Skip to content

ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردىمى ئېلانى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ستۇدېنت قېرىنداشلار. ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ 2019- يىللىق يېڭى مەۋسۈملۈك ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردىمىگە ئىلتماس قىلىش باشلاندى. ئوقۇشى ياخشى ھەمدە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل توشقۇزغاندىن سىرت، ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى ئوقۇش نەتىجىلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ.
تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەنلەر ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا دەرس نەتىجىلىرى ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغان قېرىنداشلاردىن ئالدىنقى مەۋسۈملەرگە مۇناسىۋەتلىك دەرس نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ماگىستىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلمىي ماقالە يېزىش باسقۇچىغا كىرگەنلەر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن دوكتۇرا يېتەرلىك باسقۇچىدىن ئۆتكەن ياكى ماقالە يېزىش باسقۇچىدىكى قېرىنداشلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
ئوقۇش مۇكاپاتى سوممىسى 1000 لىرادىن 1500 لىراغىچە بولىدۇ. ئوقۇش ياردىمى 500 لىردىن 750 لىراغىچە بولىدۇ. يىلدا 8 ئاي بېرىلىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 31- يانىۋارغىچە.
بۇنىڭدىن باشقا تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن چاقىرىق ئالغان ئەمما ئىقتىساددىن قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ئىستىقبال مۇكاپاتى تۈرىمىزنىڭ ئىشىكى ھەر ۋاقىت ئوچۇق، بۇ تۈرىمىزگە ھەرقانداق چاغدا ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى جەدۋەلنى چۈشۈرۈپ، تولدۇرۇپ، ئىمزالاپ ئاستىدىكى ئىلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك. (جەدۋەلنى كومپيۇتېردا تولۇق تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈست تەرەپتىكى سېرىق بالداقتىكى ئىمزا قويۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىمزا قويۇشىڭىز لازىم، ئىمزا قويغاندىن كېيىن مەزمۇنلارنى قايتا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا تولۇق ۋە توغرا تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىمزا قويۇڭ.) ئەگەر تولدۇرۇشتا ياكى ئىمزا قويۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز بۇ بەتتىكى چۈشەندۈرۈشتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
ئىلتىماس جەدۋىلى: چۈشۈرۈڭ
تىزىملىتىش ئادرىسى: www.uyghuryar.org
ئىلخەت : [email protected]

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھىچ بىر شەكىلدە ئاشكارىلانمايدۇ، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئىلان قىلىنمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار خاتىرجەم ئىلتىماس قىلىۋەرسە بولىدۇ.