ئۇيغۇريار 2024-يىلدا پلان بويىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى تاماملىدى. بىزگە ياردەمدە بولغان، قوللىغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارغا جاۋاپ بېرىش، نازارەت ۋە تەنقىتلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بىر يىللىق ئورۇنلانغان ۋەزىپىلەرنى تۈرلەر بويىچە ئايرىپ چىقتۇق.
ئۇيغۇر يار داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاخباراتقا ئاڭلىتىش، دوكىلاتلاشتۇرۇش، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئانا تىل مائارىپىغا ئوقۇشلۇق ھازىرلاش، مەدەنىيەت كانىكولى ئۇيۇشتۇرۇش، ئانا تىل دالا پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈش، كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇش، كىتاپ تەرجىمە قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، يىغىنلارغا ئىشتىراك قىلىش، فىلىم كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر پاجىيەلەرىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدى.
كونكىرىتلاشتۇرساق تۆۋەندىكىچە:
- ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەنى ئاخباراتقا ئاڭلىتىشتا ھالقىلىق روللارنى ئوينىدى. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن، مۇھاجىرەتتىكى مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى خەلقئارا ئاخباراتقا يەتكۈزۈپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك كۈچ سەرپ قىلدى.
- ئۇيغۇر پاجىيەسىگە دائىر دوكىلاتلارنى يېزىشقا قاتناشتى ۋە ھەمكارلىقتا ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى، ئۇيغۇر كەنت ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئىككى دوكىلات دىققەت تارتتى.
- ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سىرتىدا تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىنى ئاخباراتقا سۇندى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ھەل قىلىشقا تىرىشتى، ھەمدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
- ئانا تىل مائارىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن «گۈلدەك ئائىلەم» دېگەن بىر كىتاپنى تەييار قىلدى. كىتاپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. «ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتاپنىڭ تەرجىمەگە قىلدۇردى ۋە تەھرىرلىكىنى پۈتكۈزدى. تاھىر ھامۇتنىڭ كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش دېگەن كىتابىنى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلدۇردى.
- تۈركىيەدىكى ئۈچ دوكتۇر بىر ماگىستىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىشنى داۋام قىلدى. ئوقۇش ياردەم پۇلىنى داۋاملىق تارقاتتى. تۈركىيەدىكى، بولۇپمۇ قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا كىتاپ، تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلدى.
- مۇھاجىرەتتە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش مىتودى بويىچە تەربىيەلەش، ئۆسمۈرلەرنى تارىخ، مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ياشلارنى يېڭى پىكىر، چۈشەنچە ۋە بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ كەلدى.
- مۇھاجىرەتتە مەجبۇرى ئەمگەككە قاتناشقۇچىلارنى ئېنىقلاپ ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئارخىپلاشتۇردى. بولۇپمۇ شوخلا بىلەن باغلانغان مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىدا گۇۋاھچىلارنى، پاكىتلارنى توپلاپ ئاخباراتقا سۇندى
- بېرگېندە ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر پائالىيەت بېرگىن شەھەرلىك كۈتۈپخانادا، نۇيابىرنىڭ 9- كۈنى بولدى. مۇھاجىرەتتە مەدەنىيەت فېستىۋاللارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسىلىھەتچىلىك قىلدى.
- دىئالوگ ناملىق يۇتۇپ قانالنى قۇرۇشقا تەشەببۇسكار بولدى. مەسلىھەت، مەبلەغ ئارقىلىق قوللاپ كېلىۋاتىدۇ.
- تۈركىيەدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتاپخاناسىنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياردەم ئاجراتتۇق.
- مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر يىغىن ئامېرىكانىڭ ۋاشىڭتون د س دە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارغا قوللانما تۈزۈپ چىقتى. ئۇيغۇر مىراس مائارىپى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى.
- ياش ئۆسمۈلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەربىيەلەش كۇرسى قىلدى. مەزكۇر پائالىيەت ئاۋغۇستنىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە شىۋىتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھرىدە بولۇپ ئۆتتى.
- مايدا ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئادالەيدتە، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېندا، ئامېرىكانىڭ ۋاشىڭتوندا ئانا تىل مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئارزۇ تەلەپلەرىنى ئاڭلاش بىر پائالىيەت سەپىرى بولدى.
- ئىيۇلدا ئاۋۇسترالىيەنىڭ سىدنى، مىلبورىن ۋە ئادالەيد شەھرىدە شاۋقۇن سۈرەن دېگەن فىلىمنى قويۇش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتتى.
- ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى كولۇمبىيە ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تۆت تارماق مەكتىپىدە نۇيابىرنىڭ 17-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، ئىندىئانا ئۇنۋېرىستېتى ۋە ئىندىئانا تېخنىكا ئۈنۋېرىستېتىدە 6-دېكابىردىن 11- دېكابىرغىچە ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مىراس تىلى ئوقۇتۇشى ھەققىدە لېكسىيەلەر بولۇپ ئۆتتى. لوس ئانجىلىستىكى بىر مەسچىتتە ئۇيغۇر پاجىئەسى ھەققىدە دوكىلات بېرىلدى.
- فېۋرالدا جەنۋە ئۇچرىشىشى يىغىنىغا، مارتتا ۋىيەنا، بارسېلونا، ئىيۇندا تىبلىس، سېنتەبىردە لۋىۋ، ئۆكتەبىردە پراگادىكى 2000 مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىندى.
- خىتاينىڭ نازارەت تېخنىكىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنگىلىزچە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
- ئۇيغۇريار ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلدى. تۇتقۇن جامائەت ئەربابلىرىنىڭ، زىيالىلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئارخىبىنى ئېنىقلاش، تەرجىمھالىنى تۇرغۇزۇش، مەلۇماتىنى يېڭىلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
- ئۇيغۇريار شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى موھىم مەنبەلەرنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئاخباراتچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنىڭ ۋە جامائەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ تەرجىمھالىنى تۇرغۇزۇپ ئېنگىلىزچە تارقىتىشنى داۋام قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى ئېنگىلىز، نورۋېك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يىغىنلاردا دوكىلات سۇندى.
- ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ ئەسەلىرىدىن پارچىلارنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىنىستگرامدا تارقاتتى. تۇتقۇن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى.
تۆۋەندە ئۇيغۇريار ۋە خادىملارنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلارنى دىققەتكە سۇندۇق. ئۇنىڭدا قىلىنغان پائالىيەت، تەتقىقات ۋە دوكىلاتلار خەۋەر قىلىنغان. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنمىغانلار بۇ يەرگە قويۇلمىدى.
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/abduweli-ayup-05222024162934.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/abduweli-ayup-10082024095511.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kaliforniye-uyghur-tili-xiris-11252024171411.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/norwegiye-uyghur-medeniyet-bayrimi-11112024092638.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/niqap-arqisida-10242024152605.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mening-shahirim-erkin-sheher-10212024105343.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/aka-uka-musabayof-heykel-10152024100614.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mehmud-qeshqeri-heykel-cheqildi-10032024110148.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mehmud-qeshqeri-meqberisi-taqalghan-10012024104149.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ilham-toxti-anisi-nasipxan-qunaxun-09182024115437.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-saqchi-09172024160347.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-balilarni-uchrashturush-08192024110750.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/karxanichi-elijan-ismayil-qamaq-08132024171914.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maskining-arqisida-neme-bar-08132024170516.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/milborn-shawqun-soren-awstraliye-07292024133929.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/dunya-puqralar-sot-mehkimisi-07082024164137.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/gruziye-uyghur-irqiy-qirghinchiliq-06252024175922.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ana-til-uyghur-mektep-06122024144913.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/musapir-yazghuchi-kopenhagen-muhakime-05312024174457.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/abduweli-ayup-05222024162934.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/erkin-tewekkul-05212024134228.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/demokratiye-munbir-05152024120728.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/awstraliye-ana-til-mektep-ziyaret-05092024150008.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ana-yurt-romani-qeshqer-uyghur-neshriyati-03202024140807.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/shawqun-seren-bern-03192024111728.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-ayallar-03082024121951.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/gherb-ughur-ana-til-mekteb-02282024141643.html
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-quran-02062024164417.html