Skip to content

تۇتقۇن قىلىنغان بايلار تىزىملىكى

خوتەندىن تۇتقۇن قىلىنغان تىجارەتچىلەر

  1. بارات ئەيسا، خوتەن شەھەر، قاشتېشى كان ئېچىش ۋە ئۆي مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇپۇزلۇق كارخانىچىلادىن بىرى. 25 يىللىق كىسىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
  2. روزىمۇھەممەت ئەيسا (بارات ئەيسانىڭ ئىنىسى)، خوتەن شەھەر، 10 يىللىق كىسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  3. مىرزى ئابدىلىم مەتمۇسا، خوتەن شەھەر، قاشتېشى ۋە ئۆي مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچى، نوپۇزلۇق تاشچىلاردىن بىرى. 10 يىللىق كىسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  4. ئەھەت ھاجىم، خوتەن شەھەر، خوتەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بولغان «كوئىنلۇن ئۆي مۈلۈك شىركىتى»نىڭ خوجايىنى. 10 يىللىق كىسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ كىشىنى ئەسلىدە 2010-يىلى ئەتراپىدا خىتتاي ھۈكۈمىتى «ئاپتونوم رايوندىكى 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى» دەپ باھالىغان.
  5. ئابلەھەت دوختۇر، خوتەن شەھەر جەمە يولىدا «نۇرھايات بالىلار دوختۇرخانىسى»نىڭ خوجايىنى، تونۇلغان بالىلار كىسەللىك دوختۇرى. 10 يىللىق كىسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  6. روزىتوختى ئۇدۇن، خوتەن شەھەر، ئۇدۇن شىركىتىنىڭ خوجايىنى، كارخانىچى، 2 يىلدىن بىرى لاگىردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  7. ئامىر ئابدۇرۇرىشىت، خوتەن شەھەر، ئاۋام ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ خوجايىنى، تونۇلغان كارخانىچى. 10 يىللىق كىسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  8. سادۇللا ئەزىزۇللا، خوتەن يۇرۇڭقاش، كارخانىچى. 2 يىلدىن بىرى لاگىردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  9. جالالىدىن ئابدىسۇبۇر، خوتەن يۇرۇڭقاش، تونۇلغان كارخانىچى، 2 يىلدىن بىرى لاگىردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  10. ئابدۇقەييۇم داڭقان، خوتەن لوپ ناھىيە، قاشتېشى ۋە ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى، تونۇلغان كارخانىچى. 3 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە، قانچە يىل كىسىلگەنلىكى ئىنىق ئەمەس.
  11. ئېزىز ئۇبۇلقاسىم، خوتەن شەھەر شاللىق مەھەللا، تىجارەتچى، 2 يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىدە.
  12. ئابدىرىشىت (دوپپىچى) تىجارەتچى، خوتەن شەھەر شاللىق مەھەللە، 2 يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىدە.
  13. ئابدىجىلىل ئاخۇن، خوتەن شەھەر تونۇلغان تىجارەتچى، قاخشال كاۋاپخانىسىنىڭ خوجايىنى، ئاكا-ئۇكا بىللە تۇتقۇن قىلىنغان، 2 يىلدىن بىرى تۈرمىدە.
  14. (؟) ئابدىجىلل ئاخۇننىڭ ئىنىسى، خوتەن شەھەر، ئاكىسى بىلەن بىللە تۇتۇلغان.
  15. ئابدۇللاھ ئېرپان، خوتەن – گۇما، تۇنۇلغان مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى. لاگىردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  16. ئابدۇ خېلىل قەمبەر، خوتەن لوپ چالمى، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، نۇپۇزلۇق تىجارەتچىلەردىن بىرى.2 يىلدىن بىرى لاگىردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  17. ئەيسا جىلىل، خوتەن لوپ چالمى، كارخانىچى، ئۆي – مۈلۈك ۋە قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، نۇپۇزلۇق كارخانىچىلاردىن. كىسىلگەنلىكى مەلۇم.
  18. مەتتوختى جىلىل، خوتەن لوپ چالمى، قاشتېشى تىجارىتى  بىلەن  شۇغۇللىنىدىغان  نۇپۇزلۇق تىجارەتچىلەردىن. 2017 -يىلى 10 يىللىق كىسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  19. تۇرسۇنتوختى ھاجىم، خوتەن شەھەر، خەلق ئىچىدە تۇنۇلغان مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى. 5 يىللىق كىسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  20. نېبى ھاجىم جوتۇڭ، خوتەن لوپ چالمى، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم.
  1. ئابلىز ھاجىم، خوتەن لوپ چالمى، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
  2. ئىمىنياز ئەزەم، خوتەن چىرا چاقار بازىرى، تونۇلغان يەككە تىجارەتچى، 2 يىلدىن بۇيان لاگىردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
  3. ئابدىخەبەر مەسۇم، خوتەن چىرا چاقار بازىرى، يەككە تىجارەتچى ۋە چاقار بازار مەسچىتنىڭ خاتىپى. 2015- يىلى 12 يىللىق كىسىلگەن.
  4. قاسىم سادىر، خوتەن چىرا چاقار، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چەت ئەلگە پۇل سالغان دىگەن بانا بىلەن 2018-يىلى 10 يىللىق كىسىۋەتكەنلىكى مەلۇم.
  5. ئىشاننىياز ئاخۇن، خوتەن چىرا چاقار، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 2017- يىلى كىسىۋېتىلگەن.
  6. دۆلەتنىياز قوشماق، خوتەن چىرا چاقار، 2017- يىلى تۇتۇلۇپ كىسىۋېتىلگەن.
  7. ئەلى ئابدۇللا (خوراز)، خوتەن، قاشتېشى سودىسى ساھەسىدىكى تونۇلغان سەركە، جەمئىيەتتە «ئەلى خوراز» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئىقتىدارلىق كارخانىچى، «شىنجاڭ قاشتېشى ئۆي‏-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى،  خوتەن  شەھەر  ئىچىدىكى  «كەچلىك بازار»  قاتارلىق  بىرقانچە ئورۇندىكى كاتتا مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ ساھىبى. 2016- يىلىنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان. 2017- يىلىدىن كېيىن ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر  بولمىغان، كېيىچە مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. (مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/eli-abdulla-12202019202119.html)

 

قەشقەردىن تۇتقۇن قىلىنغان تىجارەتچىلەر

  1. مەمەت تۇرسۇن ئەزىز، قەشقەر يېڭى بازار، «ئەزىزى دىيار سودا سارىيى»نىڭ خوجايىنى، ئولتۇراق ئادرىسى: قەشقەر شەھەر ئۇرۇق بازىرى ئىجتىمائىي رايونى ھەزىرەت يولى. 2017-يىلى 3- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز – دىرىكى يوق.
  2. مەمەت ئەلى غوپۇر، قەشقەر، داڭلىق كارخانىچى، قەشقەر «تۇمان ئاي مۈلۈك ئوقەتچىلىك» ۋە «يامبۇ سودا سارىيى»نىڭ قۇرغۇچىسى. ئادرىسى: قەشقەر پاختەكلى يېزا پاۋانلار مەھەللىسى. 2017-يلى 6- ئايلاردا تۇتقۇن قىلىنغان. (بۇلار ئۈچ ئاكا-ئۇكا بولۇپ، چوڭ ئاكىسى ئابدۈشۈكۈر غوپۇر ئېغىر كېسەل ئەس ھۇشى يوق؛ ئىككىنچى ئاكىسى ئېزىز غوپۇر 2017- يىلى 6- ئايلاردا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىدە قىيىن قىستاقتا ۋاپات بولغان.)
  3. مەمەت يۈسۈپ، قەشقەر، قەشقەر شەھىرىدىكى «ئالتۇن ئوردا» رېستۇرانىنىڭ خوجايىنى، ئولتۇراق ئادرىسى: قەشقەر شەھەر ئۆستەڭ بويى ئىجتىمائىي رايون نەنجەنسى يولى. 2107- يىلى 7- ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن.
  4. ھىدايەت ھاجىم، قەشقەر، قەشقەر شەھىرىدىكى  «ھىدايەت سودا سارىيى»نىڭ  قۇرغۇچىسى، ئولتۇراق ئادرىسى:  چىنىباغ  ئىجتىمائىي  رايونى  كونا  چىنىباغ يولى. 2017-يىلى 6- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.
  5. كىرىمجان، قەشقەر شەھەر«دافا» ئۆي مۈلۈكچىلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى، ئەسلى يۇرتى يوپۇرغا ناھىيەسى، 2017-يىلى 3- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىرغىچە ئىز دېرىكى يوق.
  6. ئابدۇغۇپۇر ئابدۇقادىر، قەشقەر، تىجارەتچى، (ھېيگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمام خاتىپى، مەشھۇر قارى ئابدۇقادىر قاراجىمنىڭ ئوغلى)، ئولتۇراق ئادرىسى: قەشقەر شەھەر ئۆستەڭ بويى ئىجتىمائىي رايونى قازان ئىچى بەگ مەھەللىسى. 2017- يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. ئوغلى  ياقۇپجان  ئابدۇغۇپۇر ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرگە تۇتۇلغان، ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى يوق.
  7. ئەسقەر ئابدۇللا، قەشقەر، داڭلىق كارخانىچى، «يېڭى يۇلتۇز يەرلىك ماللار سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى» ۋە «يېڭى  يۇلتۇز  بالىلار  كىيىملىرى  سودا  شەھەرچىسى»نىڭ  خوجايىنى  (قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل خېلىل تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيۇشما باشلىقى بولغان)، ئولتۇراق ئادرىسى:  قەشقەر  شەھەر  نەزەرباغ  تاختا  كۆۋرۈك يولى، 2019-يىلى 9- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.
  8. ئۇرايىم مۇسا، داڭلىق كارخانىچى، قەشقەر «سامەن گورىيى» ۋە «سامەن مىھمانخانىسى»نىڭ خوجايىنى، ئولتۇراق ئادرىسى: قەشقەر  شەھەر سامەن يولى 369- قورو 5- بىنا (؟) ئۆي. 2017- يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئېغىر قىيىن قىستاقتا خاتىرىسىنى يوقاتقان، قايەردىلىكى مەلۇم ئەمەس.
  9. غۇلامجان ئابلىز(پاكا)، تىجارەتچى، بەش خىل مىتال بويۇملىرى توپ تارقىتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 2017- يىلى 5- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى يوق.
  10. ئابدۇغېىنى خالىق، تىجارەتچى،  قەشقەر شەھەر  ئوردا مىھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى،2017-يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز – دېرىكى يوق.
  11. غۇلام ئابدۇقەييۇم 1968-يىلى توغۇلغان، قەشقەردىكى داڭلىق كارخانچىلارنىڭ بىرى، قەشقەر شەھەر «سادىق سودا سارىيى»نىڭ قۇرغۇچىى، ئولتۇراق ئادرىسى:  قەشقەر  شەھەر  ئۆستەڭ بويى ئىجتىمائىي رايونى تاغارچى  كوچا. 2017- يىلى 5- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان، شۇ  يىلى  ھېچقانداق   ئاساسى يوق سەۋەب بىلەن 11 يىللىق كېسىلگەن، ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم.
  12. ئابدۇجېلىل خېلىل (ئابدۇجېلىل ھاجىم)، قەشقەر شەھىرىدىكى داڭلىق سودىگەر، «شىنجاڭ خېلىل خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇن ۋەكىلى»، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبىسى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە 2017-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى توختىتىپ قويۇلغان. ئۇ، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى  قولغا ئېلىنغان ۋە قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەلىك قاماقخانىدا قامالغان.  ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر ئابدۇجېلىل  خېلىل  ئۈستىدىن  2017- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى  بىر قېتىم  ۋە 2018-  يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بىر قېتىم سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن «(2017) ش 31 ج د چىقىش 180 نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كېسىمنامە چىقىرىپ ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى» نى بېكىتكەن ۋە شىركەتكە 5 مىليون يۈەن خىتاي خەلق پۇلى جەرىمانە قويغاندىن سىرت، ئابدۇجېلىل خېلىلنىڭمۇ «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى» نى بېكىتىپ، ئۇنىڭغا 11 يىللىق   مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن ھەم ئۇنىڭ  ئۆزىگە  تەۋە 73 مىليون  يۈەنلىك  مال – مۈلكىنى مۇسادىرە  قىلغان.  مەلۇم  بولۇشىچە، ئابدۇجېلىل خېلىل، سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى» سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ  ئۆزىگە  بېرىلگەن جازا ئۈستىدىن ئادۋوكاتى ئارقىلىق يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.  ئابدۇجېلىل خېلىلغا  قەشقەر  ئوتتۇرا سوت بەرگەن ئەسلى جازا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى  سوت  تەرىپىدىن  بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ تۈرمىدىن تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن. (مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/dangliq-sodiger-09122019154058.html)
  13. قەشقەر ئىبىن سىنا چىش دوختۇرخانىسى ۋە تەربىيەلەش مەركىزى مۇدىرى. ئىمىن ھاجى. 2016-يىلى تۇتۇلغان. 16 يىل كېسىلدى دەپ ئاڭلىدىم، ئېنىق ئەمەس.
  14. ئىلىجان مامۇت ، 46ياش. 1974-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان.تولۇق ئادرىس: قەشقەر شەھىرى  نەزەرباغ  يېزا  موللازادە  كەنت ،  8-گۇرۇپ  467-نۇمۇر.  2017يىلى 5-ئايدا قەشقەردە تۇتۇلغان ۋە ھازىرغىچە قەشقەردىكى بىر لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلۋاتقان .
  15. ئوبۇلقاسىم  ياسىن. شىنجاڭ قەشقەر شەھەر نەزەرباغ بازىرى چۇمبۇس كەنت 2- گۇرۇپ 50-نۇمۇر (新疆喀什市乃则尔巴格镇群布斯村2组50号). چىنە-قاچا ۋە خىرىستال بويۇملىرى تىجارەتچىسى. 2017-يىلى 8- ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 17 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن.
  16. ياسىن خەيرى. ياغاچچى ۋە چىنە – قاچا سودېگىرى. 2017- يىلى 10- سېنتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغان. ئوبۇلقاسىم ياسىننىڭ دادىسى.
  17. ئېلى ھەسەن 1968- يىلى تۇغۇلغان. رېھىم  ھەسەن 1976- يىلى  تۇغۇلغان. بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا  قەشقەر  ۋىلايىتى  پەيزىۋات  ناھيەسى  قىزىلبويى يېزا، قورغان  كەنت 1- مەھەللىدىن. بۇلار بېيجىڭدە ئۈزۈمچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. 2017- يىلى ئىككى ئاكا-ئۇكا ئارقا ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بىرى ھېچقانداق خەۋىرى يوق. 20 مىليوندىن ئارتۇق ئىقتىسادى بار.
  18. قادىر رىشىت. 55 ياش ئەتراپىدا. قەشقەر پەيزىۋات قىزىلبويى ئايدىڭ كەنتىدىن. ئاقسۇدا مېۋە-چېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بايلاردىن  بىرى. 2017- يىلى  تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىيىن ھېچقانداق خەۋىرى يوق.  30 مىليوندىن ئارتۇق مەبلىغى بار.
  19. ئابلىكىم ھىسامىدىن، قەشقەر پەيزىۋات ناھىيەسى مۇنۇر كەنتىدىن ئەڭ ئىلغان ياشلاردىن بىرى ئىدى. 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىقتىسادى بار. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.
  20. كىرىم روزى، قەشقەر پەيزىۋات ناھىيەسى قورغان كەنتىدىن. 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىقتىسادى بار. ھازىرغىچە  ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. كىرىم روزىنىڭ بىر ئوغلى بىز بىلەن بىللە مالايىسيا ئارقىلىق تۈركىيەگە چىققان دادىسى  شۇ ۋاقىتتا 30 مىڭ  پۇل  ئەۋەتىپ بەرگەن. كىيىن بۇ بالا ئىچىگە كىرىپ كىتىپ شۇ يەردە تۈگەپ كەتتى.
  21. ئابلاجان ھەمەر. قەشقەر پەيزىۋات  ناھىيەسى  قىزىلبويى  ئايدىڭ كەنتىدىن ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىقتىسادى بار.  قەشقەر ئىسلام مەكتىۋىدە ئوقۇغان ۋە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك چېنىققان ماھارەت ئىگىسى.  ياش مولللىلارنىڭ بىرى.
  22. ئەكبەر تۇرەك، 39 ياش. قەشقەر مارالبېشى ناھىيەسى، سېرىبويىدىن. تېرە سودىگىرى بولۇپ غۇلجا ۋە مارالبىشى ناھىيە بازارلىرىدىن تىرە ژۇڭنى بىۋاستە ئىچكىردىكى كارخانىلار بىلەن دىگۋارلشىپ ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى.
  23. مەريەمگۈل، قەشقەر پوسكامدىن. 2002- يىلى  لەنجۇ  ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. پۈتتۈرۈپ بېرىپلا پوسكام ناھىيىلىك خىتاي  تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بىرەر يىل ئىشلەپ خىزمەتتىن چىقىپ كېتىپ، ئۆزى كىچىكرەك ئىگىلىك تىكلىگەن. ئۆتكەن يىللاردا لاگىرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.  ( ئۆتكەن  يىلى ئاڭلىدىم، لاگىرغا ئەكىتىلگەن ۋاقتى تېخىمۇ بالدۇر بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.)
  24. مەمەت يۇسۇپ. قەشقەر ئوردا ئالدىدا باقالچىلىق دۇكىنى باركەنتۇق. مۇشۇ 3-ئايدا ئۆلىدى دەپ ساقچىلار خەۋەر بىرىپتۇ.
  25. ئابلىتىپ ئىسمايىل، سىرىقبۇيا بازىرىنىڭ قۇرۇق يەل يىمىش بازىرىنى 20 يىللىق ھودىگە ئالغان. 2017 يىلى تۇتقىن قىلىنىپ، ھازىر بىر ياغاچلىق كارخانىسىدا ياغاچچى بۇلۇپ (مارالبىشىدا دەيدۇ) مەجبۇرى ئىشلەمچى ئىكەن .
  26. ئوبۇلقاسىم ئابدۇرىھىم قەشقەر شەھەرلىك پوچتا ئىىدارىسنىڭ پىشقەدەم خزمەتچىسى. بۇ بالا ئابلىزنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ئىكەن. ئۇلار شۇ بىر مەشرەپتە ئىكەنتۇن. بۇ بالىنى 7- يىل كىسىپ ھازىر قورغاستىكى تۇرمىدىكەن.
  27. ئابلەت روزى. ئۆزىنىڭ سىرىقبۇيا بازاردا بىرقانچە ماشىنا موتور رىمىنت قىلىش سىخلىرى بارتتى. ھازىر مارالبىشىدىكى بىر توك سايمانلىرى كارخانىسىدا توكچى بولۇپ مەجبۇرى ئىشلەمچى ئىكەن. 2017 بارغاندا بۇ ئۇچ ئىىنىم خىلىلا كوزگە كورۇنۇپ قاپتىكەن . قولىدا نەچچە مىلىيون دەسمايىسى باركەنتۇق.
  28. يۈسۈپ ئابدۇقادىر. قەشقەر بەشكىرەم ئىشچان كەنتىدىن. بەشكىرەم خىش زاۋۇتىنىڭ ئىگىسى. 2017 -يىلى 5 – ئاينىڭ 16- كۈنى تۇتۇلۇپ ئاۋۋال لاگىرغا كىيىن 5 بەش يىللىق كېسىۋەتكەن.
  29. ئەيسا ھاجىم. قەشقەر غەنىمەت سودا چەكلىك شىركىتى دېرىكتورى،شىركەتلەرنىڭ سېتىش ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىدۇ. بالىلىرىنى مىسىردا ئوقۇتقان بولۇپ 2017 – يىلى ھۈكۈمەتتىن بالىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە بېسىم قىلغان ۋە مىسىردىن ئىككى قىزىنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەندىن كېيىن.بىر مەزگىل قەشقەرگە قايتماي ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە تۇرغان ۋە ئىككى قىزى بىلەن بىللە تۇتۇپ كېتىلگەن، پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلىقى ۋە چەتئەلگە چىققانلىقى سەۋەپ بولغان.
  30. ئابلىمىتجان، قەشقەر شەھرىدىن ،تۈرمىدە ۋاپات بولغان ئابدۇلھەمىت قاراجىمنىڭ ،(قەشقەر ساچىيە مەدرىسى) كۈيوغلى ،2018- يېڭى بازاردىكى دۇككاندىن تۇتۇپ كېتىلگەن پېتى خەۋىرى يوق.ئۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسيادا ياغلىق تىجارىتى قىلاتتى.
  31. قۇربانجان ھېكىم شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى ،يېمەكلىك سانائىتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن،شىركەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ شېرىكلىشىپ ئاچقان بىر شىركىتى بار، شىركەت ئورتاغى بىلەن ئۈرۈمچىدە تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيۇسى يېنىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن .
  32. ماھمۇتخان ،قاغىلىقتا تاللا بازىرى خوجايىنى نۇرغۇن شىركەتنىڭ قاغىلىقتىكى سېتىش ۋاكالەتچىسى،ئوغلى 2009 –يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە 8 يىل كېسىۋېتىلگەن ۋە ماھمۇتخانمۇ شۇ قېتىمدا ئىككى ئايدەك تۇتۇپ تۇرۇلغان،2017 –لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.
  33. ئىمىر ئەزەم پوسكام ئاقيۇلتۇز ئۇن زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى ،ئەسلى پوسكام نېفىت خىزمەتچىسى ،1997-يىلى سىياسى سەۋەپ بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان،كېيىن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئاق يۇلتۇز ئۇن زاۋۇتىنى قۇرغان.كونا نوقتىلىق نۇپۇس بولغانلىقى ئۈچۈن 2018 نىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

 

كورلا

  1. مۇھەممەت مەشرەپ. كورلا  مەشرەپ  قەغەزچىلىك شىركىتىدىن. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىز-دىرەكسىز يۇقاپ كەتكەن.
  2. ئەخەت ئىبراھىم، كورلا شەھەرىدىن.2017 بارغاندا ئوزىنىڭ 60 مو نەشپۇتلىك بىغى 3 يەردە مەركەز زالى بارلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ خىلىلا ياخشىلىقنى چەتئەلگە نەشپۇت چېقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقنى دىگەنتى ماڭا. مۇشۇ 3-ئايدا جىگەر راكى بىلەن قازا قىپتۇ دەيدۇ بىر ساۋاقدىشىم ۋەتەندىكى. ئەخەت شۇنداق ساغلام بىر بالا ئىىدى. چۇقۇم لاگىردا ئولتۇرۇپ قويدىمىكى دەپ ئويلىدىم .
  3. نۇرئەخمەت ئابلىكىم (Nueraihemaiti Abulikemu ). ئادرىس : كورلا شەھىرى چارباغ يېزا قازانچى كەنت. 2017-يىلى مۇددەسىز كېسىلگەن.  نۇرئەھمەت ئابلىكىم  باغۋەنچىلىك،  ئاشخانە ۋە ئۆي-زىمىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ  مۇۋەپپىقىيەت قازانغان تىجارەتچى بولۇپ،  2016 – يىلى تۈركىيەدىن  ۋەتەنگە  قايتىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن تۇتۇلۇپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.
  4. ئوسمان قاسىم: كورلا شەھىرى  لەنگەر  يېزىسىدىن، 55 ياشلاردا،  نەشپۈت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان،2018-يىللىرى تۇتۇلغان.
  5. غۇپۇر گاڭجىڭ، 46 ياش ئەتراپىدا 2018 تۇرمىدا ئۆلتۈرۋەتكەن.
  6. غۇپۇرجان ماشىنچى 2017 تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرگىچە خەۋەر يوق.
  7. روزى ھەمدۇللا، 43 ياش ( پاسپورت نۇمۇرى: E16609868)، ئۆي – مۈلۈكچىلىك  تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2017 – يىلى 10-ئايدا تۇتقۇن  قىلىنىغان بولۇپ، 25 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن.
  8. مەمەت ھەمدۇللا،  37 ياش،  (پاسپورت  نومۇرى: E70158141).  2017 – يىلى  تۇتقۇن قىلىنىغان بولۇپ، 15  يىل  قاماق  جازاسى  بېرىلگەن. روزى  ھەمدۇللا ۋە مەمەت ھەمدۇللاغا قاراشلىق كورلا سودا سارىيى ۋە ئۈچ رېستوران پېچەتلىۋېتىلگەن.
  9. غوپۇر ئەمەت. كورلا شەھەر ھەرەمباغ مەھەللىسىدىن.

 

ئۈرۈمچى

  1. قۇربان مامۇت، شىنجاڭ  ئالتۇن  ياپراق  خەلقئارا  سودا چەكلىك شىركىتى لىدىرى. 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان.
  2. ئەخمەتجان سايىم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- دوختۇرخانا ئۇدۇلىدا چېنىقىش زالى (خېلى زامانىۋى) قۇرغان. ئۆزى قۇرغان شىركىتىنىڭ نامى نامەلۇم. ئۇندىن سىرت يەنە 农机厂 دىگەن يەردە كەچلىك بازار ئاچىدىغانغا بىر خىتاي بىلەن شىرىك  500مىڭ توختام پۇلى بېرىپ توختامنامىمۇ تۈزگەن. 2017- يىلى 9- ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۆي ئادرىسى : تىئەنشەن رايونى شىرئەلى تاشقى سودا سارىيى 8- قەۋەتتە.

  1. مىراج رېستورانى ساھىبى ۋەلى ھاجىم.
  2. ئىخلاس شىركىتى قۇرغۇچىسى باش لىدىر مۇساجان ئىمام.
  3. ئادىل سودا سارىيى قۇرغۇچىسى تۇرسۇن ھاجىم كۆك كۆز.
  4. مىراج رېستورانى ساھىبى ئابدۇرېشىت چەمەك ھاجىم.
  5. تەڭگەتاغ سودا سارىيى ساھىبى رەخمەت ھاجىم سەمەت.
  6. ھايات سودا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەلا.

 

ئاتۇش

 

  1. مەمەتجان ئاتىلشى شىياۋ مەممەتجان، ئاتۇشلۇق تېرانسىپورت تىجارەتچىسى.
  2. سەمى، لەقىمى سەمى سېرىق. ئاتۇشلۇق كونا تىجارەتچى تىجارىتى ئاساسلىقى روسىيە بىلەن گىرانىت تاش سودىسى قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان، ئۇمۇ 2018- يىلى لاگىرغا ئېلىپ كېتىلىپ ھازىرغىچە خەۋرى يوق.
  3. سەمى، تېگى ئاتۇشۇق ئۆزى ئالتايلىق  ئادەتتە ئالتاي سەمى دەپ ئاتايدۇ، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغان زىيالى ھەمدە ئىقتىساد ئىگىسى ئاساسلىق تېجارىتى بايلارنىڭ مۈلۈكلىرىنى  باشقۇرۇپ تەرەققىي قېلدۇرۇپ بىرەتتى. ئۇ  ئۈرۈمچى-قاراماي يولىدىكى پوچتا مىھمانخانىسىنى كۆتۈرەگە ئالغۇچى ھەمدە ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كۆتۈرەگە ئالغان زىمىن ۋە تىجارەتلىرى كۆپ  ئالتاي سەمى 2012- يىلى ئاقسۇنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيسىدە 19 قەۋەتلىك 4 گۇرۇپپىلىق ئىگىز بىنا سالغان، كېيىن 2017 يىلى بىر قېتىم تۇتۇلۇپ ئۆيدىكىلىرى يول مىڭىپ ئەپ چېقىپتىكەن، چۈنكى ئالتاس سەمىنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەممىسى ئەمەلدار ھەمدە كۆپۈنچە خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن قۇياق مۇناسىۋېتى بولغاچقا بىرىنجى قېتىم قۇتۇلۇپ قالغان كېيىن 2019 يىلى يەنە قايتا تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە ئىز-دىرىكى يوق غايىب بولغان.
  4. بەكرى، ئاتۇشلۇق كونا ھەم چوڭ ئۆي – مۈلۈك تىجارەتچىسى ھازىرقى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئۇدۇلدىكى مەسچىتنىڭ ئورنىنىڭ ئىگىسى. ئۇ 2018- يىلى لاگىرغا ئېلىپ كېتىلىپ، 2020- يىلى 2- ئايدا لاگىردىن چېققان، چېقىپ بىر ئايدىن كېيىنلا ئۆلۈپ كەتكەن.
  5. مۇتەللىپ، ئاتۇشلۇق چوڭ تىجارەتچىلەردىن، ئاساسلىق تىجارىتى تاشقىي سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى 2017- يىلى تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە  خەۋىرى يوق.
  6. بۇغرا سودا شىركىتى ساھىبى ئىمىنجان، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى (ئوبلاستلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى رەئىسى).

 

ئاقسۇ

ئاقسۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى

  1. مەمەت ھاجىم فىندىك. دىيارىم يىمەك _ئىچمەك شىركىتى، ئالتۇن ئوردا مىھمانخانىسى ساھىبى.
  2. ئابلا ھاجىم بوياق.
  3. ئابدۇرەھىم ھاجىم بوياق. پاختا زاۋۇت ۋە توڭلىتىش ئىسكىلاتى با. چوڭ بايلار.
  4. ئالىم ھاجى رىشىت، دولان ئۇن زاۋۇتى ساھىبى. ئۇن زاۋۇتى ۋە پاختا زاۋۇتى.
  5. ئابدۇراخمان قارى پوستەك.
  6. توختى ھاجىم ئۆي _مۈلۈكچى.
  7. مۇستافا تىز تاماقخانىسى مۇسلىم ھاجى.
  8. ئىسلام قارى، 2017- يىلى تۇتۇلغان. يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلىدۇ.
  9. كۇچا ساي بويىدا ئولتۇرۇشلۇق يۈسۈپ ئىسلام ئائىلىسى.

بۇ ئائىلە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بېرى ئەكسىلئىنقىلابچى ئائىلە دەپ سۈرگۈن، نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان ئائىلە بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ كۇچا، توقسۇ، باي، شايار ناھىيەلىرىدە دۇكانلىرى، زاۋۇتلىرى، ئۈرۈمچىدە شىركەتلىرى بولغان مائارىپسۆيەر، بىر تىجارەتچى ئائىلىسى، ئائىلىنىڭ چوڭ  ئوغلى، چوڭ ئوغلىنىڭ ئايالى رەيھانگۈل، ئوغلى ئابلىمىت يۈسۈپ ۋە ئايالى، ئوغلى ئابدۇخېلىل يۈسۈپ ۋە ئايالى، توقسۇ ناھىيە ئەجرىم ئاشلىق – يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرغۇچى مەمتىمىن يۈسۈپ ۋە ئايالى، تەۋەرۈك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىىسى، تەۋەرۈك نامىدىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ ئىگىسى ئابدۇكېرەم يۈسۈپ، ئايالى پاتىگۈل، ئوغلى پەخىردىن، سىراجىدىن، ئايشەم يۈسۈپ ۋە يولدىشى، مىنەۋەر يۈسۈپ ۋە يولدىشى قۇربانجان، كۈيۈئوغلى ياسىن مەمەت ۋە رىسالەت يۈسۈپلەر 2017- يىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ بۇ ئائىلىنىڭ بىر قىسم ئاياللىرى ۋە بالىلىرى  لاگېرغا، بىر قىسمى  تۈرمىگە سولانغان. ئەسلىدىنلا ئائىلە بويىچە نۇقتىلىق نوپۇس تىزىملىكىدە بولغان بۇ ئائىلىنىڭ كۈيۈئوغلى ياسىن مەمەت 97- يىللاردا خوتەن يىغىنىغا قاتناشقان، شەرقى تۈركىستان ئاللا پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى دېگەن نام بىلەن 10 يىللىق جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ  قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 2017- يىلىنىڭ بېشىدا شايار ناھىيە بازىرىدا تاللا بازىرى ئاچىدىغان ئىنىسى ئابدۇللا بىلەن  قايتا تۇتقۇن قىلىنغان. ئايالى رىسالەت ۋە ئوغلى ئابدۇراخمان، 2017- يىلىنىڭ ئاخرىدا لاگېرغائېلىپ كېتىلگەن،

تەۋەرۈك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇكېرەم يۈسۈپ 2017- يىلى ئۈرۈمچىدىن كۇچا جامائەت خەپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن شىركەت خادېمى تۇرغۇن مەمەت،ئوغلى پەخىردىن،سىراجىدىن قاتارلىقلار بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىتىلگەن. ۋە بۇرۇن يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلىق سەۋەبىدىن ئۈيىگە بېرىلگەن ،ئەمما نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ،شىركەت بىلەن ئالاقىسى بولغان تۇرغۇن مەمەت،مەمەتجان ،ئۆمەر بارات ،ئەبدۇللا قاتارلىقلار ھەممىسى بىراق تۇتۇپ كېتىلگەن. توقسۇ ناھىيە ئەجرىم ئاشلىق – يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرغۇچى مەمتىمىن يۈسۈپ ۋە ئايالى توقسۇدىكى زاۋۇتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە زاۋۇتنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتىن توختىتىپ قويغان.

ئابدۇخېلىل يۈسۈپ 90 – يىللاردا قازاقىستانغا چىقىپ كېيىن قايتىپ كەتكەن ۋە بۇ سەۋەپلىك  ئۈچ يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ 2018- يىلى قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە تۈرمىگە سولانغان. ئايالى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئابلەت يۈسۈپ ۋە ئايالى رەيھانگۈل تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئابلەت يۈسۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ئايالى ۋە ئايالىنىڭ ئىنىسى ئابدۇرىھىمجان لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئابلىمىت يۈسۈپ بۇرۇندىن نازارەت ئاستىدا بولۇپ 2017- يىلى ئايالى ۋە قىزلىرى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ بۇ ئائىلىدە بۇ ئائىلىنىڭ دېرىكىنى قىلىدىغان ھېچكىم قالمىغان.بۇلارنىڭ قۇدا-باجىلىرى، تىجارەت شېرىكلىرى، مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولغان ھەركىم تۇتۇلغان ياكى لاگېرغا ئەكىتىلگەن .

  1. ئاقسۇ ئىسلامقارى، يېمەك ئىچمەك ،تۇرمۇش بويۇملىرى تىجارىتى قىلىدۇ. يېڭى بازاردا ئانايۇرت توپ تارقىتىش  تىجارەت ئورنى بار. ئاقسۇدا توپلىشىپ مەۋلۇت ئۇقۇتقان ۋە تېلېفون كارتىسىدىن كۈسەنىنىڭ  دەرسلىرى چىققان دېگەن گۇناھ بىلەن 2016 – يىلى ئۈرۈمچىگە شىنجاڭ قىزىل تۆگە بىئو پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىغىنىغا چىققاندا تۇتۇپ كېتىلگەن . 2016- يىلى 10- ئايلاردا كېپىلگە قۇيۇپ بېرىلگەن، بىر ئىككى ھەپتە كېيىن ئوغلى ۋە ئىنىسى ئابدۇللاقارى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئىنىسى ئابدۇللامۇ نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىكنى قىلىدۇ، ئاكا–ئۇكا ئاقسۇدا كۆزگە كۆرۈنگەن بايلاردىن. تۈركىيەنىڭ پاكمايا خېمىرتۇرۇچىنى ۋەتەندىكى تىجارىتنى قىلاتتى. مىجىتەم ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىسىدىن، توقسۇ كۇچاردا توپ تارقىتىش ئورۇنلىرى، قەغەز ۋە ئاچچىقسۇ زاۋۇتلىرى بار. 2016- يىلى ئىنىسى كۇچاردىكى توپ تارقىتىش ئامبىرىدىن 6-7 يېشىك سەرەڭگە چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن، نۇرغۇن جەرىمانە تۆلەپ كېپىلگە ئاچىققان، 2017- يىلى مىجىتەم ۋە ئىنىسى بىراقلا تۇتۇپ كېتىلگەن، زاۋۇتلىرى پېچەتلەنگەن.
  2. ئامانۇللاھ ساتتار (ئۆزبېك)، كۇچار بەش خىل مېتال تىجارىتى قىلىدۇ، ئىنىسى ئەبەيدۇللا، ئىنىسىنىڭ ئايالى گۈلجامال بۇرۇن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، كۇچادا تۇنجى قېتىم كومپىيۇتېر تېخنىكا تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقانلاردىن. بۇ قېتىم ئامانۇللاھ، ئەبەيدۇللا، گۈلجامال، ئائىلىچە تۇتۇپ كېتىلگەن.
  3. ئابلەت مۇسا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھەر پاختا توقۇمۇچىلىق  زاۋۇتىدىن پېنسىيونېر 2017- يىلى لاگېرغا ئەكىتىلگەن، ھازىر يەككە تىجارەتچى، بۇ يىل 2020-يىلى 7- ئايدا 11 يىل كېسىلگەن. سەۋەبى بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم تۈركىيە ساياھىتى قىلغان.
  4. مەمەتجان (قارا مەمەت) كۇچادىكى داڭلىق بايلاردىن، نەچچە يەردە بىنالىرى، سودا سارايلىرى بار. كۇچادا كۆزگە كۆرۈنگەن بايلاردىن، 2017- يىلى لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە ئائىلىسىگە ئۆلۈكى بېرىلگەن.

 

غۇلجا

 

  1. ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىم
  2. ئۆي -مۈلۈك سودىگىرى ساقاجىم
  3. ئۆي -مۈلۈك سودىگىرى ئابدىلمىت ئازغاق ھاجىم
  4. تىرىچى ئىمام ھاجىم

 

جەمئىي: 100 نەپەر