گەپ سوراش خاتىرىسى – قېتىملىق
ۋاقتى :2018-يىلى10-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ،2018-يىلى 10-ئاينىڭ4-كۈنى سائەت18دىن 50مىنۇت ئۆتكىچە.
ئورنى: كوناشەھەر ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى توققۇزاق بازارلىق ساقچىخانىسى
گەپ /سوئال سورىغۇچى:(ئىمزاسى) ئورنى:
خاتىرلىگۈچى: ئورنى:
گەپ/ سوئال سورالغۇچى : ئابدىراخمان قۇربان، جىنسى ئەر،مىللىتى ئۇيغۇر يېشى 33 ياش كەسپى دىھقان تۇغۇلغان ۋاقتى 1985.7.11 سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرى: 653121198507110012
□خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى □ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس
ھازىرقى ئادرېسى: كونىشەھەر ناھيە توقۇزاق بازار 3-كەنىت 3-مەھەللە
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: كونىشەھەر ناھيە توقۇزاق بازار 3-كەنىت 3-مەھەللە
ئالاقىلشىش تىلفۇن نۇمۇرى : 18299879740
(ئاغزاكى چاقىرتىلغان/تۇتۇپ ئەكىلىپ بەرگەن /ئۆزىنى مەلۇم قىلغان گەپ /سوئال سورالغۇچى: –يىلى -ئاينىڭ -كۈنى سائەت دىن مىنۇت ئۆتكەندە يېتىپ كېلىپ، -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى سائەت دىن مىنۇت ئۆتكەندەكەتتى.ئۆزىنىڭ ئىمزاسى:( )
سوئال: بىز كوناشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى مۇش ساقچىخانىسىنىڭ كادىر ساقچىللىرى بىز ھازىر سىزدىن قانۇن بويىچە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك گەپ سورايمىز، سىزنىڭ سورالغان سوئاللارغا ئەينەن، راستچىللىق بىلەن توغرا جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتىڭىز بار، يالغان سۆزلىمەسلىكىڭىز، پاكىت ئويدۇرماسلىقىڭىز كېرەك،مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتسىز سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىڭىز بار. ئېنىق ئاڭلاپ چۈشەندىڭىزمۇ؟
جاۋاپ: ئىنىق ئاڭلىدىم .
سوئال:سالاھىيىتىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ؟
جاۋاپ: ئىسىم-فامىلەم ئابدىراخمان قۇربان، ئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى 7-ئاينىڭ 11- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرۇم : 653121198507110012، باشلانغۇچتا ئوقىغان، نوپوسۇم تۇرۇشلۇق ئورۇن ؛ كونىشەھەر ناھيە توقۇزاق بازار 3-كەنىت 3-مەھەللە، ھازىرقى ئولتۇرقۇم: كونىشەھەر ناھيە توقۇزاق بازار 3-كەنىت 3-مەھەللە ، كەسپىم دھېقان، ئائىلەمدە ئۆزۈم قوشۇلۇپ 5جان نوپوس بار، نىكاھلانغان، بۇرۇن جازالانمىغان .
سوئال: قىسقىچە تارىخىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ؟
جاۋاب: مەن 1985- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلۇپ، 1992- يىلغىچە ئائىلە تەربىيەسىدە بولدۇم، 1992- يىلى 9- ئايدىن 2010-يىلى 3-ئايغىچە ئائىلىدە دىھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندىم،2010-يىلى 3-ئايدا توقۇزارق بازار3-كەنتلىك بۇخلىچەم ھىكىم بىلەن توي قىلىپ ھازىرغىچە ئائىلىدە دىھقانچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن .
سوئال: سىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز ئارىسىدا يىغۋىلىنغانلار ياكى كىسىلگەنلەر بارمۇ؟
جاۋاب:تاغام نۇرمەمەت ئىسمايىل 2017-يىلى 9-ئايدا يىغۋىلىنغان.
سوئال:سىزنىڭ بىزگە پاش قىلىدىغان مەسىللىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب:بار،كونا شەھەر ناھىيە توقۇزاق بازار 3-كەنت 3-مەھەللىلىك قۇربان غۇپۇرنىڭ ماڭا «سەن خەقنىڭ ئىتىزىدا قويۇڭنى ھارام باقساڭ يالچىمايسەن، سەن خەنزۇنىڭ ئۆيىنى سىتىۋىلىپ ،خەنزۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ،خەنزۇدەك ياشاپ نامازمۇ ئوقۇمايدىكەنسەن» دېگەن گەپلىرىنى سىلەرگە ئىنكاس قىلماقچى.
سوئال:قۇربان غوپۇر قاچان ،قەيەردە سىزگە ئۇنداق گەپلەرنى قىلغان، تەپسىلى سۆزلەڭ؟
جاۋاب:مەن 2017-يىلى 4-ئايلاردا كونا شەھەر ناھىىيىلىك سولاقخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۇرايىم توختىدىن ئالغان يەردە قويۇمنى بىقىۋاتسام ،قۇربان غوپۇر (مىنىڭ قوشنام)چىقىپ ماڭا «سەن خەقنىڭ يىرىدە، خەقنىڭ ئورمانلىقىدا قوياڭنى باقىدىكەنسەن،سەن بۇنداق ھارام ئۇلاغ باقساڭ يالچىمايسەن»دېگەن گەپلەرنى قىلغان.
سوئال:قۇربان غوپۇر يەنە سىزگە باشقا گەپلەرنى قىلغانمۇ؟
جاۋاب:بۇ يىل 2018-يىلى 7-ئايلاردا ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىدىكى ئىتىزلىقتا قوي بىقىۋاتسام قۇربان غوپۇر چىقىپ ماڭا يەنە «سەن خەقنىڭ ئورمانلىقلىرىدا ئۇلاغ باقساڭ پۇل تاققاندەك تۇرغان بىلەن كىيىنچە بالاڭ ياكى ئايالىڭ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ يالچىمايسەن، سەن خەنزۇ بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇپ نامازمۇ ئوقۇمايدىكەنسەن، تاماكا چىكىدىكەنسەن، ھاراق ئىچىدىكەنسەن» دېگەن گەپلەرنى قىلغان.
سوئال:قۇربان غوپۇر يۇقىرىقى گەپلەرنى قىلغان چاغدا كىملەر بار ئىدى؟
جاۋاب:باشقا ئادەم يوق ئىدى.
سوئال:سىزنىڭ قۇرباق غوپۇر بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتىڭىز ياكى ئۇرۇشۇپ قالغان ئىشلار بارمۇ؟
جاۋاب: باشقا ئۆچ-ئاداۋىتىمىز يوق، لېكىن شۇ مەن ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىكى ئورمانلىقتا ھەن ئىتىزلىقتا قويۇمنى باقسام ماڭا ئىككى قېتىم شۇنداق گەپلەرنى قىلغان.
سوئال:سىزنىڭ يۇقارقىدىن باشقا يەنە كىم-كىملەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىلىسىز؟
جاۋاب:بىلمەيمەن.
سوئال: سىزنىڭ يەنە تولۇقلايدىغانلىرىڭ بارمۇ؟
جاۋاپ:يوق.
سۇئال: يۇقىردا دىگەنلىرىڭىز راستمۇ؟
جاۋاپ: راست
سوئال: خاتىرىنى ئوقۇپ كۆرۈپ، دېگەنلىرىڭىز بىلەن ئوخشاش بولسا ئىمزا قويۇڭ.
جاۋاب:
خاتىرىلىگۈچى:
سوئال سورىغۇچى
2018-يىلى10-ئاينىڭ4-كۈنى