سوئال سوراش خاتىرىسى ( 1-قىتىملىق)
讯问笔录(第 次)
ۋاقتى: 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 10 دىن 38 مىنۇتدىن 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 50 مىنۇتقىچە
ئورنى: كوناشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مۇش ساقچىخانا
تەھقىقلىگۈچىلەر:
پۈتۈكچى:
خىزمەت ئورنى: كوناشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دۆلەت ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش چوڭ ئەترىتى
جىنايەت گۇماندارى:مەرەمنىسا ئەستىللا (يىڭسار ناھىيە ئوچار يىزا ئۇرۇق مەيدانى 3-ئەترەت)
سۇئال: بىز كوناشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دۆلەت ئىچكى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ كادىر ساقچىللىرى بولىمىز، بىز ھازىر سەندىن قانۇن بويىچە دىلوغا مۇناسىۋەتلىك سۇئال سورايمىز، سەن سورالغان سۇئالغا راسچىللىق بىلەن ئەينەن جاۋاپ بىرىشىڭ كىرەك ئەگەر پاكىتنى بۇرمىلاپ يالغان سۆزلىسەڭ قانۇن بويىچە ئىغىرلىتىلىپ جازالىنىسەن، ئەگەر مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتسىز سوئاللارنى سورىساق سىنىڭ جاۋاب بەرمەسلىك ۋە رەت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار، ئېنىق ئاڭلىدىڭمۇ؟
جاۋاپ: ئېنىق ئاڭلىدىم.
سۇئال: سالامەتلىك ئەھۋالىڭ قانداق،سورغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەمسەن؟
جاۋاپ: مىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىم ياخشى،سورغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەيمەن.
سوئال: سالاھىتىڭنى تونۇشتۇر ؟
جاۋاپ: ئىسمىم مەرەمنىسا ئەستىللا، ئۇيغۇر، 1986-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرۇم: 653121198602042628، كەسپىم دىھقان، تولۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرقۇم:يىڭسار ناھىيە ئوچار يىزا ئۇرۇق مەيدانى 3-ئەترەت 059-نۇمۇر، ئائىلەمدە مەن بىلەن قوشۇلۇپ 5 نوپۇس بار، نىكاھلانغان، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
سوئال: قىسقىچە تارىخڭنى تونۇشتۇر ؟
جاۋاپ: مەن 1986-يىلى تۇغۇلۇپ 1993-يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولدۇم، 1993-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە مۇش يىزا 5-كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇدۇم، 1999-يىلىدىن 2002-يلىغىچە مۇش يىزىلىق ئوتتىرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم، 2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئائىلىدە بولدۇم، 2004-يىلى 8-ئايدا ئابدۇۋىلى ياسىن(ھازىر تۈرمىدە) بىلەن توي قىلدىم ھەم 2011-يىلى داخيەن تۈرمىدە ئاجىراشقان، 2011-يىلى 7-ئايدا ھازىرقى يولدۇشۇم ئابدۇغىنى قادىر بىلەن توي قىلدىم، 2011-يىلى 7-ئايدا توي قىلىپ ھازىرغىچە يىڭسارنىڭ ئوچار يىزا ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 3-ئەترەتتە تۇردۇم.
سوئال: سەن ئائىلە ئىجدىمائىي مۇناسىۋىتىڭنى تونۇشتۇر؟
جاۋاپ:دادام:ئەستىللا رۇزى، 65ياش، دىھقان، مۇش يىزا 5-كەنت 4-مەھەللىدىن.
ئانام:ھىلىمىخان مەمەت، 62 ياشلاردا، دىھقان، مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن.
ئاچام:گىلە قىز ئەستىىللا، 42ياشلاردا، دىھقان، قەشقەر شەھەر خاڭدى يىزا 1-كەنتتە تۇردۇ.
يولدىشى: ئۇرايىم غۇپۇر، 40ياشلاردا، ئىشچى، قەشقەر شەھەر خاڭدى يىزا 1-كەنتتە تۇردۇ.
ئاكام:سادىر ئەستىللا، 40ياشلاردا، 2011-يىلى 5-ئايدا ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
ئايالى: مىكەرەم ئاسىم، 29ياشلاردا، 2011-يىلى 5-ئايدا ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
ئاچام:قەمبەرنىسا ئەستىللا، 36ياشلاردا، دىھقان، ئوپال بازار 4-كەنتتە تۇردۇ.
يولدىشى:مەمەتزۇنۇن قۇربان، 28ياشلاردا، دىھقان، ئوپال بازار 4-كەنتتە تۇردۇ.
سىڭلىم: نۇرسىمانگۇل ئەستىللا، 28ياشلاردا، دىھقان، مۇش يىزا 7-كەنت 13-مەھەللىدىن.
يولدىشى: مەمەتقارى ياسىن، 28ياشلاردا، دىھقان، مۇش يىزا 7-كەنت 13-مەھەللىدىن.
سىڭلىم: گۇلقىز ئەستىللا، 27 ياشلاردا، دىھقان، مۇش يىزا 5-كەنت 4-مەھەللىدىن.
ئىنىم: غۇلامجان ئەستىللا،22ياشلاردا، ئىشچى، يۇپۇرغا ناھىيسدە زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ.
سۇئال:سىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىڭ ئىچىدە جازالانغانلار، تەربىيلەشكە يىغۋىلىنغانلار بارمۇ؟
جاۋاپ: يولدۇشۇم ئابدۇغىنى قادىر 2017-يىلى 6-ئايدا مۇددەتلىك 10يىللىق كىسىلگەن، دادام ئەستىللا رۇزى 2017-يىلى 2-ئايدا 6يىللىق كىسىلگەن، سىڭلىم گۈلقىز ئەستىللا 2017-يىلى 6-ئايدا 7يىللىق كىسىلگەن،
سوئال: ھازىر سەن بىلەن نىمە سەۋەپتىن سۆزلىشىۋاتىمىز بىلەمسەن؟
جاۋاپ: مىنى ئىلگىرى باشقىلار بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرۇپ تەبلىغ ئاڭلىغان دىگەن گۇمان بىلەن سۆزلىشىۋاتىسىلەر.
سۇئال: ئۇنداق بولسا قىلمىشىڭنى تەپسىلى سۆزلە ؟
جاۋاپ: 2010-يىلى 9-ئاي رامىزاننىڭ بىركۈنى تاغام مۇختەر مەمەت ( 2013-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن) ئۆيگە ئىپتارغا مىھمان بولوپ باردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كەلگەن مىھمانلار بىلەن ئىپتارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەرلەر تاراۋىغا نامىزىنى ئوقۇغىلى چىكەتتى، كىيىن بىز بىرلىكتە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن بىز ئاياللار ئىچكىركى ئۆيدە، ئەرلەر تاشقىرقى ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۈنەك نامىزى ئوقۇدۇم، ئارقىدىن، مىھمان بولۇپ كىرگەن پەتتار ئابلىمىت ( مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،ھازرى تۈرمىدە) بىزگە رامىزاننىڭ خاسىيىتى توغۇرلۇق سۆزلەپ « رامىزاندا روزى تۇتسا ساۋاب بولدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەش ۋاخ نامازنى تەرىك ئەتمەي ئوقۇش كىرەك، قەدىر كىچىسى تۈنىسە ساۋاببى كاتتا بولدۇ،تۈنەكتە يۈز رەكەت ناماز ئوقۇسا تىلىكىڭلار ئىجاۋەت بولوپ ئەمەلگە ئاشىدۇ » دىگەن مەزمۇندا تەبلىغ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، قالغان مەزمۇنلىرى يادىمدا قالماپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە زوھۇرلۇق يەپ بولوپ ئۆيلىرمىزگە قايتىپ كەتتۇق، بولغان ئەھۋال مۇشۇ.
سۇئال: سىلەر كىملەر بىرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ پەتتار ئابلىمىتنىڭ يۇقارقى مەزمۇندىكى تەبلىغىنى ئاڭلىدىڭلار؟
جاۋاب: تاغام مۇختەر مەمەت(مۇش يىزا 5-كەنت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، ئايالى ئاسىمگۇل كىرىم(مۇش يىزا 5-كەنت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، نەۋرە سىڭلىم شەرىگۇل مۇختەر(مۇش يىزا 5-كەنت 4-مەھەللىدىن، تۈرمىدە)، پەتتار ئابلىمىت(مۇش يىزا 5-كەنت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)،چوڭ ئانام شەھرىنساخان يۈسۈپ (2014-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن)، ئانام ھىلىمخان مەمەت (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن)، ھاجىگۇل مەمەت (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، ئايشەمگۇل تەۋەككۇل (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، خالىدەم ئابلىمىت (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، نۇخان ھۈسىيىن (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن)، جەمىلىگۇل مەمەت (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، مىكەرەم ئاسىم (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،ئىزدىركى يوق)، سادىر ئەستۇللا (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،ئىزدىركى يوق)، مەمەتئىلى تۇراپ (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،ئىزدىركى يوق)، پاتىگۇل تۇرسۇن (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن)، رازىيەم ئابلىز (ئۆلۈپ كەتكەن)،دادام ئەستۇللا روزى (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، مەمىتىمىن مەمەت (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، سادىر غوپۇر (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، نۇرۇللا ئوبۇل (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە)، تاغام ئىلياس مەمەت (مۇش يىزا 5-كەنىت 4-مەھەللىدىن،تۈرمىدە) قاتارلىقلار بار ئىدى.
سۇئال: پەتتار ئابلىمىت يەنە باشقا مەزمۇندا تەبلىغ سۆزلەپ بەردىمۇ؟
جاۋاب: ياق، باشقا مەزمۇندا سۆزلىمىگەن.
سۇئال: سەن يەنە باشقا يەردە تۈنەككە قاتنىشىپ تەبلىغ ئاڭلىغان ئىشلار بارمۇ؟
جاۋاب:بار، 2010-يىلى 9-ئاي رامىزاننىڭ يەنە بىركۈنى چوڭ ئانام شەھرىنساخان يۈسۈپ (2014-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن) نىڭ ئۆيىدە تۈنەك كىچىسىنى قىلغاندا پەتتار ئابلىمىتنىڭ رامىزاننىڭ خاسىيىتى توغۇرلۇق سۆزلەپ « رامىزاندا روزى تۇتسا ساۋاب بولدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەش ۋاخ نامازنى تەرىك ئەتمەي ئوقۇش كىرەك، قەدىر كىچىسى تۈنىسە ساۋاببى كاتتا بولدۇ،تۈنەكتە يۈز رەكەت ناماز ئوقۇسا تىلىكىڭلار ئىجاۋەت بولوپ ئەمەلگە ئاشىدۇ » دىگەن مەزمۇندا تەبلىغ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
سۇئال: بۇ قىتىم تۈنەك قىلغاندا كىملەر بار ئىدى؟
جاۋاپ: تاغام مۇختەر مەمەت، ئايالى ئاسىمگۇل كىرىم، نەۋرە سىڭلىم شەرىگۇل مۇختەر، پەتتار ئابلىمىت، ئانام ھىلىمخان مەمەت ، ھاجىگۇل مەمەت ، ئايشەمگۇل تەۋەككۇل، نۇخان ھۈسىيىن ، جەمىلىگۇل مەمەت ، مىكەرەم ئاسىم ، سادىر ئەستۇللا، مەمەتئىلى تۇراپ، پاتىگۇل تۇرسۇن ، رازىيەم ئابلىز ، مەمىتىمىن مەمەت، سادىر غوپۇر، نۇرۇللا ئوبۇل، تاغام ئىلياس مەمەت،خانزۇرەم ئابلىمىت(مۇش يىزا 5-كەنت 4-مەھەللىدىن، تۈرمىدە)ئابلا سىيىت (مۇش يىزا 9-كەنت 2-مەھەللىدىن، تۈرمىدە) قاتارلىقلار بار ئىدى.
سۇئال:سەن يەنە يۇقارقىدىن باشقا يەردە تۈنەك قىلغانمۇ؟
جاۋاپ: ياق.
سۇئال: پەتتار ئابلىمىت سىلەرگە ھىجرەت، جىھاد توغىرىسىدا تەبلىغ سۆزلەپ بەردىمۇ؟
جاۋاپ:ياق.
سۇئال: سەن يۇقارقىدىن باشقا يەنە قانداق مەزمۇندا تەبلىغ ئاڭلىدىڭ؟
جاۋاپ: 2011-يىلى 5-ئاي ئەتراپىدا ئاچام بىلقىز ئەستىللا (2012-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن)نىڭ ئاياللارنىڭ جىلباپ كىيىم كىيىپ ھىجاپلىنىش توغرىسىدىكى تەبلىغنى ئاڭلىغان ئىدىم.
سۇئال: بىلقىز ئەستىللا سۆزلىگەن تەبلىغنىڭ مەزمۇننى تەپسىلى سۆزلە؟
جاۋاپ: ئاياللار جىلباپ كىيىم كىيىپ ھىجاپلانمىسا يامان بولدۇ، ئەرلىرىگە ئىتائەتمەن بولوش كىرەك، ئاياللار جىلباپ كىيىم كىيىپ ھىجاپلانسا ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىدۇ، سەنمۇ توي قىلسە ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىپ يۈر دىگەن توغرىسىدا تەبلىغ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
سۇئال:سەن يۇقارقى تەبلىغنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قانداق ئىدىيىدە بولدۇڭ؟
جاۋاپ: مەن ئاچام بىلقىز ئەستىللانىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن 2011-يىلى6-ئايدىن 2012-يىلى 5-ئايغىچە جىلىباپ كىيىملەرنى ھىجاپلىنىپ يۈرگەن ئىدىم.
سۇئال:سەن باشقىلارنى جىلباپ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە دەۋەت قىلغانمۇ؟
جاۋپ:ياق.
سۇئال: سىنىڭ دىنىي سەۋيەڭ قانچىلىك؟
جاۋاب: ئىككى سۈرىنى بىلىمەن.
سۇئال: سەن كىمدىن دىندىن دەرىس ئالغان؟
جاۋاب: 2005-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە چوڭ ئانام شەرىنساخان يۇسۈپ(2014-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن) نىڭ سەنمۇ چوڭ بولوپ قالىدىڭ توي قىلىپ ياتلىق بولىسىەن بىر ۋاخ ناماز ئوقۇشنى بىلىمىسەڭ بولمايدۇ دەپ ناماز ئوقۇشنى ناماز ئوقۇشتىكى ئىككى سۈرە ئايەتنى 7كۈن ئەتراپىدا ئۆگەنگەن ئىدىم.
سۇئال: سەن كىملەر بىلەن بىرگە شەرىنساخان يۇسۈپدىن دىندىن دەرىس ئالدىڭ؟
جاۋاب: مەن ئۆزۈم يالغۇز، باشقا ئادەم يوق.
سۇئال: شەرىنساخان يۇسۈپ ساڭا دىندىن دەرىس بەرگۈچە تەبلىغ سۆزلەپ بەرگەنمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق ئىش يوق.
سۇئال: سەن يەنە كىملەردىن دىندىن دەرىس ئالدىڭ؟
جاۋاب: يەنە باشقا ئادەمدىن دىندىن دەرىس ئالمىدىم.
سۇئال: سىنىڭ نامىڭدا قانچە تال تىلفۇن كارتىسى بار؟
جاۋاپ: مىنىڭ نامىمدا 2017-يىلى 7-ئايدا 15276013465نومۇرلوق تىلفون كارتىسى مۇش يىزىسىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش زالىدىن بىجىرىپ ھازىرغىچە نۇرمال ئىشلىتىپ كىلۋاتىمەن.
سۇئال:سىنىڭ نامىڭدىكى تىلفۇن كارتىسى ج خ ئورۇنلىرى تەرپىدىن توختۇتۇلغانمۇ؟
جاۋاپ: ياق، ج خ ئورۇنلىردىن توختۇتۇلغان ئىش يوق.
سۇئال:سەن ئۆزۈڭنىڭ نامىڭدا باشقىلارغا تىلفۇن كارتىسى بىجىرىپ بەردىڭمۇ؟
جاۋاپ: ياق.
سۇئال:سەن باشقىلارنىڭ نامىدا تىلفۇن كارتىسى بىجىرىپ ئىشلەتكەنمۇ؟
جاۋاپ:ياق.
سۇئال:سەن قول تىلفۇندا تورغا چىقامسەن؟
جاۋاپ: ياق، مەن تورغا چىقمايمەن.
سۇئال:سەن قول تىلفۇنۇڭدا vpnتوساق ئاتلاش دىتالىنى ئىشلەتكەنمۇ؟
جاۋاپ: مەن ئۇنداق نەرسىنى بىلمەيمەن، ئىشلىتىپ باقمىدىم.
سۇئال:سەن چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلغانمۇ؟چەتئەلدىن تىلفۇن كەلگەنمۇ؟
جاۋاپ:ياق.
سۇئال:سەن قول تىلفۇنۇڭغا يۇقارقدىن باشقا يەنە قانداق دىتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن؟
جاۋاپ: مەن پەقەت تىلفون سۆزلىشىشنى بىلىمەن.
سۇئال:سەن ئۈندىداردا قانۇنسىز مەزمۇنلارنى كۆرگەن، تارقاتقان ياكى ساقلىغانمۇ؟
جاۋاپ:ياق .
سۇئال:سەن قانۇنسىز دىنى كىتاپلارنى ئۆيۈڭدە ساقلىغانمۇ ؟
جاۋاپ: باشقا دىنى كىتاپلارنى ساقلاپ باقمىدىم.
سۇئال:سەن باشىقىلارنى دىنى بىلىم ئىلىشقا، ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان ئىش بارمۇ؟
جاۋاپ:ياق ، دەۋەت قىلىمىدىم.
سوئال:سەن باشقىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بىلەمسەن؟
جاۋاب:ياق.بىلمەيمەن.
سۇئال: سىنىڭ يەنە باشقا تولۇقلاپ دەيدىغانلىرىڭ بارمۇ؟
جاۋاب: يوق.
سوئال:سىنىڭ يۇقارقى دىگەنلىرىڭ راستمۇ؟
جاۋاب: راسىت.
سوئال:خاتىرىنى ئوقۇپ چىقىپ دىگەنلىرىڭ بىلەن ئوخشاش يېزىلغان بولسا ئىمزا قوي؟
جاۋاب:
سۇئال سورىغۇچى:
خاتىرلىگۈچى:
2017-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى