ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
1981-يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان ئابابەكرى ئابدۇرېشىت، 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە 2009-يىلى ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملىغان. ئۇ يەنە 2009-2012-يىللىرى ئارىسىدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغان. ئۇ مانا مۇشۇ مەزگىلىدە گېرمانىيەدە بىر يىل زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.
ئابابەكرى ئابدۇرېشىت 2013-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن.
ئابابەكرى ئابدۇرېشىت 2018-يىلىدىن باشلاپ جەمئىيەتتە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ 2020-يىلى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى مەلۇم بولمىغانىدى. ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 2022-يىلى ئېنىقلاشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ 13 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەللىلەندى.
ھەر خىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلىرى