پروفېسور دوكتور ئابدۇسالام جالالىدىن 1962-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت تېخنىكا ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇغراپىيە ئۇچۇر تېخنىكا فاكولتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. تەبىئىي جۇغراپىيە ماگېستىرلىق ئۇنۋانى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇزۇن مۇددەت سۇ بايلىقى ۋە مۇھىت، تۇپراق مۇھىتى، تېخنىكىلىق ئۆلچەش، رەقەملىك خەرىتە، تەبىئىي جۇغراپىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇ ساھەدە نۇرغۇن تەتقىقات ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
2000-يىلىدىن 2003- يىلىغىچە خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاگرونومىيە ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان ۋە يەنە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 2003-يىلدىن 2006- يىلغىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
پروففېسور دوكتور ئابدۇسالام جالالىدىن 2018- يىلى 8-ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان ئارلىقتا قولغا ئېلىنىپ ئۇنىۋېرسىتېت بايلىق ۋە مۇھىت تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىدىن ئۈچۈرۈپ تاشلانغان.
ئىگەللىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئابدۇسالام جالالىدىن ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىقتا تۇرپاندىكى كارىزلارنى ئۆلچەش، سېزىش قاتارلىق تەتقىقاتلارنى قىلغان. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ بىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سېتىش بولۇپ، بەلكىم كارىز تەتقىقاتى سەۋەپلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھەق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ياپونىيەگە دۆلەت مەخپىيەتلىگىنى ساتقان دىگەن بەتنام بىلەن تۇتۇلغان. تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۇزۇن مەزگىل دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دۆلەت سىياسىتىگە نارازى بولغان دېگەنلەرمۇ قوشۇلغان. ئۇنىڭ زادى قانچە يىل كېسىلگەنلىكى نامەلۇم.

توردىن تېپىلغان بەزى ئەسەرلىرى:

