| ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى يۇۋال نوھ خارارى (Yuval Noah Harari) ئۈچىنچى قىسىم ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى |
Sapiens: a brief history of humankind Yuval Noah Harari. Part Three The Unification of Humankind |
13.باب غەلبىنىڭ مەخپىيتىسودا، ئېمپىرىيە ۋە ئۇنىۋېرسال دىنلار ئاخىرىدا ھەر بىر قىتئەدىكى ئىنسانلارنى بىز ياشاۋاتقان يەر شارىلاشقان دۇنياغا ئېلىپ كىردى. دۇنيارىمىزنىڭ كېڭىيىش ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ يۇغۇلۇرۇش جەريانى بىرخىل رەۋىشتە تىپتىنىچ ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولغان ئەمەس. چوڭراق نوقتىدىن قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن كىچىك مەدەنىيەتلەردىن بىر قانچە چوڭ مەدەنىيەتكە ۋە ئاخىرىدا يەككە يەرشارىلاشقان جەمئىيەتكە ئۆتۈش ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. بىر يەرشارىلاشقان جەمئىيەتنى مۇقەررەر دەپ بىلىش بىز ياشاۋاتقان يەرشارىۋى جەمئىيەتنى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە دېگەنلىك ئەمەس. باشقىچە بولۇشمۇ تەسەۋۋۇرغا ئۇيغۇن. نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئىنگلىز تىلى كەڭ ئومۇملاشقان، ئەمما دانىيەچە ئومۇملاشمىغان؟ نېمىشقا تەخمىنەن 2 مىليارد خىرىستىيان ۋە 1 مىليارد 250 مىليون مۇسۇلمان بار، ئەمما ئاران 150،000 زوروئاستىر مۇرتىلىرى بار؟ نىمىشقا مانى دىنىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يوق؟ ئەگەر بىز 10 مىڭ يىل بۇرۇنغا قايتقان بولساق، بىر تەڭرىلىك دىننىڭ كۈچىيىشىنى ۋە ئىككىلىك دىننىڭ چېكىنىشىنى كۆرەلىگەن بولارمىدۇق؟ بىز سىناق قىلىپ باقمىغاچقا بۇ ھەقتە ھېچنىمىنى بىلمەيمىز. ئەمما تارىخنىڭ ئىككى ھالقىلىق خاراكتىرىگە نەزەر سېلىش بىزگە بەزى يىپ ئۇچىلىرىنى تەمىنلەيدۇ. 1. كەينىگە قاراش سەۋەنلىكىتارىختىكى ھەر بىر پەيت بىر دوقمۇشتۇر. ھەرقانداق بىر يول ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە تۇتاشتۇرىدۇ، ئەمما ساناقسىز ئاچا يوللار بىزنى كەلگۈسىگە ئۇلاشتۇرىدۇ. بۇ ئاچا يوللارنىڭ بەزىلىرى كەڭرەك، راۋانراق ھەم كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى بار، شۇڭا بۇنداق يوللار ئاسانلا تاللىنىشى مۇمكىن، ئەمما بەزىدە تارىخ – ياكى تارىخ ياراتقۇچىلار كۈتۈلمىگەن يەردىن بۇرۇلىدۇ. مىلادىيە تۆتىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا، رىم ئىمپېرىيىسى نۇرغۇنلىغان قىيىن دىنىي تاللاشلارغا دۇچ كەلدى. رىم ئىمپېرىيىسى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە كۆپ تەڭرىلىك دىنىنى چىڭ تۇتسا بولاتتى. ئەمما ئىمپېراتور كونىستانتىن ئەسىرلىك ئىچكى ئۇرۇشقا نەزەر سېلىپ ئېنىق تەلىماتقا ئىگە بىر دىننىڭ ئىمپېرىيەنىڭ ئېتنىك جەھەتتىن كۆپ خىللاشقان گەۋدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان . ئۇ رىم ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن ھازىرقى بىر تۈركۈم دىنلارنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىيالايتتى. مانىخېزىم، مىترائىزىم، دائىش، سىبەلې، زوروئاستېر دىنى، يەھۇدى دىنى، ھەتتا بۇددا دىنىمۇ تاللاش بولالايتتى. ئۇ نېمىشقا ئەيسانى تاللىدى؟ خىرىستىيان دىنىدا ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر نەرسە بارمىدى ياكى ئىتىقادنىڭ مەلۇم تەرىپىنى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن دەپ ئويلىغانمۇ؟ ئۇ دىنغا ئىشىنەمتى ياكى مەسلىھەتچىلىرى خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىرىستىيان دىنىنى ۋاستە قىلىشنى مەسلىھەت بەرگەنمۇ؟ تارىخچىلار يۇقىرىقىدەك پەرەزلەرنى قىلالايدۇ، بىراق بۇ سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاب بىرەلمەيدۇ. ئۇلار خىرىستىئان دىنىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىنى قانداق ئىگەللىگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ، ئەمما بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. تارىختا ئىشلارنىڭ «قانداق يۈز بەرگەن»لىكىنى تەسۋىرلەش بىلەن «نېمىشقا يۈز بەرگەن»لىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ نېمە پەرقى بار؟ «قانداق يۈز بەرگەن»لىكىنى تەسۋىرلەش دېگىنىمىز بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا ئېلىپ بارىدىغان بىر قاتار تارىخىي كونكرېت ۋەقەلەرنى قايتا قۇراشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر. «نېمىشقا شۇنداق بولغان؟» دېگەنلىك بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ ھالقىلىق باغلىنىشىنى تېپىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار ھەقىقەتەن خىرىستىئان دىنىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھەققىدىكى ۋەقەلەرگە كەسكىن چۈشەنچە بېرەلەيدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەت تارىخىنى بىئولوگىيىلىك، ئېكولوگىيىلىك ياكى ئىقتىسادىي كۈچلەرگە باغلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، گېنىتىكىسى ياكى ئىقتىسادى توغرىسىدىكى بىرەر ئامىلدىن بىر تەڭرىلىك دىننىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆپىنچە تارىخچىلار بۇنداق قارارچىلىق نەزەرىيىسىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. بۇ تارىخ ئىلمىنىڭ باشقا پەنلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان بەلگىلىرىنىڭ بىرىدۇر. سىز مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرنى قانچە ياخشى بىلسىڭىزمۇ، ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيسىز. مەلۇم دەۋر ھەققىدە يۈزەكى بىلىمگە ئىگە بولغانلارلا ئاخىرىدا رىئاللىققا ئايلانغان مۇمكىنچىلىكلەرگە مەركەزلىشەلەيدۇ . شۇڭا ئۇلار مەلۇم بىر ھېكايە بىلەن نۆۋەتتىكى نەتىجىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەلۇم دەۋر ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلىق بولغانلار تارىخنىڭ ئېچىلمىغان يۈزىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەلۇم دەۋرنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار شۇ ۋاقىتتا ھايات كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى. كونستانتىن دەۋرىدە ئادەتتىكى رىملىقلار ئۈچۈن كەلگۈسى قاراڭغۇ ئىدى. تارىخنىڭ بىر تۆمۈر قائىدىسى بولۇپ، ئارقىغا نەزەر سالغاندا مۇقەررەر كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئۆز دەۋرىدە ئېنىق كۆرۈنمەيتتى. بۈگۈنمۇ ئوخشاش. بىز دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسىدىن قۇتۇلدۇقمۇ ياكى ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ ناچار بولامدۇ؟ خىتتاي باشلامچى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغۇچە داۋاملىق تەرەققىي قىلامدۇ؟ ئامېرىكا ھەممە يەرگە چات كېرىشتىن توختامدۇ؟ بىر تەڭرىلىك دىنىلاردىكى ئەسلىيەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى كەلگۈسىدىكى دولقۇنمۇ ياكى قىسقا مۇددەتلىك يەرلىك قاينام-تاشقىنلىقمۇ؟ بىز ئېكولوگىيىلىك ئاپەتكە قاراپ كېتىۋاتامدۇق ياكى تېخنىلوگىيەلىك جەننەتكىمۇ ؟ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ۋە قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ھەممىسىگە قارىتا ياخشى دەلىل ۋە نوقتىنەزەرلىرىمىز بار، ئەمما كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. نەچچە ئون يىلدىن كىيىن كىشىلەر كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغاندا بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى ئېنىق ئىكەنتۇققۇ دەپ ئويلىغان قالىدۇ. ئالاھىدە تەكىتلەش زۆرۈركى، زامانداشلارغا ئانچە مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇيۇلغان مۇمكىنچىلىكلەر بار بولۇپ، بۇلار ھەمىشە ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ. 306-يىلى كونىستانتىن تەختكە ئولتۇرغاندا، خىرىستىئان دىنى ئازلا كىشىلەر بىلىدىغان شەرق مەزھىپىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىرىستىئان دىنىنىڭ رىمنىڭ دۆلەت دىنىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقىڭىز، خۇددى 2050-يىلغا بارغاندا تىبەت بۇددىزىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت دىنى بولىدىغانلىقتىن ئىبارەت بىر داڭقان پۇتى خىيال بولۇپ، بۇ خىيالىڭىزدىن ئۆزىڭىزمۇ كۈلۈپ كەتكەن بولاتتىڭىز. 1913-يىلى ئۆكتەبىردە، بولشېۋىكلار روسىيەنىڭ كىچىك بىر رادىكال گۇرۇھى ئىدى. ھىچكىم قىسقىغىنا تۆت يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ دۆلەتنى ئىگەللەپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايتتى. مىلادىيە 600-يىلى، قۇملۇقتا ياشايدىغان بىر توپ ئەرەبلەر ناھايىتى تېزلا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندىستانغىچە سوزۇلغان زېمىننى بويسۇندۇرىدۇ، دېگەن پەرەز تېخىمۇ بىمەنە ئىدى. دەرۋەقە، ئەگەر ۋىزانتىيە ئارمىيىسى دەسلەپكى ھۇجۇمغا زەربە بىرەلىگەن بولسا، ئىسلام دىنى بەلكىم ئاز ساندىكى كىشىلەرگە بىلىنگەن بىر مەدەنىيەت بولۇپ قالغان بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىملارنىڭ نېمە ئۈچۈن قىرىق ياشلىق مەككىلىك سودىگەرگە ۋەھىي سۈپىتىدە كەلگەن دىننىڭ ئومۇملاشمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى ئاسان بولاتتى. تارىختىكى ھەممە ئىشنى مۇمكىن بولىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. جۇغراپىيىلىك، بىئولوگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي كۈچلەر ھەمىشە چەكلىمە پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ چەكلىمىلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە ھېچقانداق كەسكىن قانۇنىيەتلەر بىلەن بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان تەرەققىياتلارغا ئىمكانىيەت پەيدا قىلىدۇ. يۇقىرىقى يەكۈن تارىخنى قارارچىلىق نوقتىسىدىن ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ. قارارچىلىق كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ دۇنيارىمىز ۋە ئېتىقادىمىزنىڭ تارىخنىڭ تەبىئىي ۋە مۇقەررەر مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ. مۇقەررەرچىلىك نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ مىللى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقىمىز، ئىقتىسادىمىزنى كاپىتالىستىك پرىنسىپلار بويىچە تەشكىللىشىمىز ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قەتئىي ئىشىنىشىمىز تەبىئىي ۋە مۇقەررەردۇر. تارىخنىڭ «مۇقەررەر» ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىك بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ مىللەتچىلىك، كاپىتالىزم ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئىشىنىشنىڭ تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. تارىخنى مۇقەررەرلىك نوقتىسىدىن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ، تارىخ مالىمانچىلىققا تولغانلىقى ئۈچۈن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تارىخ نۇرغۇن كۈچلەرنىڭ ئورتاق ئىجادىيىتى. بۇ كۈچلەرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ نەتىجەلەرنىڭ پەرقلىق بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي، تارىخ «ئىككىنجى دەرىجىلىك» مالىمان سىستېمىغا كىرىدۇ. مالىمان سىستېمىلارنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ. بىرىنچى دەرىجىدىكى مالىمانچىلىق ئۆزى ھەققىدىكى پەرەزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مالىمانچىلىقتۇر. مەسىلەن، ھاۋارايى بىرىنچى دەرىجىلىك مالىمان سىستېمىدۇر. گەرچە ئۇ تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىز تېخىمۇ كۆپ ئامىللارنى ئويلىشىدىغان كومپيۇتېر مودېللىرىنى قۇرۇپ، ھاۋارايىدىن تېخىمۇ ياخشى ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيمىز ۋە بىزنىڭ بۇ مەلۇماتلىرىمىز ھاۋارايىغا تەسىر قىلالمايدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدىكى مالىمانچىلىق ئۇ ھەقتىكى ئالدىن قىلىنغان پەرەزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان مالىمانچىلىقتۇر، شۇڭا نەتىجىنى ھەرگىزمۇ توغرا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، بازار ئىككىنجى دەرىجىدىكى مالىمان سىستېمىدۇر. ئەگەر بىز ئەتىكى ماينىڭ باھاسىنى %100 توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان كومپيۇتېر پروگراممىسى تەرەققىي قىلدۇرساق، ماينىڭ باھاسى قانداق بولىدۇ؟ نېفىتنىڭ باھاسى بىزنىڭ مۆلچەرىمىزگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ، نەتىجىدە مۆلچەرىمىز ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. ئەگەر ھازىرقى نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 90 دوللار بولسا، خاتالىقتىن خالىي كومپيۇتېر پروگراممىسى ئەتە باھانىڭ 100 دوللار بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلىسە، سودىگەرلەر نېفىت سېتىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇلار مۆلچەرلەنگەن باھانىڭ ئۆسۈشىدىن پايدا ئالالايدۇ. نەتىجىدە نىفىتنىڭ ھەر تۇڭى ئەتە ئەمەس، بۆگۈن 100 دوللارغا چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا ئەتە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ھېچكىم بىلمەيدۇ. سىياسەتمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك مالىمان سىستېمىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر سوۋېتشۇناسلارنىڭ 1989-يىلدىكى ئىنقىلابنى ئالدىن پەرەز قىلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ۋە ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 2011-يىلدىكى ئەرەب باھارى ئىنقىلابىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ. بۇ ئادالەتسىزلىكتۇر. ئىنقىلابنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن چىقىپ تۇرىدۇكى، ئۇنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئالدىن پەرەز قىلىنغان ئىنقىلابلار ھەرگىز پارتلىمايدۇ. نېمىشقا ئىنقىلابنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ؟ 2010-يىلى بىر قىسىم تالانتلىق سىياسىيشۇناسلار كومپيۇتېر ئالىملىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئالگورىزىمنى بارلىققا كەلتۈردى، دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. بۇ ئالگورىزىم جەلپكار كۆرۈنمە يۈزلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىنقىلابتىن ئالدىن بېشارەت بېرەلەيدىغان شەكىلدە بازارغا سېلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەككە سېتىپ بېرىدۇ ۋە جىق زاكالەت پۇلى بەدىلىگە مۇبارەككە ئۆزلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا كېيىنكى بىر يىلدا مىسىردا ئىنقىلاب يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇبارەك بۇ پەرەزگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ بەلكىم ئۇ باجنى دەرھال تۆۋەنلىتىپ، پۇقرالارغا نەچچە مىليارد دوللار تارقىتىپ بېرىشى مۇمكىن، ھەمدە مەخپىي ساقچى كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. ئالدىن جىددىيچىلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. كىيىنكى يىل كەلگەندە، ھەيران قالارلىقى ئىنقىلاب بولمايدۇ. مۇبارەك كومپيۇتېر ئالىملىرىدىن پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئالىملارغا ۋارقىراپ: «ئالگورىزىمىڭلار كارغا كەلمىدى!»، «مەن ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى خەققە بېرىشنىڭ ئورنىغا ساراي سالغان بولاتتىم» دەيدۇ. ئالىملار: «ئىنقىلابنىڭ يۈز بەرمەسلىكىدىكى سەۋەب بىزنىڭ ئۇنى پەرەز قىلالىغانلىقىمىزدىن» دەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. مۇبارەك «پەيغەمبەرلەر يۈز بەرمەيدىغان ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلغانمۇ؟» دېگەچ قوغدىغۇچىلىرىغا ئىشارەت قىلىپ ئالىملارنى تۇتىدۇ ھەمدە «مەن قاھىرە بازىرىدا بۇنداق ھېچنېمىنى پەرەز قىلالمايدىغان نەرسىلەردىن نەچچە ئوننى ئالالايمەن» دەيدۇ. ئۇنداقتا تارىخنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ فىزىكا ياكى ئىقتىسادقا ئوخشىمايدىغىنى، تارىخ ھەرگىزمۇ پەرىزىمىزنىڭ توغرا چىقىشىدىكى زۆرۈر ۋاستە ئەمەس. بىز تارىخنى كەلگۈسىنى بىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش، ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ تەبىئىي ياكى مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز. نەتىجىدە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئويلىغاندىنمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپالىقلارنىڭ ئافرىقىلىقلارغا قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى تەتقىق قىلىش بىزگە تەبىقەدە تەبىئىي ياكى مۇقەررەر نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى، دۇنيانىڭ باشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 2. قارىغۇ تارىخ ئېلاھى سلىئوبىز تارىخنىڭ تاللاشلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز، ئەمما بۇ تاللاشنىڭ كىشلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەسلىكىدەك مۇھىم بىر گەپنى دېيەلەيمىز. تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ مۇقەررەر ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق. ئىنسانلارغا پايدىلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە تارقىلىشى، پايدىسىز مەدەنىيەتلەرنىڭ يوقىلىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلايدىغانمۇ پاكىت يوق. خىرىستىئان دىنىنىڭ مانى دىنىدىن ياخشىراق تاللاش ياكى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ پارسلارنىڭ ساسانىيلار ئىمپىرىيەسىگە قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانمۇ ھېچقانداق پاكىت يوق. تارىخنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق، چۈنكى بىزدە تارىخنىڭ پايدىسىنى ئۆلچەيدىغان ئوبيېكتىپ تارازا يوق. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ياخشىلىققا ئوخشىمىغان شەكىلدە تەبىر بەرگەن بولۇپ، بىزدە ياخشى-يامانلىققا ھۆكۈم قىلىدىغان ئوبيېكتىپ ئۆلچەممۇ يوق. ئەلۋەتتە غەلىبە قىلغۇچىلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ياخشىلىق ھەققىدىكى تەبىرىنى توغرا دەپ قارايدۇ. ئەمما بىز نېمىشقا غەلىبە قىلغۇچىلارغا ئىشەنگۈدەكمىز؟ خىرىستىيانلار خىرىستىئان دىنىنىڭ مانى دىنىدىن غالىب كېلىشىنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، ئەمما بىز خىرىستىيان دىنىنىڭ دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلمىساق، ئۇنداقتا بۇ گەپكە قوشۇلۇشقا ئامالسىزمىز. مۇسۇلمانلار ساسانىي ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەنلىكىنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. ئەمما بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن بۇنى پايدا دەپ ھېسابلىيالايمىز. ئەگەر خىرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام ئۇنتۇلغان ياكى مەغلۇپ بولغان بولسا، ھەممىمىز ياخشى كۈن كۆرەرمىدۇق، بۇنى تېخىمۇ بىلمەيمىز. تېخىمۇ كۆپ ئالىملار مەدەنىيەتنى بىر خىل روھىي يۇقۇملىنىش ياكى پارازىت قۇرت دەپ قارايدۇ، ئىنسانلار بىلىپ بىلمەي مەدەنىيەتكە ساھىپخانلىق قىلىدۇ. ۋىرۇسقا ئوخشاش ئورگانىك پارازىت قۇرتلار ساھىبخانلارنىڭ بەدىنىدە ياشايدۇ، كۆپىيىدۇ ۋە بىر ساھىبخاندىن يەنە بىر ساھىبخانغا تارقىلىدۇ، ساھىبخانلىرىنى باقىدۇ، ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆلتۈرىدۇ. ساھىبخانلار پارازىت قۇرتلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىللە ياشىيالىسىلا، پارازىتلار ساھىبخاننىڭ ئەھۋالىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، مەدەنىيەتكە دائىر ئىددىيەلەر ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا ياشايدۇ، كۆپىيىدۇ ۋە بىر ساھىبخاندىن يەنە بىر ساھىبخانغا تارقىلىدۇ، ئاندا-ساندا ساھىبخانلارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. مەسىلەن، جەننەتنىڭ ئاسماندىكى ئەرشى-ئەلادا بولۇشىدەك خىرىستىيان دىنى چۈشەنچىسى ياكى يەر يۈزىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ جەننىتىنىڭ يەر يۈزىدە بۇلىشىغا ئوخشاش مەدەنىيەت ئىددىيەلىرى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى بۇ خىل مەدەنىيەت ئىددىيەلىرىنى تارقىتىشقا، ھەتتا مۇشۇ خىل ئىددىيەلەر ئۈچۈن ئۆلۈشكە بۇيرۇق قىلىدۇ. ئىنسانلار ئۆلىدۇ، ئەمما ئىددىيە تارقىلىۋىرىدۇ. بۇ خىل لوگىكىغا ئاساسلانغاندا، مەدەنىيەت ماركسىزمچىلار ئويلىغاندەك باشقا كىشىلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سۇيىقەست ئەمەس. بەلكى مەدەنىيەت تاسادىپىي پەيدا بولىدىغان روھىي پارازىت قۇرت بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن يۇقۇملانغان بارلىق كىشىلەردىن پايدىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەندىزە بەزىدە ئەستىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئورگانىك تەدرىجىي تەرەققىيات «گېن» دەپ ئاتىلىدىغان ئورگانىك ئۇچۇر بىرلىكىنىڭ كۆپىيىشىنى ئاساس قىلغانغا ئوخشاش، مەدەنىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى« گىنلار[1] دەپ ئاتىلىدىغان مەدەنىيەت ئۇچۇر بىرلىكىنىڭ كۆپىيىشنى ئاساس قىلىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت قازانغان مەدەنىيەتلەر بەدىلى ۋە پايدىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ گىنلىرىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇتۇق قازانغان مەدەنىيەتلەردۇر. ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەستىلىكنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئەستىلىك تەتقىقاتىنى ھەۋەسكارلارنىڭ مەدەنىيەت جەريانىنى قوپال بىئولوگىيىلىك ئوخشىتىش بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى دەپ قارايدۇ. ئەمما مۇشۇ خىلدىكى ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئەستىلىكنىڭ قوشكېزەك سىڭلىسى – كېيىنكى زامانىۋىلىققا چىڭ يېپىشىدۇ. كېيىنكى زامانىۋىلىق مۇتەپەككۇرلىرى مەدەنىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەسلىمە ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ئىدىيەلەر سىستېمىسى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار مەدەنىيەتنى ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەي ئۆزىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ھادىسە دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، كېيىنكى زامانىۋىلىق مۇتەپەككۇرلىرى مىللەتچىلىكنى 19-ۋە 20-ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ئۇرۇش، زۇلۇم، ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەجەللىك ۋابا سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. بىر دۆلەتتىكى كىشىلەر مىللەتچىلىك بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، قوشنا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ مىللەتچىلىك ۋىروسىغا گېرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن. مىللەتچىلىك ۋىرۇسى ئۆزىنى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق دەپ كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئۇ ئاساسلىقى ئۆزىگە پايدىلىق. بۇنىڭغا ئوخشاش تالاش-تارتىشلار ئىجتىمائىي پەنلەردە ئويۇن نەزەرىيەسىنىڭ ھىمايىسىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئويۇن نەزەرىيەسى كۆپ قاتلاملىق سېستىمىسى بىلەن بارلىق ئوينىغۇچىلارغا زىيان سالىدىغان كۆز قاراش ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسىنىڭ قانداق قىلىپ يىلتىز تارتىشى ۋە كېڭىيىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قورال-ياراق مۇسابىقىسى بۇ نەزەرىيەنىڭ داڭلىق مىسالىدۇر. نۇرغۇن قورال-ياراق مۇسابىقىسى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. پاكىستان ئىلغار ئايروپىلان سېتىۋالغاندا، ھىندىستانمۇ ئوخشاش ئىلغار ئايرۇپىلان سېتىۋېلىش بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ھىندىستان يادرو بومبىسى ياسىغاندا، پاكىستانمۇ يادرو بومبىسى ياساشقا كېرىشىدۇ. پاكىستان دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتكەندە، ھىندىستانمۇ ئوخشاش ئىش قىلىدۇ. مۇسابىقە جەريانى ئاخىرلاشقاندا، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مائارىپ ياكى ساغلاملىققا سېلىنىدىغان مىليارد دوللارلار قورال-ياراققا سەرپ قىلىنىدۇ. ئەمما قورال-ياراق مۇسابىقىسىنىڭ قوزغىتشچانلىقىغا قارشى تۇرۇش تەس. «قورال-ياراق مۇسابىقىسى» ھايات قېلىش ۋە كۆپىيىشنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات شەرتى ئاستىدا ئۆزىنى ۋىرۇسقا ئوخشاش بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە تارقىتىدىغان، ھەممە ئادەمگە زىيان سالىدىغان، ئەمما ئۆزىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت ئەندىزىسىدۇر. (شۇنىسى ئىنىقكى، قورال-ياراق مۇسابىقىسىدا گېنغا ئوخشاش ھېچقانداق ئاڭ يوق. ئۇ ئاڭلىق ھالدا ياشاش ۋە كۆپىيىشنى ئىستىمەيدۇ. ئۇنىڭ تارقىلىشى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ كۈتۈلمىگەن نەتىجىسىدۇر.) يۇقىرىقى ئىشلارنى ئويۇن نەزەرىيەسى، كېيىنكى زامانىۋىلىق ياكى ئەستىلىك دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، تارىخنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆپەيتىشكە قارىتىلمىغان. تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەدەنىيەتنى چوقۇم خومۇساپىيانىس، يەنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەدەنىيەت دەپ ئويلاشنىڭ ئاساسى يوق. تەدرىجى تەرەققىياتقا ئوخشاش، تارىخ يەككە جانلىقلارنىڭ خۇشاللىقىغا سەل قارايدۇ. يەككە ئىنسانلار تارىخىي مۇساپىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىتا بۇراشتا تولىمۇ نادان ۋە ئاجىزدۇر. تارىخ بىر دوقمۇشتىن يەنە بىر دوقمۇشقا تۇتىشىدۇ، بەزى سىرلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تارىخ ئالدى بىلەن بىر يولنى ئاندىن باشقا بىر يولنى تاللايدۇ. مىلادىيە 1500-يىللار ئەتراپىدا، تارىخ ئەڭ مۇھىم تاللاشنى قارار قىلدى، بۇ تاللاش ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەرشارىدىكى بارلىق ھاياتلىقنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئۆزگەرتتى. بىز بۇ تاللاشنى پەن ئىنقىلابى دەپ ئاتىدۇق. بۇ ئىنقىلاپ غەربىي ياۋروپادا باشلانغان، ئافرو-ئاسىيانىڭ غەربىي ئۇچىدىكى چوڭ ئاراللارغا قەدەر تارقالغان. ھازىرغىچە تارىختا ھېچقانداق نەرسە پەن ئىنقىلابىدەك مۇھىم رول ئويناپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈن پەن ئىنقىلابى خىتاي ياكى ھىندىستاندا ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپادا باشلاندى؟ نېمە ئۈچۈن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى ياكى ئۈچ ئەسىر كېيىن باشلانماي، مىلادىيە ئىككىنچى مىڭ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلاندى؟ سەۋەبىنى بىلمەيمىز. ئالىملار بۇ توغرىلىق ئون نەچچە خىل نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. تارىخنىڭ مۇمكىنچىلىك ئۇپۇقى ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ، نۇرغۇن ئېھتىماللىقلار ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. تارىخنى خىرىستىئان دىنى، رىم ئىمپېرىيەسى ۋە ئالتۇن تەڭگىسى يوق ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولغىنىدەك، پەن ئىنقىلابىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كىتىش ئارقىلىقمۇ تارىخنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
[1] Susan Blackmore, The Meme Machine (Oxford: Oxford University Press, 1999). |
13. The Secret of SuccessCOMMERCE, EMPIRES AND UNIVERSAL religions eventually brought virtually every Sapiens on every continent into the global world we live in today. Not that this process of expansion and unification was linear or without interruptions. Looking at the bigger picture, though, the transition from many small cultures to a few large cultures and finally to a single global society was probably an inevitable result of the dynamics of human history. But saying that a global society is inevitable is not the same as saying that the end result had to be the particular kind of global society we now have. We can certainly imagine other outcomes. Why is English so widespread today, and not Danish? Why are there about 2 billion Christians and 1.25 billion Muslims, but only 150,000 Zoroastrians and no Manichaeans? If we could go back in time to 10,000 years ago and set the process going again, time after time, would we always see the rise of monotheism and the decline of dualism? We can’t do such an experiment, so we don’t really know. But an examination of two crucial characteristics of history can provide us with some clues. 1. The Hindsight FallacyEvery point in history is a crossroads. A single travelled road leads from the past to the present, but myriad paths fork off into the future. Some of those paths are wider, smoother and better marked, and are thus more likely to be taken, but sometimes history -— or the people who make history — takes unexpected turns. At the beginning of the fourth century ap, the Roman Empire faced a wide horizon of religious possibilities. It could have stuck to its traditional and variegated polytheism. But its emperor, Constantine, looking back on a fractious century of civil war, seems to have thought that a single religion with a clear doctrine could help unify his ethnically diverse realm. He could have chosen any of a number of contemporary cults to be his national faith — Manichaeism, Mithraism, the cults of Isis or Cybele, Zoroastrianism, Judaism and even Buddhism were all available options. Why did he opt for Jesus? Was there something in Christian theology that attracted him personally, or perhaps an aspect of the faith that made him think it would be easier to use for his purposes? Did he have a religious experience, or did some of his advisers suggest that the Christians were quickly gaining adherents and that it would be best to jump on that wagon? Historians can speculate, but not provide any definitive answer. They can describe how Christianity took over the Roman Empire, but they cannot explain why this particular possibility was realised. What is the difference between describing ‘how’ and explaining ‘why’? To describe ‘how’ means to reconstruct the series of specific events that led from one point to another. To explain ‘why means to find causal connections that account for the occurrence of this particular series of events to the exclusion of all others. Some scholars do indeed provide deterministic explanations of events such as the rise of Christianity. They attempt to reduce human history to the workings of biological, ecological or economic forces. They argue that there was something about the geography, genetics or economy of the Roman Mediterranean that made the rise of a monotheist religion inevitable. Yet most historians tend to be sceptical of such deterministic theories. This is one of the distinguishing marks of history as an academic discipline — the better you know a particular historical period, the harder it becomes to explain why things happened one way and not another. Those who have only a superficial knowledge of a certain period tend to focus only on the possibility that was eventually realised. They offer a just-so story to explain with hindsight why that outcome was inevitable. Those more deeply informed about the period are much more cognisant of the roads not taken. In fact, the people who knew the period best — those alive at the time — were the most clueless of all. For the average Roman in Constantine’s time, the future was a fog. It is an iron rule of history that what looks inevitable in hindsight was far from obvious at the time. Today is no different. Are we out of the global economic crisis, or is the worst still to come? Will China continue growing until it becomes the leading superpower? Will the United States lose its hegemony? Is the upsurge of monotheistic fundamentalism the wave of the future or a local whirlpool of little long-term significance? Are we heading towards ecological disaster or technological paradise? There are good arguments to be made for all of these outcomes, but no way of knowing for sure. In a few decades, people will look back and think that the answers to all of these questions were obvious. It is particularly important to stress that possibilities which seem very unlikely to contemporaries often get realised. When Constantine assumed the throne in 306, Christianity was little more than an esoteric Eastern sect. If you were to suggest then that it was about to become the Roman state religion, you’d have been laughed out of the room just as you would be today if you were to suggest that by the year 2050 Hare Krishna would be the state religion of the USA. In October 1913, the Bolsheviks were a small radical Russian faction. No reasonable person would have predicted that within a mere four years they would take over the country. In ap 600, the notion that a band of desert-dwelling Arabs would soon conquer an expanse stretching from the Atlantic Ocean to India was even more preposterous. Indeed, had the Byzantine army been able to repel the initial onslaught, Islam would probably have remained an obscure cult of which only a handful of cognoscenti were aware. Scholars would then have a very easy job explaining why a faith based on a revelation to a middle-aged Meccan merchant could never have caught on. Not that everything is possible. Geographical, biological and economic forces create constraints. Yet these constraints leave ample room for surprising developments, which do not seem bound by any deterministic laws. This conclusion disappoints many people, who prefer history to be deterministic. Determinism is appealing because it implies that our world and our beliefs are a natural and inevitable product of history. It is natural and inevitable that we live in nation states, organise our economy along capitalist principles, and fervently believe in human rights. To acknowledge that history is not deterministic is to acknowledge that it is just a coincidence that most people today believe in nationalism, capitalism and human rights. History cannot be explained deterministically and it cannot be predicted because it is chaotic. So many forces are at work and their interactions are so complex that extremely small variations in the strength of the forces and the way they interact produce huge differences in outcomes. Not only that, but history is what is called a ‘level two’ chaotic system. Chaotic systems come in two shapes. Level one chaos is chaos that does not react to predictions about it. The weather, for example, is a level one chaotic system. Though it is influenced by myriad factors, we can build computer models that take more and more of them into consideration, and produce better and better weather forecasts. Level two chaos is chaos that reacts to predictions about it, and therefore can never be predicted accurately. Markets, for example, are a level two chaotic system. What will happen if we develop a computer program that forecasts with 100 per cent accuracy the price of oil tomorrow? The price of oil will immediately react to the forecast, which would consequently fail to materialise. If the current price of oil is $90 a barrel, and the infallible computer program predicts that tomorrow it will be $100, traders will rush to buy oil so that they can profit from the predicted price rise. As a result, the price will shoot up to $100 a barrel today rather than tomorrow. Then what will happen tomorrow? Nobody knows. Politics, too, is a second-order chaotic system. Many people criticise Sovietologists for failing to predict the 1989 revolutions and castigate Middle East experts for not anticipating the Arab Spring revolutions of 2011. This is unfair. Revolutions are, by definition, unpredictable. A predictable revolution never erupts. Why not? Imagine that it’s 2010 and some genius political scientists in cahoots with a computer wizard have developed an infallible algorithm that, incorporated into an attractive interface, can be marketed as a revolution predictor. They offer their services to President Hosni Mubarak of Egypt and, in return for a generous down payment, tell Mubarak that according to their forecasts a revolution would certainly break out in Egypt during the course of the following year. How would Mubarak react? Most likely, he would immediately lower taxes, distribute billions of dollars in handouts to the citizenry — and also beef up his secret police force, just in case. The pre-emptive measures work. The year comes and goes and, surprise, there is no revolution. Mubarak demands his money back. ‘Your algorithm is worthless!’ he shouts at the scientists. ‘In the end I could have built another palace instead of giving all that money away!’ ‘But the reason the revolution didn’t happen is because we predicted it,’ the scientists say in their defence. ‘Prophets who predict things that don’t happen?’ Mubarak remarks as he motions his guards to grab them. ‘I could have picked up a dozen of those for next to nothing in the Cairo marketplace.’ So why study history? Unlike physics or economics, history is not a means for making accurate predictions. We study history not to know the future but to widen our horizons, to understand that our present situation is neither natural nor inevitable, and that we consequently have many more possibilities before us than we imagine. For example, studying how Europeans came to dominate Africans enables us to realise that there is nothing natural or inevitable about the racial hierarchy, and that the world might well be arranged differently. 2. Blind Clio We cannot explain the choices that history makes, but we can say something very important about them: history’s choices are not made for the benefit of humans. There is absolutely no proof that human well- being inevitably improves as history rolls along. There is no proof that cultures that are beneficial to humans must inexorably succeed and spread, while less beneficial cultures disappear. There is no proof that Christianity was a better choice than Manichaeism, or that the Arab Empire was more beneficial than that of the Sassanid Persians. There is no proof that history is working for the benefit of humans because we lack an objective scale on which to measure such benefit. Different cultures define the good differently, and we have no objective yardstick by which to judge between them. The victors, of course, always believe that their definition is correct. But why should we believe the victors? Christians believe that the victory of Christianity over Manichaeism was beneficial to humankind, but if we do not accept the Christian world view then there is no reason to agree with them. Muslims believe that the fall of the Sassanid Empire into Muslim hands was beneficial to humankind. But these benefits are evident only if we accept the Muslim world view. It may well be that we’d all be better off if Christianity and Islam had been forgotten or defeated. Ever more scholars see cultures as a kind of mental infection or parasite, with humans as its unwitting host. Organic parasites, such as viruses, live inside the body of their hosts. They multiply and spread from one host to the other, feeding off their hosts, weakening them, and sometimes even killing them. As long as the hosts live long enough to pass along the parasite, it cares little about the condition of its host. In just this fashion, cultural ideas live inside the minds of humans. They multiply and spread from one host to another, occasionally weakening the hosts and sometimes even killing them. A cultural idea — such as belief in Christian heaven above the clouds or Communist paradise here on earth — can compel a human to dedicate his or her life to spreading that idea, even at the price of death. The human dies, but the idea spreads. According to this approach, cultures are not conspiracies concocted by some people in order to take advantage of others (as Marxists tend to think). Rather, cultures are mental parasites that emerge accidentally, and thereafter take advantage of all people infected by them. This approach is sometimes called memetics. It assumes that, just as organic evolution is based on the replication of organic information units called ‘genes’, so cultural evolution is based on the replication of cultural information units called ‘memes’.! Successful cultures are those that excel in reproducing their memes, irrespective of the costs and benefits to their human hosts. Most scholars in the humanities disdain memetics, seeing it as an amateurish attempt to explain cultural processes with crude biological analogies. But many of these same scholars adhere to memetics’ twin sister — postmodernism. Postmodernist thinkers speak about discourses rather than memes as the building blocks of culture. Yet they too see cultures as propagating themselves with little regard for the benefit of humankind. For example, postmodernist thinkers describe nationalism as a deadly plague that spread throughout the world in the nineteenth and twentieth centuries, causing wars, oppression, hate and genocide. The moment people in one country were infected with it, those in neighbouring countries were also likely to catch the virus. The nationalist virus presented itself as being beneficial for humans, yet it has been beneficial mainly to itself. Similar arguments are common in the social sciences, under the aegis of game theory. Game theory explains how in multi-player systems, views and behaviour patterns that harm all players nevertheless manage to take root and spread. Arms races are a famous example. Many arms races bankrupt all those who take part in them, without really changing the military balance of power. When Pakistan buys advanced aeroplanes, India responds in kind. When India develops nuclear bombs, Pakistan follows suit. When Pakistan enlarges its navy, India counters. At the end of the process, the balance of power may remain much as it was, but meanwhile billions of dollars that could have been invested in education or health are spent on weapons. Yet the arms race dynamic is hard to resist. ‘Arms racing’ is a pattern of behaviour that spreads itself like a virus from one country to another, harming everyone, but benefiting itself, under the evolutionary criteria of survival and reproduction. (Keep in mind that an arms race, like a gene, has no awareness — it does not consciously seek to survive and reproduce. Its spread is the unintended result of a powerful dynamic.) No matter what you call it – game theory, postmodernism or memetics — the dynamics of history are not directed towards enhancing human well-being. There is no basis for thinking that the most successful cultures in history are necessarily the best ones for Homo sapiens. Like evolution, history disregards the happiness of individual organisms. And individual humans, for their part, are usually far too ignorant and weak to influence the course of history to their own advantage. History proceeds from one junction to the next, choosing for some mysterious reason to follow first this path, then another. Around AD 1500, history made its most momentous choice, changing not only the fate of humankind, but arguably the fate of all life on earth. We call it the Scientific Revolution. It began in western Europe, a large peninsula on the western tip of Afro-Asia, which up till then played no important role in history. Why did the Scientific Revolution begin there of all places, and not in China or India? Why did it begin at the midpoint of the second millennium ap rather than two centuries before or three centuries later? We don’t know. Scholars have proposed dozens of theories, but none of them is particularly convincing. History has a very wide horizon of possibilities, and many possibilities are never realised. It is conceivable to imagine history going on for generations upon generations while bypassing the Scientific Revolution, just as it is conceivable to imagine history without Christianity, without a Roman Empire, and without gold coins. |

