىن ئايۇپ، ئاتۇشتىن، 90 ياشتىن ئاشقان، 2018-يىلى تۇتۇلغان. پىشقەدەم ئۇستاز، ئارتۇچتىن ئۈرۈمچىدە تۇرىدۇ.
  4. مۇھەممەت ئابدۇللا داموللام، خوتەن گۇما ناھىيەسىدىن، 2015- يىلى كېسىلگەن، ئاقسۇ تۈرمىسىدە. يېتىشكەن ئۆلىما، ئىسلام ئىنىستۇتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى.
  5. ئابلىپىز ھاجىم، خوتەن گۇما ناھىيەسىدىن، ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان ئۆلىما، مىسىرغا چىقىپ باللىرنى ئوقۇتقانلىقى، ئۆلىما بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان.
  6. ئەخمەتجان داموللام، خوتەن گۇما ناھىيەسىدىن، ئۈرۈمچى كونچى مەسچىتنىڭ ئىمامى خاتىپى، 2014- يىللىرى مىسىر، تۈركىيەگە چىققانلىق سەۋەبتىن كۆپ ئاۋارە قىلىنىپ ئاخىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن.
  7. ئابدۇقاھار داموللام (گۆرمەزنىڭ ئارقىسىدىكى ساقاللىق كىشى)، ئاقسۇدىن، 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، تۇتقۇن قىلىنغۇچە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
  8. ئەخمەتجان داموللام، ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان دەۋەتچى، 2017-يىلى تۇتۇلغان. خىتاي شەھەرلىرىدە دەۋەت بىلەن مەشغۇل بولغان.
  9. ئابدۇۋەلى قارىم، ئارتۇچتىن شەھەر ئىچىدىن، ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان دەۋەتچى.
  10. ئابدۇۋەلى قارىم، ئاقسۇ شاھياردىن، ئۈرۈمچىدە ياشىغان، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان.
  11. ئابدۇۋاھاپ داموللام، ئۈرۈمچى جىگدىلىك مەسجىدنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى تۇتۇلغان. ئۇزۇن يىللىق خاتىب بولغان، ئىزچىل ھاكىمىيەتكە ماسلاشقان ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان.
  12. رەجەپ كېرەم داموللام، 1971-يىلى تۇغۇلغان، غۇلجا بايتۇقايدىن، ئۈرۈمچىدە ئوقۇتۇش بىلەن مەشغۇل. 2014-يىلى سىنتەبىردە تۇتۇلغان.
  13. ئابدۇۋەلى ھاجىم، مىسىردا ئوقۇغان، يۇرتىغا بارغاندىن كىيىن ئىز دىرىكى يوق.
  14. ھەبىبۇللاھ توختى، 1979-يىلى تۇغۇلغان، قەشقەر يىڭىسار ناھىيەسى ساغان يىزىسىدىن، 2017- يىلى تۇتۇلغان، 10 يىللىق كېسىلگەن. شائىر، ئەدىب ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتۇرى. 2015- يىلى ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتى ئەرەپ ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتوتىدا ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. (يازغان ۋە يازماقچى بولغان ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى لازىم).
  15. ئادىل ھاجى، ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسىدىن، ئىسلام ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، مىسىر ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىنى پۈتتۈرگەن.
  16. شاھابىدىن ھاجى. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە ھاراپ يېزىسىدىن، ئۈرۈمچىدە ئىسلام ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى.
  17. تۇرسۇن داموللام. قۇمۇللۇق، ئۈرۈمچى كىچىك قۇۋۇق يەنى شياۋشىمىن مەسچىتنىڭ ئىمامى، 2017- يىلى تۇتۇلغان.
  18. شەمسىدىن داموللام، ئۈرۈمچى خېجىياسەن مەسجىدىنىڭ ئىمامى، 2017- يىلى لاگىرغا قامالغان. داڭلىق ئۆلىما نەنمىن مەسجىدىنىڭ ئىمامى مەھمۇد داموللامنىڭ ئوغلى.
  19. ئابدۇغۇپۇر داموللام، ئۈرۈمچى بەيتۇللاھ مەسچىتىنىڭ 12 يىللىق سابىق ئىمام – خەتىپى، 2012- يىلى قانۇنسىز ھەج قىلغانلىق سەۋەپتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، 2017- يىلى تەربىيلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە تەخمىنەن بىر يىلدىن كىيىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە تۇتقۇن قىلىنغان.
  20. ئەھمەت داموللام گۇچۇڭ ناھىيەلىك چوڭ ئۆلىما، گۇچۇڭ بازار ئىچى – سىرتىدا تونۇلغان جامائەت ئەربابى، 2015 – يىلى تۇتۇلغان.
  21. ئابلىمىت داموللام، گۇچۇڭ ناھىيىسىدىن، ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، 15 يىللىق كىسىلگەن.
  22. ئابدۇرېھىم داموللام، ئۈرۈمچى چوڭ كۆۋرۈك مەسچىتنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى تۇتۇلغان، ھازىر تۈرمىدە، قانچىلىك كېسىلگەنلىكى نامەلۇم.
  23. ئۆمەرئىلى داۋۇت، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنى چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمام ھەم مەزىنى، 2017-يىلى تۇتۇلۇپ 2019-يىلى جەستى ئائىلىسىگە بېرىلگەن.
  24. ئابابەكرى ھاجى (رەسىمدە مەھمەت گۆرمەزنىڭ سول تەرىپىدىكى بادام دوپپىلىق كىشى)، 1975-يىلى تۇغۇلغان، ئاتۇشتىن، 1992- يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، 2002- يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
  25. ئابلەت قۇربان، (گۆرمەزنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئاق كاستيۇملۇق بادام دوپپىلىق كىشى)، 1971- يىلى تۇغۇلغان، يەكەندىن، 2018-يىلى غايىب بولغان. 1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، غايىب بولغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
  26. مۇھەممەت ئىمىن ئابدۇللاھ، مارالبىشىدىن، 2003- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، 2008-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە مىسىردا ئوقۇغان، قايتقاندىن كىين ئوقۇتقۇچى بولغان. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يەنى 2004-يىللىرى مىسىردىكى خەلقئارالىق قىرائەت مۇسابىقسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن.
  27. سەيد ئۆمەر، 1981-يىلى تۇغۇلغان، قەشقەر قاغىلىقتىن، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىز دېرىكى يوق. 1995-يىلىدىن 1998غىچە قەشقەر دىنى مەكتەپتە، 1998دىن 2002غىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، 2006 ئىسلام ئىنىستوتىغا ئوقۇتقۇچى بولغان، 2007 خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان، كىين يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، 2017نىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئىز دىركى يوق.
  28. مۇھەممەد كىرەم، 1970-يىلى توغۇلغان، تۇرپاندىن، ئۈرۈمچىدە پائالىيەت قىلغان، 2018- يىلىدىن باشلاپ ئىز دېرىكى يوق. 1995دىن 2000غىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، 2009 ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.
  29. ئىسراپىل ئابدۇقادىر، 1982-يىلى تۇغۇلغان، يەكەندىن، ئۈرۈمچىدە مەسچىت ئىمامى، 2017- يىلى تۇتۇلغان. 2002دىن 2005غىچە قەشقەر دىنى مەكتەپتە، 2005دىن 2010غىچە ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين ئۇرۇمچىدە بىر مەسچىتتە ئىمام بولغان.
  30. ئالىمجان ئابلىمىت، 1974-يىلى تۇغۇلغان، قەشقەر شەھرىدىن، ئۈرۈمچىدە پائالىيەت قىلغان، 2017- يىلىنىڭ ئاخرىدىن باشلاپ ئىز دېرىكى يوق. 2000دىن 2005 گىچە ئىسلام ئىنستىتوتىدا ئوقىغان، 2006- يىلى ئىسلام ئىنستىتوتىغا ئوقۇتقۇچى بولغان. «ئەرەپ تىلى گىرامماتكىسى» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتۇرى.
  31. ئابدۇقادىر تۇرسۇن، قەشقەر پەيزىۋاتتىن، 1978 – 1980 يىللىرى تۇغۇلغان، 2018- يىلىدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى يوق. 1996دىن 1999غىچە قەشقەر دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان. 2000دىن 2005 گىچە ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، 2006 يىل ئىسلام ئىنستۇتىغا ئوقۇتقۇچى بولغان.
  32. تاھىر ئابدۇقادىر، ئاقسۇ كۇچادىن، ئۈرۈمچىدە پائالىيەت قىلغان، 2017-يىلىدىن كېيىن ئىز دېرىكى يوق. ئىسلام ئىنىستىتۇتى بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىسى، شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. «ئەرەپ تىلى ئۆگنىش قائىدسى» دېگەن كىتاپنىڭ ئاپتۇرى.
  33. ياقۇپچان ئەزىر، 1974-يىلى تۇغۇلغان، كورلىدىن، ئۈرۈمچىدە ئوقۇتقۇچى، 2017-يىلىىنىڭ ئاخرىدىن باشلاپ ئىز دېرىكى يوق. 1988 دىن 1992 گىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان.
  34. ئابدۇلباسىت ئابلىكىم، 1990-يىلى تۇغۇلغان، خوتەن قاراقاشتىن، 2017 -يىلى 6- ئايدىن بىرى ئىز دىركى يوق. 2005دىن 2010غىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، 2011دىن 2016گىچە ئەزھەر ئونۋىرسىتىدا ئوقۇغان، 2016- يىلى 12- ئايدا ئىسلام ئىنىستوتىغا ئوقۇتقۇچى بولغان.
  35. تالىپچان بارات، ئاقسۇ كۇچادىن. 1986-يىلى تۇغۇلغان، 2017-يىلى 4- ئايدىن بىرى ئىز دىركى يوق. 2005دىن 2010غىچە ئىسلام ئىنىسوتىدا ئوقۇغان. 2011دىن 2016 گىچە ئەزھەردە ئوقۇغان، 2016-يىلى 12- ئايدا ئىسلام ئىنستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچى بولغان.
  36. ئابلېتىپ رېھىم (阿布力提甫。 热衣木)، 1985-يىلى توغۇلغان، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچار ناھىيەسىدىن، 2017- يىلى تۇتۇلغان. باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە كۇچاردا ئوقۇغان. 2003- يىلى ئىسلام ئىنستۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 2008-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە بېيجىڭدا بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندا مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرستىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2016-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئەرەب ئىسلام تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە مىسىر پەتىۋا كېڭىشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشقا يۈزلىگەن ئەزھەرىيلەرگە ئوخشاشلا «مىسىردا ئوقۇغان» لىق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋىرى يوق.
  37. سادىق خالىق (沙地克。哈力克)، 1985-يىلى تۇغۇلغان، تۇرپان شەھرىگە قاراشلىق قارغوجا يېزىسىدىن، 2017- يىلى تۇتۇلغان. باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە تۇرپاندا ئوقۇغان. 2003- يىلى ئىسلام ئىنستۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 2008-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە بېيجىڭدا بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندا مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرستىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2016-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتى شەرىئەت ۋە قانۇن فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتى تۇرپانغا قايتقان. 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشقا يۈزلىگەن ئەزھەرىيلەرگە ئوخشاشلا «مىسىردا ئوقۇغان» لىق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋىرى يوق.
  38. ھەبىبۇللاھ شاھى مەردان، تۇرپاندىكى شاھى مەردان داموللامنىڭ ئوغلى، ئۈرۈمچىدە ئىمام، 2017- يىلى 3- ئايلاردا تۇتۇلغان. 10-15 يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى جىگدىلىك مەسچىتنىڭ ئىككىنچى ئىمامى ۋە مۇئەززىنى، ئۇچۇرنى تەمىنلىگۈچى ئوغلى بولۇپ، 2017-يىلىدىن بۇيان دادىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان، 2017- يىلى 3-ئايلاردا تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

ئۈرۈمچى: 38 نەپەر

غۇلجىدا پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

  1. ئابدۇشۈكۈرھاجىم، 2017-يىلى تۇتۇلغان. 2000- يىللىرى تۇتۇلۇپ 10 يىل تۈرمىدە ياتقان، دوكتۇر ھەبىبۇللاھ توختىنىڭ قەيىن ئاتىسى، تونۇلغان دەۋەتچى ھەم سابىق ئىمام، 2017- يىلى تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە خەۋىرى يوق، بۇ كىشى ئائىلىسىدىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم.
  2. ئىلشات ئەكرەم، غۇلجا جىلىليۈزىدىن، ناھىيىلىك چوڭ جامەنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
  3. مۇھەممەت ئىمىن، جىلىليۈزدىكى بىر مەسجىتنىڭ ئىمامى، تۇتۇلۇپ كەتكەندىن بىرى خەۋىرى يوق.
  4. رەھمەتۇللاھ قارىم، 2016- يىلى تۇتۇلغان ۋە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
  5. قۇدرەت قارى ھاجىم، غۇلجا ئاغۇ مەھەللە چۇڭ مەسچىتكە ئىمام بولغان. 2017- يىللاردا خىتتاي بازىرى مەسجىد ئىماملىقىنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا 20 يىللىق كىسىلگەن.
  6. قۇددۇس قۇدرەت، غۇلجا، مىسىردا ئوقۇۋاتقان، 2017-يىلى مەجبۇرى چاقىرتىلىپ تۇتۇپ ئەكىتىلگەن 2 يىلدىن بىرى خەۋىرى يوق.
  7. ئابلەت قارىھاجىم، غۇلجا، 2019-يىلى كۈزدە سىنتەبىردە نەزەربەنتتە تۈرمىدە قازا قىلغان. بۇ ئۇستازدا ئوقۇغان 100 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ تۇتقۇنلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇمات يوق.
  8. ئابدۇساتتار شەمشىدىن، غۇلجا، 2017-يىلى تۇتۇلغان، 15 يىللىق كېسىلگەن. شىنجاڭ ئىسلام ئېنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر غولجا شەھەرئالتەشۇئار مەھەللە قۇدۇق مەسچىدىدە ئىمام بولغان.
  9. ئەزىمەت قارىم، غولجا شەھرى تاڭشاڭ مەسچىدىدە خاتىپ بولغان، 2016- يىل ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ 15 يىل كىسىلگەن.
  10. ئىبراھىم قارى ھاجىم، غولجا شەھرى خەنزۇ بازار تاختاي مەھەللە مەسچىدىدى ئىمامى، 2014- يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىرغىچە ئىز دىرىكى يوق . ئۇستا تىۋىپ.
  11. نۇر مەمەت قارىم، غۇلجا شەھەر بەشكىرەم مەھەللە مەسچىدى ئىمامى، 2014- يىل كۆپ پەرزەنتلىك بولغان دىگەن باھانە بىلەن تۇتۇقۇن قىلىنىپ ھازىرغىچە ئىزدىرىكى يوق .
  12. ئابدۇللا قارى، غۇلجا، 2017-يىلى تۇتۇلغان. ھىندونوزىيەدە بىر ئەرەپچە ئۇنىۋىرسىتىدە ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەن، كىيىن يەمەندە بىلىم ئاشۇرغان، 2017-يىل چەتئەلگە چىقىپ ئوقىغانلىقى سەۋەبى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ 10-يىل كىسىلگەن. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئىنتىزارمۇ مىسىرغا چىقىپ ئوقۇغانلىقى سەۋەبىدىن 10-يىل كىسىلگەن .
  13. ئابدۇقاھار داموللا، غولجا شەھەر كۈنچى مەسچىت ئىمامى، 2017- يىل تۇتقۇن قىلىنىپ 10 يىل كىسىۋىتىلگەن.
  14. ھەبىبۇللاھ قارىم، غۇلجا، 2016-يىلى تۇتۇلغان. چىڭسىخوزا 4-كەنىت 2-گۇرپا مەسچىد ئىمامى. 2014- يىل تۇتقۇن قىلىنغان. 2016-يىلى قويۇپ بېرىلىپ قايتا تۇتقۇن قىلىنغان.
  15. ئابدۇراھمان قارى، غۇلجا، 2015-يىلى تۇتۇلغان. چىڭسىخوزا 4- كەنىت 3- گۇرپا. 2015-يىل تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىغىچە ئىزدىرىكى يوق.
  16. ئابدۇلكەرىم قارىم، غۇلجا، 2017-يىلى تۇتۇلغان، 20 يىللىق كېسىلگەن. چىڭسىخوزا 4- كەنىت 3- گۇرپا مەسچىت ئىمامى .
  17. ئابلىكىم داموللام، غۇلجا، 2014-يىل تۇتقۇن قىلىنغان، 4 يىل كىسىلگەن، ھازىرغىچە خەۋىرى يوق.
  18. مۇھەممەت ئابدۇراخمان، غۇلجا، 2017-يىلى تۇتۇلغان، 20 يىللىق كېسىلگەن. غۇلجا شەھەر قورۈغاس ناھىيە سۈيدۇڭ بازىرى رۇشەنباغ مەھەللە ساي مەسچىتنىڭ 2011-2012 يىلىدىكى ئىمامى.
  19. سەلەيجان تۇرسۇن، غۇلجا شەھەر خاگوسەن مەسچىتنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى ئىيۇندا تۇتقۇن قىلىنىپ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
  20. ئابدۇراخمان ئەيسا، 26 ياش، غۇلجا، 2015 تۇتۇلغان. ئىلى ئوبلاستى چىڭسىخۇزا بازرى 4- دادۇيدە ئولتۇرۇشلۇق، 2014-يىلى سەئودى ئەرەبىستان مەدىنە ئىسلام ئونۋىرسىتىغا قوبۇل بولغان 2015- يىلى ۋەتەنگە تەتىل سەۋەپلىك قايتقاندىنكىيىن قولغا ئىلىنغان ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم.
  21. ئەنۋەر داموللام، غۇلجا شەھرى بايانداي بازرى جاڭزا مەھەلىسى ئىمامى، 2017-يىلى تۇتۇلۇپ كىسىلگەن قانچىلىك كىسىلگەنلىكى نامەلۇم.
  22. ئابدۇلھەكىم داموللام، خوتەن گۇمادىن، غۇلجا شەھرى سۇيدۇڭ بازرى لەنگەر مەھەلىسىدە ئولتۇرۇشلۇق، 2015- يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى خەۋەر يوق.
  23. ھەسەن قارى، 50 ياش، غۇلجا شەھرى جىگدىلىك مەھەللە مەسچىتى ئىمامى، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىرقى ئەھۋالى ئېنىقسىز.
  24. ئابدۇسالام قارىم، غۇلجا ناھىيە ئۈچئون يېزا مەسچىتنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى ئىىككى ئوغلى بىلەن تۇتۇلغان ۋە 25 يىللىق كېسىلگەن.
  25. مۇھەممەد ئەمىن، غۇلجا ئۈچئون يېزىسىدىن، دىنىي دەرس بەرگەنلىكى ئۈچۈن 10 يىل كىسىۋېتىلگەن.
  26. مىرزەخمەت، غۇلجا ئۈچئون يېزىسىدىن، مەھەللە ئىمامى.
  27. زاكىرجان، غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن يېزا بەشئون كەنتىدىن، دىنىي ئوقۇغۇچى، بەش يىل كېسىلگەن.
  28. ئىسراپىل قارىم، غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن يېزىسى مەمەيۈزى كەنتىدىىن، 10 يىل كېسىلگەن.
  29. قۇرۋانجان قارىم، غۇلجا شەھەر ئارادادامتۇ يۇقارقى مەسچىت ئىمامى، 2017- يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز – دېرىكى يوق.
  30. ئىسمايىل قارى ھاجىم، غۇلجا شەھەر ئارا دادامتۇ تۆۋەنكى مەسچىت ئىمامى، 2017- يىلى تۇتۇلغان.

غۇلجا: 30 نەپەر

 

تۇرپاندا پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

  1. سىراجىدىن داموللام، تۇرپان، لاگىرغا قامالغانلىقى دىيىلمەكتە، (كىم؟ تەرجىمھالى كېرەك)
  2. فاتىمە سىراجىدىن، تۇرپان، سىراجىدىن داموللامنىڭ قىزى مىسىردىن قايتقاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان.
  3. سادىقجان سىراجىدىن، تۇرپان، سىراجىدىن داموللامنىڭ كۈيئوغلى مىسىردىن قايتقاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان.
  4. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، تۇرپان، 2017-يىلى تۇتۇلغان. مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىنىسى ئابدۇساتتار ھاجىمنىڭ نەۋرىسى. 2017-يىلى مارتتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مۇزىيى سېلىش ئۈچۈن تۇرپانغا قايتقان ۋە ئاپرىلدا تۇتقۇن قىلىنغان.
  5. ئەلى ۋەلى، تۇرپان شەھرىدىن، 1986-يىلى تۇغۇلغان، 2017-يىلى تۇتۇلغان. 2005دىن 2010غىچە ئىسلام ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان، 2011 دىن 2016 گىچە ئەزھەردە ئوقۇغان. 2016 ۋەتەنگە قايتقان، 2017-يىلى 4-ئايلاردىن كىين ئىز دىركى يوق.
  6. مۇھەممەد ئىسمائىل، كىملىك نومۇرى (652101194310101812)، تۇرپان شەھەر ئۈزۈمچىلىك بازار بۇلاق كەنت 2- كەنت (ئاخۇن كارىز) مەسچىتىنىڭ كونا ئىمامى. ئىماملىق قىلغان ۋاقتى 2011-يىلىدىن 2016- يىلىغىچە. 2018- يىلى 5- ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2019-يىلى يانۋاردا قويۇپ بېرىلگەن.
  7. ئەھمەد مۇھەممەد (مۇھەمەد ئىسمائىلنىڭ ئوغلى)، كىملىك نومۇرى: (652101196008151834)، تۇرپان شەھەر ئۈزۈمچىلىك بازار بۇلاق 2- كەنت (ئاخۇن كارىز) مەسچىتىنىڭ يېڭى ئىمامى. ئىماملىق قىلغان ۋاقتى 2012-يىلىدىن 2016- يىلىغىچە. بالا ئوقۇتقانلىق سەۋەب بىلەن ئىماملىقى بىكار قىلىنغان. 2017- يىلى 5- ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2019-يىلى يانۋاردا قويۇپ بېرىلگەن.
  8. مۇھەممەدئەلى تۇرسۇن(مەمتېلى تۇرسۇن)، كىملىك نومۇرى: (652101197010011317) خىتايچە ئىسمى: (买买提艾力.吐尔逊)، تۇرپان شەھەر يار بازار يېڭى مەھەللە 4 – كەنت (كونا شاللىق 3- كەنت) جۈمە مەسچىتىنىڭ ئىمامى. 1995- يىلى تۇتۇپ كېتىلگەنگە قەدەر (22 يىل) ئىماملىق قىلغان. ھەر جۈمە كۈنى خاتىپلىق قىلغان. 2017- يىلى 6 يىللىق كېسىلگەن. 2014- يىلىدىن باشلاپ، شۇ مەھەللىدىكى ئۈچ ئورۇندا كونا ماسچىتلەرنى يېڭىلاش ئۈچۈن بارلىق رەسمىيەتلەرنى ھازىرلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىئانە توپلىغان. مەسچىت مۇقەددەس جاي بولغاچقا ئۇيغۇر ئۇستىلارنى ئىشلىتىش مەقسىتىدە ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان، لېكىن يەنىلا خىتاي ئاقمىلارنى ئۇستا قىلغان. مەسچىت 2016- يىلى پۈتكەن. كېيىن مەسچتىنىڭ پەشتاق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەسمىيەت ئېلىش ئۈچۈن مېڭىشقا باشلىغان. 2015- يىللاردىن باشلاپ ھويلا ۋە دەرۋازىغا سەۋەبسىز ئىككى كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغان. ئىككى قېتىم سەۋەبسىز سوراق قىلىنغان. بىر قېتىملىق بىر كېچە كۈندۈز ئاچ ۋە سۇسىز قويۇلغان. 2017- يىلى 2- ئايلاردا ئوغلىنى ئىچكىرى ئۆلكىگە ئۇزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا كەينىگە ئادەم چۈشكەنلىكى مەلۇم. 2017- يىلى 24-مارت ئەتتىگەندە ئوغلىغان تېلىفۇن قىلغاندىن كېيىن، «يىغىن» ئۈچۈن شۇ يەردە تۇتقۇن قىلىنغان. شۇ يوقاپ كەتكەنچە خەۋىرى بولمىغان، 2017-يىلى ئۆكتەبىردە كورلىدىن بىر پارچە خەت بىلەن ئۇنىڭ خەۋىرى ئۆيىگە يەتكۈزۈلگەن. خەتتە 2017- يىلى 8- ئايلاردا سوتلانغانلىقى، «ئۆكتەملىك جىنايىتى» بىلەن 6 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ھازىر كورلىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
  9. ساتتار ساۋۇت، 1968- يىلى توغۇلغان، پىچان ناھىيە پىچان يېزا 10- كەنت 2- گۇرۇپپا، 2- گۇرۇپپا چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى 11-، 12- ئايلاردىن باشلاپ ئائىلە بويىچە (ئوغلى نۇرمەمەت ساتتار ۋە ئايالى، كىچىك قىزى ۋە يولدىشى، كىچىك ئوغلى) ئىز – دېرىكى يوق،
  10. سېتىئەم داموللام، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى رەستە مەسجىد ئىمامى. 2018- يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.
  11. ماھمۇد داموللام، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى يار بازار قىزىليۇلتۇز يېزا مەسجىد خاتىپى، ۋاقتى: 2010- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە.

تۇرپان: 11 نەپەر

 

ئىزاھات: تۇرپاننىڭ بىر شەھەر ۋە ئىككى ناھىيىسى بار، بۇ تىزىملىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سۈرۈشتە قىلىندى، ئەمما بۇ تىزىملىككە قىزىققان تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدىن بىرمۇ ئ‍ادەم چىقمىدى. شۇڭا تۇرپان تەۋەسىدىن بولغان قېرىنداشلارنىڭ ياردەمدە بولۇشىنى سورايمىز.

 

قەشقەردە پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

  1. نۇرۇللا ئابلىمىت، قەشقەر، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. ئابلىمىت داموللامنىڭ ئوغلى، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتكۈزگەن. 2017-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
  2. رەھمۇتۇللاھ قاراجىم، قەشقەر، 2017- يىلى تۇتۇلغان. ئابلىمىت داموللامنىڭ ئىنىسى، داڭلىق قۇرئان مۇڭدارى ۋە ھافىز، ئاكىسى بىلەن 2017-يىلى سولانغان پىتى خەۋىرى يوق.
  3. نەسرۇللاھ قارىم، قەشقەر، 2017- يىلى تۇتۇلغان. رەھمۇتۇللاھ قاراجىمنىڭ ئوغلى، 1998- يىلى بىر قىتىم تۇتۇلۇپ 2 يىل تۈرمىدە ياتقان سەۋەبى تەبلىغ تىڭشىغان.
  4. جارۇللاھ رەھمۇتۇللا، قەشقەر، 2017-يىلى سولانغان پىتى خەۋىرى يوق. مەدىنە ئىسلام ئۇنۋىرستى قۇرئان كەرىم فاكۇلتىتنى پۈتتۈرگەن.
  5. جالالدىن ئابلىمىت، قەشقەر كونا شەھەر بۇلاق يېزىسىدىن، 2017-يىلى تۇتۇلغان. ئابلىمىت داموللام قۇرغان سابىق تىل تىخنىكۇم مەكتىپىنىڭ ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى. ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق.
  6. مۇھەممەد سىدىق ئابلىمىت، قەشقەر، داڭلىق قارى بولۇپ 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق.
  7. ئىمام قاراجىم، 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق. مەرھۇم ئابلىمىت داموللامنىڭ شاگىرتى بۇرۇنقى تىل تىخنىكۇم مەكتىپىنىڭ ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى.
  8. روزاجىم، قەشقەر، 2017- يىلى تۇتۇلغان. ئابلىمىت داموللامنىڭ شاگىرتى قەشقەر شەھرى جان قورغان كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق.
  9. مىجىت قارى، قەشقەر قىزىل دۆۋىدىن، 2017- يىلى تۇتۇلغان. بىزەكچى، بۇ كىشىمۇ ئابلىمىت داموللامنىڭ ھاگىرتى كۆپ قىتىم تۇتۇلغان.
  10. ئابدۇرھىم بۇرھان، قەشقەر شەھرىدىن، 2017- يىلى تۇتۇلغان. مىسىردا ئوقۇغان ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىنىڭ 2005 – يىىلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى.
  11. مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخسۇم، قەشقەر شەھرى چاپان بازىرى مەسجىدنىڭ سابىق ئىمامى، ھىيتىگاھ مەسجىدنىڭ مۇتەۋەللىسى، پۈتۈن يىقىنقى دەۋىردىكى ئۆلىمالارنىڭ ئۇستازى سۇلايمان ئاخون داموللامنىڭ ئوغلى، سۈرۈشتىسىنى قىلىش لازىم.
  12. مۇزەپپەر قارىم، قەشقەر، 2015- يىلى تۇتۇلۇپ كىسىلگەن. تونۇلغان دەۋەتچى، كۆپ قىتىم تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان، دائىملىق نازارەت ئوبىكتى.
  13. مەمتىمىن سېيىت، قەشقەر، سۈت قايماق كوچىسى مەسچىتىنىڭ خاتىپى، 20 يىللىق كېسىلگەن، ئوغلىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئوغلى ۋە ئايالى 2017-يىلى قەشقەر شەھرىدە سازايى قىلىنىپ دادىسىغا قارشى سۆزلىتىلگەن.
  14. ئابلىز قارى، قەشقەر، تۆت بالىسى بىلەن كېسىلگەن. (تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەلۇماتى لازىم)
  15. ئابدۇراھمان قارى ئاچچىق، قەشقەر،
  16. ئابدۇقەييۇم قارىھاجىم، قەشقەر، ياغبازىرى مەسچىتنىڭ ئىمامى،
  17. ئەبەيدۇللاھ قارىھاجى، قەشقەر، ياغبازىرى مەسچىتنىڭ مەزىنى،
  18. ئالىمجان مەمتىمىن، قەشقەر شەھەر دۆلەتباغ يېزىسىدىن، 2017-يىلى تۇتۇلغان. يەمەن ئەل ئىمەن ئۇنۋىرىستىنى پۈتتۈرگەن.
  19. ئۆمەر قارىم (قىلىچ)، قەشقەر شەھىردىن، 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق ، قەشقەردە ئاشخانا ئاچقان.
  20. مەھمۇت قارىم، قەشقەر،2017- يىلى تۇتۇلغان. ئەسكى ھىسار بۇتخانا مەسجىدنىڭ ئىمامى، قەشقەر ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  21. قۇربان قاراجىم، قەشقەر شەھەر دۆلەتباغ يىزىسدىن،بۇ كىشى ئەھلى ئىلىم بولۇپ 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق.
  22. قۇربان قارىم، قەشقەر دۆلەتباغ يىزىسدىن، 2017- يىلى تۇتۇلغان. ئارىسلانخان جامەنىڭ خەتىبىنىڭ كۈي ئوغلى، تۇرمىگە كۆپ كىرىپ چىققان، شۇ سەۋەپتىن 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
  23. ئوسمان قارىم، قەشقەر شەھىرى بۇلاقسۇ6-كەنىتنىڭ ئىمام خاتىبى، 2017-يىلى14يىللىق كىسىلگەن، بۇ كىشى بۇلاقسۇ يىزىسنىڭ ئاتالمىش تۆت پىشقەدەم ئۇنۋانى بىرىلگەن مۆتىۋەر.

تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرى كېرەك

  1. مەتنىياز قارىم، قەشقەر، نەزەرباغ 11.كەنت 4. مەھەللە ئىمامى.
  2. تەۋەككۇل قارىم، قەشقەر، كەنت 3-مەھەللە ئىمامى.
  3. ياسىن ئابدۇللا، قەشقەر خاڭدى يىزا 4كەنت 5-مەھەللە مەسجىت ئىمامى.
  4. ئىدرىس قارى، قەشقەر  خاڭدى 4.كەنت 5.مەھەللە ئىمامى . 5 يىللىق كىسىلدى.
  5. مەمەت قارى، قەشقەر، خاڭدى 3.كەنت7.مەھەللە (باغمەيدان)
  6. تۇرغۇن قارىم، قەشقەر، خاڭدى 2-كەنت 2-مەھەللە ئىمامى.
  7. مەخمۇت سەمەت، قەشقەر، خاڭدى 4-كەنت 2-مەھەللە ئىمامى.
  8. ئىمام قارىم، قەشقەر، 2017- يىلى تۇتۇلغان. تارغاقچى قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ يىزىسى مەللا خىنىم مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. قەشقەر ئىسلام،ئىنىستۇتىنى پۈتكۈزگەن، مەللا خىنىم مەھەللىسىدىكى چوڭ مەسجىدكە ئىمام ۋە خاتىپ بولغان. قەشقەردە 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئانا تىل كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە ئانا تىلنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىگەن.
  9. سادىق قارى ھاجىم، قەشقەر شەھىرى كەسكەن يار مەسجىد ئىمامى. (قاچان، قەيەردە ئۆلۈپ كەتكەن؟ سەۋەبى نېمە؟)
  10. ئۆمەرجان قارىم، قەشقەر، 2017- يىلى تۇتۇلغان. قەشقەردىكى تونۇلغان كاتتا ئۆلىما سادىق قارى ھاجىمنىڭ ئوغلى، كىچىك ياشلىرىدا قارى بولغان ۋە دادىسىدىن ئىلىم تەھسىل ئالغان، قەشقەر ئىسلام ئىنىستۇتىنى پۈتكۈزگەن، دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن دادىسىنڭ ئورنىغا ئىمام ۋە خاتىپ بولغان.
  11. ئابدۇغۇپۇر ھاجىم، قەشقەر، 2017-يىلى تۇتۇلغان، 16 يىللىق كېسىلگەن. قەشقەردىكى مەرھۇم ئۇلىما سادىق قاراجىمنىڭ ئۇغلى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىۇتىدا ئۇقىغان،قەشقەر دىنى مەكتەپتە ئۇستاز بۇلغان،مەكتەپ تاقىلىپ 2.ئۇلتىراق رايۇنىڭ ئىمام خاتىپ بۇلغان.
  12. ئابدۇسالام قارىم، قەشقەر، 2016- يىلى تۇتۇلغان. قەشقەر شەھىرى نوربىشى مەسجىتنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئوغلى دادىسى ۋاپات بولغاندىىن كىيىن نوربىشى مەسچىتتە مۇئەززىنلىك قىلغان.
  13. ئۆمەر قارىم، (ئۇچۇرلارنى تولۇقلاش كېرەك) قەشقەر، جەلا مەھەللىسى ئىمامى.
  14. ھاشىم ھاجىم، قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2017- يىلى تۇتۇلغان. قەشقەر ئىسلام ئىنىستۇتى ۋە ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستۇتلىرىنى پۈتكۈزگەن، ئالمىلىق باغ مەسجىدىدە خاتىپلىق قىلغان مەزگىللەردە جامائەت ئون مىڭدىن ئىشىپ كەتكەچكە ھۆكۈمەت خەۋپ ھىس قىلىپ خاتىپلىقتىن ئىلىپ تاشلىغان.
  15. تاھىرجان قارىم، قەشقەر، ھىيتگاھ جامەسى تۆت خاتىپىنىڭ بىرى، سەلەي داموللاجىمنىڭ نەۋرىسى.
  16. مەخسۇت داموللام، يەكەندىن، (قاچان تۇتۇلغان؟) 25 يىل كىسىلگەن.
  17. ئابلەت قارىم، قەشقەر، (قاچان تۇتۇلغان؟) 25 يىل كىسىلگەن
  18. ئابدۇقادىر مەخسۇم، قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلغان، 2017 – يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، 17 يىل كىسىم ئىلان قىلنغان. قەشقەردىكى كاتتا ئۆلىمالاردىن، قەشقەر ئىسلام ئىنىستۇتىنىڭ باش مۇدەررىسى ، قەشقەر ئىسلام جەمئىيتىنىڭ رەئىسى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ،قەشقەر ھىيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى بولغان 2011 -يىلى قۇرئان كەرىمنىڭ يىڭى ئىزاھلىق تەرجىمىسىگە قاتناشقان.
  19. ئىلياس قارى ھاجىم، قەشقەر شەھىرىدىن، 1976- يىلى تۇغۇلغان. 2018 – يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 8 يىللىق كىسىم ئىلان قىلىنغان. 2015- يىلى ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستۇتىغا مۇددەرىسلىككە قوبۇل قىلىنغان.
  20. نۇردىن قارىم، قەشقەر بۇلاقسۇ 2-كەنىتتىن، قەشقەر شەھرىدە تىجارەت قىلىدۇ، 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق.
  21. ساتتار قارىم، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيسى بۇلاقسۇ 1- كەنىتتىن، تۇتۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.
  22. ئىزىز قارىم، قەشقەر بۇلاقسۇ 9- كەنىتتىن، 2015- يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق.
  23. ئەمەتجان قارىم، قەشقەر كوناشەھەر سايباغ مەسجىدنىڭ خەتىبى، 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق.
  24. ئەمەتجان قارىھاجىم، قەشقەر بۇلاقسۇ قارىباغدىن، 2017-يىلى تۇتۇلغان. تىجارەتچى.
  25. ئابدۇقېيۇم قارىم، قەشقەر، قىزىلدۆۋە مەسچىتنىڭ ئىمام خاتىپى. 2017-يىلى تۇتۇلغان.
  26. ئابدۇراخمان ئابلىمىت، قەشقەر چىنىغاغ مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىما خاتىپى. 2017-يىلى تۇتۇلغان.
  27. مەمەتجان ئابلىمىت، قەشقەر شەھەر چىنىباغ يېڭى مەھەللە مەسچىتى ئىمامى، 2017-يىلى تۇتۇلغان.
  28. داۋۇت قارى، قەشقەر شەھرى بۇلاقبېشى مەسچىتنىڭ ئىمام خاتىپى. 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
  29. ئادىل ئىمام، قەشقەر شەھەر غەزىنچى بەگ مەسچىتىنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى تۇتۇلغان.
  30. ئەمەتجان قارىم، قەشقەر شەھەر چىنىباغ كىچىك مەسچىتنىڭ ئىمامى، 2017- يىلى تۇتۇلغان.
  31. شەمشىدىن قارىم، نەزەر باغ يېزا، كۆنچى مەھەللە كىچىك مەسچىتنىڭ ئىمامى
  32. تاھىر قارىم، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى مۇتىۋەللىسى، 2017-يىلى تۇتقۇن قىىلىنغان.
  33. ئابدۇغېنى سادىق، قەشقەر شەھەر كەسكەنيار مەسچىتنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى تۇتۇلغان.
  34. مۇسا قارىم، قەشقەر شەھەر، نەزەرباغ يېزا، مۇللازەدى مەسچىتنىڭ ئىمام خاتىپى. (تۇتۇلغان ۋاقتى؟ ئاقىۋىتى؟)
  35. پەيزۇللا ئابلىمىت، قەشقەر، مەرھۇم ئابلىمىت داموللامنىڭ ئوغلى، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
  36. ھىزىبۇللا ئابلىمىت، قەشقەر، مەرھۇم ئابلىمىت داموللامنىڭ يەنە بىر ئوغلى، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
  37. ئاتاۋۇللا قارىم، قەشقەر، 2017-يىلى تۇتۇلغان. ئالىمجان مەمتىمىننىڭ ئىنىسى، مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ ئوقۇغۇچىسى. قەشقەر شەھەرلىك 8- ئولتۇراق رايون مەسچىتىنىڭ ئىمامى. 2017- يىلى ئاكىسى بىلەن تەڭ تۇتۇپ كىتىلگەن.
  38. ئىسمايىل قارىم، 42 ياش، قەشقەر، خاڭدى سۆكىتاغدىن، نەزەرباغ موللازەدىدە جۈمە مەسچىتىنىڭ ئىمام خاتىپى، يېڭى بازاردە ئاسارەت ئەتىقە دۇكىنى ئاچىدۇ. (تۇتۇلغان ۋاقتى؟)
  39. ئابابەكرى قارىم، قەشقەر شەھەر خام بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق، 2014- يىلى 11- ئايدا تۇتۇلۇپ 5 يىللىق كېسىلگەن، ئاقسۇدا تۈرمىدە. خام بازىرى مەسچىتنىڭ ئىمامى، بالا ئوقۇتتى دەپ تۇتۇلغان.
  40. ئەيسا تۇرسۇن، قەشقەر خاڭدى يېزا 6- كەنىت جۈمە مەسجىد خاتىپى. (تۇتۇلغان ۋاقتى؟)
  41. نەسىردىن مۇسا، خاڭدى يېزىسىدىن، دەۋەتچى، (قاچان؟) كىسىۋېتىلگەن.
  42. تۇرغۇنجان قارىم، قەشقەر خاڭدى يېزا، جۈمە مەسچىت ئىمامى، خاڭدى يېزا 1- كەنت 5- مەھەللىدىن. (تۇتۇلغان ۋاقتى؟)
  43. مەمتىمىن قارىم، قەشقەر، خاڭدى يېزا 7- كەنتتىن، جۈمە مەسچىت ئىمامى، يېڭى بازاردا قۇرۇق يەل يىمىش دۇكىنى بار. (تۇتۇلغان ۋاقتى؟)
  44. قاسىم قارىم، قەشقەر، خاڭدى يېزا 3- كەنت 4- مەھەللە. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  45. ئىسمايىل قارىم، قەشقەر، قەشقەردىكى ئابلىمىت داموللامنىڭ ئىنىسى. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  46. ھاشىم ھاجى، قەشقەر شەھىرىدىن، 1978-يىلى تۇغۇلغان، 2017-يىلىنىڭ ئاخىردىن بىرى ئىز دېرىكى بولمىغان. 1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين قەشقەردىكى بىر مەسچىتتە ئىمام بولغان.
  47. ئادىل ئىمام، 1976-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، 2013-يىللاردا قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمسىگە يىقىن بىر مەسچىتتە ئىمام بولغان، 2017-يىلىنىڭ ئاخىردىن بىرى ئىز دېرىكى بولمىغان.
  48. ئابلەت قۇربان، 1971-يىلى تۇغۇلغان، قەشقەر يەكەندىن، 2018-يىلى غايىب بولغان. 1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن غايىپ بولغانغا قەدەر ئوقۇتقۇچى بولغان.
  49. مەمەت كىرەم، 1981-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، 2007-يىلى مەكتەپنىڭ ماسلاشتۇرشى بىلەن مىسىرغا ئوقۇشقا چىققان، 2008-يىلى مەدىنىدە ئوقۇغان، 2015-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايىتقان، 2017-يىلىنىڭ ئاخىردىن بىرى ئىز دېرىكى بولمىغان.
  50. ئوبۇلھاشىم ئوبۇلقاسىم، يەكەن ناھىيە چارەك بازارلىق چوڭ جامەنىڭ خاتىپى، 1965-يىلى يەكەن چارەكتە تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خوتەن ۋە گۇمىدا دىن ئوقۇغان، (ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى) 2008-يىلى يۇرتىغا بارغاندا چارەكتىكى چوڭ جامىنىڭ خاتىپلىقىنى قىلىۋاتقان، قوشۇمچە تىجارەتچى.
  51. ئەلى مۇھەممەد، 1986- يىلى پوسكام ناھىيسىدە تۇغۇلغان، 2003-يىلىدىن 2005 گىچە قەشقەر دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان، 2005دىن 2010غىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەھەللىسىدە ئىمام بولغان، 2017نىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئىز دىركى يوق.
  52. ئابدۇقادىر ئەبەيدۇللاھ، 1980-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان، 2018- غايىب بولغان. 2001دىن 2003كىچە يەكەن ئوقۇش نۇقتىسىدا ئوقۇغان، 2003دىن 2008غىچە ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يۇرتىغا قايىتقان، 2018نىڭ باشلىردىن بىرى ئىز-دېرىكى بولمىغان.
  53. مۇھەممەت ھامۇت، 1981- قەشقەردە تۇغۇلغان، 2017-يىلى تۇتۇلغان. 1999دىن 2002غىچە قەشقەر دىنى مەكتەپتە، 2003دىن 2008غىچە ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
  54. قاسىمجان يۈسۈپ، قەشقەر كونا شەھەردىن، 1984-يىلى تۇغۇلغان، 2017-يىلى 5-ئايدا تۇتۇلغان. 2003دىن 2008 گىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، 2008دىن 2015 گىچە ئەزھەردە ئوقۇغان، 2016 ۋەتەنگە قايتقان.
  55. مەخسۇم قارى، قەشقەر دۆلەتباغ 15- كەنت 6- گۇرۇپپىدىن. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  56. ياسىن قاراجىم، قەشقەر دۆلەتباغ 15- كەنت 2- گۇرۇپپىدىن. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  57. ئابلىكىم قارى (ئىككىنچى ئىسمى ھىكىم قارى)، قەشقەر دۆلەتباغ 15- كەنت، 3- گۇرۇپپا. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  58. ھەسەنجان ئەسئەت قارىم، قەشقەر دۆلەتباغ 15- كەنت، 4- گۇرۇپپىدىن. (قاچان تۇتۇلغان؟)

 

قەشقەر: 81 نەپەر

 

ئارتۇچتىن تۇتۇلغان ئۆلىمالار

  1. رەھمىتۇللا قارىھاجىم، ئارتۇچ شەھرىدىكى سۇنتاغ يېزا شورۇقتىن، ياقىۋاغ چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  2. نۇر قارىھاجى، ئاتۇشتىن، 2017-يىلى تۇتۇلۇپ كەتكەن ھازىرغىچە خەۋىرى يوق.
  3. ئابلا قارىھاجىم، 1970-يىلى ئاقتۇ ناھىيە بارىن يىززىسد تۇغۇلغان، 2018-يىلى تۇتۇلغان. 1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين ئاتۇش دىنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 2011-يىلى مەكتەپ تاقالغاندىن كىين ئاقتۇ ناھىيسىدىكى چوڭ مەسچىتتە ئىمام بولغان، 2013 بارىن يېزىسىدىكى بىر مەسچىتكە ئىمام قىلىپ يۆتكەلگەن، 2018-يىلىنىڭ بىشدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى بولمىغان.
  4. ئابدۇسەمى داموللام، ئارتۇچ شەھرىدىكى ئوبلاستلىق ئىسلام مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  5. قاسىم قارىھاجى، قاسىماخۇن خەلپىتىممۇ دېيىلىدۇ، ئاتۇش ئىسلام دىنى مەكتەپنىڭ سابىق ئۇستازى. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  6. ئابدۇسەمى داموللام، ئاتۇش، كېچىياۋدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلغان جامىنىڭ ئىمامى. (قاچان تۇتۇلغان؟)
  7. مەمەترېيىم، ئاتۇش،2017-يىلى 20 يىل كېسىلگەن. مىسىردا ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇغان،
  8. خەيرۇللا قارى، قارى تەربىيەلىگۈچى. (ئۇچۇرى تولۇق ئەمەس)
  9. سۇلايمان قارىھاجىم، ئاقتۇ ناھىيسى دوندۇرا كەنتىدىن، 2017- يىلى تۇتۇلغان. سۇلەيمان قاراجىم بۇ كىشى تەخمىنەن5مىڭدەك قارى قۇرئان تەربىيلەپ چىققان شۇنداقلا بارىن ئىنقىلاۋىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيمىز بۇلار شەھىدلەر دىگەن مەيدانى بىلەن تونۇلغان. بۇ كىشىمۇ2017-8-ئايدا لاگىردا ئۆلتۈرلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  10. ئوسمانجان قارىم، قىزىلسۇ ئوبلاست ئاقتۇ پىلالدىن، 2017-يىلى تۇتۇلۇپ 10 يىللىقتىن يۇقۇرى كىسىلگەن. ئۈچتە ياخشى ئىمام بولۇپ باھالانغان.
  11. داۋۇت قارىم، 2017- يىلى 4- ئايدا تۇتۇلۇپ كىسىلگەنلىك خەۋىرى بار. ھەق سۆيەر ئالىم.
  12. مەخسۇم ھاجىم، ئاقتۇ پىلال دوندۇرا كەنتىدىن سۈلەيمان قاراجىمنىڭ ئوغلى دادىسى بىلەن 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق.
  13. مۇھەممەد سىددىق. ئاقتۇ پىلالدىن، داڭلىق قارى، بۇ مەرھۇم سۈلەيمان قاراجىمنىڭ ئوغلى. 2017-يىلى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق.
  14. ئابدىغىنى قاراجىم، ئاتۇش چوڭ جامەنىڭ ئىمامى، 2017-يىلى تۇتۇلۇپ كەتكەنچە خەۋىرى يوق.
  15. ئابدۇكىرىم قارىھاجىم، ئاتۇشتىن تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق. (ئۇچۇرى ئېنىق ئەمەس)
  16. مۇھاممەت قۇربان قاراجۇل مەھەللىدىن. 2017-يىلى تۇتۇلغان، 22 يىللىق كېسىلگەن. شىنجاڭ ئىسلام ئۇنىۋىرسىتىسىنى پۈتتۈرگەن. 2105-يىلىغىچە مەسچىد ئىمامى بولغان . 2014- يىل جۈمە ىۇتپىسىدە ھاراقنىڭ ھاراملىقى توغورسىدا سۆزلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلغان ۋە 3يىلغا يىقىن تۈرمىدە ياتقان . 2017-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تەكرار تۇتقۇنقىلىنىپ 22يىل كىسىۋىتىلگەن .
  17. تۇرغۇن قارى، قىزغىز، 1970-يىلى ئاتۇش جۇڭياڭچاڭ بازارلىق ھۆكۈمەتتە تۇغۇلغان، 2018- يىلى غايب بولغان. 1987-يىلىدىن 1992- يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاتۇش دىنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 2011-يىلى مەكتەپ تاقالغانغا قەدەر ئوقۇتقۇچى بولغان، 2018-يىلىدىن بۇيان ئىز دېرىكى يوق.
  18. ئوسمان قارى، ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزسىدا 1971 تۇغۇلغان، 2018- يىلى غايىب بولغان. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە ئاتۇش دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈگەندىن ھازىرغا قەدەر پىلال يىزدىكى بىر مەسچىتتە ئىمام، ناھىيلىك ئىسلام جەميتىگە رەئىس بولغان، 2015-يىلى ئاتۇش دىنى مەكتەپ قايتا ئىچىلغاندا ئۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولغان، 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىزدىركى يوق.
  19. ئابدۇۋەلى قارى، 1973 ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزىدا تۇغۇلغان، 1992- يىلىدىن دىن 1995-يىلىغىچە ئاتۇش دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىر مەزگىل ئىمام بولغان، 2017- يىلىنىڭ ئاخىردىن بىر ئىزدىركى يوق.
  20. ئابلىمىت ھاجىم، ئاتۇش شورۇقلۇق، مىسىرغا 10 نەچچە ئادەم ئاپىرىپ ئاشخانا ئاچقان، شۇ كىشى ۋە بىللە بارغانلارنىڭ ھەممىسى كېسىلگەن.
  21. ئارسلان ھاجىم، ئاتۇش مەشەتلىك، ئارسىلانھاجىم دادىسىنى 2017-يىلى تۈركىيەگە قاچۇرۋىتىپ ئۆزى تۇتۇلغان. پۈتۈن مال مۈلىكى مۇسادىر قىلىنغان، بانكا كارتىسىدىكى نەق پۇللام 60مىليۇن چىققان.
  22. ئەمەت قارى تۇرسۇن، 1986-يىلى ئاقتۇدا تۇغۇلغان، 2017- يىلى 5- ئايدا غايىب بولغان. 2005دىن 2010 غىچە ئىسلام ئىنستوتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين ناھىيدە بىر قانچە مەسچىتتە ئىماملىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ يىل ئاخىردا قويۇپ بېرىلگەن، 2017 يىل 5-ئايدىن بىر ئىز دېركى يوق.
  23. تۇرسۇنجان ئەزىز، 1978-يىلى ئاقتۇ ناھىيە جامالتەرەك يىزسىدا تۇغۇلغان، 2017-يىلى تۇتۇلغان. 1995دىن 2000غىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، 2006 دىن 2009 غىچە يېزىدا ئىمام بولغان، 2009دىن كېيىن يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، 2017يىل 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.
  24. يەيھا شاھى، 1981 ئاتۇشتا تۇغۇلغان، 2018 غايىب بولغان. 2003دىن 2008غىچە بىيجىڭ ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، 2008دىن 2015غىچە ئەزھەردە ئوقۇغان، 2015 ۋەتەنگە قايتقان، 2018دىن باشلاپ ئىزدىركى يوق.
  25. ئابلىمىت ئابباس، 1969-يىلى ئاقتۇ ناھىيسىدە تۇغۇلغان، 2018 غايىب بولغان. 1997دىن بىرى ئاقتۇ ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر كەنىتتە ئىمام بولغان.
  26. ئابلەت يۇسۇپ، 1970-يىلى ئاقتۇدا تۇغۇلغان، 2017 تۇتۇلغان. 1993دىن 1996غىچە ئاتۇش دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين مەھەللىسدە ئىمام بولغان، 2008 ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان.
  27. ئىسلامجان شىرىپ، 1982-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، 1998دىن 2001غىچە ئاتۇش دىنى مەكتەپتە، 2002دىن 2007غىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يۇرتىغا قايتقان.
  28. يەھيا سەمى، 1982- يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، 2017- يىلى غايىب بولغان. 1998دىن 2001غىچە ئاتۇش دىنى مەكتەپتە، 2003دىن 2008غىچە ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يۇرتىغا قايىتقان.
  29. ئابدىناسىر توختى، ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزسىدىن، 1979 تۇغۇلغان، 2017 غايىب بولغان. 1999يىلدىن 2001 يىلغىچە ئاتۇش دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين ئىمام بولغان، 2017 يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئىز دىركى يوق.
  30. ئەبۇتالىپ سامى (قىرغىز)، ئاقچى ناھىيەسىدىن، 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 19 يىللىق كېسىلگەن. 2000- يىلى ئاتۇشتا دىنى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، كېيىن سەييارە دىنىي دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغان.
  31. خالىل ئۈسەن داملا (قىرغىز)، ئاقچى ناھىيەسىدىن، 2016- يىلى تۇتۇلغان ۋە 20 يىللىق كېسىلگەن. 2005-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، ئاقچى ناھىيەسىدە خەلقنىڭ دىنىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
  32. ئوسمان مامەت داموللا (قىرغىز)، ئاقتۇ ناھىيەسى قىزىلتو يېزىسىدىن. 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، 2018-يىلى 19 يىللىق كېسىلگەن. ئاتۇش دىنىي مەكتەپنى تۇنجى قارار پۈتتۈرگلەردىن. 1995-2017 يىللىرى ئارىسىدا ئۆز يېزىسىدا ئىماملىق قىلغان ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
  33. مەمەتقۇربان قاۋۇش (قىرغىز)، (ئۇچۇرى يوق)

 

ئارتۇچ: 33 نەپەر

 

كورلىدا پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

  1. ئابلىز قارىھاجى، كورلار، 10 يىللىق كېسىلگەن. مەدىنە ئىسلام ئۇنۋىرسىتىنى پۈتتۈرگەن يازغۇچى، تەخەللۇسى ئارقان.
  2. ئابدۇللا داموللام، كورلا، 20 يىل كېسىلگەن. (ئۇچۇرلار ئېنىق ئەمەس)
  3. ھىدايىتۇللا قارى. كورلا، تۇتۇلغان (ئۇچۇرلار ئېنىق ئەمەس)
  4. ئابدۇللا قارىھاجى، كورلا، مۇددەتسىز كېسىلگەن. (ئۇچۇرلار ئېنىق ئەمەس)
  5. ئابدۇۋەلى قارى، قاراشەھەردىن، لاگىرغا قامالغان. (ئۇچۇرلار ئېنىق ئەمەس)
  6. مۇھەممەت نىياز قارى، 1978-يىلى بۈگۈردە تۇغۇلغان، 2000-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە مەدىنىدە ئوقۇغان، 2008 ئىسلام ئىنستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچى بولغان، 2018-يىلىدىن بۇيان ئىز دېرىكى بولمىغان.
  7. مۇساجان مۇھەممەد، كورلا شەھرىدىن، 1986-يىلى تۇغۇلغان، 2005دىن 2010 غىچەئىسلام ئىنستوتىدا ئوقۇغان، 2011-يىلىدىن 2017 گىچە ئەزھەردە ئوقۇغان، 2017-يىلى 2-ئايدا ۋەتەنگە قايىتقان، 2017 يىل 5- ئايدىن بىرى ئىز دىركى يوق.
  8. مۇھەممەتتۇرسۇن مەخسۇت، 1986-يىلى كورلا شەھرىدە تۇغۇلغان. 2017 تۇتۇلغان. باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە كورلىدا ئوقۇغان. 2003-يىلى ئىسلام ئىنستۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ 2008-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە بېيجىڭدا بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندا مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرستىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2016-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتى شەرىئەت فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتى كورلىغا قايتقان. 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشقا يۈزلىگەن ئەزھەرىيلەرگە ئوخشاشلا «مىسىردا ئوقۇغان» لىق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋىرى يوق.
  9. ئابلىمىت زىياۋۇدۇن (خەلپىتىم)، كورلا شەھىرى يېڭىشەر يېزا 94- ئولتۇراق رايون مەسچىتىنىڭ خاتىپ ۋە باش ئىمامى. 2017-يىلى تۇتۇپ كېسىۋېتىلگەن.
  10. ئەخمەت (خەلپىتىم)، كورلا شەھىرى ئىتتىپاق سودا بازىرىدا دۇكان ئاچقان. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگىش دىنىي مەسىلىلەرگە توغرا پەتىۋا بېرەتتى. 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىز-دېرىكى يوق.
  11. ئابلەت داموللا ھاجىم، كورلا خۇشۇت ناھىيە ئۇششاقتال يېزىلىق بازار مەسچىتنىڭ ئىمامى، تۇتۇپ كېتىلىپ، كېسىۋېتىلگەن.
  12. ئابلىز قارى ھاجىم، كورلا، مەدىنەدە يەتتە يىل ئوقۇغان، كورلا شەھەر ئارقان تاللا بازىرىنىڭ دېرىكتورى. تۇتۇپ كېتىلگەن، ئىز-دېرىكى يوق.
  13. ئابلا بارات داموللا، قاراشەھەر ناھىيە قەشقەر مەھەللىسىنىڭ مەسجىد ئىمامى، تۇتۇپ كېتىپ كېسىۋېتىلگەن.
  14. ئىسراچىدىن قارى ھاجىم، كورلا شەھەر چوڭ مەسچىتنىڭ مەزىنى. 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىز-دېرىكى يوق.
  15. ئىبراھىم قارى ھاجىم، كورلا شەھەر ئاقتاش كەنت مەسچىتىنىڭ باش ئىمامى. 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىز-دېرىكى يوق.
  16. مەمەت قارى ھاجىم، كورلا شەھەر قارا يۇلغۇن يېزا مەسچىتنىڭ ئىمامى. 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىز-دېرىكى يوق.
  17. مەمەت ئۆمەر قارى ھاجىم، كورلا شەھىرىدە مەلۇم مەسچىتتە ئىمام. 2017-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق.
  18. ئابدۇرېھىم قارى، كورلا شەھەر چوڭ مەسچىتنىڭ مەزىنى. 2017-يىلىدىن تارتىپ ئالاقە يوق.
  19. ئۆمەر قارى ھاجىم، كورلا شەھەر ئاۋات يېزىسىدا مەلۇم مەسچىتنىڭ ئىمامى. 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىز-دېرىكى يوق.
  20. يۈسۈپ سامساق قارى ھاجىم، كورلا شەھەر يېڭىشەر يېزا 94- ئولتۇراق رايون چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى. 2017-يىلىدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوق.
  21. ياسىن قارى ھاجىىم، كورلا شەھەر كونا شەھەر تۆۋەنكى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي ئۇستاز. 2017- يىلىدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى يوق.
  22. نەجمىدىن قارى ھاجىم، كورلا شەھەر چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى. 2017-يىلىدىن باشلاپ ئالاقە يوق.
  23. ھەبىبۇللاھ يۈسۈپ قارى (يۈسۈپ سامساق ھاجىمنىڭ ئوغلى)، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق. ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتتىدا ئىسلامىي بىلەم ئالغان. 2017-يىلى 4-ئايدا ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
  24. مۇھەممەت تاھىر ئابلىمىت قارى (ئابلىمىت زىياۋۇدۇن خەلپىتىمنىڭ ئوغلى)، كورلا شەھىرى چوڭ بازاردا ئولتۇرۇشلۇق.2017-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.

 

كورلا: 24 نەپەر

بايانغول ئوبلاستى تەۋەسىدىن تۇتۇلغانلار كۆپ، ئەمما بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدىغان ئادەم چىقمىغانلىقى ئۈچۈن تولۇق يېزىلماي قالدى، بۇ ھەقتە ياردەمگە مۇھتاج بىز.

 

خوتەندە پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

  1. مەمتىمىنجان داموللام. خوتەن، داڭلىق ئۇستاز ئابلىكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ شاگىرتى تۇتۇلغان پىتى خەۋىرى يوق. (ئۇچۇرى كەمچىل)
  2. غولام مويدىن داموللام، خوتەن، 1973-يىلى يۇرۇڭقاشتا تۇغۇلغان. دەۋەتچى ناتىق ئۆلىما، 2015-يىلى تۇتۇلغان. ھازىرغىچە قەيەردە قامالغانلىقى توغرىلىق ئېنىق بىر مەلۇمات يوق.
  3. ئىلياسخان داموللام، خوتەن شەھەر يۇرۇڭقاش بازىرىدىن بولۇپ، 2017-يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى بەش يىللىق قاماقتىن بوشاپ ئائىلىسىگە قايتىپ كىلىپ ھەپتىدىن كىيىن يەنە قولغا ئېلىنىپ10يىل كىسىۋىتىلگەن.
  4. ئابلىمىت مەتتوختى داموللام، خوتەن، ئىتتىپاق مەسجىدى ئىمامى ۋە خاتىپى، مۇددەتسىز كىسىلگەن.
  5. مۇھەممەد ئەمىن قارىھاجىم، خوتەن، 2016- يىلىنىڭ ئوتتۇرسىدا 11 يىللىق كىسىلگەن شۇ يىلنىڭ ئاخىردا يەنە 10 يىل قوشۇلۇپ جەمئىي 21 يىل كىسىلدى.
  6. ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم، 10 يىللىق كېسىلگەن. چوڭ خانىقانىىڭ ئىمامى، سىياسى كىڭەيىشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ قالدۇرۇلغان ، ناھىيە ئىچىدە يۇرت ئاتىسى دەپ تەرىپى بار.
  7. ئىمىن داموللام، كىرىيە چوڭ جامى ئىمام خاتىپى، 30 يىللىق كىسىلگەن.
  8. ئابدۇرەئۇپ ھاجىم، خوتەن، 10 يىللىق كېسىلگەن. ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى.
  9. مەھمۇت قارىم(شەيخىم، داموللام) يۇرتى خۇتەن گۇما، 2014- يىلى 6-ئايلاردا قولغا ئىلىنغاندىن كىيىن 2015-يىلى 6-ئايدا كىسەل سەۋەپلىك سىرتقا چىققان، كىيىن يەنە تۇتۇلغان. 2019-12-ئايلاردا ئۈلۈم خەۋىرى چىققان ئەمما راسمۇ يالغان ئېنىق ئەمەس.
  10. ئابلىمىت قارىھاجىم، خوتەن دارۇلئىمان -مەسچىتىدەخىزمىتى قىلغان، تۇتۇلۇپ قامالغان. 10يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
  11. مۇھەممەدئىمىن قارىم، خوتەن، 10 يىللىق كېسىلگەن. دۇختۇر ئىلىم ئەھلى مۇدەررىس ھەم دەۋەتچى ساداقەت دۇختۇرخانىسنىڭ ئىگىسى، ناۋاغ نۇربۇلاق تەۋەلىكىدىن.
  12. جۈمەنىيازدامۇللام، خوتەن، 10 يىللىق كېسىلگەن. قۇچى مەھەللە جەمەسنىڭ خاتىپى دەۋەتچى مۇدەررىس.
  13. ئابدىرىھىم قارىھاجىم، خوتەن، 10 يىللىق كېسىلگەن. ئويباغ مەدرىسىدە ۋەتچى.
  14. كامال دامۇللا ھاجىم، 15 يىللىق كېسىلگەن. سانجۇ مەھەللەجامەسىنىڭ خاتىپى.
  15. ئەخمەتخان دامۇللام، گۇما زاڭگۇي، دەۋەتچى، 10 يىللىق كىسىلگەن.
  16. مۇھەممەدئابدىللادامۇللام، 10 يىللىق كېسىلگەن. ئاچچىغ قۇشتاغ مەھەللەجامەسىنىڭ خاتىپى، 10يىل تۇرمىدا تۇگتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە 10يىللىق كىسىلگەن.
  17. ئەخمەتجان دامۇللام، 9 يىللىق كېسىلگەن. قارتاغۇز دەۋەتچى مۇدەررىس مەھەللە جاماسىنىڭ خاتىپى.
  18. ئابلىكىم دامۇللام ئابدىقادىر، گۇما بازىرىدىن، دەۋەتچى، 15 يىللىق كىسىلگەن.
  19. ياقۇپچان دامۇللام، ئالمىلىق مەھەللە مۇدەررىس، دەۋەتچى، 10يىللىق كىسىلگەن.
  20. مەتتۇسىناخۇن خەلپىتىم، شەنبە بازار مۇدەررىس، 10يىللىق كىسىلگەن.
  21. مۇھەممەت قاسىم قارىھاجىم، قاراقاش زاۋا، مۇدەررىس، 9 يىللىق كىسىلگەن.
  22. ئابدىل ئىزىىز قارىم، خوتەن ناۋاغ، مۇدەررىس، دەۋەتچى، 10 يىل كىسىلگەن.
  23. سەيپىدىن قارىم، خوتەن نىيا ناھىسى، دەۋەتچى ، 7 يىل كىسىلگەن.
  24. مەمتىمىنجان يۇنۇس داموللام، 56ياش، خوتەن گۇما ناھىيەسىدىن، ئاتاغلىق ئابلېكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئۇقۇغۇچىللىردىن بۇلۇپ ۋەتەندىكى نۇپۇزلۇق ئۆلىمالردىن بىرى،داموللام 2015 يىللىرى تۇتقۇن قىلىنغان بۇلۇپ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز دېرىكى يوق .
  25. نەبىخان مەخسۇم ھاجىم، لوپ ناھىيىلىك چوڭ جامەنىڭ خاتىپى. لوپ ناھىيە، ھاڭگىيار يېزا، يېڭىباغ كەنتىدىن، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
  26. ئابدۇقادىر سالىھ، 65 ياش، لوپ ناھىيە، ھاڭگىيار يېزا، خورازتوغراق كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى. 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خەۋەر يوق.
  27. ئوبۇل ھەسەن قارىم، لوپ ناھىيە ناۋا يېزا، گىجارىش كەنت مەسچىتىدە ئىمام. 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى ئۇچۇر يوق.
  28. ئابدۇسالام قارىم، لوپ ناھىيا ھاڭگىيا يېزا، ھادىقۇم كەنت مەسچىتتە ئىمام. 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشلاپ خەۋەر يوق.
  29. ئىمام نىياز ھاجىم، خوتەن شەھەر، بەيتۇل مەئمۇر مەسچىتنىڭ خاتىپى. 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. يۇرتى خوتەن شەھەر تەۋەككۈل يېزىسىدىن
  30. ئابدۇقېيۇم ئابدۇمىجىت. خوتەن شەھەر بەيتۇللا مەسچىتنىڭ خاتىپى. خوتەن شەھەر جامە يولى، شاللىق مەھەللىدىن.
  31. روزىمەمەت قارىم. خوتەن شەھرى، شاللىق مەھەللە تاڭنۇرى مەسچىتىنىڭ ئىمامى. 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. لوپ ناھىيە ئاچچىق يېزىسىن.
  32. ئەخمەت توختى قارىم. خوتەن شەھرى، شاللىق مەھەللە تاڭنۇرى مەسچىتنىڭ خاتىپى. 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. خوتەن شەھرى روك يېزىسىدىن (خوتەندە روك دەيدىغان يېزا بارمۇ؟)
  33. ئاتاۋۇللا ئابدۇكېرىم. لوپ ناھىيە، دۆۋەت يېزا 2-دادۈي 6-شۆدۈي (بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى تېپىش كېرەك) مەسچىتنىڭ خاتىپى. 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
  34. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن توختى، 1983-يىلى خوتەن ناھىيسىدە تۇغۇلغان، 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، 2014-يىلى خوتەن دىنىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان، 2018-يىلىدىن بىرى ئىز دېرىكى يوق.
  35. مۇھەممەد ئەمىن قاراجىم، 21 يىللىق كېسىلگەن. (ئۇچۇرلىرى كەمچىل)
  36. ئابدۇللاھ جان دامۇللا ھاجىم، 1968-يىلى تۇغۇلغان، دادىسىنىڭ ئىسمى بەكىرى،  يۇرتى خوتەن  قارقاش تۈۋەت يېزا، 2017- يىلى تۇتۇلغان، 10 يىللىق كېسىلگەن. ھازىرقى تۇراق جايى قاراقاش بازا 14- دادۈي، تۇۋەت يىزا چاۋاغ كەنىتتىكى مۇھەممەت تۇرسۇن دامۇللاھ ھاجىمدا ئۇقۇغان، كىيىن ئۇرۇمچى ئىسلام ئىنىستىتۇتىنى پۇتتۇرگە، قاراقاش ناھىيەلىك جامەنىڭ ئىمام خاتىپلىقىنى قىلىۋاتقان، 2017- يىلى رامىزانغا بىر ھەپتە قالغان تۇتۇلغان.
  37. مەمەت ئابلا خۇدابەدى داموللام، گۇما ناھىسىى بازار ئىچىدىن، 2015- يىلى تۇتۇلغان. دىنىي دەئىۋەتچى، مۇدەررىس ۋە قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئابلىكىم مەخسۇم ھاجمىنىڭ شاگىرىتلىرىدىن.
  38. مەمەت يۈسۈپ مەمىتىمىن داموللام، گۇناھىيسەدىن مەسچىت ئمامى، تەبىلغ قىلدىڭ ئادەم تەشكىللىدىڭ دىگەن بەتتنام بىلەن مۇددەتسىز قامالغان.
  39. ئابىلپىز مىتىۋىللا داموللام، گۇما ناھىيە نشاندار يىزىسىدىن دەئىۋەتچى ۋە تىجارەتچى كارخانىچلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
  40. ئابىلمىت يۈسۈپ داموللاھاجم، گۇما ناھىيە موجى يېزىسىدىن، قاغىلىق ئابىلىكم مەخسۇ ھاجنىڭ شاگىرتى مۇدەررىس دەئىۋەتچى، تىجارەتچى ۋە شىركەت ساھىبى. 2015 تۇتۇپ كىتىلگەن، ئىزدىرىكى يوق.
  41. ئابلاخان داموللاھاجىم، فامىلىسى ئابلا مەمەت، گۇما ناھىيسى موجىدىن، يىتىشكەن مۇدەررس، موجى چوڭ خانىقانىڭ ئىمامى. بۇنىڭغا قوشوپ بۇرۇندىن باشلاپ تىجارەت، دىھقانچىلىق يىزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، 2016 تۇتۇلغان، ھازىرقىچە ئىزدىكى يوق.
  42. نۇرمەمەتخان داموللام، ئىسىم-فامىلسى نۆرمەمەت مەمەت، گۇما ناھىيە كۆكترەك يىزىدىن مۇدەررىس دەئىۋەتچى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، 2016 تۈرمىگە سولانغان ھازىرقىچە ئىزدىرىكى يوق.
  43. ئابلىپىزخان مەخسۇم، گۇما ناھىيەسىدىن، بازار ئىچىگە قارايدىغان ئودىيان مەسچىتنىڭ ئىمامى، قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
  44. ھەبىبۇللاخان مەخسۇم گۇما ناھىيە نىشاندار يىزىدىن داڭلىق مۇدەررىس گۇما خوتەندە بولۇپ نۇرغۇن ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيەلىگەن. 2015-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان، ھازىرغىچە خەۋىرى يوق.

46- نەسىردىنجان مەخسۇم، تىۋىپ، گۇما ناھىيسىدىن، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار قاتارىدىن، 2016 تۈرمىگە تاشلانغان، قانچىلىك سولانغانلىقى ھازىرقىچە ئىنىق ئەمەس.

47- مەمەت ئابلاخان ئەۋلىيا مەخسۇم، گۇما ناھىسىدىن، قاغىلىتا ئوقوغان ئىلغار ئالىملارنىڭ قاتارىدىن، دىنى مائارىپ ساھەسىدە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى يارتقان مۇدەررىس. 2014-يىلى خوتەندىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كىتىلىپ 20 يىللىق قاماققا ئىلىنغان.

48- ئىلىخان مەخسۇم، دەئۋەتچى، مۇدەررىس، گۇما ناھىسدىن، كىيىنكى مەزگىللەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2015-يىلى تۇتۇپ كىتلىپ 6 ئاي ئەتراپىدا قامالغاندىن كىين، 2016 تەكرار تۈرمىگە سولانغان ھازىرغىچە ئىز دىرىكى يوق.

49- مەمەت ئابلاخان داموللام (بڭگور )، گۇما ناھىيسىدىن،  2015-يىلى قامالغان، ھازىغىچە ئىزدىرىكى يوق.

50- ئابلىمىتخان داموللام گۇما ناھىيسىدىن، دەئۋەتچى، مۇدەررىس، كىيىنكى مەزگىلدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2015-يىلى  10يىل ئىلگىرى قەبىرىستانلىقتا تەبلىغ قىلغان دىگەن باھانە بىلەن 7يللىق كىسلىگەن.

51- ئابلىمىت ماخمۇت داموللام، گۇما ناھىسدىن،  يىتىشكەن مۇدەررسىلەردىن، تەخمىنەن 2014 تۈرمىگە سولانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھىچقانداق ئىز دىرىكى يوق.

52- ئابلىكمخان داموللام قارتاغىز،  قارتاغىزچوڭ جامىنىڭ ئىمامى بولغان، مۇددەتسىز قامالغان.

53- ئۆمەرخان مەخسۇم (پىشنا )، گۇما ناھىسىدىن، قاغلىقتا ئوقىغان كۆزگە كۆرۈنگەن دەئىۋەتچى، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. تەخمىنەن2014 نىڭ ئاخىرى تۈرمىگە سولانغان ھىچقانداق ئىزدىركى يوق.

54- ئابدۇقۇددۇس قاراجىم، خوتەن ناھىيە باغچى بازىرىدىن، يېزا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇلۇغ ھەزتەم دېيىلىدىغان مەسچتتە 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە خاتىپلىق قىلغان. 2015-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، يۈرەك كېسىلى ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقى سەۋەبلىك ئۆيىگە كىلىپ كېتىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، سىرتقا چىقىشى ئىككى يىللىق چەكلەنگەن. 2017-يىلى 7-ئايدا كېسەل ھالىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك ئۆيدە داۋالىنىش، ھېچكىم بىلەن ئالا قىلماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن، يەتتە ئايدىن كېيىن يەنە ئېلىپ كتىلگەن.

55- مۇھەممەت سەيدى سىدىق، 40 ياش، 2015-يىلى شىنىجىندىن تۇتقۇن قىلىنغان، كىيىن قەشقەردە ئىكەنلك خەۋىرى كەلگەن، شۇنىڭدىن كىيىن ھازىرغىچە ئىز دېرىكى يوق.

56- رۇزنىياز تۇرۇپ، 32 ياش، خوتەن لوپ ناۋا يېزا13- كەنىت 2- مەھەللىدىن قارى بوغان، سەۋەپلىك 20 يىللىق كىسىلگەن.

57- مۇھەممەت ئۆمەر مەمتىمىن، 31 ياش، خوتەن لوپ سامپۇل يېزا قارىقىي كەنىت، 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى دىن ئۈگەنگەن.

58- ئابلېكىم توخنىياز ،28 ياش، خوتەن لوپ ناھىيە سامپۇل يېزا قارىقىي كەنىت، 2013- يىلى تۇتقۇن قىلنىپ، 15 يىل كىسىىلگەن، تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى دىن ئۈگەنگەن.

59- ئېلىياخۇن پاراڭ، 48 ياش، خوتەن لوپ ناھىيە سامپۇل يېزا قارىقىي كەنىت، 2016- يىلى تۇتقۇن قىلنىپ، 10 يىللىق كىسىلگەن.

60- ئابلېكىم تۇسنىياز، 29 ياش، خوتەن لوپ ھاڭگىي يېزا خوراز توغراق كەنتى، 2015 -يىلى تۇتقۇن قىلنىپ 10 يىللىق كىسىلگەن، تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى دىن ئۈگەنگەن.

61- ئابدۇۋېلى ئېلى، 24 ياش، خوتەن لوپ ناھىيە ھاڭگىي يېزا خوراز توغراق كەنىتتىن، 2016 يىلدىن باشلاپ ئىز دىرەكسىز يوق بوپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى دىن ئۈگەنگەن.

62- ئىدرىس مەتروزى، 30 ياش، خوتەن لوپ ناھىيە ھاڭگى يېزا خوراز توغراق كەنىت، 2015 -يىلى تۇتقۇن قىلنىپ 10 يىل كىسىلگەن، تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى دىن ئۈگەنگەن.

63- يۈسۈپجان، 22 ياش، خوتەن لوپ ھڭگى يېزا خوراز توغراق كەنىت، 2015 – يىلى تۇتقۇن قىلنىپ مۇددەتسىز كىسىلگەن، تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى دىن ئۈگەنگەن.

64- مۇھەممەت ئابدۇللا، 26 ياش، ختەن لوپن اھىيە ھاڭگى يېزا كونا ھاڭگى كەنىت، 2016- يىلى تۇتقۇن قىلنىپ مۇددەتسىز كىسىلگەن، تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى دىن ئۈگەنگەن.

65- ئەزىز خېلىل، 35 ياش، خوتەن لوپ ھاڭگى يېزا خوراز توغراق كەنىت، 2015 -يىلى تۇتۇلۇپ 8 يىل كىسىلگەن.

 

خوتەن: 65 نەپەر

 

ئاقسۇدا پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

1- ئىسمايىل داموللام، تېبابەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان . ئۆلىما، تۇتۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.

2- ئابدۇخالىق داموللام (ئاقسۇ شەھەر ئىسلام مەكتىبى مەسچىتنىڭ سابىق ئىمامى،ئاتۇشتىكى يۈسۈپجان داموللارنىڭ ساۋاقدىشى)ئاقسۇدىكى ياش باللارنىڭ ئويغىنىشغا ،خەلىقنىڭ ئىتىپاقلىشىشىغا كۆپ ھەسسە قوشقان تۆھپىكار جامائەت ئەربابى. 2017-يىلى يەتتە يىل كېسىلگەن.

3- ئابلكىم داموللام قىزىل كۆرۈك خانقانىڭ سابىق ئىمامى. 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. ئاقسۇ ئىسلام ئىنىستوتىنى پۈتكۈزگەن.

4- مەمەت ھۇشۇر داموللام ئاقسۇ شەھەر بەشتۈگمەن يېزىلىق بازار چوڭ خانقانىڭ ئىمام خاتىبى، خوش ئاۋازلىق قارى.2014 -يىلى 20 يىللىق كېسىم كېسىلگەن.

5- ئۆمەرقاراجىم. ۋاڭسەن جامىنىڭ ئالدىدا دۇكان ئاچىدىغان كەلپنىلىك كىشى. پاكىستان ئىسلام ئونۋېرستىتىنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتى ئېدى . بۇ كىشىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.

6- ھەسەن قارى33ياشلاردا، ئاقسۇ شەھەر بەشتۈگمەن يېزىسىدىن. بۇ مەن ئاقسۇ تەۋەسىدە ئۇچراتقان ياش ئۆلىمالارنىڭ ئىچىدە تەسىرى چوڭ، ئەرەپ ئەدەبىياتىنى مۇكەممەل ئىگەللىگەن،كىچە-كۈندۈز دەرىس قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان، پىكىرلىرى ئەرەپ ئۆلىمالىرىغا ئەڭ يىقىن كىلدىغان ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى.

7- ئابدۇزاھىر قارى 33-37 ياشلار ئارىسىدا ئۈچتۇرپانلىق ، ئىزچىل دەرس قىلىپ كىلىۋاتقان ياش ئۆلىما.

8- تاھىر ھوشۇر بەشتۈگمەن يىزىسىدىن ؛ توختاۋسىز دىننى دەۋەت ۋە ياشلارنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن بەدەلسىز ھەسسە قوشقان ياشلاردىن. 33-37ياشلاردا. تۇتقۇن قىلىنغان.

9- توختى قارى، تۇتقۇن قىلىنغان. (ئۇچۇرى كەمچىل)

10- ئۆمەر مەتنىياز بەشتۈگمەن يىزىسىدىن ؛ توختاۋسىز دىننى دەۋەت ۋە ياشلارنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن بەدەلسىز ھەسسە قوشقان ياشلاردىن. 33-37ياشلاردا. تۇتقۇن قىلىنغان.

11- قادىر قارىم. ئاقسۇ شەھىرى ۋىكىليۇچاتىل زاۋۇتى مەسجىدىنىڭ ئىمامى.

12- ساتتار داموللام كۇچانىڭ ئەڭ چوڭ مولللىرىدىن بىرى؛ 20 يىللىق كىسىلگەن.

(تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەلۇماتىنى تولۇقلاش كېرەك)

13- ئابدۇرەھىم داموللام.

14- نۇرمۇھەممەت داموللام.

15- ئابدۇلھەكىم داموللام.

16- ئەخمەت داموللام، ئاقسۇ شەھرى لەڭگەر كۆۋرۈك مەسچىتنىڭ ئىمامى، 20 يىللىق كېسىلگەن. ئۇزۇن يىل مەسچىتتە ئىمامەتچىلىك قىلىپ خەلىقنىڭ ۋە شۇنداقلا ھۆكۆمەتنىڭ قوللىشىغا ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن، نۇرغۇن قېتىم ئۈلگۈلۈك مۇنەۋەر شەخس سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما يەنىلا لاگىىرغا ئەمەس تۈرمىگە كىسىۋىتىلگەن، خەۋەرلەرگە قارىغاندا 20 يىل، يەنە بىر خەۋەردە 25 يىل دەپ كىسىلگەن.

17- نۇرمۇھەممەت ساۋۇت داموللام ئاقسۇدىن ، ئۈرۈمچىدە تۇرغان 25 يىل كېسىلگەن.

18- مەھمۇد قارى. قارتال چوڭ جامىنىڭ سابىق ئىمامى ، 2015 -يىلى كىسىلگەن .كىسىم مۇددىتى ئېنىق ئەمەس.

19- ئابلىكىم داموللام. (ئۇچۇرى كەمچىل)

20- ياسىن قارى18 يىل كىسىلدى. (ئۇچۇرى كەمچىل)

21- ئابدۇراھمان داموللام. مۇددەتسىز كىسىلدى. (ئۇچۇرى كەمچىل)

22- ئابدۇقاھار ھاجىم. ئاقسۇ كەلپىندىن ، 2006-يىلى ئەتراپىدا يەمەنگە چىقىپ ئۇقۇغان ، ئىسلام پىقھى ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېىىن ۋەتەنگە قايتقان ، دىننى يېڭىچە ئوقۇتۇش ۋە چۈشەندۈرۈشتە ياشلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ، 2014- يىلى تۇتۇلۇپ ، 2015- يىلى 25 يىللىق كىسۋېتىلگەن.

23- ئابلەت قارى ئاخۇنۇم، 7 يىل كىسىلگەن. (ئۇچۇرى كەمچىل)

24- قۇددۇس قارىم،  كىسىلگەن پىتى خەۋىرى يوق. (ئۇچۇرى كەمچىل)

25- روزاجىم سەئۇدى ئەرەبىستان ئىمام مۇھەممەد ئۇنۋىرستىنى پۈتتۈرۈپ ئاقسۇدا تۇراتتى، كەلپىنلىك، تۇتۇلۇپ كىتىلگەن ھازىرغىچە خەۋىرى يوق.

  1. مۇھممەت جامال داموللام. شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتى سابىق ئوقۇغۇچىسى، ئۈرۈمچى ياشلار باغچىسى كەينى گۇاڭخۇي قوروسىدىن، ئۈچتۇرپان چوڭ مەسچىتنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىمامى، 2013-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.

27- باھايىدىن تاھىرى، 1982-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيسىدە تۇغۇلغان، 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يۇرتىغا قايتىپ ئىمام بولغان، 2015-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان، 2018-يىلىدىن بىرى ئىز دېرىكى بولمىغان.

28- ياسىن بۇلبۇل، ئۈچتۇرپانلىق، 2013-2014 يىللىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن.

29- مەمەت راخمان داموللام، ئاقسۇ بايدىن، كۇچادا سىددىق قارى ھاجىمدا ئوقۇغان، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە.

30- ئەخمەت مۇئەللىم، شايارلىق ،ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى. (ئۇچۇرى كەمچىل)

31- ئەلى ھەمدۇللاھ، 1985-يىلى ئاقسۇ ئاۋاتتا تۇغۇلغان، 2005دىن 2010 غىچە ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يۇرتىغا قايىتقان، 2017نىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئىز دېرىكى يوق.

32- نۇرمەمەت ئابلىكىم، 1982-يىلى ئاقۇسۇ كۇچادا تۇغۇلغان، 2002دىن 2007غىچە ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەككە تىچارەت بىلەن شۇغۇللانغان، 2017نىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

33- ھۇسەيىن مۇيدىن، 1983-يىلى ئاقسۇ كەلپىندە تۇغۇلغان، 2003دىن 2008غىچە ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يۇرتىغا قايىتقان. 2017نىڭ ئاخىردىن بىر ئىزدىركى بولمىغان.

34- نۇرمەمەت ئابدىرھىم قۇزات ھاجى، ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى يېڭى مەھەللە مەسچىتنىڭ ئىمامى 2016 تۇتۇلۇپ 10 يىلغا كىسىلگەن.

35- ئۈمەرجان ئابدىريىم قوزات ھاجىم (نۇرمەمەت ئابدىرھىم قۇزات ھاجىنىڭ ئىنىسى) ئۇچتۇرپان ناھىيىسى(چوڭ مەسچىت) رەستە مەسچىت ئىمامى 2016 يىل 8_ يىلغا كىسىلگەن.

36- ئەخمەت مەتنىياز (ئەخمەت داموللام)، 50 ياش، ئاقسۇ شەھەر لەڭگەر چوڭ مەسچىتنىڭ خاتىپى، ئاقسۇ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سېكرىتارى. «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» بولۇپ باھالانغان ۋە 2016-يىلى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە يىغىندا سۆز قىلغان. 2017-يىلى يانۋاردىن ئاپرىلغىچە «قايتا تەربىيلەش»كە ئەۋەتىلگەن، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئاقسۇ: 36 نەپەر

ئاقسۇ ۋىلايەت توقسۇ(شىنخې) ناھىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زات ۋە ئۆلىمالار

(تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى تولۇقلاشقا ئىھتىياجلىق)

  1. ئەزىز داموللام(ئۈچقات يەزىسىدىن)60 ياش
  2. مۆمىنقارىھاجىم (توقسۇ بازار ئىچىدىن)55 ياش
  3. ئابدۇلھەمىت داموللام (توقسۇ سەيچاڭ كەنتىدىن)49 ياش
  4. ئابدۇلمىجىت داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن)52 ياش
  5. ئابدۇمىجىت قۇشقاچ داموللام (توقسۇ چىلان كەنتىدىن)48 ياش
  6. يۈسۇپ خىزىر داموللام (توقسۇ بۇقاتەمى كەنتىدىن)45 ياش
  7. يۈسۇپ خىزىر داموللام (توقسۇ بوستان كەنتىدىن)50ياش
  8. ئوسمانقارى داموللام (چىلان كەنتىدىن)51 ياش
  9. ھىسامىدىن داموللاھاجىم (ئۆگەن يەزىسىدىن)46ياش
  10. توختىقارى داموللام (يۇلتۇزباغ يەزىسىدىن)43 ياش
  11. ئابدۇرەھىم داموللام (سەيچاڭ كەنتىدىن)46 ياش
  12. يۇنۇس داموللاھاجىم(تاشەرىق يەزىسىدىن)48 ياش
  13. ئەزىز مەخسۇم داموللام ( توقسۇ بازار ئىچىدىن )44 ياش
  14. نۇرمەمەت تۇردى داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن )48 ياش
  15. ئەزىز مەھمۇت داموللام (قوشەرىق كەنتىدىن)50 ياش
  16. ئابدۇرەھمان داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن )49 ياش
  17. نۇرمەھەمەتقارىم (ئارمەھەللە كەنتىدىن )45 ياش
  18. تاھىر داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن)42 ياش
  19. قەمەرىدىن داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن)46 ياش
  20. ئابلا ئەزىز داموللام(توقسۇ بازار ئىچىدىن)44 ياش
  21. ئەلىقارىم(توقسۇ چوڭ كوچا مەسچىت ئىمامى)43 ياش
  22. رۇزى ئەھمەتقارىم(ئارامەھەللە كەنتىدىن )42 ياش
  23. رەھمىتۇللا قارىم(ئاراتۈگمەن كەنتىدىن)43 ياش
  24. سالاھىدىن داموللام (ئاراتۈگمەن كەنتىدىن)48 ياش
  25. نىمەتۇللا قارىم داموللام (توقسۇ خوتەن مەھەللىسىدىن)46 ياش
  26. قەمەرىدىن قارىم(توقسۇ ،قۇمكۆل مەسچىتىنىڭ ئىئامى)49 ياش
  27. كەرەم داموللام (توقسۇ پەييشەنبەبازار كەنتىدىن47 ياش)
  28. ئۆمەر داموللام (ئۈجمە ئەرىق كەنتىدىن)45 ياش
  29. بارات داموللام (توقسۇ .ئەتىرگۈل مەسچىت ئىمامى)50 ياش
  30. ئابدۇلھەكىم داموللام(توقسۇ ئەتىرگۈل مەسچىتىدىن)51 ياش
  31. توھتىرۇزى داموللام(توغراقۇم مەسچىتىنىڭ ئىمامى)49 ياش
  32. ئەھمەتقارىم (پەيشەنبە بازار يەزىسىدىن)46 ياش
  33. يىمىت كەرەم داموللام (توقسۇ.قۇمكۆل كەنتىدىن)48 ياش
  34. ئوسمان داموللام(ئاقيار كەنتىدىن)52 ياش
  35. ئابدۇلھەمىد داموللام((قوشەرىق كەنتىدىن)53 ياش
  36. ساتتار داموللام(قوشەرىق كەنتىدىن)46 ياش
  37. ئىسمائىل داموللام(چولپانباغ كەنتىدىن)47 ياش
  38. ئىمىنقارىم داموللام (توقسۇ چولاقتۇر كەنتىدىن)44 ياش
  39. مۆمىن قارىم داموللام( تامتوغراق كەنتىدىن)45 ياش
  40. ئەينىدىن قارىم داموللام(تامتوغراق كەنتىدىن)46 ياش
  41. ئابلەتجان قارىم(ئاچادۆڭ كەنتىدىن)48 ياش
  42. ئابدۇللا قارىم(غاز مەھەللىسىدىن)50 ياش
  43. ھامۇت قارىم (كوناباز كەنتىدىن)54 ياش
  44. جامال قارىم (توقسۇ بازار ئىچىدىن)45 ياش
  45. نىمەتۇللا داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن)48 ياش
  46. ئابدۇجەلىل دامولام (توقسۇ بازار ئىچىدىن)44 ياش
  47. مەسۇت داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن)43 ياش
  48. نىياز داموللام (ئۈچقات يەزا مەسچىت ئىمامى)51 ياش
  49. ئابدۇلەزىز داموللام(ئۈچقات يەزىسىدىن)46 ياش
  50. ئابدۇللا قارىم (بەلكەستى كەنتىدىن)44 ياش
  51. مۇتۇللا ياقۇپ( دىنى زات)42 ياش
  52. ئابدۇجەلىل ياقۇپ(دىنىزات)44 ياش
  53. نۇرنىسەم داموللام(ئارامەھەللە كەنتىدىن)41 ياش
  54. ئامانگۈل داموللام (توقسۇ بازار ئىكىھىدىن)45 ياش
  55. رىزۋاڭۈل داموللام(توقسۇ بازار ئىچىدىن)44 ياش
  56. ھەيرىگۈل داموللام (توقسۇ بازار ئىچىدىن)46 ياش
  57. بۇئايشەم داموللام(توقسۇ پەيشەنبەبازار كەنتىدىن47 ياش)
  58. توختى گايىت داموللام، (تىگىن)
  59. نۇرمۇھەممەد داموللام، (پەيشەنبە بازىرىدىن)
  60. ئەينىدىن قارىم، (تامتوغراق يېزىسىدىن)
  61. ئېزىز قاراىم، (بازار ئىچى)
  62. مەڭلىسەم داموللام (بازار ئىچى)

 

ئاقسۇ ۋىلايەت توقسۇن ناھىيەسى: 62 نەپەر

 

چۆچەكتە پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

1- پەخىردىن مەمەت، 1983-يىلى دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،  2005دىن 2010 غىچە ئىسلام ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين يۇرتىغا قايتىپ ئىمام بولغان، 2017نىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئىز دېرىكى بولمىغان.

چۆچەك: بىر نەپەر

 

قۇمۇلدا پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار

1- ئابدۇللاھ قارى، قومۇل  قارا دۆۋىدىن، 45-50 ياش ئەتراپىدا، تەخمىنەن 2018 – يىلى تۈرمىدە شېھىت بولغان.

2- يۈسۈپ سالىھ،  35 ياشلاردا، قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسى چۆلتۇر  كەنتىدىن. 2015- يىلى تۈركىيەگە بىر ساياھەتكە چىققان. 2017 – يىللىق بۆھراندا تۇتقۇن قىلىنىپ  10 يىل كېسىلگەن، ئۆزى جىق بالا ئوقۇتقان.

قۇمۇل: ئىككى نەپەر

 

ئىلاۋە: بۇ تىزىملىكنى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزى ئېرىشكەن مەلۇماتلار بويىچە ھازىرلىدى. پايدىلانماقچى بولغانلار مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەلۇماتلارنىڭ بەزىسى ئاشكارە قىلىنمىدى، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئۆلىمالار ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشمەك ئۈچۈن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن ئالاقە قىلىنسا بولىدۇ.

جەمئىي: 383 نەپەر

قوشۇمچە: سابىق تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەزنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرى

غۇلجىلىق ئۆلىما رەجەپ كېرەم

رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كىشى ئاقسۇلۇق ئۆلىما ئەخمەت مەتنىياز داموللا

ئەسكەرتىش: ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2020-يىلى 26-ماي يېڭلاندى