Skip to content

«ئۇيغۇريار»نىڭ 2021- يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2022- يىللىق قىسقىچە پىلانى

ئۇيغۇرياردىن 2021 – يىللىق خۇلاسە ۋە 2022 – يىللىق پىلان

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟

تۆۋەندە  بىز 2021 – يىلى قىلغان خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە 2022 -–يىلىدىكى پىلانلىرىمىزنى سىلەرگە سۇنماقچى. بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نازارەت قىلىشىنى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

2021 – يىلى قىلىنغان ئاساسلىق خىزمەتلەر:

  1. 2021 – يىلى «ئۇيغۇريار»نىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بولغان ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇردۇق. نەتىجىمىز شۇكى، بىز تاللاپ قوبۇل قىلغان، «ئۇيغۇريار»دىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىۋاتقان 2 نەپەر ئوقۇغۇچى 2021–- يىلى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئۇتۇقلۇق پۈتتۈرۈپ، دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان بىر نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدى. ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىكى شۇكى، تۈركىيەدە ئوقۇشقا كىرىش ئاسان پۈتكۈزۈپ چىقىش تەس. ئوقۇغۇچى ياخشى تاللانمىغاندا چەكلىك ئىقتىسادىي مەنبە ئىسراپ بولىدۇ. بىز ئىنچىكە تەلەپ بىلەن، شەرتلەرنى ئېغىر قويۇپ، ئەستايىدىل يېتەكلىگىنىمىز ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتكۈزۈش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولماقتا. ئوقۇش مۇكاپات تۈرى بويىچە 2021–- يىلى 7 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 48600 (قىرىق سەككىز مىڭ ئالتە يۈز لىرا) ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ سوممىسى تۈركىيەدە پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆستۈرۈپ بېرىلىدۇ. ئۆسۈش نىسبىتى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى بويىچە ھېساپلىنىدۇ.

2022 – 2021 ئوقۇش يىلى ئۈچۈن 4 نەپەر دوكتورانت، 1 نەپەر ئاسپرانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 2021 – يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمى ئۈچۈن 26100 تۈرك لىراسى ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلدى. فوندىمىز 2022 – 2021 – ئوقۇش يىلىدا، دوكتورانت ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەر ئاي 1800 تۈرك لىراسى، ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەر ئاي 1500 تۈرك لىراسى ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: فوندىمىز ئالدىنقى بىر قانچە يىللىق تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 3 – يىللىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تاللانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى مەلۇماتقا ئىگە بولالايدىغان ۋە قوللاشقا تېگىشلىك ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ چىقىش ھەمدە ئوقۇش مۇكاپاتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ، بۇ شەرتنى تاللىنىش شەرتلىرى ئىچىگە قوشقانلىقىمىز، مەۋسۈملۈك نەتىجىگە ۋە مىللەت ئۈچۈن قىلىنىدىغان پىدايىلىق خىزمەتلىرىگە قويىدىغان تەلەپلەر قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2022 – 2021 – ئوقۇش يىلى ئۈچۈن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلتىماس قىلغانلار بولمىدى.

  1. 2021 – يىلىمۇ ئوقۇش مۇكاتى ئېلىش شەرتىگە توشمىغان، ئەمما ئوقۇش ياردىمى ئېلىشقا لايىق بولغان ئوقۇغۇچىلارغا 18150 تۈرك لىراسى ياردەم قىلىندى.
  2. 2021 – يىلى تۈركىيەدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى يەنىلا تور مۇھىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئىقتىسادىي كىرزىس سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئامالسىز قالدى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئابدۇۋەلى ئايۇپ يازغان «مەھبۇس روھلار» ناملىق كىتاب بازارغا سېلىنىپ، كىرگەن كىرىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە تاختا كومپىيوتېر ئېلىپ بېرىشكە ئىئانە قىلىندى. ئۇيغۇريار فوندى ۋە ئۇيغۇر پىروجېكت فوندىنىڭ چاقىرىقى بىلەن بۇ پائالىيەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان مائارىپ سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 186000 (186 مىڭ) تۈرك لىراسى ئىئانە يىغىلىپ، 155 دانە تاختا كومپىيوتېر سېتىۋېلىنىپ، دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئوقۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللىغان ھەر قايسى ئەللەردىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
  3. 1) فوندىمىز «بېلىق بېرىشنى ئەمەس، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش» پرىنسىپىنى نۇقتىلىق خىزمەت پرىنسىپى قىلغان بولۇپ، 2021 – يىلىمۇ ھۈنەر – كەسپ تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ، ياردەم بېرىش ئەمەس ئىش بېرىشنى تەشەببۇس قىلدۇق. شۇڭا بىر تىككۈچلىك كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 10 نەپەر ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ تىككۈچلىك كەسپىدە نۇقتىلىق تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ تۈر ئۈچۈن 42500 تۈرك لىراسى سەرپ قىلىندى.

2) فىزىكىلىق داۋالاش ئورنى ئاچقان، ئەمما كىنىشكە بولماسلىق سەۋەبلىك دۇكاننى تاقاشقا مەجبۇر بولغان، ئىشلەش رۇخستى ئالالىسا پۈتۈنلەي ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى قامداپ كېتەلەيدىغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر خانىمنىڭ كىنىشكە ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن، ئوقۇشىغا 2021 – يىلى 12000 تۈرك لىراسى ياردەم قىلدى.

3) تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار، داۋادىكى ئاكتىپلارنىڭ تەلەپلىرى بويىچە «تۈركچە دىكتورلۇق ۋە نۇتۇق سۆزلەش» كۇرسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزنىڭ بۇ ساھەدە تەربىيىلىنىشكە شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ تۈر ئۈچۈن 9000 تۈرك لىراسى ئاجرىتىلدى.

4) ھۈنەر – كەسىپ تۈرى بويىچە، 2021 – يىلى 2 دانە كومپىيوتېر، 3 دانە تىككۈچىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىنىپ، ئىھتىياجى بار قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

  1. يىللاردىن بېرى داۋام ئېتىپ كېلىۋاتقان نەشرىياتچىلىق تۈرىمىز بۇ يىلمۇ داۋام قىلدى. ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان شائىر ۋە يازغۇچى ئالىمجان مەتقاسىم غەمناكى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «مەن ئۆزۈمنىڭ زۇلمەت كېچىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. بۇ تۈر ئۈچۈن 4450 تۈرك لىراسى سەرپ قىلىندى.
  2. 2021-يىلى ئىيۇلدا ئامېرىكادا قۇرۇلغان ئۇيغۇر فوندىنىڭ ئۈچ مىڭ دوللار ياردىمىگە ئېرىشتۇق
  3. ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان ئىستانبۇلغا جايلاشقان ھىرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا قوشۇمچە مائاش سۈپىتىدە 2021 – يىلى 58854 (58 مىڭ، سەككىز يۈز ئەللىك تۆت ) تۈرك لىراسى ياردەم قىلىندى.
  4. خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى نورمال ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى ئىككى يىل ئەتراپىدا ئاقساپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن، ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يېتەرلىك بىلىمگە ئېرىشەلمىدى. بىز بۇ ئەھۋلانى نەزەردە تۇتۇپ ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تەييارلىق كۇرسى تەشكىللىدۇق. نۆۋەتتە، 70 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ كۇرسلاردا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن 33 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش بەدەل پۇلى ئۈچۈن ھازىرغىچە 64700 (ئاتمىش تۆت مىڭ يەتتە يۈز) تۈرك لىراسى سەرپ قىلىندى.
  5. 2020 – يىلىدىن كېيىن ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن توختاپ قالغان «پىداكارلىق مۇكاپاتى تۈرى»نى ئەسلىگە كەلتۈردۇق. ھازىرغىچە «ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيىتى ئارقىلىق زۇلۇمىنى ئاڭلىتىۋاتقان بىر پىداكارنى نورۋېگىيەدىكى دوستلار ۋە بېرگىن جامائىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تۇنجى قەدەمدە 868 ئامېرىكا دوللىرى (7700 كرون) بىلەن مۇكاپاتلىدۇق.
  6. ئىستانبۇلدا قەستكە ئۇچراپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان يۈسۈپجان ئەمەتكە دوستلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېڭىدىن ياردەم قىلدۇق.
  7. «ئۇيغۇريار جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى. تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۇرۇشى، تۇتۇلۇشتىن قورقۇپ بەزى ئۇيغۇرلار ياۋروپاغا مېڭىپ چېگرادا تۇتۇلۇپ كېتىشى بۇنداق بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەقەززا قىلدى. گۇرۇپپىمىز تۈركىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئاخباراتلار ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ چىقىشقا تىرىشتۇق. بۇ جەرياندا مەخمۇتجان رەھمىتۇللا قاتارلىق 7 ئۇيغۇرنىڭ ساقچى ئورگانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا سەۋەب قىلدۇق.
  8. «ئۇيغۇريار جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» 2021 – يىلى 19 – ئىيۇلدا ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ياردىمى بىلەن، ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى تۇتقۇن قىلىش بۇيرۇقى خەلقئارا ساقچى ئورگىنى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلدى. ھازىرغىچە ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي داۋاملىشىۋاتىدۇ.
  9. ئىدرىس ھەسەن ماراكەش ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۈركىيەدە قالغان ئائىلىسى ئۈچۈن 9 – ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇريار فوندى تەرىپىدىن 4500 تۈرك لىراسى تۇرمۇش خىراجىتى بېرىش قارار قىلىنىپ، 18000 تۈرك لىراسى ئىقتىسادىي ياردەم قىلىندى. بۇ ياردەم ھەر ئايدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.
  10. قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىمىز 2021 – يىلىمۇ شارائىتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە داۋاملاشتۇرۇلدى. موھتاج ئائىلىلەرگە ياردەم تۈرى قارمىقىدا 2021 – يىلى قېرىنداشلىرىمىزغا 30115 تۈرك لىراسى ئىقتسادىي ياردەم بېرىلدى.
  11. توردا ئېنگىلىزچە ھەقسىز كۇرس ئاچتۇق. تۈركىيەدە ئانا تىل كۇرۇسلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى ياردىمى بەردۇق. ئىستانبۇلدا داۋام قىلىۋاتقان خانىم قىزلار ئىلىم چېيىنى كىتاب ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق قوللاپ كەلدۇق.
  12. 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2020 – يىلى مايغىچە ئىستانبۇلدا قىلغان ئارخىپلاشتۇرۇش تۈرىمىز بويىچە توپلانغان پاكىتلارنى ئاخباراتچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا سۇندۇق. بىز ئارخىپلاشتۇرغان پاكىتلارنى گۇۋاھچىلار سېنتەبىردىكى ئۇيغۇر سوتىدا سۇندى. ئۇ ئارخىپلار ئاساسىدا ئۇيغۇر بايلار، زىيالىلار ۋە ئۆلىمالار ھەققىدە مەخسۇس دوكىلاتلار ئىشلەندى.
  13. مۇھاجىرەتتە تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان تەتقىقاتىمىز ھەققىدە ئەنگىلىيەدىكى ب ب س، ئامېرىكادىكى س ن ن مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى.
  14. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پەمىدۇر بازىسىدا مەجبۇرى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە توپلىغان پاكىتلىرىمىز ئاساسىدا كانادا س ب س قانىلى مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. مۇخبىرلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئۇيغۇر گۇۋاھچى تونۇشتۇرۇش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن توپلانغان پاكىتلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ خەلقئارا ئاخباراتقا سۇنۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىزچىل ئىشلىنىۋاتىدۇ. بىز شۇغۇللانغان ئاخباراتقا دائىر خىزمەتنىڭ مىقدارى كۆپ، نەتىجە مول بولغاچقا سىتاستىكا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدۇق.
  15. خىتايدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئاقسۇ تىزىملىكى، شاڭخەي تىزىملىكىنى جەزىملەش، ئاخباراتلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يېڭىدىن قولغا چۈشكەن بىر تۈركۈم تىزىملىكلەرنىمۇ جەزىملەۋاتىمىز. 2022 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بارلىق يۇرتلاردىن تۇتۇلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تىزىملىكلەرگە گۇۋاھچى تېپىپ ئاخباراتلاشتۇرۇپ چىقىمىز.

 

ئىككىنچى، ئورۇنلانمىغان پىلانلىرىمىز ۋە يېتەرسىزلىكلىرىمىز:

2020 – يىلى فوندىمىزغا كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن «كىتاب ئوقۇش تۈرى»نى ئامالسىزلىقتىن توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق.

گەرچە 2021 – يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىسى ئېچىشنى پىلانلىغان بولساقمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ قانۇنلۇق يەسلى ئېچىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولماسلىقى؛ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ ئىجتىمائىي ھاياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى تۈپەيلىدىن بۇ پىلان ئەمەلىيلەشمىدى.

«ئۇيغۇريار» 2021 – يىللىق خىزمەت پىلانىدا ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن شارائىت سەۋەبلىك بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى.

گۇرۇپپىمىزدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى ھەممىسى ئىشتىن سىرت ۋە خالىس ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۆز خىزمىتى ۋە ئائىلىسىنىڭ جىددىي ئىشلىرىنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقمىسا بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار پىلانلانغان ۋاقتىدا ئورۇنلانماي قالدى. بەزى ئاينىڭ مالىيە ھېسابى ۋاقتىدا بېرىلمەي سوزۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇ سەۋەبلىك بىزنى قوللاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز ۋە توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

ئۈچىنچى، 2022 – يىللىق پىلانلىرىمىز:

تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بۈۋىملەر(ئايال ئۆلىمالار) ھەققىدە بىر دوكىلاتنى پۈتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇ دوكىلاتنىڭ پاكىت توپلاش، گۇۋاھچى تېپىش، ئارخىپلاشتۇرۇش قەدەملىرى ئىشلىنىپ بولدى.

ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوقۇش مۇكاپاتى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئىستىقبال مۇكاپاتى، بىخ مۇكاپات، ھۈنەر-كەسىپ مۇكاپاتى قاتارلىق ياردەم تۈرلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. نەشرىياتچىلىق تۈرىمىز بويىچە كىتاپلارنى داۋاملىق نەشىر قىلدۇرىمىز.

ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ كىرىمى ئائىلىسىنى قامداشقا يەتمەيدىغان، يېتىم – يېسىر، تاسادىپىيلىقلار تۈپەيلى قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان موھتاجلارغا ياردەم تۈرىمىزنى بۇ يىلمۇ داۋاملاشتۇرىمىز.

خەلقئارا ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ، تۈركىيەدىكى ئىشسىز قالغان ياشلىرىمىزنى مۇئەييەن ھۈنەر-كەسىپ بىلەن تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە بىر خەلقئارالىق ياردەم تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

ئىستانبۇلدا بىر ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا فوندى جەمئىيەتلەردىن ئىقتىسات ئىلتىماس قىلىشقا تىرىشىمىز. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە، نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۇرۇسلارنى داۋام قىلىشقا تىرىشىمىز. ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۇرۇسلارنى داۋاملىق قوللايمىز، كۇرسانتلاردىن قىيىنچىلىقى بولغانلارغا ياردەمنى داۋام قىلىمىز.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى ئانا تىل مائارىپىغا قىزىقتۇرۇشقا كۈچەيمىز. ئالمۇتا شەھرىدىكى بىر ئانا تىل مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بالىلارغا ئىنگلىز تىلىنى ھەقسىز ئۆگىتىشنى يولغا قويمىز.

ئارخىپلاشتۇرۇش-ئاخبارات ئىشلىرىنىمۇ داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، مۇھاجىرەتتكىلەردىن، شەرقىي تۈركىستاندىن ۋە خىتايدىن داۋاملىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارغا سۇنۇشنى داۋام قىلىمىز. خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ توپلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا دوكىلات تەييارلاپ ياكى دوكىلات يېزىشقا قاتنىشىپ خەلقىمىزنىڭ دەردىنى دۇنياغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.

«ئۇيغۇريار»نىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشۈشى، تېخىمۇ ئىقتىدارلىقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىغا كىرىپ، «ئۇيغۇريار»نىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى ھەم «ئۇيغۇريار»نى دېموكراتىك سىستېمىغا ماس ھالدا ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، نىزامنامىمىز بويىچە ئۈچ يىلدا بىر سايلام قىلىمىز. مۇشۇ سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يىل «ئۇيغۇريار»غا ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. يىللاردىن بېرى «ئۇيغۇريار»نى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەزا بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

ۋەزىيەتنىڭ  تۈپەيلى پىلانلىرىمىزدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى، بەزى پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولماسلىقى ۋە ياكى بىز پىلانغا ئالمىغان بەزى ئىشلار قوشۇلۇشى مۇمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن خەلقىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشىلا بولىدىكەن، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق دەپ ئىشىنىمىز.

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇريار دائىمىي ھەيئىتى

 

2021- يىللىق ھېسابات تىزىملىكى:

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.12

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.11

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.10

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.09

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.08

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.07

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.06

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.05

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.04

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.03

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.02

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2021.01