Skip to content

ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئېزىز قېرىنداشلار!
رامىزان مۇبارەك بولسۇن!

ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇريار فوندى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرقايسىڭلارنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشى بىلەن تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا مائارىپ ۋە ئاممىۋى ياردەم ساھەسىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلدى.
ئۇيغۇريار فوندى رەئىس ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇريار ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، پىدائىلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى بىلەن تۈركىيەدە خىزمەتلىرىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك بۇ يىل ئاپىرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىم ئىستانبۇلدىن ئايرىلىپ پارىژغا كېتىپ قالدى. گەرچە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىم تۈركىيەدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىي قىلغان كۈنىمىزدە خىزمەتلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇريار فوندى دوكتۇر، ئاسپىرانت، تولۇق كۇرس، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇكاپاتى، ئوقۇش ياردىمى، بىخ مۇكاپاتى تۈرى ئاستىدا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر داۋاسىدا لاگىر مەسىلسىنىڭ خەلقئاراغا پاش قىلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا پىداكارلىق مۇكاپاتى بېرىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغانلارغا ئۆي ئىجارىسى ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، نەشرىيات ساھەسىدىمۇ پائال خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتلەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلدى. خىزمەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇتۇقلۇق داۋاملىشىشى ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاجمىز.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىم پارىژدىكى ئىشىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سېلىشى ئۈچۈن بىر – ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقىتدا جاۋاپ قايتۇرالماي قالسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.
ئىستانبۇلدىكى ئىشلارغا ۋاقتىنچە مەمەتئېلى قېرىندىشىمىز مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقە نۇمۇرى تۆۋەندىكىچە:

905522741906+

ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بەرىكەتكە تولغان رامىزان ئېيىڭلارغا تەكرار مۇبارەك بولسۇن!
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇريار فوندى دائىمىي ھەيئىتى

بانكا ھېساپ نۇمۇرىمىز:
Kuveyt Türk Katılım Bankası A. Ş.
Hesap Sahibi: Batur KARAHANLI
تۈرك لىرا ھېسابى
TR330020500000674575100006
دوللار ھېسابى
TR110020500000674575100111
ياۋرو ھېسابى
TR810020500000674575100112