Skip to content

ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمھالى

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمھالى

ئابدۇقادىر جالالىدىن، 1964-يىلى مارتتا ھازىرقى قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق بەشكېرەم يېزىسىدىكى بىر ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986- يىلى ئىيۇندا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1986- يىلى ئىيۇندا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1988- يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا، 2009- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.ئابدۇقادىر جالالىدىن شىئېر، ماقالە، تەرجىمە ۋە دەرسلىك قاتارلىق تۈرلەردىن تەشكىل تاپقان يىگىرمە پارچىدىن ئارتۇق كىتاپنىڭ ئاپتورى. بۇ كىتاپلار تېما جەھەتتىن سىياسىي، پەلسەپە، ئېستېتىكا، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، مائارىپ، فولكلور قاتارلىق ساھەلەرگە تۇتىشىدۇ.

ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلى

شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3-ئايدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. بەشكېرەمنىڭ گۈزەل باغلىرى، ساپ، ئاسمىنى كەڭ تەبىئىتى، ساددا، ئاقكۆڭۈل، مەردانە كىشلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن تارتىپلا شىئىرنىڭ ئوتىنى ياندۇرغان. ئۇ تەبىئەتتىكى ئەڭ ئېسىل تۇيغۇلار، بالىلىقتىكى ئويۇنلار، سېھىرلىك چۆچەكلەرگە ئوخشاش ئارزۇلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ساپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپ شىئىرى تۇيغۇ ئىچىدە چوڭ بولغان، ئۇندىن باشقا كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ قىزىقىپ ئوقۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى پاساھەتنى، تىلنىڭ گۈزەللىكى، كۈچىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ھەر بىر شائىرنىڭ شىئىرىيەت كوچىسىغا كىرىپ كېلىشىدە ئەلۋەتتە مەلۇم ئالاھىدە سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ بۇ نوقتىدا ھەم شۇنداق. شائىر شىئىرنى سۆيىدىغان، سەنئەتكە ھېرسىمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان، قويۇق شېئىرى مۇھىت، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرىي كەيپىيات، سەنئەتخۇمارلىق شائىرنى شېئىرىيەت رىشىتىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىدى. شائىرنىڭ شىئىرىيەتكە قىزىقىشى ھەم كىرىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇنىڭ بەشكىرەمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ساپدىل كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن سەبىي بالىلىق دەۋرى بولدى.

ئەسەرلىرى

2000-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل ـ پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.

ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا ناملىق كىتابى 2002-2003 يىللار ئارىلىقىدا ياپۇنيەدە كۆرگەن بىلگەنلىرى ئاساسىدا يىزىلغان بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشۈنۈش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ …

شىئېرلىرى

«شاراپ تومۇرى» شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1993- يىلى ئۈرۈمچى.

«كۆيگەن دېڭىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001- يىلى ئۈرۈمچى.

«قىشتىكى خامان» شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012- يىلى، ئۈرۈمچى

«ئۆلۈم رەزىل ئەمەس»، (تەرجىمە شىئېرلار)، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012- يىلى، ئۈرۈمچى. ماقالىلەر توپلىمى:

«ئەقىل مېۋىسى ۋە شەيتان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1995-يىلى، قەشقەر

«ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى، ئۈرۈمچى.

«ئىنسانى سۈپەت مەنزىلى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىل، ئۈرۈمچى. ساياھەتنامىلەر:

«ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل، ئۈرۈمچى.

«مەۋجۇدادلىق تەشنالىقى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىل، ئۈرۈمچى.

   تەرجىمىلەر

«سوقراتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى»، «ئەپلاتون دىئالوگلىرى» (ئەركىن ئىبراھىم بىلەن بىرگە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىل،ئۈرۈمچى. «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىل ئۈرۈمچى.«ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»، (ئاپتورى: ماكىياۋىللى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل، ئۈرۈمچى. «غەربنىڭ تەپەككۇرى»، (ئاپتورى: م. ئادلېر)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004- يىل، ئۈرۈمچى. «قىزىل خەت»، (ئاپتورى: ن. خاۋسورن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2009- يىل، ئۈرۈمچى.

پەزىلەت گۈلىستانى» (ئاپتورى: شىياۋلىڭ دىڭداڭ)، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2004- يىل، ئۈرۈمچى.

«ھايۋانلار قورۇقى»، (ئاپتورى: گ. ئورۋېل)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012- يىل، بېيجىڭ.

«غايىۋى دۆلەت»، (ئاپتورى: ئەپلاتون)، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىلى، ئۈرۈمچى.

تۈزگەن كىتاپلار

«تىل-ئەدەبىيات» (ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تولۇقسىز 1- يىللىق ئىككىنچى قىسىم، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن)، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2003- يىل، ئۈرۈمچى. «يېزىقچىلىق» (يانداشما مەشىق، تولۇق 3- يىللىقلار ئۈچۈن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003- يىل، ئۈرۈمچى. «تىل-ئەدەبىيات» (ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى يىللىقلار ئۈچۈن، يالقۇن روزى بىلەن بىللە تۈزگەن)، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2008- يىل، ئۈرۈمچى. «ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسىدىن ئاساسلار» (ئالىي مەكتەپ ئوقۇشلۇقى، باشقىلار بىلەن بىرگە تۈزگەن) شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2003- يىل، ئۈرۈمچى.

شان-شەرەپلىرى

1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.

تەسىر دائىرىسى

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر قىسىم ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. يەنە بىر قىسىم شىېئىرلىرى ئۆزبىكىستان ۋە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈرلۈك ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە كۆپلىگەن سۆھبەتلەر ۋە بايانلارغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇ بىر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى سۈپىتىدە دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەنجۈمەنلىرىدە، ئىلمىي ئەنجۈمەنلەردە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئاتا-ئانا يىغىنلىرىدا، مائارىپ مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى-كادىرلار كۇرسلىرىدا ئىككى يۈز مەيداندىن ئارتۇق نوتۇق سۆزلىگەن.

نادىر سۆز ئىبارىلىرى

1-ئادەم ھەرقانداق نەرسىلەرنى يىڭەلەيدۇ، ئەمما ئۈزىنى يىڭەلمەيدۇ.

2-ئادەملەر ئۆزىنىڭ نەپسى، ئارزۇسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىدۇ.

3-ھەقىيقى زىيالى ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىملرىنى ئۆزخەلقى، قەۋمنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىيالايدىغان كىشىلەردۇر.

4-زىيالىيلاردىكى بىلىم، رەھبەرلەردىكى يېتەكلەش ئىقتىدارى بىرلەشكەندە بىزنىڭ مائارىپىمىز ھەقىقىي ياخشىلىنىدۇ.

5-بىر مىللەت ئۆز ئادەملىرىگە قانداق ئۇنۋان بېرىشنى بىلمىسە، بۇ مىللەت خاسلىقىنى يوقاتقان بولىدۇ.

6-ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ سىياقىنى ئارىيەتكە ئالغان ئەرۋاھلار كۆپىيىپ قالدى.

7-تىل مەجرۇھلىقى-دىل مەجرۇھلىقىدىن نىشاندۇر. ئۇنىڭدىن كەلگەن پىكرى كىكەچلىك بىزنى خار ۋە زەبۇنلىقنىڭ گىردابىغا باشلايدۇ.

8-ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشتە قابىلىيەت ئەمەس، ئادىمىيەت بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرۇدۇ.

9-ئەگەر سىز ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىڭىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالمىسىڭىز، ئۇ چاغدا سەھنىدىكى قىزىقچىغا ئوخشاپ قالىسىز.

10-بىزنىڭ مىللىتىمىزدە خەقنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىگە تەسەللىي بىرىش شەكىللەنگەن.

11-دۇنيادا كىم ئەقىللىق بولسا، ئۇنىڭ يالغۇز قېلىشى نورمال ھادىسە بۇلۇپ ئۇ دانالارغا مۇناسىپ.

12-شائىر باشقىچە پىكىر قىلىدىغىنى ئۈچۈن مەڭگۈ باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئىرىشەلمەي، مەنە سۈرگۈنلىكىدىن ياشايدۇ.

13-بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگەتەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىكى.

14- ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى گىرىم- خۇلق،مىجەز،روھ.

15- شور پىشانە خەلق تەنىچى بوپ قالىدۇ.

16- قورغاق رايۇندا ياشىغان ئادەملەر مەسخىرىگە باي كىلىدۇ.

16- پىكىر ھالىتىدە توختاپ قالغان نەرسىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىر سەپسەتە.

17- ئۇقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن كۈيۈم، ئاندىن بىلىم بولىشى كىرەك. چۈنكى ئادەم تەربىيلەشتە ئەڭ مۇھىمى كۈيۈم،ئىنسانىي مۇھەببەت.

18- ئۈزىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالمىغان پىداگوگ، قانداقمۇ ئۇقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالىسۇن.

19- ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ ھۆرمەت قىلىش لىكىن قىممىتىنى چۈشەنمەسلىك، قۇللۇق پەلسەپىدۇر.

20- شەھەرلەردە تەبەسسۇم كۆپ لىكىن ساختا،چىنلىق ئاز،يېزىلاردا تاپا- تەنە كۆپ،لىكىن تىگىدىن ئىللىقلىق چىقىپ تۇرىدۇ.

21- ئىنسان ياش ۋاقتىدا رومانتىزىمچى، ئوتتۇرا ياشتا رىئالىزىمچى، ياشانغاندا تارىخچى بولىدۇ.

22- تىل-روھى ۋەتەن،ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك.

23- ھەرقانچە ياۋۇز ئىتمۇ  شەھەرگە كىرسە لالمىلىشىپ كىتىدۇ.

مەنبە: https://freewechat.com/a/MzI3NDMxNjg5Mg==/2247490945/1

ئالاقىدار مەزمۇن: https://www.uygur.com/kutuphana/abduqadir-jalalidin/

ئادۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى