| ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى يۇۋال نوھ خارارى (Yuval Noah Harari) ئۈچىنچى قىسىم ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى |
Sapiens: a brief history of humankind Yuval Noah Harari. Part Three The Unification of Humankind |
24-رەسىم. مەككىدىكى كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلار 9-باپ تارىخنىڭ ئوقياسىدېھقانچىلىق ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىنسانلار جەمئىيىتى كۈنسېرى زورىيىپ، مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان مەۋھۇم قۇرۇلمىلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى. ئەپسانە ۋە توقۇلمىلار كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ تەپەككۇر قىلىشى، ھەرىكىتى، خاھىشى، ھەمدە كۆزىتىشىگىچە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا سىڭىشىپ كەتتى. شۇڭا ئەپسانە ۋە توقۇلمىلار مىليونلىغان ناتونۇش كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشتۇرىدىغان سۈنئىي تۇيغۇ پەيدا قىلالىدى. بۇ سۈنئىي تۇيغۇ تورى مەدەنىيەت دەپ ئاتالدى. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئالىملار ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ مۇكەممەل ۋە سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولىدىغان ئۆزگەرمەس ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى. سەييارىلەر قۇياشنى ئايلانغىندەك ھەر بىر توپلۇمنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشى ۋە ئوڭۇشلۇق بولغان ئىجتىمائىي، قانۇنى ۋە سىياسىي سىستېمىسى بار ئىدى. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، مەدەنىيەتلەر ئۆزگەرمەي ئۆز قېلىپىدا ياشايدۇ، ئوخشاش قەدەم ۋە ئوخشاش يۆنىلىشتە ئايلىنىۋېرىدۇ. پەقەت سىرتقى كۈچلا ئۇنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىنسانشۇناسلار، تارىخشۇناسلار ۋە سىياسەتشۇناسلار «سامون مەدەنىيىتى» ياكى «تاسمانىيە مەدىنىيىتى» تىلغا ئالغىنىدا بۇ مەدەنىيەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئېتقاد، قائىدە ۋە قىممەت قاراشلىرى قەدىمدىن تارتىپ ئۆزگەرمەي داۋاملاشقان ئوخشايدۇ دەپ قالىمىز. بۈگۈنكى كۈندە، كۆپىنچە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى يۇقىرىقىنىڭ ئەكىسچە بولغاننى توغرا دەپ يەكۈن چىقاردى. ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ تىپىك ئېتىقادى، قائىدىسى ۋە قىممەت قاراشلىرى بار، ئەمما بۇلار توختىماي ئۆزگىرىدۇ. مەدەنىيەت بەلكىم مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ياكى قوشنا مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەمما مەدەنىيەت ھەم يەنە ئۆزىدىكى ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ سەۋەبىدىنمۇ ئۆزگىرىدۇ. مۇقىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا مەۋجۇت بولغان پۈتۈنلەي يېگانە مەدەنىيەتمۇ ئۆزگىرىدۇ. فىزىكىنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئىنسانلار ئىجاد قىلغان تەرتىپلەر ئۆز-ئۆزىگە زىتلىقتىن ساقلىنالمايدۇ. مەدەنىيەتلەر بۇ زىددىيەتلەرنى كېلىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، بۇ جەريان دەل مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىگە يېقىلغۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى ئاقسۆڭەكلەر ھەم خىرىستىئان دىنىغا ھەم چەۋەندازلىققا ئىشىنەتتى. تىپىك ئاقسۆڭەكلەر ئەتىگەندە چېركاۋغا باراتتى ۋە پوپنىڭ ئەۋلىيالارنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ۋەزلىرىنى ئاڭلايتتى. پوپ مۇنداق دەيتتى: دۇنيا پانىدۇر، ھەممە پانىدۇر. بايلىق، شەھۋەت ۋە شۆھرەتلەر خەتەرلىك ئېزىقتۇلاردۇر. سىلەر چوقۇم بۇلاردىن پاكلىنىپ، مەسىھ ئەيسانىڭ ئىزىدىن مېڭىشىڭلار كېرەك. ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇلايىم بولۇڭلار، زوراۋانلىق ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، ئەگەر ئوڭ يۈزۈڭلارغا شاپىلاق تەگسە، سول يۈزۈڭلارنى تۇتۇپ بېرىڭلار. يەنى شۇ قەدەر كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئاقسۆكەلەر ۋەزدىن كېيىن چوڭقۇر ئوي بىلەن ئۆيلىرىگە قايتاتتى ۋە ئەڭ ياخشى يىپەك كىيىملىرىنى كىيىپ، خوجايىنىنىڭ قەلئەسىدىكى زىياپەتكە باراتتى. زىياپەتتە ئۈزۈم ھارىقى سۇدەك قۇيۇلاتتى، مىنستىر لانكېلوت ۋە گۋىنىۋېرنىڭ ناخشىسى ئېيتىلاتتى. مېھمانلار مەينەت چاقچاق ۋە قانلىق ئۇرۇش ھېكايىلىرىنى سۆزلىشەتتى. بارونلار: «نومۇس بىلەن ياشاشتىن ئۆلگەن ياخشىراق، ئەگەر باشقىلار سېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭگە دەخلى-تەرۇز قىلسا، ھاقارەتنى پەقەت قانلا ئۆچۈرەلەيدۇ. ھاياتتا دۈشمىنىڭنىڭ قاچقىنىنى كۆرۈشتىن، ئۇلارنىڭ گۈزەل قىزلىرىنىڭ تاپىنىڭلاردا تىترەپ تۇرىشىدىن ئەۋزىلى بارمۇ؟ »دەپ جاكارلايدۇ. يۇقىرىقىدەك زىتلىق ياۋرۇپادا ئەزەلدىن تولۇق ھەل قىلىنمىدى. ئەمما ياۋروپانىڭ ئاقسۆڭەكلىرى، دىنىي زاتلىرى ۋە ئاۋامنىڭ تىركىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگەردى. بۇ خىل زىتلىقنى بايقاش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇش ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەھلى سەلىپ قوشۇنىدا چەۋەندازلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قابىلىيىتىنى ۋە دىنىي ساداقەتمەنلىكىنى نامايان قىلالايتتى. ئوخشاش زىددىيەت خىرىستىيان ۋە چەۋەندازلىق ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشقا ئۇرۇنغان تېمپلارس ۋە خوسپىتاللېرس قاتارلىقلارنىڭ ھەربىي بۇيرۇقلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھەربىي بۇيرۇقلىرى ئوتتۇرا ئەسىردىكى پادىشاھ ئارتۇر ۋە مۇقەددەس گرايىل قاتارلىق ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. كامىلوتنىڭ قىلغىنى ئۆزى ياخشى چەۋەندازنىڭ ياخشى خىرىستىيان بولالايدىغانلىقى ۋە بولۇشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا ياخشى خىرىستىيانلارنىڭ ئەڭ ياخشى چەۋەنداز بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش بولماي نېمە؟ يەنە بىر مىسال بۈگۈنكى سىياسىي تەرتىپ. فرانسىيە ئىنقىلابىدىن بۇيان ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بارا-بارا باراۋەرلىك ۋە شەخسىي ئەركىنلىكنى ئاساسلىق قەدرىيەت دەپ قاراشقا باشلىدى. ئەمما بۇ ئىككى قەدرىيەت بىر-بىرىگە زىت. باراۋەرلىك ئەركىنلىكتىن بەكرەك بەھرىمەن بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئارقىلىق كاپالەتلىنىدىغان نەرسە. ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزى خالىغاننى قىلالايدىغان ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەمەلىيەتتە قىسقا مۇددەتلىك باراۋەرلىكتىن ئىبارەت. دۇنيانىڭ 1789-يىلدىن بۇيانقى پۈتكۈل سىياسىي تارىخى بۇخىل زىتلىقنى ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش دەپ قاراشقا بولىدۇ. چارلېز دىككىنسنىڭ رومانىنى ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەم 19-ئەسىردىكى لىبرال ياۋرۇپا ھاكىمىيەتلىرىدە شەخسى ئەركىنلىكنى تەكىتلىگەن بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە يېتىم بالىلارغا يانچۇقچىلارنىڭ مەكتىپىگە كىرىشتىن باشقا تاللاش پۇرسىتى قالمىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئالېكساندىر سولجېنىتسىننىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغان ئادەم كوممۇنىزم باراۋەرلىك غايىسىنى تەكىتلىگەن بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى كونترول قىلىدىغان زالىم ھاكىممۇتلەقلىقنى قانداق پەيدا قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىتىمۇ بۇ خىل زىتلىقنى چۆرىدىگەن ھالدا ئايلىنىدۇ. دېموكراتلار تېخىمۇ باراۋەر جەمئىيەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ باجنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلار، ياشانغانلار ۋە ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش دېگەنلىكتۇر. ئەمما بۇ شەخسلەرنىڭ پۇلىنى ئۆزى خالىغانچە خەجلەش ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ. نېمىشقا ھۆكۈمەت بالىلىرىمنىڭ ئالىي مەكتىپى ئۈچۈن يىغىپ قويغان پۇللىرىمغا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشىمغا مەجبۇرلايدۇ؟ جۇمھۇرىيەتچىلەر بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ داۋالىنىش سوغۇرتىسى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ شەخسىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە تېرىشىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر مەدىنىيىتى خۇددى خىرىستىئان دىنى بىلەن چەۋاندازلىق روھىنى كېلىشتۈرەلمىگىنىدەك بۈگۈندىكى دەۋرمۇ باراۋەرلىك بىلەن ئەركىنلىكنى كېلىشتۈرەلمەيدۇ. ئەمما بۇ يىتەرسىزلىك ئەمەس. بۇ خىل زىتلىقلار ھەر بىر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئەمەلىيەتتە بۇ زىتلىق مەدەنىيەتنىڭ ماتورى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى ئىككى دانە توقۇنۇشۇپ قالغان مۇزىكا نوتىلىرى باشقا بىر مۇزىكىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنگە ئوخشاش، بىزنىڭ ئوي، ئىددىيە ۋە قەدرىيەتلىرىمىزدىكى زىددىيەت بىزنى ئويلىنىشقا، ھادىسىلەرنى قايتا باھالاشقا ۋە تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. زىددىيەتسىزلىك دۆتلۈكنىڭ راھەتبېغى. ئەگەر جىددىيلىك، زىددىيەت ۋە ساقلانغىلى بولمايدىغان دىلىغۇللۇقلار ھەربىر مەدەنىيەتنىڭ تېتىتقۇسى بولسا ئۇ ھالدا ھەربىر ئىنسان زىددىيەتلىك ئەقىدىلەر ۋە سىغىشمايدىغان قەدرىيەتلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ھەرقانداق مەدەنىيەتنىڭ موھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى: بىلىشتىكى ماسلاشماسلىقتۇر. ئۇ ھەمىشە ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىنتايىن موھىم بايلىق. ئەگەر كىشىلەر زىددىيەتلىك ئېتىقاد ۋە قەدرىيەتلەرنى ساقلاپ قالالمىغان بولسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئېيتايلى، بىر خىرىستىيان كوچىنىڭ ئايىغىدىكى مەسچىتكە بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى چۈشىنىشنى ئويلىسا، ئۇ ھەر بىر مۇسۇلمان قەدىرلەيدىغان ئەڭ دەسلەپكى قىممەت-قاراشلارنى ئىزدىمەسلىكى كېرەك. ئەكسىچە، مۇسۇلمانلار مەدەنىيتىدىكى 22-لەر يەنى ئىسلامنىڭ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك. بۇ جاي تۈزۈملەر توقۇنىشىدىغان ۋە ئۆلچەملەر گىرەلىشىپ كىتىدىغان جايدۇر. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى نوقتىغا ئېغىشىدىكى دەل نوقتا بولۇپ، بۇ نوقتىدا مۇسۇلمانلارنى ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىئىنسانىيەت مەدەنىيىتى توختىماي ئۆزگىرىش ئىچىدە. بۇ ئۆزگىرىش پۈتۈنلەي تاسادىپىيمۇ ياكى ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەندىزىسى بارمۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا، تارىخنىڭ يۆنىلىشى بارمۇ؟ جاۋاب ھەئە. مىڭ يىل مابەينىدە، كىچىك، ئاددىي مەدەنىيەتلەر بىرلىشىپ بارا-بارا چوڭ ۋە مۇرەككەپ مەدەنىيلىشىشلەرنى بەرپا قىلدى. شۇڭا دۇنيادا غايەت زور دەرىجىدىكى بىر نەچچىلا چوڭ ۋە مۇرەككەپ مەدەنىيەتلەر قالدى. بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن يۈزەكى ئومۇملاشتۇرۇش بولۇپ، مەدەنىيەتلەرنى ماكرو سەۋىيەدە ئۆلچىگەندىلا ئاندىن توغرا بولىدۇ. مىكرو جەھەتتىن قارىغاندا، جەمئىيەتتىكى ھەر بىر گورۇپپىغا تەۋە مەدەنىيەتلەر چوڭ مەدەنىيەتلەرگە سىڭىپ كېتىدىغان بولۇپ، چوڭ مەدەنىيەتلەرنى كىچىك پارچىلارغا بۆلگىلى بولىدۇ. موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئاسىياغىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ قالماستىن ھەتتا ياۋروپانىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېڭەيدى، ئاخىرىدا پارچىلىنىپ كەتتى. خىرىستىئان دىنى نەچچە يۈز مىليون ئادەمنى ئوخشاش ۋاقىتتا سان-ساناقسىز مەزھەپلەرگە بۆلدى. لاتىن تىلى غەربىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا تارقالغان، كېيىن يەرلىك دىئالېكتلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ دىئالىكتلار ئاخىرىدا دۆلەت تىلىغا ئايلانغان. ئەمما بۇ پارچىلىنىشلار بىرلىشىش جەريانىدىكى توسقىلى بولمايدىغان ۋاقىتلىق بۇرۇلۇش خالاس. * تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى چۈشىنىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تېما. ئەگەر بىز “قۇشنىڭ كۆزى” بىلەن تارىخقا نەزەر سالساق ۋە نەچچە ئون يىل ۋە ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلساق، بۇ يۈزلىنىشنىڭ بۆلۈنۈشكە ياكى بىرلىشىشكە قاراپ ماڭغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالىشىمىز تەس. ئەمما، ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي جەريانلارنى چۈشىنىشكە “قۇشنىڭ كۆزى” ئۇ قەدەر يىراقنى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يىتەرلىك ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا تارىخقا جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ كۆزى بىلەن قارىساق، سۈنئىي ھەمراھ نەچچە يۈز يىلنى ئەمەس، بەلكى مىڭ يىلنى كۆرەلىگەنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كۆزىتەلەيمىز. بۇنداق چوڭ نۇقتىدىن قارىغاندا تارىخنىڭ توختاۋسىز شەكىلدە بىرلىشىشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. خىرىستىئان دىنىنىڭ مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈشى ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى تارىخنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى تېزلەتكۈچى ھالقىما نوقتىدۇر، خالاس. تارىخنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنى چۈشىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى يەرشارىدىكى ھەر قانداق پەيتتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئايرىم ئىنسانلار دۇنياسىنى ساناپ چىقىشتۇر. بۈگۈنكى كۈندە بىز پۈتكۈل يەرشارىنى بىر گەۋدە دەپ ئويلاشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما تارىخنىڭ كۆپىنچىسىدە يەرشارى ئەمەلىيەتتە يەككە ئىنسانلار دۇنياسىنىڭ پۈتۈن سامانيولى ئىدى. ئاۋىستىرالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا تىپتىكى ئارال تاسمانىيەنى ئويلاپ باقايلى، بۇ ئارال مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10،000 يىللاردا ئاۋىستىرالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان، چۈنكى مۇز دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشى كىلىپ چىققان. بىر نەچچە مىڭ ئوۋچى-يىغمىچى بۇ ئارالدا تۇرۇپ قالغان، ھەمدە بۇ يەردىكى كىشىلەر 19-ئەسىردە ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ ئارالغا كەلگىنىگە قەدەر باشقا ئىنسانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغان. 12000 يىلدىن بۇيان، تاسمانىيىلىكلەرنىڭ بۇ ئارالدا ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادا باشقا كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. بۇ ئارالدىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇشلىرى، سىياسىي كۆرەشلىرى، ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ خىتاي ياكى مېسوپوتامىييە ھۆكۈمرانلىرى بۇ جاينى ئىگەللىمىگەن. تاسمانىيەمۇ بىلىنمىگەن بىر جاي ئىدى. تاسمانىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنياسىدا ياشاۋەرگەن ئىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپامۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا بىر-بىرى ئۈچۈن ئايرىم دۇنيا ئىدى. مىلادىيە 378-يىلى، رىم ئىمپېراتورى ۋالېنس ئادرىئانوپول ئۇرۇشىدا گوتلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. شۇ يىلى تىكال پادىشاھى چاك توك ئىچئاك تېوتىخۇاكان قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. تىكال مايانىڭ مۇھىم شەھەر دۆلىتى ئىدى، تېوتىخۇاكان بولسا ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ، 250 مىڭغا يېقىن ئاھالىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ چوڭلۇقى ھازىرقى رىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. رىمنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تېوتىخۇاكان نىڭ باش كۆتۈرۈشى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش يوق ئىدى. رىمنى مارسقا جايلاشقان دىسەك، تېوتىخۇاكان ۋېنېراغا جايلاشقان ئىدى. يەر شارىدا قانچە خىل ئوخشىمىغان ئىنسانلار دۇنياسى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10،000 يىللار ئەتراپىدا بىزنىڭ پىلانىتىمىز نەچچە مىڭلىغان ئىنسان دۇنياسىغا ساھىپخانلىق قىلغان. ئەمما مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە، ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭغا ئازايغان. مىلادىيە 1450-يىلغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ سانى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئازايغان. ئۇ ۋاقىتلاردا، ياۋروپا قىدىرىپ تەكشۈرۈش دەۋرىدىن بۇرۇن، يەرشارىدا تاسمانىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن ئېچىلمىغان دۇنيا بار ئىدى. ئەمما% 90 كە يېقىن ئىنسانلار بىرلا چوڭ تىپتىكى دۇنيا: ئافرو-ئاسىيا دۇنياسىدا ياشايتتى. ئاسىيانىڭ، ياۋروپانىڭ ۋە ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمى (سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاللىقاچان مۇھىم مەدەنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن باغلانغان ئىدى. دۇنيادىكى ئىنسانلار نوپۇسىنىڭ قالغان ئوندىن بىر قىسمى خېلى چوڭ ۋە مۇرەككەپ بولغان تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن:
كەلگۈسى 300 يىلدا، ئافرو-ئاسىيانلار باشقا بارلىق دۇنيانى يۇتىۋالىدۇ. ئۇ 1521-يىلى ئىسپانىيە ئازتېك ئىمپېرىيىسىنى بويسۇندۇرغاندا مېسو-ئامېرىكا دۇنياسىنى يۇتىۋەتكەن. فېردىناند ماگېللان يەر شارىنى ئايلانغان ۋاقىتتا، ئافرو-ئاسىيا ماگناتى ئوكيان دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم بىر لوقما چىشلىگەن ئىدى. ئاندىئان دۇنياسى 1532-يىلى، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئىنكا ئىمپېرىيىسىنى تارمار قىلغاندا يىمىرىلدى. تۇنجى ياۋروپالىق 1606-يىلى ئاۋىستىرالىيە قۇرۇقلۇقىغا قەدەم باستى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىپتىدائىي دۇنيا 1788-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بىلەن ئاياغلاشتى. 15 يىلدىن كېيىن ئەنگىلىيەلىكلەر تاسمانىيەدە تۇنجى ئولتۇراق رايونى قۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى مۇستەقىل ئىنسانلار دۇنياسى ئافرو-ئاسىيانىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرىپ قالدى. ئافرو-ئاسىيانلار يۇتۇۋالغان نەرسىلىرىنى ھەزىم قىلىشىغا بىر قانچە ئەسىر ۋاقىت كەتتى، ئەمما بۇ جەريان كەينىگە قايتمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاش جۇغراپىيىلىك سىياسىي سىستېمىنى ئورتاقلىشىدۇ (پۈتكۈل يەرشارى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەتلەرگە ئايرىلغان)؛ ئوخشاش ئىقتىسادىي سىستېما (كاپىتالىستىك بازار كۈچلىرى ھەتتا دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭلىرىغىچە كېڭەيگەن)؛ ئوخشاش قانۇن سىستېمىسى (كىشىلىك ھەقلەر ۋە خەلقئارا قانۇن ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن ھەممە يەردە كۈچكە ئىگە.)؛ ئوخشاش پەن-تېخنىكا سىستېمىسى (ئىران، ئىسرائىلىيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئارگېنتىنادىكى ئوخشاش ئىلمىي سىستېما مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى ياكى تۇبېركۇليوزنى داۋالاش توغرىسىدا ئوخشاش كۆز قاراشلىرى بار). يەككە دۇنيا مەدەنىيىتى بىردەكلىككە ئىگە ئەمەس. خۇددى يەككە بىر ئورگانىك بەدەندە نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەر بولغانغا ئوخشاش، بىزنىڭ يەككە دۇنيا مەدەنىيىتىمىز نيۇ-يورك پايچېكلىرىدىن تارتىپ ئافغانىستان پادىچىلىرىغىچە بولغان نۇرغۇن ئوخشىمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بولۇپ، ئۇلار تۈرلۈك-تۈمەن ئۇسۇللار بىلەن بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تالاش-تارتىش قىلىدۇ ۋە ئۇرۇش قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئوخشاش ئۇقۇملارنى ئىشلىتىپ تالاش-تارتىش قىلىدۇ، ئوخشاش قوراللارنى ئىشلىتىپ ئۇرۇش قىلىدۇ. ھەقىقىي «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» گاسلارنىڭ گەپلىرىگە ئوخشايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدۇ. بۈگۈن ئىران بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قىلىچ ئۇرغاندا، ئۇلار ھەر ئىككىسى مىللى دۆلەت، كاپىتالىستىك ئىقتىساد، خەلقئارا ھوقۇق ۋە يادرو فىزىكىسى دىگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ.
3-خەرىتە. مىلادىيە 1450-يىلىدىكى يەرشارى. ئافرو-ئاسىيادىكى ئىسمى قويۇلغان جايلار 14-ئەسىردىكى مۇسۇلمان ساياھەتچى ئىبنى باتتۇتا زىيارەت قىلغان جايلار ئىدى. ماراكەشنىڭ تاڭگېردا تۇغۇلغان ئىبنى باتتۇتا تىمبۇكتۇ، زانزىبار، روسىيەنىڭ جەنۇبى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، خىتاي ۋە ھىندىنوزىيەنى زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ ساياھىتى بۈگۈنكى دەۋر ھارپىسىدىكى ئافرو-ئاسىيانىڭ بىرلىكىنى تەسۋىرلەپ بەردى. بىز يەنىلا «خاس» مەدەنىيەتلەر توغرىسىدا سۆزلەيمىز، ئەمما «خاس» دىگىنىمىزدە، مۇستەقىل تەرەققىي قىلغان، ھەمدە تاشقى تەسىردىن خالىي قەدىمكى يەرلىك ئەنئەنىلەردىن تەركىب تاپقان مەدەنىيەتلەرنى كۆزدە تۇتىمىز. بىراق، يەر يۈزىدە ئۇنداق خاس مەدەنىيەتلەر قالمىغان. يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان، بارلىق مەدەنىيەتلەر يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرىدە تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتتى. يەر شارىلىشىشنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق مىسالى «مىللى» تاماقلاردۇر. ئىتالىيە رېستورانىدىن پەمىدۇر قىيامىدا قىلىنغان لەغمەن تېپىشنى ئۈمىد قىلىمىز؛ پولشا ۋە ئىرېلاندىيە ئاشخانىلىرىدىن نۇرغۇن بەرەڭگە؛ ئارگېنتىنا رېستورانلىرىدىن نەچچە ئون خىل كالا گۆشى كاۋىپىنى تاللىيالايمىز؛ ھىندىستان رېستورانلىرىدا ئاچچىق قىزىلمۇچ ھەممە تاماق بىلەن بىرلەشتۈرۋېتىلگەن؛ شىۋىتسارىيە قەھۋەخانىلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى قېلىن قايماقلىق شاكىلات؛ ئەمما بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇ مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەس. پەمىدۇر، ئاچچىق قىزىلمۇچ ۋە كاكائونىڭ ھەممىسى مېكسىكىدىن كىلىپ چىققان كۆكتاتلار. بۇ كۆكتاتلار ئىسپانىيەلىكلەر مېكسىكىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ياۋروپا ۋە ئاسىياغا يېتىپ بارغان. جۇلىيا سېزەر بىلەن دانتې ئالىگېرى پەمىدۇر قىيامى بىلەن قىلىنغان ئىتالىيە چۆپىنى ئەزەلدىن ئارا بىلەن يەپ باقمىغان (ھەتتا ئۇ ۋاقىتتا ئارا تېخى كەشىپ قىلىنمىغان)، ۋىليام تېل ئەزەلدىن شاكىلاتنى تېتىپ باقمىغان، بۇددا ئەزەلدىن مۇچلۇق يېمەكلىكلەرنى تېتىپ باقمىغان. بەرەڭگە 400 يىل ئىلگىرى تېخى پولشا ۋە ئېرلاندىيەگى يېتىپ كەلمىگەن. 1492-يىلى ئارگېنتىنادا ئېرىشەلەيدىغان بىردىنبىر كاۋاپ لاما كاۋىپى ئىدى. ھوللىۋود فىلىملىرى تۈزلەڭلىكتىكى ئىندىئانلارنىڭ باتۇر چەۋەنداز ئوبرازىنى يارىتىپ كەلدى، بۇ ئوبرازلار ئەجدادلىرىنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ پويىز-ۋاگونلىرىغا ئاتلىق ئېتىلىپ كېلەتتى. ئەمما 1492-يىلى ئامېرىكىدا ئات يوق ئىدى، شۇڭا بۇ يەرلىك چەۋەندازلار ئۆزىنىڭ بەزى قەدىمكى، ھەقىقىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، ئۇلار 17-ۋە 18-ئەسىرلەردە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنى قاپلىغان زور دەرىجىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ئىنقىلابلارنىڭ مەھسۇلى، ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ زېمىننى ئىستىلا قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى. 19-ئەسىردىكى سىئوك ۋە ئاپاچې مەدەنىيىتى جەلپكار ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەمما ئۇ بىر زامانىۋى مەدەنىيەت بولۇپ ئىندىئانلارغا خاس مەدەنىيەت بولماستىن بەلكى دۇنياۋى يۈزلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. دۇنياۋى مەنزىلئەمەلىي نۇقتىدىن ئالغاندا، يەر شارىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردە يۈز بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئىمپېرىيەلەر چوڭىيىپ، سودىلار كۈچەيگەن. ئافرو-ئاسىيا، ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئوكيانىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى چىڭىيىۋاتقان باغلىنىش شەكىللەنگەن. شۇنداق قىلىپ مېكسىكىنىڭ ئاچچىق مۇچلىرى بىلەن ھىندىستان تاماقلىرى قىلىنغان، ئىسپانىيە كالالىرى ئارگېنتىنادا بېقىلغان. شۇنداقتىمۇ ئىدىئولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېخىمۇ موھىم تەرەققىياتلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى مىڭ يىلدا يۈز بەرگەن بولۇپ، دۇنياۋى تەرتىپ دىگەن پىكىر يىلتىز تارتىشقا باشلىغان. نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى، تارىخ ئاللىقاچان يەر شارى بىرلىكى يۆنىلىشىگە قاراپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەۋاتاتتى، ئەمما پۈتكۈل دۇنيانى باشقۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تەرتىپ يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرگە يات ئىدى.
25-رەسىم. سىئۇكىس باشلىقلىرى (1905-يىلى). ئەمما سىئۇكىس ياكى باشقا چوڭ تۈزلەڭلىك قەبىلىلىرىدە 1492-يىلدىن ئىلگىرى ئات يوق ئىدى. خومۇ سەپىيانىس كىشىلەرنى «بىز» ۋە «ئۇلار»غا بۆلۈپ تەرەققىي قىلدى. “بىز” دىگەندەكىم بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئەتراپىڭىزدا ئاسانلا سىز بىلەن بىرلىشەلەيدىغان گورۇپپىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ “ئۇلار” دىگەندە سىزگە ئوخشىمايدىغان باشقىلارنى كۆرسىتەتتى. ئەمەلىيەتتە، ھېچكىم ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەتى ئۈچۈن يېتەكلەنمەيدۇ. ھېچقانداق شىمپەنزە پۈتۈن شىمپەنزە تۈرىنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھېچقانداق قۇلۇلە يەر شارى قۇلۇلە جەمئىيىتى ئۈچۈن قول ئۇزاتمايدۇ، ھېچقانداق شىر بارلىق شىرلارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا دو تىكمەيدۇ، ھەرە كۆنىكىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مۇنداق شوئارنى تاپقىلى بولمايدۇ: “دۇنيادىكى بارلىق ئىشچى ھەرىلەر ئىتتىپاقلىشايلى!”. ئەمما بىلىش ئىنقىلابىدىن باشلاپ، خومۇ سەپىيانىس بۇ جەھەتتە بارغانسىرى ئالاھىدە بولۇپ كەتتى. كىشىلەر پۈتۈنلەي ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدى، كىشىلەر ئۇلارنى قېرىنداش ياكى دوست دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشتى. شۇنداقتىمۇ بۇ قېرىنداشلىق ئوموملاشمىدى. جىلغىنىڭ مەلۇم يېرىدە ياكى تاغ تىزمىسىنىڭ سىرتىدىكى مەلۇم بىر جايدا كىشىلەر يەنىلا “ئۇلار” نىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000-يىللار ئەتراپىدا فىرئەۋن بىرىنچى مېنېس مىسىرنى بىرلەشتۈرگەندە، مىسىرلىقلار مىسىرنىڭ چېگرىسى بارلىقى، چېگرانىڭ سىرتىدا “ياۋايىلار(مەدەنىيەتسىزلەر)”يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلدى. ياۋايىلار يات، قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئۇلار پەقەت مىسىرلىقلار ئارزۇ قىلىدىغان يەر ياكى تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولۇشقىلا قىزىقاتتى. كىشىلەر ياراتقان مەۋھۇم تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ماھىيەتلىك قىسمىغا سەل قاراشقا مايىل ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى مىڭ يىل ئۈچ خىل ئۇنىۋېرسال تەرتىپنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىگە شاھىت بولدى، ئۇلارنىڭ مۇخلىسلىرى تۇنجى قېتىم پۈتكۈل دۇنيا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر يۈرۈش قانۇنلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر گەۋدە، دەپ تەسەۋۋۇر قىلدى. ھېچ بولمىغاندا يوشۇرۇن ئاڭدا ھەممە ئادەم “بىز” ئىدى. ئەمدى “ئۇلار” يوق ئىدى. تۇنجى پەيدا بولغان ئۇنىۋېرسال تەرتىپ ئىقتىسادىي تەرتىپ يەنى پۇل تەرتىپى ئىدى. ئىككىنچى ئۇنىۋېرسال تەرتىپ سىياسىي تەرتىپ يەنى ئىمپېرىيە تەرتىپى ئىدى. ئۈچىنچى ئۇنىۋېرسال تەرتىپ دىنىي تەرتىپ يەنى بۇددا دىنى، خىرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئوخشاش ئۇنىۋېرسال دىنلارنىڭ تەرتىپى ئىدى. سودىگەرلەر، بويسۇندۇرغۇچىلار ۋە پەيغەمبەرلەر تۇنجى بولۇپ ئىككىلىك تەدرىجى تەرەققىيات بۆلۈنۈشى “بىز ۋە ئۇلار” دىن ھالقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ يوشۇرۇن ئىتتىپاقلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن كىشىلەردۇر. سودىگەرلەرگە نىسبەتەن پۈتكۈل دۇنيا يەككە بازار، بارلىق ئىنسانلار يوشۇرۇن خېرىدار ئىدى. ئۇلار ھەممە جايدا قوللىنىلىدىغان ئىقتىسادىي تەرتىپ ئورنىتىشقا ئۇرۇندى. بويسۇندۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن، پۈتكۈل دۇنيا بىر يەككە ئىمپېرىيە، بارلىق ئىنسانلار يوشۇرۇن باشقۇرۇلۇش ئوبيېكتى ئىدى، پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيادا بىرلا ھەقىقەت بار ئىدى، بارلىق ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنىڭ يوشۇرۇن ئېتىقادچىلىرى ئىدى. ئۇلارمۇ ھەممە يەردىكى ئادەمگە ماس كېلىدىغان تەرتىپ ئورناتماقچى بولدى. يېقىنقى ئۈچ مىڭ يىلدا، كىشىلەر دۇنياۋى مەنزىلنى يىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ قاراملىشىپ كەتتى. كېيىنكى ئۈچ بابتا پۇل، ئىمپېرىيە ۋە ئاممىباب دىنلارنىڭ قانداق تارقالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى بىرلىككە كەلگەن دۇنيانىڭ ئۇلىنى قانداق سالغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. بىز گەپنى تارىختىكى ئەڭ چوڭ، ھەددىدىن زىيادە كەڭ قورساق ۋە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بويسۇندۇرغۇچىنىڭ كىشىلەرنى قانداق قىلىپ قىزغىن شاگىرتقا ئايلاندۇرۇش ھېكايىسىدىن باشلايمىز. بۇ بويسۇندۇرغۇچىنىڭ ئىسمى پۇلدۇر. ئوخشاش ئىلاھقا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئوخشاش بىر پادىشاھقا ئىتائەت قىلمايدىغان كىشىلەر ئوخشاش پۇلنى ئىشلىتىشنى خالايدۇ. ئوساما بىن لادېن ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە، ئامېرىكىنىڭ دىنىغا ۋە ئامېرىكا سىياسىتىگە ئۆچمەنلىك قىلسىمۇ، ئامېرىكا دوللىرىغا بەك ئامراق ئىدى. ئىلاھلار ۋە پادىشاھلار مەغلۇپ بولغان يەردە پۇل قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدى؟ |
24. Pilgrims circling the Ka’aba in Mecca. 9. The Arrow of HistoryAFTER THE AGRICULTURAL REVOLUTION, human societies grew ever larger and more complex, while the imagined constructs sustaining the social order also became more elaborate. Myths and fictions accustomed people, nearly from the moment of birth, to think in certain ways, to behave in accordance with certain standards, to want certain things, and to observe certain rules. They thereby created artificial instincts that enabled millions of strangers to cooperate effectively. This network of artificial instincts is called culture’. During the first half of the twentieth century, scholars taught that every culture was complete and harmonious, possessing an unchanging essence that defined it for all time. Each human group had its own world view and system of social, legal and political arrangements that ran as smoothly as the planets going around the sun. In this view, cultures left to their own devices did not change. They just kept going at the same pace and in the same direction. Only a force applied from outside could change them. Anthropologists, historians and politicians thus referred to ‘Samoan Culture’ or ‘Tasmanian Culture’ as if the same beliefs, norms and values had characterised Samoans and Tasmanians from time immemorial. Today, most scholars of culture have concluded that the opposite is true. Every culture has its typical beliefs, norms and values, but these are in constant flux. The culture may transform itself in response to changes in its environment or through interaction with neighbouring cultures. But cultures also undergo transitions due to their own internal dynamics. Even a completely isolated culture existing in an ecologically stable environment cannot avoid change. Unlike the laws of physics, which are free of inconsistencies, every man-made order is packed with internal contradictions. Cultures are constantly trying to reconcile these contradictions, and this process fuels change. For instance, in medieval Europe the nobility believed in both Christianity and chivalry. A typical nobleman went to church in the morning, and listened as the priest held forth on the lives of the saints. ‘Vanity of vanities,’ said the priest, ‘all is vanity. Riches, lust and honour are dangerous temptations. You must rise above them, and follow in Christ’s footsteps. Be meek like Him, avoid violence and extravagance, and if attacked — just turn the other cheek.’ Returning home in a meek and pensive mood, the nobleman would change into his best silks and go to a banquet in his lord’s castle. There the wine flowed like water, the minstrel sang of Lancelot and Guinevere, and the guests exchanged dirty jokes and bloody war tales. ‘It is better to die,’ declared the barons, ‘than to live with shame. If someone questions your honour, only blood can wipe out the insult. And what is better in life than to see your enemies flee before you, and their pretty daughters tremble at your feet?’ The contradiction was never fully resolved. But as the European nobility, clergy and commoners grappled with it, their culture changed. One attempt to figure it out produced the Crusades. On crusade, knights could demonstrate their military prowess and their religious devotion at one stroke. The same contradiction produced military orders such as the Templars and Hospitallers, who tried to mesh Christian and chivalric ideals even more tightly. It was also responsible for a large part of medieval art and literature, such as the tales of King Arthur and the Holy Grail. What was Camelot but an attempt to prove that a good knight can and should be a good Christian, and that good Christians make the best knights? Another example is the modern political order. Ever since the French Revolution, people throughout the world have gradually come to see both equality and individual freedom as fundamental values. Yet the two values contradict each other. Equality can be ensured only by curtailing the freedoms of those who are better off. Guaranteeing that every individual will be free to do as he wishes inevitably short-changes equality. The entire political history of the world since 1789 can be seen as a series of attempts to reconcile this contradiction. Anyone who has read a novel by Charles Dickens knows that the liberal regimes of nineteenth-century Europe gave priority to individual freedom even if it meant throwing insolvent poor families in prison and giving orphans little choice but to join schools for pickpockets. Anyone who has read a novel by Alexander Solzhenitsyn knows how Communisms egalitarian ideal produced brutal tyrannies that tried to control every aspect of daily life. Contemporary American politics also revolve around _ this contradiction. Democrats want a more equitable society, even if it means raising taxes to fund programmes to help the poor, elderly and infirm. But that infringes on the freedom of individuals to spend their money as they wish. Why should the government force me to buy health insurance if I prefer using the money to put my kids through college? Republicans, on the other hand, want to maximise individual freedom, even if it means that the income gap between rich and poor will grow wider and that many Americans will not be able to afford health care. Just as medieval culture did not manage to square chivalry with Christianity, so the modern world fails to square liberty with equality. But this is no defect. Such contradictions are an inseparable part of every human culture. In fact, they are culture’s engines, responsible for the creativity and dynamism of our species. Just as when two clashing musical notes played together force a piece of music forward, so discord in our thoughts, ideas and values compel us to think, reevaluate and criticise. Consistency is the playground of dull minds. If tensions, conflicts and irresolvable dilemmas are the spice of every culture, a human being who belongs to any particular culture must hold contradictory beliefs and be riven by incompatible values. It’s such an essential feature of any culture that it even has a name: cognitive dissonance. Cognitive dissonance is often considered a failure of the human psyche. In fact, it is a vital asset. Had people been unable to hold contradictory beliefs and values, it would probably have been impossible to establish and maintain any human culture. If, say, a Christian really wants to understand the Muslims who attend that mosque down the street, he shouldn’t look for a pristine set of values that every Muslim holds dear. Rather, he should enquire into the catch-22s of Muslim culture, those places where rules are at war and standards scuffle. It’s at the very spot where the Muslims teeter between two imperatives that you’ll understand them best. The Spy SatelliteHuman cultures are in constant flux. Is this flux completely random, or does it have some overall pattern? In other words, does history have a direction? The answer is yes. Over the millennia, small, simple cultures gradually coalesce into bigger and more complex civilisations, so that the world contains fewer and fewer mega-cultures, each of which is bigger and more complex. This is of course a very crude generalisation, true only at the macro level. At the micro level, it seems that for every group of cultures that coalesces into a mega-culture, there’s a mega-culture that breaks up into pieces. The Mongol Empire expanded to dominate a huge swathe of Asia and even parts of Europe, only to shatter into fragments. Christianity converted hundreds of millions of people at the same time that it splintered into innumerable sects. The Latin language spread through western and central Europe, then split into local dialects that themselves eventually became national languages. But these break-ups are temporary reversals in an inexorable trend towards unity. Perceiving the direction of history is really a question of vantage point. When we adopt the proverbial bird’s-eye view of history, which examines developments in terms of decades or centuries, it’s hard to say whether history moves in the direction of unity or of diversity. However, to understand long-term processes the bird’s-eye view is too myopic. We would do better to adopt instead the viewpoint of a cosmic spy satellite, which scans millennia rather than centuries. From such a vantage point it becomes crystal clear that history is moving relentlessly towards unity. The sectioning of Christianity and the collapse of the Mongol Empire are just speed bumps on history’s highway. * The best way to appreciate the general direction of history is to count the number of separate human worlds that coexisted at any given moment on planet Earth. Today, we are used to thinking about the whole planet as a single unit, but for most of history, earth was in fact an entire galaxy of isolated human worlds. Consider Tasmania, a medium-sized island south of Australia. It was cut off from the Australian mainland in about 10,000 sc as the end of the Ice Age caused the sea level to rise. A few thousand hunter-gatherers were left on the island, and had no contact with any other humans until the arrival of the Europeans in the nineteenth century. For 12,000 years, nobody else knew the Tasmanians were there, and they didn’t know that there was anyone else in the world. They had their wars, political struggles, social oscillations and cultural developments. Yet as far as the emperors of China or the rulers of Mesopotamia were concerned, Tasmania could just as well have been located on one of Jupiter’s moons. The Tasmanians lived in a world of their own. America and Europe, too, were separate worlds for most of their histories. In av 378, the Roman emperor Valence was defeated and killed by the Goths at the battle of Adrianople. In the same year, King Chak Tok Ich’aak of Tikal was defeated and killed by the army of Teotihuacan. (Tikal was an important Mayan city state, while Teotihuacan was then the largest city in America, with almost 250,000 inhabitants — of the same order of magnitude as its contemporary, Rome.) There was absolutely no connection between the defeat of Rome and the rise of Teotihuacan. Rome might just as well have been located on Mars, and Teotihuacan on Venus. How many different human worlds coexisted on earth? Around 10.000 sc Our planet contained many thousands of them. By 2000 sc, their numbers had dwindled to the hundreds, or at most a few thousand. By ap 1450, their numbers had declined even more drastically. At that time, just prior to the age of European exploration, earth still contained a significant number of dwarf worlds such as Tasmania. But close to 90 per cent of humans lived in a single mega-world: the world of Afro-Asia. Most of Asia, most of Europe, and most of Africa (including substantial chunks of sub-Saharan Africa) were already connected by significant cultural, political and economic ties. Most of the remaining tenth of the world’s human population was divided between four worlds of considerable size and complexity:
Over the next 300 years, the Afro-Asian giant swallowed up all the other worlds. It consumed the Mesoamerican World in 1521, when the Spanish conquered the Aztec Empire. It took its first bite out of the Oceanic World at the same time, during Ferdinand Magellan’s circumnavigation of the globe, and soon after that completed its conquest. The Andean World collapsed in 1532, when Spanish conquistadors crushed the Inca Empire. The first European landed on the Australian continent in 1606, and that pristine world came to an end when British colonisation began in earnest in 1788. Fifteen years later the Britons established their first settlement in Tasmania, thus bringing the last autonomous human world into the Afro-Asian sphere of influence. It took the Afro-Asian giant several centuries to digest all that it had swallowed, but the process was irreversible. Today almost all humans share the same geopolitical system (the entire planet is divided into internationally recognised states); the same economic system (capitalist market forces shape even the remotest corners of the globe); the same legal system (human rights and international law are valid everywhere, at least theoretically); and the same scientific system (experts in Iran, Israel, Australia and Argentina have exactly the same views about the structure of atoms or the treatment of tuberculosis). The single global culture is not homogeneous. Just as a single organic body contains many different kinds of organs and cells, so our single global culture contains many different types of lifestyles and people, from New York stockbrokers to Afghan shepherds. Yet they are all closely connected and they influence one another in myriad ways. They still argue and fight, but they argue using the same concepts and fight using the same weapons. A real ‘clash of civilisations’ is like the proverbial dialogue of the deaf. Nobody can grasp what the other is saying. Today when Iran and the United States rattle swords at one another, they both speak the language of nation states, capitalist economies, international rights and nuclear physics.
Map 3. Earth in AD 1450. The named locations within the Afro-Asian World were places visited by the fourteenth-century Muslim traveller Ibn Battuta. A native of Tangier, in Morocco, Ibn Battuta visited Timbuktu, Zanzibar, southern Russia, Central Asia, India, China and Indonesia. His travels illustrate the unity of Afro-Asia on the eve of the modern era. We still talk a lot about ‘authentic’ cultures, but if by authentic’ we mean something that developed independently, and that consists of ancient local traditions free of external influences, then there are no authentic cultures left on earth. Over the last few centuries, all cultures were changed almost beyond recognition by a flood of global influences. One of the most interesting examples of this globalisation is ‘ethnic’ cuisine. In an Italian restaurant we expect to find spaghetti in tomato sauce; in Polish and Irish restaurants lots of potatoes; in an Argentinian restaurant we can choose between dozens of kinds of beefsteaks; in an Indian restaurant hot chillies are incorporated into just about everything; and the highlight at any Swiss café is thick hot chocolate under an alp of whipped cream. But none of these foods is native to those nations. Tomatoes, chilli peppers and cocoa are all Mexican in origin; they reached Europe and Asia only after the Spaniards conquered Mexico. Julius Caesar and Dante Alighieri never twirled tomato-drenched spaghetti on their forks (even forks hadn’t been invented yet), William Tell never tasted chocolate, and Buddha never spiced up his food with chilli. Potatoes reached Poland and Ireland no more than 400 years ago. The only steak you could obtain in Argentina in 1492 was from a llama. Hollywood films have perpetuated an image of the Plains Indians as brave horsemen, courageously charging the wagons of European pioneers to protect the customs of their ancestors. However, these Native American horsemen were not the defenders of some ancient, authentic culture. Instead, they were the product of a major military and political revolution that swept the plains of western North America in the seventeenth and eighteenth centuries, a consequence of the arrival of European horses. In 1492 there were no horses in America. The culture of the nineteenth-century Sioux and Apache has many appealing features, but it was a modern culture — a result of global forces – much more than authentic’. The Global VisionFrom a practical perspective, the most important stage in the process of global unification occurred in the last few centuries, when empires grew and trade intensified. Ever-tightening links were formed between the people of Afro-Asia, America, Australia and Oceania. Thus Mexican chilli peppers made it into Indian food and Spanish cattle began grazing in Argentina. Yet from an ideological perspective, an even more important development occurred during the first millennium sc, when the idea of a universal order took root. For thousands of years previously, history was already moving slowly in the direction of global unity, but the idea of a universal order governing the entire world was still alien to most people.
25. Sioux chiefs (1905). Neither the Sioux nor any other Great Plains tribe had horses prior to 1492. Homo sapiens evolved to think of people as divided into us and them. ‘Us’ was the group immediately around you, whoever you were, and ‘them’ was everyone else. In fact, no social animal is ever guided by the interests of the entire species to which it belongs. No chimpanzee cares about the interests of the chimpanzee species, no snail will lift a tentacle for the global snail community, no lion alpha male makes a bid for becoming the king of all lions, and at the entrance of no beehive can one find the slogan: ‘Worker bees of the world — unite!’ But beginning with the Cognitive Revolution, Homo sapiens became more and more exceptional in this respect. People began to cooperate on a regular basis with complete strangers, whom they imagined as ‘brothers’ or ‘friends’. Yet this brotherhood was not _ universal. Somewhere in the next valley, or beyond the mountain range, one could still sense ‘them’. When the first pharaoh, Menes, united Egypt around 3000 xc, it was clear to the Egyptians that Egypt had a border, and beyond the border lurked ‘barbarians’. The barbarians were alien, threatening, and interesting only to the extent that they had land or natural resources that the Egyptians wanted. All the imagined orders people created tended to ignore a substantial part of humankind. The first millennium sc witnessed the appearance of three potentially universal orders, whose devotees could for the first time imagine the entire world and the entire human race as a single unit governed by a single set of laws. Everyone was ‘us’, at least potentially. There was no longer ‘them’. The first universal order to appear was economic: the monetary order. The second universal order was political: the imperial order. The third universal order was religious: the order of universal religions such as Buddhism, Christianity and Islam. Merchants, conquerors and prophets were the first people who managed to transcend the binary evolutionary division, ‘us vs them’, and to foresee the potential unity of humankind. For the merchants, the entire world was a single market and all humans were potential customers. They tried to establish an economic order that would apply to all, everywhere. For the conquerors, the entire world was a single empire and all humans were potential subjects, and for the prophets, the entire world held a single truth and all humans were potential believers. They too tried to establish an order that would be applicable for everyone everywhere. During the last three millennia, people made more and more ambitious attempts to realise that global vision. The next three chapters discuss how money, empires and universal religions spread, and how they laid the foundation of the united world of today. We begin with the story of the greatest conqueror in history, a conqueror possessed of extreme tolerance and adaptability, thereby turning people into ardent disciples. This conqueror is money. People who do not believe in the same god or obey the same king are more than willing to use the same money. Osama Bin Laden, for all his hatred of American culture, American religion and American politics, was very fond of American dollars. How did money succeed where gods and kings failed? |



