Skip to content

«ئۇيغۇريار»نىڭ 2019 – يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2020 – يىللىق قىسقىچە پىلانى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «ئۇيغۇريار»نى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن  يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلار!

بىز بۇلتۇر يانۋاردا ھەرقايسىڭلارغا «ئۇيغۇريار»نىڭ 2018 – يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە، 2019 – يىللىق خىزمەت پىلانلىرىمىزنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇرياردىكى بارلىق قېرىنداشلار مۇشۇ نىشاننى كۆزلەپ، مۇشۇ پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى. لېكىن ۋەزىيەتتىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر بەزى پىلانلىرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە ئىمكان بەرمىگەن بولسا، يەنە بىز پىلانغا ئالمىغان بەزى ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ۋەسىلە بولدى. بۇ قېتىمقى كونا يىللىق خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى ۋە يېڭى يىللىق پىلانىمىزنىڭ يېزىلىشى، «ئۇيغۇريار» ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسلى خىزمىتىنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك سەل كېچىكتى. بۇ تۈپەيلى بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بىزگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزىدىن ئەپۇ سورايمىز. 2019 – يىلى ئىشلىگەن ئاساسلىق خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە ھەرقايسىڭلارغا قىسقىچە دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە، 2020 – يىلىدىكى پىلانلىرىمىزنى سىلەرگە سۇنماقچى. بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نازارەت قىلىشىنى ۋە پىكىر تەكلىپلىرى بولسا بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

2019 – يىلى ئىشلەنگەن ئاساسلىق خىزمەتلەر:

  1. بىز ئۈچۈن مۇھىم ھەم خۇشاللىنارلىق ئىشلاردىن بىرسى، «ئۇيغۇريار»نىڭ نورۋېگىيەدە ئەنگە ئېلىنىپ، رەسمىيەتلىرىمىزنىڭ قولىمىزغا تېگىشى بولدى. كۆپچىلىككە ئېيتقىنىمىزدەك تۈركىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ مۇقىمسىز بولۇشى ۋە باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، «ئۇيغۇريار»نى ياۋروپاغا يۆتكەپ ئەنگە ئالدۇرۇشنى پىلانغا ئالغان ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ئىدۇق. كۆپ سېلىشتۇرۇشلار ئارقىلىق نورۋېگىيەنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنغان، نورۋېگىيە قانۇنى ۋە تىزىمغا ئالغۇچى ئورگاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قايتا – قايتا تولۇقلاپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. بۇ خىزمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى 2018 – يىلى قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى 2019 – يىلى كۆرۈلۈپ، رەسمىيەتلەرنى يىل بېشىدا قولىمىزغا ئالدۇق ۋە خىزمەتلەرنى نورۋېگىيەنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا قىلىشقا تىرىشتۇق.
  2. بىزنى خۇشال قىلغان چوڭ ئىشنىڭ يەنە بىرسى بولسا، بىز خەلقئارادىكى بىر قانچە چوڭ فوندلارغا ياردەم ئىلتىماسى سۇنغان ۋە ئۇلار تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» يىللاردىن قىلغان خىزمەتلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىمۇ داۋاملىق ياخشى قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، مۇھاجىرەتتىكى «ئۇيغۇر يەسلى مائارىپى» ۋە «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئارخىپى» خىزمىتىمىز ئۈچۈن 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم ئاجراتتى. بىز بۇ خىزمەتلەرنى شۇلارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا قىلىپ، بۇندىن كېيىن خەلقئارالىق فوندلاردىن تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە ئېرىشىشكە تىرىشىمىز.
  3. بۇ يىلمۇ «ئۇيغۇريار»نىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بولغان ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇردۇق. شۇنداقلا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئەلالىرىنى تاللاش ۋە ئۇلارنى مۇلاقات قىلىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتتۇق. ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان 4 ئوقۇغۇچى ئاساسىدا يەنە 11 ئوقۇغۇچى يېڭىدىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . مۇكاپاتقا تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر مەۋسۇملۇق نەتىجىسى توختامدىكى ئۆلچەمگە يېتىپ ماڭسىلا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى شۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە بېرىلىدۇ. بۇ يىل 15 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 63800 لىرا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلدى. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى دوكتورلۇق ، يەنە بىرى ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
  4. بىخ مۇكاپاتىمىز بۇ يىلمۇ داۋام ئەتتى. ئۈمىدلىك مايسىلارنى ۋاقتىدا بايقاش، كەلگۈسىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىش ئېھتىماللىقى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىقتىساد تۈپەيلى ئوقۇشسىز قالماسلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن چاقىرىق ئالغان، ئەمما ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۈشكۈل بولغان پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن بىخ مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ئىدۇق. بۇ يىلمۇ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ، داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ئۈچ پەرزەنتىمىزنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ۋە ۋە ياتاق خىراجەتلىرى تۆلەپ بېرىلگەندىن سىرت يەنە ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئۈچۈن 4060 لىرا ياردەم قىلىندى. بۇ تۈرىمىز بويىچە يەنە سېنتەبىردە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن بىر يېغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئەلا ئوقۇغان 150 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى 8964 لىرا قىممىتىدىكى ئوقۇش ماتېرىيالى بىلەن مۇكاپاتلىدۇق ۋە ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنى تەكلىپ قىلىپ، ئاتا – ئانىلارغا «مۇھاجىرەتتىكى پەرزەنت تەربىيەسى» ھەققىدە بىر قېتىملىق ئۈنۈملۈك لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردۇق.
  5. بىز يەنە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنى ھۈنەر – كەسىپلىك بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، ھۈنەر – كەسىپ مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ئىدۇق. بۇ يىلمۇ بۇ تۈر بويىچە بىزگە ئىلتىماس قىلغان 2 نەپەر ھەمشىرىمىزنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن 3000 لىرادىن پۇل ئاجرىتىپ، بالىلار تەربىيەسى كۇرسىدا ئوقۇتتۇق. بۇلارنى مۇھاجىرەتتىكى يەسلى مائارىپىمىزدا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن بولالايدۇ دەپ ئىشىنىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان باشقا قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ 5930 لىرا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھۈنەرلىك بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردۇق. بۇ يىل جەمئىي 11930 لىرا پۇل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىندى. بىز ھۈنەر كەسىپ ئۆگەنگۈسى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ تۈرىمىزگە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  6. پىداكارلىق ياردىمىمىز ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئەتتى. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ ئىچىدىكى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ ئالدىدا ئالدىدا بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى قەدىرلەش، ئۇلارنى يات ئەلدە موھتاجلىقتا كىشىلەرگە تەلمۈرىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، تەسىس قىلغان بۇ ياردىمىمىز بويىچە 2 نەپەر قەھرىمانىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئائىلىسىنىڭ ئايلىق چىقىمىغا يەتكۈدەك خىراجەت بېرىلدى ۋە بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل مەزكۇر تۈر ئۈچۈن 62400 لىرا سەرپ قىلىندى.
  7. ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم تۈرى داۋام قىلىندى. ئۇيغۇريار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن نەتىجىسى ياخشى، ئەمما مۇكاپاتقا شەرتى توشمايدىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئوقۇش ياردىمى بېرىلدى. بۇ يىل جەمئىي 13 نەپەر ئوقۇغۇچى 43900 لىرا قىممىتىدە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.
  8. بالىلار مائارىپى ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ياردەم تۈرىمىز بويىچە 56 پەرزەنتىمىز ئۈچۈن 1232 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىپ، ئۆلچەملىك مەكتەپ فورمىسى تىككۈزۈپ بېرىلدى. بىر يەسلىگە نۇقتىلىق ياردەم قىلدۇق. توختام تۈزۈشۈپ يەسلىگە بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئۆلچەملىك بۇلۇت گىلەم، كىيىم – كېچەك ئىشكاپى، ئاياق ئىشكاپى، ئۈستەل – ئورۇندۇق، دەرسلىك كىتاب، دەپتەر-قەلەم، پىرىنتېر، توك سۈپۈرگە، زۆرۈر تىببى لازىمەتلىكلەر قاتارلىق زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ بەرگەندىن سىرت ، يېتىم بالىلارنى تامىقى ۋە باشقا چىقىملار ئۈچۈن ھەر ئايدا 2000 لىرادىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئىشلار توختام بويىچە ماڭسىلا بۇ ياردەممۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىدۇ ئىنشائاللاھ. مەزكۇر يەسلى ئۈچۈن 5382 لىرا سەرپ قىلىندى. بۇندىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇق فوندىدىن ئېرىشكەن ياردەم بويىچە يەنە بىر يەسلىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش خىزمەتلىرى ئىشلەندى ۋە داۋاملىق ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ يەسلىمۇ پات يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇسى ئىنشائاللاھ.
  9. موھتاجلارغا ياردەم تۈرىمىز بۇ يىلمۇ توختاپ قالماي داۋاملاشتى، بۇ تۈرىمىز بويىچە 20244 لىرا ئۆي ئىجارىسى، ئېلېكتېرىك، سۇ، گاز ئىشلىتىش ھەققى، داۋالىنىش راسخوتى ئۈچۈن سەرپ قىلىندى.
  10. يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نەشرىياتچىلىق تۈرىمىز بۇ يىلمۇ داۋام ئەتتى. ئەسلى پىلانىمىز بويىچە كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى، ۋەتىنىمىزنى ۋە دۇنيانى تونۇشى ئۈچۈن ئاساسىي ساۋات خاراكتېرلىك كىتابلاردىن «مەن ۋە  ۋەتىنىم»، «مەن ۋە تارىخىم»، « مەن ۋە دىنلار»، «مەن ۋە بەدىنىم»، «مەن ۋە دۇنيا»، « مەن ۋە سىياسىي دۇنيا»، « مەن ۋە ئىلاھى دۇنيا» قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلار نەشر قىلدۇردۇق. ھەبىبۇللا ئابلىمىت نەشرىگە تەييارلىغان «جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى» ۋە « جالالىدىن رۇمى دۇردانىلىرى» دېگەن ئىككى كىتابنى نەشر قىلدۇردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ياشلىرىمىزغا ئىلھام بېرىش ۋە يازغۇچى شائىرلىرىمىزنى باشقا مىللەت خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، ياش شائىرىمىز ئىمران سادائىنىڭ «تامچە» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇردۇق. مانا مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يازغان ۋە ئۇيغۇريار ئارقىلىق نەشر قىلدۇرۇشنى خالايدىغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ كۆپرەك چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. مەزكۇر تۈر ئۈچۈن 10820 لىرا سەرپ قىلىندى.
  11. كىتاب ئوقۇش، تەسىرات ماقالىسى يېزىش تۈرىمىز قىسقا مۇددەت بولسىمۇ داۋاملاشتى. بۇ تۈر ئۈچۈن 700 لىرا سەرپ قىلىندى.
  12. بىز ياردىمىنى ئالغان كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تەلىپى ۋە ئۆلچىمى بويىچە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇشقا باشلانغان بولۇپ ۋە بۇ خىزمەت داۋاملىق ئىشلىنىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە بۇ تۈر ئۈچۈن 6165 لىرا سەرپ قىلىندى.
  13. تەشۋىقات، ئاخبارات ئىشلىرىنى داۋاملىق مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق. ۋەتەندە بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاشكارىلاش، ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىزنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاخبارات ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ يىلمۇ بۇ ئىشلىرىمىزنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. ۋەتەندىن كەلگەن بىر تۈركۈم مەخپىي ھۆججەت ۋە ئارخىپلارنىڭ خەلقئارا دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. داۋاملىق تۈردە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ۋەتەندىكى زۇلۇملارنى، خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ – زارىنى، ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى پاكىتلىق ھالدا دۇنيا خەلقىگە ئاڭلاتتۇق. پىداكارلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئەلجەزىرە، ب ب س، ۋايىس، سىكاي نىيۇس، نىيۇيورك تايمس، ۋاشىنگتون پوست، س ن ن، د دابلىيۇ قاتارلىق نوپۇزلۇق، ئوقۇرمەن ۋە كۆرۈرمەنلىرى كۆپ تېلېۋىزور ۋە گېزىت – ژۇرناللار بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ، ھەر تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئاخباراتلاردا چىقىپ ئۆز دەردى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى خالايدىغان 150 تىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى مۇخبىرلارغا تونۇشتۇردۇق، زىيارەت ئۈچۈن ئورۇن تەييارلىدۇق، خالىس ھالدا تەرجىمانلىق ۋە باشقا خىزمەتلەردە بولدۇق. ھەم بۇ نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمغا ئائىت 200 دىن ئارتۇق خەۋەر ۋە ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلدۇردۇق. مەسىلەن:

پاكىستانلىق تەتقىقاتچى تەھسىن خانىم، ئامېرىكا جون ھاپكەنسىن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى شام روبېرىت، ئىسرائىلىيەلىك تەتقىقاتچى نەمرۇت بارانىۋىچ قاتارلىق ئاكادېمىكلارنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ياردەم قىلدۇق.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2019 – يىلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئارخىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ ھەمدەم بولدۇق. مەسىلەن:

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (amnesty international)نىڭ ئىستانبۇلدا ئارخىپ تۇرغۇزۇشىغا ئىككى قېتىم ياردەملەشتۇق.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (human rights watch)نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات يېزىشىغا ئادەم تونۇشتۇردۇق، پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردۇق ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قىلدۇق.

ئۇنىڭدىن باشقا 2019 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئېلان قىلىنغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ دەلىللىنىشىگە، مۇخبىرلارغا يەتكۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىشىغا ۋاسىتىچى بولدۇق.

ئىككىنچى، ئورۇنلانمىغان پىلانلىرىمىز ۋە يېتەرسىزلىكلىرىمىز:

  1. تۈركىيەدىن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن بىزگە ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى بولمىغانلىقتىن، بۇيىل ئىستىقبال مۇكاپاتى تارقىتىلمىدى.
  2. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزئارا كۆرۈشۈپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئانا تىل ئۆگىتىشتىكى ياخشى مېتود، ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇپ، دوستلىشىشى، بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى، ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يۈزىسىدىن ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلدا ئانا تىل ھەپتىلىكى قىلىشنى پىلانلىغان ۋە ئورۇنلارنىمۇ ئۇقۇشقان ئىدۇق. لېكىن ئىستانبۇلدىكى باشقا ئورگانلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغىنى ئۈچۈن، ئىشلارنىڭ تەكرارى ۋە ئىسراپچىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق.
  3. يىللاردىن قىلىپ كېلىۋاتقان ھەم 2019 – يىلىمۇ قىلىش پىلانلانغان كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇنىڭدىن تەسىرات ماقالىسى يېزىش، ياخشى يېزىلغان تەسىرات ماقالىلىرىنى تاللاپ مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى بۇرۇنقى ياردەم مەنبەسى توختىغانلىقى ۋە يېڭى ياردەم مەنبەسى تاپالمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك داۋاملاشتۇرالمىدۇق. ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش نىيىتىدە مۇشۇ تۈرىمىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  4. نەشرىياتچىلىق تۈرىمىزدە، بۇلتۇر پىلانغا ئالغان كىتابلاردىن دىليار ئوبۇلقاسىمنىڭ «ئويغانغاندىن كېيىن» دېگەن رومانىنى ئارىدا باشقا كىتابلارنىڭ قوشۇلۇشى سەۋەبلىك نەشر قىلدۇرۇپ بولالمىدۇق. بۇ يىل نەشر قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز.
  5. گۇرۇپپىمىزدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى ھەممىسى ئىشتىن سىرت ۋە خالىس ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۆز خىزمىتى ۋە ئائىلىسىنىڭ جىددىي ئىشلىرىنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقمىسا بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار پىلانلانغان ۋاقتىدا ئورۇنلانماي قالدى. بەزى ئاينىڭ مالىيە ھېسابى ۋاقتىدا بېرىلمەي سوزۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇ سەۋەبلىك بىزنى قوللاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز ۋە توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈچىنچى ، 2020 – يىللىق پىلانلىرىمىز:

  1. ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوقۇش مۇكاپاتى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئىستىقبال مۇكاپاتى، بىخ مۇكاپات، ھۈنەر- كەسىپ مۇكاپاتى قاتارلىق ياردەم تۈرلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
  2. خەلقىمىز ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى خارلىقتا قويماسلىق ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان پىداكارلىق ياردەم تۈرىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىدۇ.
  3. ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ كىرىمى ئائىلىسىنى قامداشقا يەتمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان موھتاجلارغا ياردەم تۈرىمىزنى بۇ يىلمۇ داۋاملاشتۇرىمىز.
  4. خەلقئارا ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ، تۈركىيەدىكى ئىشسىز قالغان ياشلىرىمىزنى مۇئەييەن ھۈنەر – كەسىپ بىلەن تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە بىر خەلقئارالىق ياردەم تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
  5. يەسلى ئوقۇتۇشى ۋە ئانا تىل مائارىپىغا بولغان ياردەم ۋە يېتەكچىلىكنى بۇ يىلمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. كىشىلىك ھوقۇق فوندى بىلەن بولغان كېلىشىمگە ئاساسەن تەييارلىق قىلىنىۋاتقان يەسلىمىزنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
  6. كىشىلىك ھوقۇق فوندى ياردەم قىلغان خىتايلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارخىپىنى توپلاش خىزمىتىنى بۇ يىلمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  7. ياردەم مەنبەسى تاپالىساق كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات ماقالىسى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتىمىزنى بۇ يىلمۇ داۋاملاشتۇرىمىز.
  8. ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا بولغان ياردەم ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان يېتەكچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز.
  9. نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز. دىليار ئوبۇلقاسىمنىڭ بىز بۇلتۇر نەشر قىلدۇرالماي قالغان «ئويغانغاندىن كېيىن» دېگەن رومانىنى نەشر قىلدۇرىمىز. شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەشر قىلدۇرماقچى بولغان كىتابلىرى ھەققىدە بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى سورايمىز.
  10. تەشۋىقات – ئاخبارات ئىشلىرىنىمۇ داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ دەردىنى دۇنياغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.
  11. « ئۇيغۇريار»نىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشۈشى،تېخىمۇ ئىقتىدارلىقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىغا كىرىپ، «ئۇيغۇريار»نىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى ھەم «ئۇيغۇريار»نى ھازىرقى دېموكراتىك سىستېمىغا ماس ھالدا ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، نىزامنامىمىز بويىچە ئۈچ يىلدا بىر سايلام قىلىمىز. مۇشۇ سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يىل «ئۇيغۇريار»غا ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. يىللاردىن بېرى «ئۇيغۇريار»نى ھەرجەھەتلەردىن قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەزا بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

بەلكىم ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى پىلانلىرىمىزدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى، بەزى پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولماسلىقى ۋە ياكى بىز پىلانغا ئالمىغان بەزى ئىشلار قوشۇلۇشى مۇمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن خەلقىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشىلا بولىدىكەن، ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ كېتەلەيمىز دېگەن ئارزۇدىمىز. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئارزۇيىمىزغا يەتكۈزگىلى نېسىپ قىلغاي.

 

2019- يىللىق ھېسابات تىزىملىكى:

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.12

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.11

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.10

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.09

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.08

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.07

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.06

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.05

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.04

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.03

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.02

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2019.01