Skip to content

غايىنى يۈرەكلىك تاللىغان ساۋاقداشلىرىم تۈرمىدە

قاسىم سىدىق

قاسىم سىدىق بىلەن تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ھاياتىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر

سەلىمە ئا. كامال

قاسىم سىدىق بىلەن تۇرسۇن ئەرشىدىن مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم

تولۇق ئوتتۇرىغا قەدەم باسقان تۇنجى يىلىمىزدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ، مەكتەپلەر تاقالدى. «زىيالىي» نامىدا بىزنى ئېتىزغا سۈرگۈن قىلدى. ئىقتىدارلىق نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم مۇدھىش زامانغا يەم بولۇپ كەتتى. ئەمما، ھەممىسى ئەمەس. يۈكسەكلىككە، مۇكەممەللىككە ئىنتىلگەن قاسىم بىلەن تۇرسۇن
قەيسەر ئىرادە، تەۋەككۈلچىلىك روھىدا چىڭ تۇرغان، تىرىشىشنى، تىنماي ئىزدىنىشنى مىزان قىلىپ، غايىنى يۈرەكلىك تاللىغان، غايىگە يېتىش يولىدا ئىزچىللىق-سىجىللىقتىن ۋاز كەچمىگەن ئىكەن. شۇڭا تەبىئىي ھەم ئىجتىمائىي پەندە ھەيران قالغۇدەك نەتىجىلەر يارىتىپ ، ئۇستازلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىدى. ساۋاقداشلارنى
قايىل قىلدى. ئەلنى ئىپتىخارلاندۇردى.
قاسىم سىدىق بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2001- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى غۇلجا شەھەر 2- ئوتتۇرا مەكتەپ (ئەسلى نامى- ئۈمىد مەكتەپ)نىڭ 100 يىللىق مۇراسىمىدا كۆرۈشتۈم.
مەكتەپ گېربىنى كۆتۈرگەن تۆت ئوقۇغۇچىغا ئەگىشىپ پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان بالىلار مەكتەپ مارشى «ئۈمىد يۇلتۇزى»نى ياڭراتتى:

ئەي ئانا مەكتىپىم، ئۈمىد يۇلتۇزى،
سەن باسقان قەدەملەر نۇرانە، پارلاق.
يوقلۇقتىن بار بولدۇڭ ئاشۇ يىللاردا،
سەن بۈيۈك ئىنسانلار كۆتۈرگەن بايراق!

ئەي ئانا مەكتىپىم، ئەزىز جانىجان،
تۇزكورلۇق قىلمايمىز ساڭا ھېچقاچان.
ياشايمىز شىر يۈرەك مەردانە بولۇپ،
قورقۇتالماس بىزلەرنى ئېغىر ئىمتىھان!

ئانا مەكتىپىم، ئۈمىد يۇلتۇزى،
ساناقسىز ئەجرىڭنى ئاقلايمىز ھامان.
قەدەملەر مەزمۇت، ئەتىمىز پارلاق،
روھىمىز ئويغاق، ناخشىمىز ياڭراق.
كەلتۈرىمىز ساڭا مەڭگۈ شەرەپ-شان! (1)

مەكتەپ مارشى مۇراسىم قاتناشچىلىرىنى ئۆرە تۇرغۇزۇۋەتتى، تاكى مارش تۈگىگىچە چاۋاكلار توختىمىدى. مەن قولۇمدىكى مەكتەپ تەزكىرىسىدىن مارشنىڭ تېكىستى – قاسىم سىدىق. مۇزىكىسى نۇرمۇھەممەت روزى دېگەنلەرنى ئوقۇدۇم. مۇراسىم تۈگىگەندە مارشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ساۋاقدىشىمنى تەبرىكلىدىم. قاسىم بۇ مۇراسىمنى تەشكىللىگۈچى مائارىپچىلار قاتارىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن ئىكەن. قىسقىلا پاراڭلاشتۇق.
تۇرسۇن ئەرشىدىن بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2007 -يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە كۆرۈشتۈم. تۇرسۇن شياڭگاڭ خەلقئارا مائارىپ تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى سالاھىيىتىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن زىيارەتكە كەلگەن ئىكەن. شۇ قېتىم ماڭا «ل.مۇتەللىپ» ناملىق كىتابىدىن 5 نى ھەدىيە قىلدى.

X X X

1. ئىككى ئۆسمۈرنىڭ ئىككى خىل ئىجادىيەت يولىدىكى ئوخشاشلىقلار، پەرقلەر

تۇرسۇن ئەرشىدىن غۇلجا شەھەر 7- ئوتتۇرا مەكتەپتە نام چىقارغان تۇنجى كۈن ھەققىدە قىسقا بايان:

1966- يىلى، ماي ئېيى، مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇزۇن تۆمۈر رېشاتكىنىڭ نەقىشلىرىدىن مارىلاپ ئېچىلغان سېرىنگۈللەر كوچىلارنى شېرىن پۇراقلارغا تولدۇرغان كۈنلەردىن بىرى ئىدى. 2- سائەتلىك دەرستىن كېيىنكى يىگىرمە مىنۇتلۇق تەنەپپۇستا كەڭرى مەيداندا رادىئو گىمناستىكىسى ئويناپ بولۇشىمىزغا بىرى ۋارقىرىدى :
–باللا، باللا! مانى قاراڭلار، بۇياققا كېلىڭلار!
بىز چۇرقىرىشىپ ئۇ تەرەپكە يۈگۈردۇق. قارىساق، تۇرسۇن ئوڭ قولىدا سېرىق رەڭلىك، ئالىقانچىلىك سوپۇن قۇتىسىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بىز ھەيران بولۇپ قۇتىغا تىكىلدۇق.
تۇرسۇن گەپ-سۆز قىلماي، قۇتىنىڭ بىر يەرلىرىنى بۇراپ، بىر يەرلىرىنى چىمداپ (بىزگە شۇنداق كۆرۈندى) قويۇۋىدى، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ نۆۋەتتىكى پىروگراممىسى مەيداندا ياڭراپ كەتتى.
ئەينى ۋاقىتتا پەقەت كوچىلاردىكى رادىئو كارنايلىرىدىنلا ئاڭلىنىدىغان بۇ ئاۋازنىڭ كىچىككىنە سوپۇن قۇتىسىدىن ياڭرىشى بىزگە مۆجىزە بىلىندى. ئوقۇتقۇچىلار-ئوقۇغۇچىلار تۇرسۇننى قورشىۋالدۇق.
ئۇ رادىئونىڭ زاپچاسلىرىنى سوپۇن قۇتىغا رادىئو تېخنىكا قائىدىسى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ «قول رادىئوسى» ياسىغان ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلار ھەيران بولۇشتى، فىزىكا مۇئەللىمىمىز تۇرسۇننى قۇچاقلاپ پېشانىسىگە سۆيدى.
بىز — تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا تۇنجى قەدەمنى باسقان 15 ياشلىق تۇرسۇننىڭ ئوقۇشلۇقتىكى قېلىپلاشقان مەزمۇنلاردىن ھالقىپ كەتكەن بىلىم تەشنالىقىنىڭ تۇنجى نەتىجىسىگە شۇ كۈنى گۇۋاھچى بولدۇق.
قاسىم سىدىق غۇلجا شەھەر 7- ئوتتۇرا مەكتەپتە تۇنجى قېتىم نام چىقارغان كۈن ھەققىدە قىسقا بايان:
يەنە شۇ يىلى 3-ئاي، قاسىم سىدىقنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلغۇدەك… دېگەندەك پىچىرلاشلار تارقالدى.
بەزى ئوقۇتقۇچىلار قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ، جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن ئىدى. بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئا.خانىم بەك چاندۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. (ئۆزىمۇ ئىقتىدارسىز بىر مۇئەللىم بولۇپ، دەرس ئۆتۈش مېتودى يوق دېيەرلىك، بىلىمى تۆۋەن ئىدى.)
شۇ ھەپتە ئىچىدە مەكتەپتە چوڭ يىغىن ئېچىلدى. بىلدۇقكى: قاسىم سىدىق «ماكانسىز قارا قۇچقاچ» تېمىسىدا بىر شېئىر يازغان ۋە ئۇنى ئېلان قىلدۇرۇشقا گېزىتكە تاپشۇرغان.
شېئىرنىڭ تېمىسىدىن مەنىسىنى ئازراق چۈشەندۇق. كېيىن بىلدۇقكى، ئۇ ئىچكى ئۆلكىلەردىن تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ماكانسىز قارا قۇچقاچقا ئوخشىتىپ، ھەجۋىيلەشتۈرگەن ئىكەن.
ئەمدىلا 15 كە كىرگەن ئاقسېرىق، دوغلاققىنە، كەمسۆز بۇ بالىنىڭ ۋەتەن تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىپلا بولدى قىلماي، قەلەم بىلەن خەلقىمىزنى ئويغاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنى ۋىجدانلىق، قەيسەر، تەۋەككۈلچى بالا دەپ تەرىپلەشكە، ئۇنى قوغداشقا ئۇ كۈنلەردە ھېچكىم ھېچقانداق ئامال قىلالمايتتى. پەقەت،ئوقۇغۇچىسىغا ئىچ ئاغرىتىشلار بىلەن سۈكۈتتە قالغان مەكتەپتە قاسىم سىدىق قايتا كۆرۈنمىدى. كۆپ ئۆتمەي، مەكتەپ تاقالدى. مەكتەپتە بىزمۇ كۆرۈنمەس بولدۇق («مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلاندى).
ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن يۈرىكىنى دانكودەك كۆيدۈرۈپ، يول باشلىماقچى بولغان ئۆسمۈر قاسىم سىدىقنى شۇ كۈنلەرنى تەڭ كۆرگەن گۇۋاھچىلار ئۇنۇتمىدۇق. ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز!

X X X

تۇرسۇن: 15 ياشتا يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىپ، خەلقنى كۈچلەندۈرۈش شەرتى — تەبىئىي پەن ئوتىدا كۆيگەن.
قاسىم : 15 ياشتا ۋەتەن-خەلقنىڭ كەلگۈسىدىن ئارامسىزلانغان، ۋىجدان ئوتىدا كۆيگەن.
مانا بۇ — ئىككىسىنىڭ خاراكتېرىدىكى باشقا ساۋاقداشلىرىمغا زادى ئوخشىمايدىغان ئوخشاشلىق.

2. ھەر ئىككىسى دەسلەپتە مۇئەللىم بولغان، كېيىنچۇ؟

يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، تەتقىقاتچى – تۇرسۇن ئەرشىدىن

غۇلجا شەھەر تۆپىدەڭ (ئېغىز تىلدا توپىدەڭ) مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى خۇددى فانتازىيە فىلىمىغا ئوخشايدۇ:
1970- يىلى قارا دۆڭ يېزىسىغا قايتا تەربىيەگە چۈشۈرۈلگەن. 19 يېشىدا شۇ يېزىدىكى 13- باشلانغۇچتا ئوقۇتقۇچى بولغان. بۇ كۈنلەردە خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. ئىلمىي، ئەدەبىي، تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسىگە
يۆتكەپ كېلىنگەن. تەرجىمان، باش تەربىيەچى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.
1980—يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، خەلق نەشرىياتى «تارىم غۇنچىلىرى»دا تەرجىمان-تەھرىر، پەن-مائارىپ باشقارما باشلىقى، زاھىر ساۋدانوپقا كاتىپ، «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيەت ئەزاسى، … شياڭگاڭ خەلقئارا مائارىپ تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغانغا قەدەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان. ئەمما، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش-ئىزدىنىشنى، يېڭىلىق يارىتىشنى، ئىجادىيەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.
«تارىم غۇنچىلىرى»دا تەرجىمان-تەھرىر بولغان كۈنلىرىدە بالىلار ئۈچۈن «پەن- تېخنىكا»، «دانىشمەن نەسىردىن ئەپەندى» سەھىپىسىنى ئېچىپ، خىمىيە،فىزىكا، ئاسترونومىيە… قاتارلىق پەنلەر بويىچە بالىلارغا لايىق سوئاللارنى تەييارلىغان، بالىلارنىڭ چۈچۈك تىللىرىدا بەرگەن توغرا جاۋابلىرىنى ژۇرنالغا بېسىپ، قەلەم
ھەققى بېرىپ رىغبەتلەندۈرگەن. بالىلار يېشەلمىگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئالىي مەكتەپلەردىكى تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلغان. بۇ — ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەبىئىي پەنلەرگە قىزىقتۇرۇش بويىچە تۇنجى، ئۈنۈملۈك قوشۇمچە دەرس، ژۇرنال مەزمۇنىغا ئىسلاھات بولغان ئىدى.
ئۇ يەنە «تارىم غۇنچىلىرى»دا تۈرك بالىلار ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ سەھىپە ئاجراتقان. (ژۇرنالىزم كەسپىدە ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىم ئىدى. رەۋەيدۇللا مۇئەللىم بىزگە تۈرك تىلى دەرسى بېرەتتى. مەن تۇرسۇننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۈچ پارچە قىسقا ھېكايىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدىم.)
تۇرسۇن ئەرشىدىن — غايىنى قاپ يۈرەكلىك بىلەن تاللىغان. ئاشۇ غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن، ياشلىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە، توپلىغان بىلىمى بىلەن خەلقىمىزگە قۇۋۋەت بېرىشكە ئاتاش يولىدا تىرمىشىپ، ئىشەنگۈسىز نەتىجىلەر ياراتقان تۆھپىكار ئىنسان. ئۇنىڭ نەتىجىلىرىگە قاراڭ:
ئۇ 1970- يىلدىن باشلاپ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەسەر يېزىش، تەرجىمە قىلىشنى باشلىغان.
«تىلۋېزىيە»، «يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان نۇر-ئېلېكتىرون ئىلمىي»، «پارس مەكتۇپلىرى»، قىزىل ياقۇت» قاتارلىق 16 پارچە پەننىي، ئەدەبىي كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان.
«يۇلتۇزلارغا خەت»، «كوماندىرنىڭ بۇيرۇقى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىلەرنى يازغان، ئېلان قىلغان. 2001- يىلدىن باشلاپ «تەبىئەتكە ساياھەت»، «شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل»، «غىلاجىدىن بىلەن غىلامىدىن»، «مەرىپەتپەرۋەر ئانا — ئايخان»، «دادام ئېيتقان قىسسىلەر»، «قۇتادغۇبىلىكتىكى تەبىئىي پەنگە دائىر بىلىملەر» قاتارلىق 8 پارچە ئىلمىي ۋە ئەدەبىي، تارىخىي شەخسلەر مەزمۇنىدىكى كىتابى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئىلمىي ماقالە، ئەدەبىي ئەسەرلىرى خەنزۇ، رۇس، تۈرك، قازاق، ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.(2)
بۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ ساناپ باقسام، ئىلمىي-ئەدەبىي ماقالە، تەرجىمە ۋە كىتابلارنى قوشقاندا 124 كە يېتىپتۇ. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ—ھە!
ئىشەنمەي ئامال يوق: مانا بۇ — ئاددىي كىيىنىپ، قەلەم، قەغەزگە تولغان، كونىراپ كەتكەن سومكىسىنى ئېسىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»گە ماقالە ئەكېلىدىغان ئىلىم ئاشىناسى، تارىخىي مەشھۇرلىرىمىزنى قىدىرىپ ئۆگەنگۈچى، ئۆگەنگەنلىرىدىن ئاددىي ئۆيدە شام يورۇقىدا قەغەزگە پۈتۈك قالدۇرغۇچى — تۇرسۇن ئەرشىدىن.
ئەمدى ساۋاقدىشىمنىڭ قىممەتلىك ئىزدىنىش جەريانىدىن، يەنى، ياشلىقىنى، ئىقتىسادىنى، زېھنىنى سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ نەتىجىسى بىلەن «لۇتپۇللا مۇتەللىپشۇناس تۇرسۇن ئەرشىدىن» نامىدا تونۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەي:
— مېنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە تەتقىقاتنى تاللىشىمغا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىكى بىر يىغىن سەۋەب بولغان، — دەيدۇ تۇرسۇن ئەرشىدىن، — 1966- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. غۇلجىدىكى «خەلق كىنوخانىسى»دا «پىرولېتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشقا قەسەم قىلىش يىغىنىغا قاتناشتىم. كىنو ئېكرانى ئورنىغا ماۋزېدوڭنىڭ تورۇسقا تاقاشقۇدەك چوڭ رامكىلىق ماي بوياق رەسىمى ئېسىلغان. «قىزىل قوغدىغۇچى»لاردىن بىرى يىغىن تەرتىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەممىمىز سەھنىگە يۈزلىنىپ، مۇشتۇملىرىمىزنى تۈگۈپ، قەسەم تېكىستىنى بىر جۈملىدىن ۋارقىراپ ئوقۇۋاتقان «قىزىل
قوغدىغۇچى»غا ئەگەشتۇق. كۇلۇب ئىچى سۈرلۈك ئاۋازلار بىلەن لەرزىگە كەلگەندە، كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى: قەسەم بېرىۋاتقان ياشلاردىن بىرنەچچىسى بىر پارچە گېزىتنى تالىشىپ كەتتى.
— خۇددى گېزىت كۆرمىگەندەك قىلىشىپ كەتتىڭلارغۇ، — غودۇڭشىدىم مەن — بالىلاردىن بىرى گېزىتنى قاتلاپ ماڭا ئۇزاتتى — ئوقۇساڭ بىلىسەن. ل.مۇتەللىپنى قارىلاپتۇ.
مەن دەرھال گېزىتنى ئاچتىم. «ل.مۇتەللىپ چىرىپ كەتكەن مۇردا … بۇرژۇئا يەرلىك مىللەتچىلەرنىڭ ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك جىنايەتلىرىگە مەدەت بەرگۈچى …» دېگەن قۇرلارنى ئاۋازلىق ئوقۇدۇم. قەسەمياد يىغىنىنىڭ دەبدەبىسى توختىدى. ئوغۇل-قىزلار غەزەپلىنەتتى. بەزىلىرى ئەلەم بىلەن «ئۇھ!» تارتسا، بەزىلىرى كۆز ياشلىرىنى ئېقىشىغا قويۇپ بەرگەنىدى. شائىرىمىزنى بۇنىڭدىن 21 يىل ئىلگىرى زالىملار چانىۋەتكەننى ئاز دەپ، ئەمدى ئۇنىڭ روھىغىمۇ ئوق ئېتىشقان ئىدى …
— بۇ قانداقمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» بولسۇن، «مەدەنىيەتنى يوقىتىش ئىنقىلابى» دېيىش كېرەك.
— «مەدەنىيەتنى كۆيدۈرۈش ئىنقىلابى» دېسەك توغرا بولغۇدەك. مەكتەپلەر تاقالدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى كۈرەش قىلىۋاتىمىز، كىتابلارنى كۆيدۈرۈۋاتىمىز … ئەمدى لۇتپۇللانىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ كۆيدۈرىدىكەنمىز-دە!
شۇ كۈنى «ئاداققىچە ئىنقىلاب قىلىش»قەسەمياد يىغىنى ل.مۇتەللىپنى ئەسلەش، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى مەدھىيەلەش، روھىنى قوغداش يىغىنىغا ئايلىنىپ كەتتى.كىمدۇر بىرى «يىللارغا جاۋاب»نى ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىۋىدى، بىر نەچچەيلەن قوشۇلۇپ كەتتى.
تەڭتۇشلىرىمنىڭ ئاشۇ كۈنى لۇتپۇللا ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئىسيانى مېنى لۇتپۇللانى ئىزدەپ سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلىدى.
ھاياتقا ئەمدى ئاياق باسقاندا «قىزىل قوغدىغۇچى» تەلۋىلەر ئارىسىدا قالغان بىر بالا لۇتپۇللانى ياشلارغا تېخىمۇ يارقىن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدى دېسە، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئىزدىنىش دېگەن نېمە؟ قانداق ئىزدىنىش كېرەك؟ پاكىتلىق ماتېرىيالنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ كىمدە باردۇ؟
تۇرسۇن لۇتپۇللانىڭ دەۋرداشلىرىنى ئىزدىدى. بەزىلىرى لۇتپۇللانى تونۇماس بولۇۋالدى. بەزىلىرى ئېھتىيات بىلەن ئاز-تولا ئۇچۇر بەردى. توپلىغانلىرىنى رەتلىۋىدى،پالاكەت كەلتۈرىدىغانلىرىمۇ بار بولۇپ چىقتى.
كوچىلاردا دۆۋە-دۆۋە كىتابلار كۆيدۈرۈلگەن كۈنلىرى ئەتراپتا ئادەم قالمىغان پەيتتە تۇرسۇن پەيدا بولاتتى-دە، كۆيمەي قالغان كىتاب-گېزىتلەرنى قۇچاقلاپ قاچاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن لۇتپۇللانىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەيتتى. تاپقانلىرىنى كونا چاپىنىغا ئوراپ، كالا قوتىنىغا يوشۇراتتى.
بۇ جەريان بەك ئۇزۇن. 1978- يىلغىچە، تاكى لۇتپۇللانىڭ نامى ئاتالمىش «ئەسلىگە كەلتۈرۈلگۈچە» تۇرسۇننىڭ ئىزدىنىشى يوشۇرۇن بولدى. قورغاس ناھىيەسىدىكى لۇتپۇللانىڭ زاماندىشىنى زىيارەت قىلغىلى بارغىنىدا، چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىمىزدىن ساقچىغا تۇتۇپ بەرگەنلىرىمۇ بولدى-يۇ، بۇ يىللاردا ئۇنىڭ 12
خاتىرىسى لۇتپۇللا ھەققىدىكى ئىزدىنىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تولدى…(3)
40 يىل بۇرۇن لۇتپۇللانى ئىزدەپ، جاپالىق ھەم خەتەرلىك سەپەرگە چىققان ئۆسمۈر تۇرسۇن ئەرشىدىن چېچى ئاقارغان، ئائىلە ۋە ئۈچ بالىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىدە پۇچىلانغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشىگە ئايلانغاندا، ئۇنىڭ لۇتپۇللانى ئىزدەش سەپىرىدىنمۇ نەتىجە چىقتى:
«ل.مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە»، «لۇتۇن»، «قاينام ئۆركىشى — لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى» قاتارلىق 6 پارچە كىتابى نەشر قىلىندى. 2007- يىلى 7- كىتابى — «ل.مۇتەللىپ» نەشردىن چىقتى.
ئالاھىدە ئېيتىشقا ھەقلىقمىزكى، ئۇ تارىخىي ئۇلۇغ شەخسلەر ھەققىدە ئەڭ ئۇزاق، ئەڭ ئەستايىدىل ئىزدەنگەن، ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان «يازغۇچى تۇرسۇن ئەرشىدىن» بولالىدى.
بۇ يىللاردا خىزمەت-ئائىلە جەھەتتىن سەل خاتىرجەم بولغان تىنچىماس تۇرسۇن بىئولوگىيە پېنىگە — يەنى، ئۆسۈملۈكشۇناسلىققا قىزىقىپ قالدى. ئۇ بەرەڭگە بىلەن شوخلىنى چاڭلاشتۇرۇپ، يېڭى تۈر ئىجاد قىلىش تەتقىقاتىغا كىرىشتى. دەسلەپكى نەتىجىلەرنى يېزىپ، گېزىتتە ئېلان قىلدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق نۇقتا بولدى. تۇرسۇن كەسپىي خادىملاردىن ئىلمىي ياردەم، يەر باشقۇرغۇچىلاردىن ئېتىزلىق، مالىيە ئورگانلىرىدىن ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلدى. ئەپسۇس،بىر نەچچە ئۆسۈملۈكشۇناسنىڭ قوللىشىغا، يەنە بىر نەچچىسىنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى. خۇددى: «شەرت-شارائىت يار بەرمىسە، زۇلقەرنەيىننىڭ قىلىچى چامغۇر ئاقلاشقىمۇ يارىمايدۇ.» بولدى.
خۇلاسە:ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى — ھېچقاچان مەغلۇپ بولمايدۇ! بۇ — ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان بىر ئىنساننىڭ شەرەپلىك مەغلۇبىيىتى بولۇپ تارىختا قالدى.

شائىر، فىزىك، مائارىپشۇناس — قاسىم سىدىق

چوڭقۇر تەپەككۇر، ئىسيانكار روھتا يۇغۇرۇلغان شېئىرلىرى بىلەن تونۇلغان قاسىم سىدىق غۇلجا شەھىرىگە ئەڭ يېقىن، بۇلاق دادامتۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان، ئۆسكەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە يازغان «ماكانسىز قارا قۇچقاچ» شېئىرى سەۋەبلىك «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» داۋامىدا يوشۇرۇن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان. شۇ يىللاردىن باشلاپ خىتايچە ئۆگەنگەن. كېيىن دادامتۇ باشلانغۇچتا ئوقۇتقۇچى، ئەدەبىيات كەسپى بويىچە مائارىپ ئىنستىتۇتىدا قىسقا مۇددەت بىلىم ئاشۇرۇپ، دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، ئوتتۇرا مەكتەپتە شېئىر يېزىپ، جازالانغان قاسىم سىدىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنى، 1978- يىلدىن باشلاپ، نەزەرىيەۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە ئىزدىنىشنى باشلىغان. 1990- يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە «بوشلۇق نەزەرىيەسى»نى شەرھلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «بوشلۇق نەزەرىيەسى» تەتقىقاتىنى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى»دىن ئىبارەت يېڭى تېمىغا ئۆزگەرتتى ۋە بۇ جەرياندا نەچچە يىقىلىپ، يەنە دەس تۇردى. كەسپىي خادىملارنىڭ بەزىلىرى قوللىدى، بەزىلىرى: ئېلىپبە ئۆگىتىدىغان مۇئەللىم، دەپ كەمسىتتى. لېكىن، قاسىم ئۆز غايىسىنىڭ — بەڭگىنىڭ خىيالى، ئارمىنىنىڭ — ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەيدىغان ئارمان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ، تەتقىقاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. تەتقىقات جەريانىنى مۇنداق يىغىنچاقلىدى:

ئىلاھا ساڭا مىڭلاپ تەشەككۈر،
جەننەتتىن قوغلاندۇق، گاداي لېكىن ھۆر.
جازا بولدى ئادىل، ھېساب ھەم ئادىل،
جەننەت ساڭا قالدى، بىزگە تەپەككۇر!

يا رەسەتخانام يوق، ياكى ئۇستىرلاپ،
مەن گويا دۇكانسىز گاداي بىر خالۋاپ.
ئىلكىمدە بارۇ-يوق قورالىم مەنتىق،
شىجائەت رىشتەمدۇر، توقۇيمەن زەرباب!

مەن ئەھلى زۇننارمەن مەغرىبى ئەمەس،
مەغرىبلا ئىلىمنىڭ چىرىغى ئەمەس.
غېرىپ بولسام ئادالەتنىڭ غېرىبى،
پاراسەتنىڭ غېرىبى ئەمەس!

ئەدەبىياتچىلار سورۇنىدا شائىر قاسىم سىدىقنىڭ ھاياتىنى فىزىكا ئىلمى تەتقىقاتىدىن قىسقا ئۇچۇر بىلەن تونۇشتۇرۇشتىن باشلىدىم. مەقسەت – ئۇنىڭ پەقەت شائىرلا ئەمەس، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئىنسان ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش.
مەن ئۇنىڭ شائىرلىق ھاياتىنى «ماكانسىز قارا قۇچقاچ»تىن باشلاشنى تولىمۇ خالايتتىم. ھەممە ئىنسان ئۆسمۈرلۈكىدىلا قاسىم سىدىقتەك ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بولمايدىكەن. مەن شېئىرنى كۆچۈرۈپ ساقلىمىغان نادانمەن. مۇئەللىملەر كېيىنكى بوران-چاپقۇنلاردىن ئېھتىيات قىلغاندۇ! شېئىرنى ئىزلىدىم، تاپالمىدىم. بالدۇر
ئويغانغان يەنە بىر شائىرىمىز قاسىم سىدىق شۇ كۈنلەردىكى رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىۋاتقان پەيتتە يامان ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىگەن،خەتەرلىك مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان، شېئىرنى ۋاسىتە قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگەن ئىكەن.
شۇ يىللاردا بوران چىقارغان «ماكانسىز قارا قۇچقاچ» ئىجادكارىنىڭ خاراكتېرى دەل ئەلىشىر ناۋايىنىڭ:

ئادىمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادەمى،
يوق ئانىڭ خەلق غەمىدىن غەمى.

(ئەگەر سەن ۋىجدانلىق ئادەم بولساڭ، خەلقنىڭ غېمىدىن، كىشىنى، يەنى، خەلقنىڭ غېمى بىلەن كارى يوق كىشىنى ئادەم دېمە!) دېگەن مىسرالىرىنى ئەسلىتىدۇ.

قاسىم سىدىقنى ۋىجدانلىق شائىر دېدىم كېيىنكى يىللاردا يازغان شېئىر رۇبائىيلىرى كۆپ. ئەمما، بىرەرسىدىن بەزى زامان شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدىكىدەك چۈشكۈن مىسرالارنى تاپالمايمىز. ھۆرلۈكنى ئاشىققا، يارغا ئوخشىتىپ يوشۇرۇن مەناغا كۆچۈرۈپ، گەپنى ئەگىتكەن مىسرالارنىمۇ تاپالمايمىز. ئەكسىچە، شەرەپلىك تارىخىمىزنى ئىلھام بۇلىقىغا ئايلاندۇرغان، قاراڭغۇ كېچە ئۆتىدۇ، تاڭ ئاتىدۇ. سادىر پالۋان، نۇزۇگۇملار يەنە چىقىدۇ، شېھىتلەر قېنى بىكارغا كەتمەيدۇ… —دېگەندەك مىسرالاردا ئۇدۇل ئېيتىپ، يۈرەكلەرنى تىترىتىدۇ:

ئەجەب گۈلگۈن ئىلى بويلىرى،
زوقى كۈچلۈك باھار ئايلىرى.
يۇرتىمىزنىڭ قىزىلگۈللىرى،
شېھىتلەرنىڭ تۆككەن قانلىرى.

ئەجەب ئوتلۇق ئىلى بويلىرى.
ھېكمەتكە باي ئۆڭكۈر سايلىرى.
جاراڭلايدۇ سادىر ناخشىسى،
نۇزۇگۇمنىڭ ياڭراق كۈيلىرى.

ئەجەب سىرلىق، ئەجەب سىرلىق، ئىلى بويلىرى.
كۆز يۇممايدۇ ھەتتا تۈنلىرى،
ئويغىتىدۇ تاڭلارنى چىللاپ،
بۇلبۇللارنىڭ چاڭقاق ئۈنلىرى.

يۇقىرىدىكىلەردىن بىلىمىزكى، قاسىم سىدىق فىزىك، شائىر يەنىچۇ؟ ئۇ — ئانا تىل ئاشىقى.
ئۇيغۇر تىلى نوقۇل ئەدەبىيات-سەنئەت تىلى، تۇرمۇش تىلى ئەمەس. ئۇ — ئىلىم-پەن تىلى، پەلسەپە تىلىدۇر.
قاسىم دەل بۇنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىغان ئانا تىل ئاشىنالىرىمىزدىن بىرىدۇر. ئۇ شۇنداق دەيدۇ:
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق تىلدىكى مىللىي خاسلىق ئۇنىڭ فونېتىكىسىدا بولىدۇ لېكسىكىسى دۇنياغا مەنسۇپ. يەنى، ئۇقۇملار دۇنياۋىيدۇر. مەن ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا تۇرۇپ، گالىلې، نىيۇتون، ئېينىشتىيىنلارغا ئوخشاش تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيمەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالايمەن. مەن بۇ بۈيۈك ئالىملارنى ۋە ئالەمنى ئانا تىلىم ئارقىلىق تونۇغان، چۈشەنگەن … نۇرغۇن تىل بىلگەن ياخشى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا كەسپىي تەربىيە كۆرگەنمۇ ياخشى. لېكىن، بۇلار تەپەككۇر ۋە ئىختىرانىڭ بىردىنبىر شەرتى ئەمەس. تەپەككۇر ۋە ئىختىرانىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك شەرتى — ئىجادىيەت روھىدۇر.(4) ۋىجدانلىق بىر شائىر مەيلى قانداق شارائىتتا قالسۇن، قايسى ئېقىنلاردا ئاقسۇن، ئۇنىڭ تېنىدىكى قان، ئۇ ئوزۇقلانغان ئېتنىك تىندۇرمىلار ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى زادىلا قايدۇرۇۋېتەلمىگەن. ئەجدادلار قىسسىلىرى، ئۇلۇغ ۋەتەن قىسمەتلىرى ئۇنى ئانا تىل ئاشىقى قىلالىغان. ئۆزىنى باشقىلارغا راۋان چۈشەندۈرۈش ۋاسىتىسى بولغان ئۇيغۇر تىلىغا ئەقىدە باغلىغان قاسىم سىدىقنىڭ شېئىرىدا ئۇيغۇر تىلى مۇنداق ئەتىۋارلىنىدۇ:

ئانا تىلىم

ئانا تىلىم جىلۋەم، جەزىرەم،
ئانا تىلىم گۆھەر خەزىنەم.
ئانا تىلىم مەككە-مەدىنەم،
ئانا تىلىم ئۆزى بىر ئالەم.

يورۇمايدۇ تارىخىم سەنسىز،
جاھالەتتە بۇ دىلىم سەنسىز.
بىر پارچە گۆش بۇ تىلىم سەنسىز،
كۆرۈنمەيدۇ مەنزىلىم سەنسىز.

جەڭگاھلارغا ياراق قانىتىم،
سەپەرلەردە بايراق قانىتىم.
قۇياش كەبى پارلاق ئامىتىم ،
مەن ساڭا بەك ئامراق ئانا تىل!

قاسىم سىدىق مائارىپ تەتقىقاتچىسى:

«ئۈمىد مەكتەپ»نىڭ يۈز يىللىق مۇراسىمىدا ئۇنىڭ تەشكىللىگۈچىلەر قاتارىدا ئىكەنلىكىنى باشتا ئېيتقان ئىدىم. ئۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مائاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ ياشايدىغان مۇئەللىملەردىن ئەمەس. مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش تەكلىپىنى تاكى بېيجىڭدىكى ئىلمىي يىغىنلارغىچە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالىغان يېزا مۇئەللىمى. بېيجىڭدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مائارىپ يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسىدە:
… مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئەڭ ئالىي نىشانى — تەبىئىي ئادەمنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇرى، گۇمانلىنىش ئىقتىدارى ۋە پىداكارلىق روھى قاتارلىقلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش بولۇشى كېرەك.
… مائارىپ ئومۇمەن بىرلىككە كەلگەن ئىدىيەلەرنى ئۆزىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش نىشانى قىلغاچقا، ئۇ ئومۇمىي جەھەتتىن بىر كونسېرۋاتىپ سېسىتما. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تېخىمۇ شۇنداق. بۇ خىل كونسېرۋاتىپلىق ئەلۋەتتە زۆرۈر. مائارىپ بۇ خىل خۇسۇسىيىتىنى مۇئەييەن چەك ئىچىدە تەرك ئەتمەسلىكى
كېرەك. لېكىن، بۇنداق دېگەنلىك — مائارىپ (مەكتەپ) ئۆز بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان ھەرقانداق ئادەمنى«ماشىنا»غا ئايلاندۇرۇۋەتسە بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس!(5)
ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە، مېنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتىشىمچە، غايىنى قاپ يۈرەكلىك بىلەن تاللىغاندا، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدىكەن، «مۇمكىن ئەمەس»لەرنى يىراققا ئېتىپ تاشلىۋېتەلەيدىكەن. قاسىم سىدىق دەل شۇنداق ئىنسانلار تىپىدىن بولغاچقا، ھېچبىر شائىرغا ئوخشىمايدىغان خاسلىق ياراتقان شائىر فىزىك، مائارىپچى، تەتقىقاتچى بولالىدى. ئۇنىڭ تەبىئىي پەندىكى ئىزدىنىشلىرىگە شېئىر ۋە رۇبائىيلىرى قوشۇلۇپ، ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىي پەنگە ھەم ئەدەبىياتنىڭ گۈلتاجى بولغان شېئىرىيەتكە بولغان ئاجايىپ قىزغىنلىقى ئۇنىڭ ھاياتىنى بىزلەر يېزىپ تۈگىتەلمەيدىغان مەنىلەرگە تولدۇرغان. شېئىرلىرىغا مۇڭلۇق، ئاجايىپ جەڭگىۋار ئاھاڭلار ئىشلىنىپ، ناخشىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. فىزىكا ئىلمى ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشلانغاندىن كېيىن قاسىمنىڭ پىروزا، پوئېزىيە، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى دائىرىسىدىكى ئىجادىيەتلەرگە ۋاقتى قىس بولغان يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قاسىمغا بېغىشلىغان ئەدەبىي ئاخباراتى «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياشلار ئارىسىدا:
ئالىم بولاي دېسەڭ — قاسىمدەك تەپەككۇر قىلىپ باق!
ئادەم بولاي دېسەڭ — قاسىمدەك ھەسەت، قېيىداش، غەيۋەتتىن يىراق ياشاپ باق!
دېگەن چاقىرىقلار كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەنئەنىۋى گۈزەللىك بىلەن پەلسەپىۋى گۈزەللىك ئالاھىدە ئۇسلۇبىمۇ ياش شائىرلار ئۆگىنىدىغان، قىزىقىدىغان ئۇسلۇب بولۇپ قالغان.

ئەدەبىياتنىڭ بازىرىغا ئەمەس،روھىغا ئەھمىيەت بەرگەن قاسىم سىدىقنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىي ھاياتىنى يېزىپ تۈگىتەلمىدىم. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن يەنە بىر شىڭگىل سۇناي.

قۇياشنى كۈتمەك

كىچىكىمدىنلا ئۇيقۇم كەم ئىدى،
ھەيران بولاتتى بۇ ئىشتىن كېچە.
ھەتتا چولپاننى ئويغىتار ئىدىم،
دېمەك، ئويغاقمەن قۇياش چىققۇچە.

كىچىكلىكىمنىڭ ۋاقتى ئۆتتىغۇ،
لېكىن بىرلا ئىش كەتمىدى ئۆتۈپ.
نېمە ئىش ئۇ؟ دەپ سورىساڭ ئەگەر،
يەنە تۈن ئۆتەر قۇياشنى كۈتۈپ.

كۈندەشلىك

خىيالىمدا بىرەيلەن سېنى،
سۆيۈۋاپتۇ پەقەت بىرلا رەت.
بۇغۇ خىيال، لېكىن شۇندىمۇ،
يۈرىكىمنى ئۆرتىدى ھەسرەت.

خىيالىمدا بىرەيلەن ساڭا،
قىلغۇدەك سۆز، ئويناتقۇدەك قاش.
بۇغۇ خىيال، لېكىن شۇندىمۇ،
چىقىپ كەتتى كۆزلىرىمدىن ياش.

خىيالىمدا بىرەيلەن ساڭا،
ھېيىقماستىن ئاچقۇدەك قۇچاق.
بۇغۇ خىيال، لېكىن شۇندىمۇ،
ئالدىم دەرھال قولۇمغا پىچاق!

«تەمبۇر شاھى» نامىدا مەشھۇر نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئېغىر سىياسىي بېسىمدا ئاستىدا ئامالسىز قالغان، ۋاقىتسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى «گۈلىستان» رېستورانىدا جامائەت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى، كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر قىلغان ئىدى. شۇ كۈنى قاسىم سىدىق كۆز يېشىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ، تامغا ئېسىلغان بۇ مەرسىيەنى ئوقۇدى:

مەرسىيە

قاسىم سىدىق

ئىزلىگەنلەر تاپقۇسى تەمبۇر ساداسىدىن سېنى،
ئىلى، تارىمنىڭ مۇقەددەس كۈي-ناۋاسىدىن سېنى.
مەرغۇلۇڭ كەتكەچ سىڭىپ، بۇ يۇرتقا گويا قان بولۇپ،
ئاختۇارمىز تاغۇ-تاش كەھرىۋاسىدىن سېنى.

بۇ مۇسىبەت، بۇ ئەلەم كەلگەن ئىدى ئەجەب ئېغىر،
نۇرى ئۆلمەپتۇ دېدۇق، ئەلنىڭ باھاسىدىن سېنى.
نۇر بىلەن پەيۋەندىسەن، ئوتۇڭنى باسماي نە ئامال؟
ھەر سېغىنغاندا كۆرۈپ، تاڭ جىلاسىدىن سېنى.

دىل كۈيۈڭ ئەلنىڭ كۈيى، ئەلگە باغلانغان ئۆزۈڭ،
تەڭرى، خەلق ئەتكەن ئىكەن ئەھدۇ ۋاپاسىدىن سېنى.
ئاقىۋەت بىلدۇق، چۈشەندۇق، بۇ مۇسىبەت ئەھلىنىڭ،
ئاھ! ئۇرۇپ، پەرياد ئۇرۇپ قىلغان دۇئاسىدىن سېنى!

10 نەچچە يىل ئىلگىرى خاتىرەمگە پۈتۈۋالغان قاسىم دۇردانىلىرىدىن ئىككى كۇپلېتنى ئاشكارىلاي:

يوللاردا كۆز باردۇر، تاملاردا قۇلاق،
خورازلار غەپلەتتە، ھوقۇشلار ئويغاق.
ئۆزۈڭنىڭ مۈلكىگە ئۆزۈڭ بول مەھكەم،
مەۋقەسىز دوستلاردىن دۈشمەن ياخشىراق.

X X X

تەمشىلىمەن دېيەلمەيمەن سۆزۈمنى،
يا بىر يولىلا كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن.
پۇتلىشىمەن، خۇدىكىمەن نېمىشقا؟
تۈپتۈز يولدا ئۆتۈپ قالسام يېنىڭدىن.

بۇندىن 8 يىل بۇرۇن «باغداش تورى»نىڭ «سەدەف» نامىدىكى ئەزاسى ئىدىم. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە «توقماق» نامىدىكى ئەزا — قاسىم بىلەن ئانا تىلىمىزنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ئىنكاس بېتىدە ئەپسۇسلۇقتا پاراڭلاشتۇق. ئۇ ماڭا ئاتىغان مۇنۇ قۇرلارنى يوللاپ خوشلاشقان ئىدى. بۇنىمۇ ئاشكارىلاي:

كۈللى غەم تۇپراقىدىن بولغانمۇ ئەشيا بۇ سەدەف؟
خۇددى بىر ياش تامچىسى چاناقتا تۇرغان تەپچىرەپ!

ئاخىرقى سۆز

ئىككى ساۋاقدىشىم توغرىسىدا دەيدىغان گەپلىرىم بەك جىق. ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن ئۆزۈمنى زورلاپ توختىتاي. بىر ئارمىنىمنى ئېيتىپ قالاي:
غايىنى قاپ يۈرەكلىك بىلەن تاللىغان ۋە غايىسى ئۈچۈن تىرىشىش بەدىلىگە تارىخىمىزغا ئۆچمەس ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن نامى يېزىلغان بۇ ئىككى ساۋاقدىشىمنىڭ ھەر ئىككىسى تۈرمىدە. تۈرمە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئەركىنلىكىگە قۇلۇپلۇق تۆمۈر زەنجىر ئاسالمايدۇ. ئۇلار بۈگۈن قەلەم-قەغەزسىز قالدى.
ئىشىنىمەنكى، ساۋاقداشلىرىم تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى يۈرىكىگە يازماقتا!
ئارمىنىم شۇكى: ئۇلارنى ھايات كۆرسەم ، بېشىمنى ئېگىپ ھال سورىسام، كۆز ياشلىرىمنى ھەرگىز كۆرسەتمىسەم، تەبەسسۇم بىلەن رەھمەت ئېيتسام، ھۆرمەت سالىمىمنى بەرسەم!

مەنبەلەر:
(1) مەكتەپ مارشى ئازراق قىسقارتىلىپ كۆچۈرۈلدى.
(2) ل. مۇتەللىپ. تۇرسۇن ئەرشىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى. 2008- يىل نەشرى. 2- بەت.
(3) يۇقىرىقى كىتاب 16- بەت.
(4) زامانداشلىرىمغا ئوچۇق خەت قاسىم سىدىق «ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى» 2009- يىل 3- سان 92- بەت.
(5) «ئادەمنىڭ ماشىنىلىشىشى، ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى» قاسىم سىدىق «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى» 2000- يىل 4- 5- قوشما سان. 102- بەت.