Qasim Sidiq: A Poet Silenced for His Words
Qasim Sidiq (Uyghur: قاسىم سىدىق), a Uyghur poet, educator, and songwriter, was born in Ghulja (Yining) in the late 1950s. His life and work have been marked by both literary brilliance and repeated persecution.
In March 2017, Sidiq was detained by Chinese authorities. He was later sentenced to a lengthy prison term—reports vary between 18 and 20 years—based on accusations of “ethnic hatred.” The so-called evidence used against him included a poem, A Letter to Hotan, and song lyrics he had written more than 15 years earlier en.adhrrf.org PEN America.
This was not the first time Sidiq faced punishment for his writing. According to Amnesty International, he had previously been detained in 1998 for his literary work, making this his second time being targeted for what authorities labeled “ideological crimes” PEN America.
While imprisoned, Sidiq has reportedly been subjected to torture and ill-treatment, and his health and condition remain a serious concern PEN America. His case highlights the broader repression of Uyghur intellectuals, poets, and educators who have sought to preserve their culture and language. As noted by the Uyghur Times, promoting Uyghur literature and language has often come at a heavy personal cost uyghurtimes.com.
Works and Intellectual Contributions of Qasim Sidiq
Beyond his persecution, Qasim Sidiq’s legacy lies in his creative and scholarly works. His verses often explored themes of wisdom, ignorance, and human struggle. One poem reflects: “A fool mistakes a drop for an ocean, while the wise see the ocean in a drop.” His lyrical poem “I Am in Love with Such a Murderer” illustrates his bold, metaphorical style. He authored essays such as “Psychology of Aesthetics”, showing his breadth as both a poet and educator. These works underline his role as a cultural and intellectual figure whose contributions extended far beyond poetry.
There are some of his poems and articles found on internet:
- ئانا تىل
- بالىلىقىڭغا قېنىۋال، بالام
- مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق
- مومىيىمغا خەت
- ئۇۋىدىكى ھەسرەت
- قاسىم سىدىق شېئىرلىرى
- خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىدىكى نازارەتچىلىك،قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىش لازىم
- «چىنلىق»نىڭ رەھىمسىز يۈزى
- ماشىننىڭ ئادەملىشىشى ۋە ئادەمنىڭ ماشىنلىشىشى
- زامانداشلىرىمغا ئوچۇق خەت
- يېڭى گىئومىتىرىيە مەيدانغا كەلدى
- دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى
- يايسىمان توپنىڭ سىرى
- ئەينەك شىرە ئۈستىدە كۆپەيتىش قەغىزى ئارقىلىق قالدۇرۇلغان نۇر(پىقىرىغۇچ)ئىزلىرى
- «زىچلىق»نىيوتۇن ماكانىنى تەقەززا قىلىدۇ
- نىيوتۇننىڭ چىلەك تەجىربىسى ۋە مۇتلەق ماكان
- نۆۋەتتىكى نىشان _41-تىئورما
- «ھەركەت ئەگرىلىگى» ئىدىيىسى يادرولىغىدىكى غەيرى سىممىتىرىكلىك تەتقىقاتى
- ھەركەت ئەگرىلىكى ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى
- «نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار
- پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ ئۆزى نىيوتۇنچە تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە قارشى ئىسپات
- «تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى» ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش
- ساقلانغىنى بولمايدىغان بىر مۇقەررەرلىك
- چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيسى، ھەركەت شەكلى ۋە دەۋرى ئالەم
- «كۋانىت ئورالمىسى»خىياللىرى – 1
- «دولقۇن-زەررىچە»ئەپسانىسىگە تەنقىدىي نەزەر
This is the alleged poem get him arrested:
خوتەنگە خەت
قاسىم سىدىق
ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي، خوتەن سېنى،
روھىم قۇچتى، قۇچمىدى بۇ تەن سېنى.
يېتىشمىگەن قاناتتا يېتەلمىدىم،
چېكىسىگە قىستۇرغاچ ۋەتەن سېنى.
گاھ ساماۋى چۈش كەبى جىلۋە قىلدىڭ،
جىلۋە قىلدىڭ، ئاشىقى تەلۋە قىلدىڭ.
بىرنى، بىر دەپ روھىمدا غەلۋە قىلدىڭ،
«جاھىل» لىقتا دورىغىم بار مەن سېنى.
بىرنى ئىككى دەڭ دېسە، دېمەيدىغان،
بۇ نىجىسنى يەڭ دېسە، دېمەيدىغان.
ھەممىنى ئادىل تۇرۇپ ئۆلچەيدىغان،
ئەھلى ۋىجدان خۇش كۆرەر جەزمەن سېنى.
بار ئىكەن شۇنچە ئۇلۇغ بىر تارىخىڭ،
ئەر ئۈچۈن ئۆرنەك ئىكەن ھەر ۋارىقىڭ.
بولسىمۇ دەردۇ – ئەلەم، باش ئاغرىقىڭ،
بوپتۇ مۈشكۈل پۈكمىكى دۈشمەن سېنى.
تويغۇزۇپسەن بىر نوچى دەپ-دەپ دېسە،
مەيلى ئۇ، مەن ئۇلۇغ ئەرەب دېسە.
ئۇنىماپسەن، مۇسەللىمىلىك شەرەپ دېسە،
داغدا قاپتۇ كەمچىگەن، كەمچەن سېنى.
مەيلى باي بول، خاھ گادا بۇ گەپ ئەمەس،
روھقا يوق، كانايغا بار «نەپ» نەپ ئەمەس.
ھەشقىپىچەك گۈل بولسىمۇ زەپ ئەمەس،
قەددى مەغرۇر گۈل بىلۇر گۈلشەن سېنى.
ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي، خوتەن سېنى،
بولسا ئۆمرۈم كۆرىمەن جەزمەن سېنى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان
Why His Case Matters
Sidiq’s imprisonment reflects the systematic targeting of Uyghur writers and intellectuals who promote their language and identity. His sentencing and reported torture are part of a wider pattern of abuses in Xinjiang. Documenting cases like Sidiq’s is crucial to ensuring that voices of persecuted writers are not erased.
Learn More
- PEN America – Qasim Sidiq’s case profile
- Association for the Defense of Human Rights and Religious Freedom – Report on his detention
- Uyghur Times – Promoting Uyghur language comes with a price
- UyghurNet – قاسىم سىدىق: كۆرسە (includes poetry excerpts)
- World Uyghur Congress – Detention of Qasim Sidiq
- غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمى شائىر ۋە فىزىك قاسىم سىدىقنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى
- شائىر قاسىم سىدىقنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، تۈرمىدىكى ئەمگەك مەيدانىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
Qasim Sidiq’s story is not just about one poet—it is about the silencing of an entire culture through the persecution of its voices. His case remains a symbol of resilience and a reminder of the urgent need for international solidarity with Uyghur intellectuals.
Some of his poems found on the internet:
يېڭى يىل بىلەن تەگىشىپ قالدىم
قاسىم سىدىق
مەن دېدىم :
كەلدىڭمۇ يەنە ،
چىللىغاندەك سوكۇلداپ.
پۈتمەيۋاتسا بۇ يىلقى ئىشلار ،
تېشىم كۈلكە، ئىچىم غوتۇلداپ.
سەن كەلسەڭلا،
كېتىدىكەن يۈرەك پوكۇلداپ!
يېڭى يىل دېدى:
سەنلا مېنى دەشكۈللەيسەن ،
ھەي ئاخماق.
كۆزۈڭنى ئېچىپ ئەتراپىڭغا باق.
رېستوران تالىشىپ جېدەل قىلار،
تالاي-تالاي سامان قورساق.
ئۇلار ئۆلگىلى ئالدىرامدىكىن،
مېنى قارشى ئالار چېلىپ دۇمباق،
ئېتىپ پارسىلداق!
سېنىڭ ئالقىنىڭ خېزىر ئالقىنى
قاسىم سىدىق
1
بوۋا،
ئالقانلىرىڭ سېنىڭ نېمانداق،
شۇنچە يىرىك،شۇنچە كۆپ قاداق؟!
نادانلىق ھەم ھەيرانلىقتا، قورقۇمسىراپ،
كۆز تىكىپ ئوزاق،
دەيتتىم<<ئالقان بولامدۇ شۇنداق؟>>
ئەمدى چوڭ بولدۇم،
يېشىلدى سىر،يېشىلدى ھېكمەت.
گويا ئېچىل داستىخىنىمدەك،
ئالقانلىرىڭدىن،
بوغۇنلىرىڭغا تۈكۈپسەن نېمەت.
ئۆزۈڭ تەشنا تۇرساڭمۇ شۇنچە،
بىزگە تۈگۈنۈپ،
ساقلايسەن شەربەت!
كۆرمىسەڭمۇ تۈزۈكرەك راھەت،
قىلمايسەن مىننەت.
ئەمدى بىلدىم،
قۇربان قىلىپ بەرنالىقىڭنى،
ئانا تۇپراققا بېرىپسەن زىننەت!
توۋا،
قېنى مېنىڭ ئادەم بولغىنىم،
شۇنچە ئەجرىڭگە،
مۇشۇ كەمگىچە،
ئېيتماپتىمەن تۈزۈكرەك رەھمەت!
2
بوۋا!
نۇرغۇن ئالقانلارنى كۆردۈم شۇڭغىچە،
بەزىلىرى ھېسىپتەك دىقماق،
بەزىلىرى پىلىكتەك يۇمشاق.
يۈز يۇيغۇچە قاپىرىپ قالغاچ،
<<ۋازىلىن>>نى تەرك ئەتمەيدۇ،
تەرىك ئېتىدۇ ئەمگەكنى ھەر ۋاق!
بۇۋا،
<<ۋازىلىن>>نى ئەسلا بىلمەيسەن،
ئالقانلىرىڭغا تۈكۈرۈپ قويۇپ،
چىڭ تۇتىسەن كەتمەن دەستىنى،
يېرىلمىسۇن بۇ ئالقان قانداق؟!
3
توۋا،
ھەر قايەردىن ئىزدەپ يۈرۈپتۇق،
يېنىمىزدا تۇرساڭ،
گۈزەللىك سېنى.
ھارمىدىڭمۇ ھەي رەسسام،
تالمىدىڭمۇ ھەي ھەيكەلتاراچ،
سىزىۋېرىپ،
تاراۋېرىپ،
خېنىملارنىڭ گىلاس لېۋىنى.
ئاپتاپ كۆرمىگەن ئاقنانچى ئەرنىڭ،
يۈزماي سۈركىگەن ئاپئاق مەڭزىنى؟!
گۈزەللىك نېمە؟
بارچە گۈزەللىكنىڭ رەمزى-مىزانى،
مۇشۇ بوۋايلارنىڭ قاداق ئالقىنى!
سىزىغىن بۇ ئالقاننى،
تارا بۇ ئالقاننى،
ھەيرانۇ-ھەس قالدۇراي دېسەڭ،
جاھان سەنئەت كۆرگەزمىسىنى!
بۇ ئالقانلار،
بېسىپ چۈشىدۇ،
جىمى ھۆرلەرنىڭ جەزىبىسىنى!
بۇ ئالقانلارنى ئۇلۇغلا،
سۆيگىن،
تاپاي دېسەڭ،
سولايماننىڭ غەزىنىسىنى.
4
بوۋا،
سېنىڭ ئالقىنىڭ-خىزىر ئالقىنى!
پاتىھە بەر نەۋرىلىرىڭگە،
نۇرغا تولسۇن ئىقبال گۈلشىنى!
پاتىھە بەر،
روناق تاپسۇن ھالال ئادەملەر،
زاۋال تاپسۇن ئوغرى چاشقىنى!
پاتىھە بەر،
ئىشلىمەستىن چىشلىگەنلەرنىڭ،
چىقىپ كەتسۇن،كۇكۇم-تالقىنى!
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2003-يىل2-سان
ئەخمەقلەرگە
قاسىم سىدىق
ھەي ئەخمەقلەر،
سىلەر بىلەن ياشاش بەك ئېغىر،
سىلەرگىمۇ بىز بىلەن قىيىن.
ئېلىڭلار شۇڭا موشۇ زاماننى،
بىز ياشايلى مىليۇن يىل كېيىن.
تالىشىش مەرتلىك ئەمەس،
تالاشمايمىز بۈگۈننى ھەرگىز.
ئاۋارە قىلىمىز تارىخنى لېكىن،
سىلەرنى ئۇزاتسا بىز كېلىمىز.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان
قەغەز گۈلگە
قاسىم سىدىق
ھەممە بوۋايلاردىن قالغان ئىكەنسەن،
پۇختا ئاپىرىدە بولغان ئىكەنسەن.
قىشۇ-ياز بىر تۈستە ھېجىيىپ تۇرۇپ،
تالاينى مەھلىيا قىلغان ئىكەنسەن.
ھازىرمۇ تۇرۇپسەن شۇ تۈستە مەزمۇت،
تۇرغاندەك چەكچىيىپ بۇتخاندا بۇت.
چىڭگىزخان شاپاشلاپ ئۆتۈپتۇ بىر چاغ،
قانلاردىن كۆل ياساپ،سۆڭەكلەردىن تاغ.
دەپسەندە بولۇپتۇ ئۇلۇغۋار تۇپراق،
ئاھۇ كۆزلەردىن قان ئىچىپتۇ زاغ.
نومۇستىن ئاھ ئۇرسا زىمىن ئۆرتىنىپ،
يەنىلا تۇرۇپسەن ھېجىيىپ-كۈلۈپ.
ياڭ زىڭشىڭ مەسچىت ساپتۇ بىر زامان،
نادانلىق شەھەرنى ئاپتۇ بىر زامان.
گۇناھكار بولۇپتۇ ئەقىل-پاراسەت،
ئىلىم-پەن تۆھمەتكە قاپتۇ بىر زامان.
شۇندىمۇ مىھراپتا زىننەت ئىكەنسەن،
بۇرۇنقىدەكلا خۇرسەنت ئىكەنسەن.
شىڭ سىسەي جاللاتلىق قىلىپتۇ،قالماپتۇ،
<<ھام>>دەپتۇ بارچىنى يۈتۈپ يالماپتۇ.
جۇۋانلار تۇل قاپتۇ،بالىلار يېتىم،
ۋەھىمە قۇتراپتۇ،ئارام ئالماپتۇ.
يەنىلا تۇرۇپسەن بايرىقىڭ يېشىل،
تاجلىرىڭ قىپ-قىزىل،خۇلقىڭ بەك ئېسىل.
ئۇيغۇرنىڭ قېنىدا تۇرپان بويالسا،
لوتۇنغا سۇيقەست تىغى قادالسا،
ياپراقلار تۆكۈلسە،چىچەكلەر سولسا،
مىسلىسىز خۇرلۇقتىن ئالەم ئۇيالسا.
شۇندىمۇ ئۇيالماي تۇردۇڭ سەن تىمتاس،
راست،سەندە قەلب يوق يا،ئەيھۇنناس.
مەن چېغىم لىن بىياۋ،جاڭ چىڭنى كۆردۈم،
ئوتتۇزغا يەتمەستىن يۈزمىڭنى كۆردۈم.
تىرىشتىم-تىرماشتىم،ئۆلدۈم،تىرىلدىم،
يەنىلا ھېجايغان ئەپتىڭنى كۆردۈم.
بۈگۈنمۇ تۇرۇپسەن قەدىمىي بىر ھال،
پەيلىڭدىن ئالەمگە چىللاپسەن زاۋال.
يوقالغىن قەلبى يوق ئەي كونا مەبۇد،
يوقالغىن مېھرى يوق ھەي سوغۇق تاۋۇت،
يوقالغىن،جان قەستى خەيرىسىز بۇلۇت،
يا دەرىخ،تۇردۇڭغۇ يەنىلا مەزمۇت،
ئالەمنىڭ ئېرىمەس كىرى ئىكەنسەن!
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق !
قاسىم سىدىق
ئەزەلدىنلا گۇناھ سانالدى،
ئادەملەرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش.
ئېسىپ ئۇرۇش،كۆزىنى ئويۇش،
دىمىقتۇرۇپ سۇغا چۆكتۈرۈش.
لېكىن قىزلار ئۈچۈن ئويۇنكەن،
يىگىتلەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈش.
بۇ گۇناھقا كەلمىدى جازا،
قازى كالان يېگەنمۇ پارا؟
پىچاق سالماي،يېقىنمۇ كەلمەي،
قىلىۋەتتى قەلبىمنى يارا.
تا ئەزەلدىن قايسى ئەۋلىيا،
قىلالىغان بۇنى ئىختىرا.
گاھى ئاستا كۈلۈپ قويىدۇ،
تەلپۈنۈدۇ كۆڭۈل بۆلەكتىن.
گاھى مۆكۈپ ئالار نەگىدۇر،
يوقالغاندەك قەمەر پەلەكتىن.
ئۈمتۈلدۈردى،ئالداپ ئوينىدى،
دەردى ئۆتۈپ كەتتى يۈرەكتىن.
كېچىلەردە بولدى چىرىقىم،
ئامرىقىمغا قايتا يېلىندىم.
ئوت ئويناشقا ئامراق قىز ئىكەن،
مەن ئۇنىڭغا ئوتۇن بىلىندىم.
ئوتۇن بولسام قىينالماس ئىدىم،
قىز قولىدا قەتلى قىلىندىم.
مانا روھىم تىرىلدى قايتا،
بولدى ئەمدى ھوزۇرۇم تۇپراق.
توۋۋا،توۋۋا،قەبرەمگە يەنە،
ئاشۇ قاتىل بوپقالدى چىراق.
بولدى ئۇنى جازالىماڭلار،
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق.
پەلەككە ئىلتىجا
قاسىم سىدىق
پەلەك بولدى قويغىن چاقچىقىڭنى،
يەنە ئەخمەق قىلما ئەخمىقىڭنى.
يېتەر ئاھىم، يېتەر بۇ قارا ھىجران،
يۈرىكىمدە ئويناتما زەخمىكىڭنى.
پەلەك بارمۇ قەستىڭ يا مېنىڭدە،
ئەجەبمۇ چۇرگىلەتتىڭ تۈگمىنىڭدە.
باغرىمنى ئۆرتەيدۇ ئاھىم يالقۇنى،
ئۆزۈمنىڭ غېمى يوق قالدىم غېمىڭدە….
بىر ئۆمۈر ئىزدىسەم ۋىسالدىن مېۋە،
ئەجەب بولدى ماڭا ھىجران نېسىۋە.
گاھىدا قوغلايسەن ئۈمىد بېغىدىن،
– گاھى كۆرسىتىپ نازۇ- جىلۋە….
پەلەك ۋىسال بەرگىن، پەقەت ۋىسال بەر،
جانان ئۈچۈن كۆكسۈمدە تەخىتۇ- مۇنبەر.
مۇبادا ئەرزىمگە سالمىساڭ قۇلاق،
تېڭىرقىما، يۈرىكىمگە ئۇر خەنجەر!
1995-يىلى5-ئاينىڭ 30-كۈنى.
تەبىئەت پەلسەپەسى تېمىسىدىكى رۇبائىيلار
قاسىم سىدىق
ئەي چەكسىز كائىنات رەڭگارەڭ ئالەم،
قوينۇڭدا بىھېساب جومباق مۇجەسسەم .
تەسەۋۋۇر بويلىماس ۋەزنىڭگە ئەسلا،
پۈچەككە ئەرزىمەس ئالدىڭدا ئادەم .
***
ئەي ئۇلۇغ كائىنات يۇلتۇزلۇق ئاسمان،
سېھىرلىك قەلبىڭگە كىم يەتتى قاچان؟
ئۇلۇغلۇق تالاشتۇق سىنىڭدىن لېكىن،
زەررەڭنىڭ ئالدىدا ئەقىل سەرگەردان .
***
يوقلۇقتىن مۇستەسنا جىسمىم ئەپسانە،
جىسمىمدىن مۇستەسنا جىنىم ئەپسانە .
قۇياش بىر زەررىدۇر پەلەك سەتھىدە،
شۇڭا ئۇ كۆرۈنەر بىزگە نۇرانە .
***
تۈنۈگۈن مەن يوقمەن، ئەتە ھەم مەن يوق،
پەقەت بۇ نەپەستۇر ماڭا تەئەللۇق .
ئۆتمۈش ۋە كېلەچەك مەككار مۇقامى،
بۈگۈندىن ئۆزگىسى شۈبھىسىز “يوقلۇق “.
***
ئۆتمۈش ھەغدا ئەمەس كېلەچەك ۋە ھەم،
ئۇ، ساختا مۇقامغا بېرەيلى بەرھەم .
زاماندىن مۇستەسنا بارچە تاماشە،
بۈگۈنكى جەڭگاھتا تۇرايلى مەھكەم .
***
كېلەچەك بار دەيلى كۆرۈپتۇ قايسى؟
ئۇ پەقەت مەجازدۇر ئۇ پەقەت ھىسسى .
” ھازىر”مۇ ھەرىكەت ھەم جىملىقنىڭ رەمزى،
كىمكەن ئۇ- سۈمۈرگەن ئۆتمۈش ھاۋاسى .
***
يوقلۇق ئۇ يوق ئەمەس، يوقلۇق ئۆزگە ھال،
يوقلۇق- ئۇ، جىسىمسىز چەكسىز بىر ۋىسال .
بۇ ئالەم بارلىق ھەم يوقلۇق ئالىمى،
يوقلۇق يار مەڭزىدۇر بارلىق پەقەت خال .
***
پەقەت بىر نوقتىدۇر ئىنسان ھاياتى،
گۇيا بىر گەر دىشتۇر خاكى – ماماتى.
خاك قىلار، خاكىڭغا يەنە بىرەر جان،
كائىناتنىڭ شۇنچىلىك ئىلتىپاتى.
***
زەررىلەر كىسەكتۇر، قەسىردۇر ئالەم،
زەررىلەر تەۋرەنسە بولغۇسى مالەم.
قەسىر ھەيۋىسىگە قىلمايمەن پىسەنىت،
قىلارمەن زەررىنىڭ شوخلىغىدىن غەم.
***
ھەكىم ئىيتۇر؛ بولسا ئالەم ئىپتىداسى؛-
بولۇر تەھقق ئۇنىڭ بىر ئىنتىھاسى.
مەن ئىيتۇرمەن؛ ئۇنىڭدا ئنتىھا يوق،
ھەر بىر نوقتا بىر ئىپتىدا – بىر جۇلاسى.
***
بىر زەررىنىڭ زىمىنچە دارامىتى بار،
بىر زەررىنىڭ ھىسابسىز كارامىتى بار.
بە ھەيۋەت يۇلتۇزلار كۇرەڭلەر نىچۇك،
ۋۇجۇدىدا زەررىنىڭ شىجائىتى بار!.
***
پەلەك كۆكسى ئەگەر بولمىسا راۋان،
سۇرەرمىدى كۆكتە سەييارە دەۋران .
سىنىڭ كۆرگەنلىرىڭ پەقەتلا زەررە،
كائىنات چەكلىك دەپ جۆيلۈمە نادان .
***
قۇياشتىن ئۆزگىسى بولمىسا ئەگەر،
بۇ جاھان ھايالسىز ھۆسنىدىن كېتەر .
نۇر بىلەن زۇلمەتتۇر ئالەمنىڭ كۆركى،
تەنھا پادىشاھلىق زۇلمەتتىن بەتتەر .
***
ئىلاھا، ساڭا مىڭلاپ تەشەككۇر،
جەننەتتىن قوغلاندۇق گاداي لىكىن ھۆر.
جازا بولدى ئادىل، ھىساپ ھەم ئادىل،
جەننەت ساڭا قالدى، بىزگە تەپەككۇر.
***
«زامان» بولالمايدۇ ھەركەت ئۇچۇن چەك،
«زامان» بىر ئەپسانە، مەنىسى پۈچەك.
ئەزىلى – ئەبىدى چەكسىز كائىنات،
«زامان» مومام ئىيتقان بىر كونا چۆچەك.
***
«زامان»غا مۇھتاجى پەقەتلا ئادەم،
«زامان» سىز بەر قارار بۇ كاتتا ئالەم.
ئۆزىمىز توقۇدۇق، چوقۇندۇق ئاڭا،
ئەسقىتىپمۇ قالغاچ بولدى مۆھتىرەم.
***
بىزلەردىن مۇستەسنا قايدىكەن «زامان»..؟
«زامان» بىز ياسىغان تارازا-مىزان.
لېكىن لازىمى بار ھەركەت ۋەزنىنى؛-
«زامان» ئەينىگىدە قىلىمىز ئايان.
***
ئالەم چەكسىز، دېمەك ئاڭا يەتمەك تەس،
چەكلىك، دېمەك يېتىپ بولدۇڭ بەس .
بېشىڭنى قاتتۇرما ھۆكۈما بۇنچە،
كائىنات چەكلىكمۇ چەكسىزمۇ ئەمەس !
***
يا رەسەتخانام يوق، ياكى ئۇستۇرلاپ،
مەن گويا دۇكانسىز گاداي بىر خالۋاپ.
ئىلكىمدە بارى يوق قورالىم مەنتىق،
شىجائەت رىشتەمدۇر، توقۇيمەن زەرباب.
«رۇبائىي كائىناتى»دىن تەرمىلەر -1
قاسىم سىدىق
يوللاردا كۆز باردۇر،تاملاردا قۇلاق،
خورازلار غەپلەتتە ھوقۇشلار ئۇيغاق.
ئۆزۈڭنىڭ مۈلكىگە ئۆزۈڭ بول مەھكەم،
مەۋقەسىز دوستلاردىن،دۇشمەن ياخشىراق.
***
ئۆلۈم ۋەھىمىدۇر پەقەت تىرىككە،
لېكىن قىلالماس كارھەرگىز ئۆلۈككە.
تىرىكسەن- ئۆلمىدىڭ دېمەك نېمە غەم،
ئۆلۈكسەن نېمە پەرۋا كۆرگۈلۈككە.
***
قاچان بولغان ئىدۇق”گۇناھ”تىن خالى،
“ئادەم”ۋە”ھاۋا” دۇر بۇنىڭ مىسالى؟!.
ئەي، زاھىت ياشاۋەر ئېتىكابىڭدا،
مەن ئۇچۇن خوپراقتۇر يارنىڭ ۋىسالى!.
***
سەن “گۇناھ”دېگەننى گۇناھ بىلمەيمەن،
سىنى ھەم ھېچقاچان”پاناھ”بىلمەيمەن.
مېنىڭمۇ باردۇر بىرئۇلۇغ پاناھىم،
ئۇنىڭدىن ئۆزگىنى”ئىلاھ” بىلمەيمەن.
***
ئىجادكار كېلىدۇ “گۇناھكار” ھەر يان،
“گۇناھ”لار ۋەجىدىن ئالمىشار دەۋران.
شۈكرىگە قۇل بولسا جىمىكى ئىنسان،
تاش قورال دەۋرىدە ياشايتتۇق ھامان.
***
“ئادەم”نى ئازدۇرۇپ خوپ قىپتۇ “ھاۋا”،
بېشىنى قايدۇرۇپ خوپ قىپتۇ “ھاۋا”.
قوغلاندى بولمىسا جەننەتتىن ئۇلار،
قۇرامتۇق زېمىندا بىرگۈزەل مەئۋا؟!
***
پەيغەمبەر”گۇناھكار”ئاتالغان زامان،
مەردۇتلار كۆزىگەقادالغان ھامان.
مۇھەممەد قىلمىسا شۇچاغدا “گۇناھ”،
ئەرەبكە يېگىلى تېگەمتى سامان؟!
***
ئىلاھا، پاراسەت ئاتا قىل ماڭا،
ئۇلۇغۋار پەزىلەت ئاتا قىل ماڭا.
مەغپىرەت ئەيلىگىن گۇناھلىرىمنى،
يولۇڭدىن چەتنىسەم جاپاقىل ماڭا.
***
“گۇناھ”قا چىللىسام مەردۇت سانايسەن،
ئۆزۈڭنى خۇددى بىرمەبۇد سانايسەن.
“گۇناھكار”مەۋجۇتتۇر-مەۋجۇتتۇر تارىخ،
مەئبۇتنى قانداقچە مەۋجۇد سانايسەن؟!.
***
خۇدا، مېنى مەڭگۈ تەلەپكار قىلغىن،
رايىش قىلما ھەرگىز،”گۇناھكار” قىلغىن.
رايىشلار ئەزەلدىن كىتەك سالمىغان،
“گۇناھ”بازىرىدا بىناكار قىلغىن.
قۇرۇپ كەتتى بىر گۈلزار
قاسىم سىدىق
تۈنۈگۈنكى گۈلىستان بۈگۈن بولدى تىكەنزار،
كەتتى توزۇپ بىر گۈلزار، كەتتى توزۇپ رۇزىغار.
كەتتى توزۇپ چېچەكلەر بولدى سەرسان، خارۇ-زار،
يېتىم قىزنىڭ كۆزىدەك ھەسرەتلىك كۆز نەدە بار؟!.
بىرئائىلە بىر دۇنيا، ئاتا قۇياش، ئانا ئاي،
پەرزەنتلەر سەييارە، دەۋر قىلار توختىماي.
ئوربىتىسى ۋاپادۇر، ۋاپا كەتسە ھالى ۋاي،
ئايلىنىدۇ دوزاققا، دەبدەبىلىك بۇ ساراي.
بىرئائىلە بىر دۇنيا، بىرمۇقەددەس سەلتەنەت،
مېھىر بىلەن بۇ دۇنيا تاپار ئىقبال–كامالەت.
مىھىر كەتتى-قۇت كەتتى، خانىدانغا ئوت كەتتى،
بولدى يېتىم سەخىرە، يۇتتى زۇلمەت- جاھالەت.
زۇلمەت يۇتقان شۇ بالا جىگەر پارەڭ ئۆزۈڭنىڭ،
كۈلپەت تارتقان شۇ بالا گۆھىرىدۇر كۆزۈڭنىڭ.
گۆھىرىڭنى خار قىلساڭ ئىزدەپ ئارتۇق ھەشەمەت،
تاپالامدۇ كېلەچەك ئىزناسىنى ئىزىڭنىڭ؟!.
ئارزۇلۈغۇڭ ئىدىغۇ، تىلەۋاتقان شۇ بالا،
تونۇربېشى تۇگۇلۇپ تۈنەۋاتقان شۇ بالا.
مۇشتەك تۇرۇپ تېغ تۇتۇپ بۇلاۋاتقان شۇ بالا،
تامشىپ ئاشقان تاۋاقنى يالاۋاتقان شۇ بالا.
تاپقانمىدىڭ بالاڭنى شۇنچە سەرسان قىلغىلى،
چېچەك پەسلى سۇغارماي ياكى خازان قىلغىلى.
مەكتەپ يۇزى كۆرسەتمەي ياكى ھايۋان قىلغىلى،
ئوغلۇڭنى قۇل، قىزىڭنى پۇلغا جانان قىلغىلى؟!.
كەتتى قۇرۇپ بىر گۇلزار، كەتتى قۇرۇپ رۇزىغار،
كەتتى توزۈپ چېچەكلەر، بولدى سەرسان خارۇ-زار.
جاۋاب بەرگىن ئەي ئىنسان، جاۋاب بەرگىن ئەي ۋىجدان،
يىتىملارنىڭ كۆزىدەك ھەسرەتلىك كۆز كىمدە بار؟!.
2005-يىلى8-ئاينىڭ2-كۈنى.
ئوخشايدۇ
قاسىم سىدىق
دىلىمنى ئويغىتار ھەر تاڭ كۆزۈڭ زۆھرەگە ئوخشايدۇ،
كىمىكى كۆرسە ۋەسلىڭنى ساراڭ-سەۋداغا ئوخشايدۇ.
قەلەم ئىلكىمگە چۈشكەندە گۈزەل نەزمەڭگە قول سالدىم،
يۈزۈڭ گوياكى ئاق ۋاراق،قېشىڭ مىسراغا ئوخشايدۇ.
نىگاھىڭ ئۇز،سۆزۈڭ شېرىن،مىسال ئاپتاپقا شوخ جىلۋەڭ،
شۇڭا قەلبىمدە ئىلھامىڭ دېڭىز-دەرياغا ئوخشايدۇ.
لېۋىڭ پىستە،چىشىڭ مەر-مەر،سىياقىڭ بىغۇبار ياقۇت،
بويۇڭ خىلۋەتتە ئېچىلغان گۈلى زىباغا ئوخشايدۇ.
چېچىڭ ئورمان،دىلىڭ گۈلشەن،قىياقتۇر كىرپىكىڭ خۇددى،
جاھان ئايرىلسا ھۆسنىڭدىن قاقاس سەھراغا ئوخشايدۇ.
قەلەندەر بىر قەدەھ سۇندى ئۇنى شەربەتكە قىل پەيۋەس،
پايانسىز چۆل-باياۋاندەك لېۋى تەشناغا ئوخشايدۇ.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
باشلىق
قاسىم سىدىق
باشقا باشلىقلار بەلەن بۇ باشلىق غەلەت باشلىق،
ئىچىدە زەھەر قاينار، بەكمۇ شۇم تەلەت باشلىق،
باشلىقلىرى كەلگەندە قولى ئوچۇق مەرت باشلىق،
پۇقرا ھالىنى ئىتسا تۆكۇپ كېتەر دەرد باشلىق،
مەككارلقتا شەيتانغا ھەردەم ھەمجەھەت باشلىق.
ئۆزى بىلمەس ئىلىپنى ئىمتىھانغا ئامراق ئۇ،
بولار پەقەت ئاتسىنىت، خەت يىزىشتا خامراق ئۇ،
چەش ئالغاندا ھازىر ئۇ، ئومىلاردا كامراق ئۇ،
شۇنداق تۇرۇپ يادەرىخ، بىزگە”ئۇلگە-بايراق”ئۇ،
ئۆزىگە مۇنار تىكلەپ ھارماس بەد سۈرەت باشلىق.
مەجىلىسلەردە چالۋاقاپ” پاك بولۇش”نى سۆزلەيدۇ،
تۇگمە بەرسەڭ ئالمايدۇ، ئەسلى تۆگە كۆزلەيدۇ،
تۇتۇلمىسا”سەن”لەيدۇ، تۇتىۋالساڭ”سىز”لەيدۇ،
جىمى نۇقسان ئۆزىدە، تىرناقتىن كىر ئىزلەيدۇ،
كىرلا تاپسا باپلايدۇ، بەكمۇ شۇم نىيەت باشلىق.
كىمكى بەرسە ھەق تەنقىد، پالايدۇ شۇنى چۆلگە،
كىم ئالدىداپۇكلەنسە، پۇركەيدۇ شۇنى گۈلگە،
باشنى سوقىدۇ باشقا، پىتنە يايىدۇ ئەلگە،
كۆڭلىگە سېلىپ غۇمنى، باغلايدۇ كەمەر بەلگە،
ئالدىدا قويۇپ توچكا، كىيىن يازار خەت باشلىق.
“ئۆتكەل”لەردە بەك ھوشيار، بولۇپ ئالار مۇلايىم،
سەن تۇگۇل بالاڭغىمۇ سالام قىلىدۇ دائىم،
ئۆتىۋىلىپ كۆرۇكتىن دەيدۇ”نېمە پەرۋايىم،
گەجگەڭگە يۈرەي دەسسەپ. تارتىدۇ شۇنى رايىم!”
ئەجەب ئۇستا قىلتاقچى، تۈلكىگە جەمەت باشلىق.
ئىدارىگە جەم قىلدى نەلەردىن يىغىپ تۇغقان،
ئايالىنى خىزمەتلىك قىلىپ قويدى ئەجەب چاققان،
قىزىنىڭ غېمى پۈتتى، سالدى ئوغلىغا يوتقان،
نەۋرە بولسىدى كاشكى، بولمامتى راسا ئۇتقان،
تۇغقىنىغا ئىشلەتمەس”پرىنسىپ”ۋە”شەرت”باشلىق.
تىشەلمەيدۇ گىلىنى رىشاتكىنىڭ تۆمۈرى،
قازىنىنى قاينىتار ئىدارىنىڭ كۆمۈرى،
كۆپچىلىكنىڭ لىيىدا چاپلىنىدۇ كامىرى،
نەپلا كۆرسە سۈمەرگەچ، پۈتۈپ كەتكەن خامىرى،
ئامبارغا قەدەم قويسا قولىدا سېۋەت باشلىق.
تەكىتلەيدۇ”ئەخلاق”نى، ئوينايدۇ ئۆزى ئاشنا،
ئىدارىدە كىم سەتەڭ، قويىدۇ ئاڭا پاشنا،
دەيدۇ”ئاشنام سەن ئەمدى بەھۇزۇر ياشا، ياشنا،
ئىلغارلىققا سەن تەشنا، لەۋلىرىڭگە مەن تەشنا”،
نېسىۋىسى شۇڭلاشقا قارغىش ھەم لەنەت باشلىق.
بىر سەتەڭگە كۆنمەيدۇ، ھەر يان سالىدۇ قۇشنى،
كۇنلىسە ئايالى گەر، شۇدەم ئوينىتار مۇشتنى،
مۇشتقا كۆنمىسە دەرھال تەڭلەر دورا بىھۇشنى،
ئەپ بېرىپ سەھەر كەچتە ھارام پۇلغا گۆشنى،
روزىغارى قىيامەت، ئالا كۆڭۈل، سەت باشلىق.
باشلىقىغا سۆڭگىتەر، نازىنىنى ئەپ تاپسا،
ئەپ قويمايدۇ قىتىغا، يۇرت- جامائەت گەپ تاپسا،
بولسا مەيلى يۇمشاقباش، بولدى پەقەت نەپ تاپسا،
بالائىكەن ھەر يەردىن مىنىڭ بالام دەپ تاپسا،
تەلەپ قىلسا باشلىقى، قىلغايمىدى رەت باشلىق؟!
بىزمۇ ئادەم ھەي باشلىق، قىلما بۇنچە دەپسەندە،
سۈكۈت قىلساق بىر مەھەل “بېشى يۇمشاق” دەپسەندە،
تېگىپ كۆپنىڭ چىشىغا، بولمىدى كىم شەرمەندە،
بىر چاۋاك بىلەن ئەمدى، مەرتىۋەڭ جەھەننەمدە،
بورانغا چىدالامتى سېسىق- پور سۆگەت باشلىق!
1993-يىل12-ئاينىڭ16-كۈنى.
دەسمايىسى
قاسىم سىدىق
بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ، سۈلكىتى – دەسمايىسى.
ساختا كۈلكە، ساختا ھۆرمەت-ئىززىتى – دەسمايىسى.
ئاق بىلەك، ئاپئاق يوتا، ئاپئاق ئېتى – دەسمايىسى.
كۆزلىرىدە جىلۋە قىلغان شەھۋىتى – دەسمايىسى.
بولدى بەس، نەق گەپنى قىلساق، ئىپپىتى – دەسمايىسى.
بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ ، لەۋلىرى ئەينولىدۇر،
گاھى ئاقتۇر يۈزلىرى، گاھى خۇددى لالىدۇر،
بولسا كۆكسى گاھى ئالما، گاھىدا شاپتۇلىدۇر،
ئۇشبۇ ئالۋۇن قايدا بارسا ، شۇندا كۆپ غۇلغۇلىدۇر،
مىسلىسىز تەنناز ئەجەپ، سىر-ھېكمىتى – دەسمايىسى.
بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ، بەللىرىدۇر بىر تۇتام،
گاھى قېلىن ، گاھى نېپىز سوقىدۇ يۈز مايدا تام،
ياقىسىز ، يەڭسىز ئىرۇر كۆينەكلىرى ، مەغرىپ مۇقام،
بىر غىرىچلا يوپكىسى، ھەممە نەق خوللاس كالام،
تامبىلى بارماقچە بار-يوق، رىغبىتى – دەسمايىسى….
دەپ تۇرۇپ ئۇيغۇرنى «ئورغۇي» ئاغزىدا «گوپەي» تېخى،
چىقسا ئۆيدىن مومىسىغا دەيدۇ ھەم «بەي بەي» تېخى،
گاھ فىرانسۇز، گاھ پولەكچە چاچرىتار شۈلگەي تېخى،
ئاغرىسا «ئەييۇ»لا دەيدۇ، ئەستە يوق «ۋاييەي» تېخى،
مودا دەپ يۇيمايدۇ كۆينەك، چەتئەل پېتى – دەسمايىسى.
كەستى سۇمبۇل چېچىنى،داغلىدى داغمالدا ئۇ،
بۇدرە دەپ بولدى سېۋەت باش، بۇدىرىلەرنىڭ ئالدى ئۇ،
يىڭنە بىلەن مەڭ ياساپ تولىمۇ قىينالدى ئۇ،
قاتتى ئەينەك ئالدىدا، كەتسە ئوت قوزغالدى ئۇ،
ئۆزىدە دەسمايە يوقتۇر، زىننىتى – دەسمايىسى.
ئۆزى ئۇيغۇر، تۇرقىدا ئۇيغۇرلىقىدىن يوق دېرەك،
يوق ئەمەس باردۇر يۈرەك، يوقى ئۇيغۇرچە يۈرەك،
قايسى مىللەت بولمىسۇن قىلماس ئۇنى ھەرگىز كېرەك،
كېچىسى دەملەيدۇ قەھۋە، كۈندۈزى تارتىپ خۇرەك،
كىملا بولسۇن قوينىدا، ئىشرىتى – دەسمايىسى.
نەچچە ئەرگە تەگدى ئۇ، ئايمۇ ئۆتمەي «ئۇچ تالاق»،
يېشى ئون سەككىز تېخى، مۇشتەك تۇرۇپ بولدى پالاق،
شۇ پىتى ئۆزگەرمىسە، قىلماس ئۇنى ئىتمۇ يالاق،
يۈتمىدى ياكى ئەجەل، يا بولمىدى ئاغرىق-سىلاق،
قاترىدى ھەر رەستىدە، ھارماس پۇتى – دەسمايىسى.
مۇدا دەپ تاللاپ تۇرۇپ ئىچىدۇ شامپان يەنە،
تۈگىسە شامپان ئاق ھاراققا قول سۇنار شۇئان يەنە،
قولىغا قىسقان سىگارت، تارتىشى چاپسان يەنە،
چەككىدەك ئەمدى خىرۇئىن، قاينىغاچ «ۋىجدان» يەنە،
بەيگە بەرمەس ھەر سەنەمدە، «شۆھرىتى» – دەسمايىسى.
ياشىماق بولماس نېسىپ، ئەلۋەتتە راست دەسمايىسىز،
ئادىمى بولماق قىيىن ياخشى ئەخلاق-غايىسىز،
نۇر چاچار مىللەتمۇ يوق مۇتلەق غۇبارسىز، سايىسىز،
ئۆز ئۆيىدىن باتنىغاننى كۆردى كىملەرمۇ ئەزىز؟
كەلتۈرەر بىر بۇردا نان ،مىننىتى – دەسمايىسىز.
ئۇشبۇ مەلئۇن دەردىدە تاپقان ئاتاسى ئاھ ئۇرار،
قىلمىشىدىن ھەر كېچە ئەخلاق خۇداسى ئاھ ئۇرار،
ئاڭا كار قىلماس جازا، ھەتتا جازاسى ئاھ ئۇرار،
نەچچە تەگدى، ئاجرىدى، ئەھدۇ نىكاسى ئاھ ئۇرار،
ئۆزى شۇ ھالدا تۇرۇپ غەيۋىتى – دەسمايىسى.
بولدى بەس ئۇيغۇر قىزى، ئۇيغۇرلىقىڭنى ئۇنتۇما،
مىللىتىڭدىن ئۆرىسەڭ يۈز خورلىقىڭنى ئۇنتۇما،
نوزۇگۇم ئاھ ئۇرمىسۇن، مەغرۇرلىقىڭنى ئۇنتۇما،
جەڭدە رىزۋاندەك غەيۇر-باتۇرلىقىڭنى ئۇنتۇما،
غۇرۇرى مەقسەت ئۇلارنىڭ ، مېھنىتى-دەسمايىسى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1994-يىل2-سان
خوتۇن
قاسىم سىدىق
باشقا خوتۇنلار بەك بەلەن، بۇ خوتۇن يامان خوتۇن،
تۈلكىگە دەرس بىرەر، ھيلىگەر تادان خوتۇن،
ئەپتى ئىنساندۇر ئۇنىڭ، قىلمىشى ھايۋان خوتۇن،
ئاغزىدا ئىنساپ-دىيانەت، قەلبى بى ئىمان خوتۇن،
ھەر كوچا، ھەر رەستىدە، قىلىدۇ جەۋلان خوتۇن.
ئاتىقىم ئەر، ئەسلىدە بۇ خوتۇن ئەردۇر ماڭا،
كۆزلىرىنى بىر ئالايتسا جەبرى مەھشەردۇر ماڭا،
سۇزلىرى خۇنخۇر ئەجەب، ئۇرسا خەنجەردۇر ماڭا،
ئىسمى-جىسمى ئەرشىدە، قالغىنى يەردۇر ماڭا،
بىر ئۇقۇشماسلىقتىن بىنا بوپتۇ بۇ شەيتان خوتۇن.
بېخەۋەر قالما كىتاپخان، ئىسمى”پەرىزات”تۇر ئۇنىڭ،
كىم قاراپ سالسا ئاڭا، ئۆمرى بەرباتتۇر ئۇنىڭ،
قاپقارا بىر جۈپ قىشى قالغاچقا قاناتتۇر ئۇنىڭ،
مەيلى يۈز مەيلى لىۋى ھۆرلۇككە ئىرشاتتۇر ئۇنىڭ،
پوستى گۈلدەك تۇرسىمۇ، قەلبى زىمىستان خوتۇن.
داسقا دەستۇرخان بىلەن بىرگە سالار تامبالنى ئۇ،
كەتسىمۇ يىل ئۆرۈلۇپ، يۇيماي تۇتار دەسمالنى ئۇ،
كىر سوپۇن كىرسىن بىلەن بىرگە قويار پوشكالنى ئۇ،
باشقا سۈردۈم دەپ يىلىم بۇلغىۋەتتى بالنى ئۇ،
مېنىمۇ باستۇردى نەس، ئۆزى نەس باسقان خوتۇن.
ھەر كۈنى ھەر ئاخشىمى ھاردىم دېمەي پەرداز قىلار،
زۇقلىنىپ پەردازىدىن كوچىدا باز-باز قىلار،
شۇ ئۇزۇن چاچنى كېسىپ، ساق بېشىنى تاز قىلار،
ئوسما قويسا قىشلىقى، يۇزنى يۇماي ياز قىلار،
جىسمى سەرگەردان خوتۇن، روھى سەرگەردان خوتۇن.
باللىرىدىن قىزغىنىپ، ئاغزىنى توراپ تۇرۇپ،
ياخشى تائام تاپسا گەر يۇتىدۇ زۇرلاپ تۇرۇپ،
“بولما چاپقاق- پاسكىنا”دەپ كۇندە مىڭ توۋلاپ تۇرۇپ،
قىيمىدىن ئىلغايدۇ گۆش، بۇرنىنى كولاپ تۇرۇپ،
بەدنىيەت، كۆڭلى قارا، تويمىغۇر-ئوپقان خوتۇن.
بولسا مەينەتلىك ئەزىز، بولىمىز مەشھۇر ھامان،
خۇددى تۇگمەن ئۆي ئىچى، تام-تورۇستا تور ھامان،
گاھ پولۇ، گاھىدا ئەخلەت ئالىدۇ كەپكۇر ھامان،
داستا قىشلايدۇ يۇيۇندا، بوخوتۇن بەسخۇر ھامان،
سۇرسە ئەڭلىك يادەرىخ، ئىدى بەك چاققان خوتۇن.
“دات”دېدىم، چەكتىم تاماكاكەينى-كەينىدىن ئۇلاپ،
كىرنى يۇدۇم ئاقىۋەت قولنى مازغاپقا چىلاپ،
ئۆي سۇپۇردۇم، تام ئاقارتتىم، ئاشمۇ ئەتتىم ئوت قالاپ،
تەخسىگە ئالغان ئىدىم يېدى ياغمۇشقا مىلاپ،
ئوخشىماپتۇ دەپ تېخى، قىلدى كۆپ بوھتان خوتۇن.
كەلسە گەر بىر تۇغقىنى ئاز كېلەر پاقلان ئاڭا،
كەلسە گەر بىر تۇغقۇنۇم قاينىماس يۇبدان ئاڭا،
كەلسە گەر بىرتۇغقىنى مامۇق چۈشەك ياپقان ئاڭا،
كەلسە گەر بىر تۇغقۇنۇم مەللە تون يوتقان ئاڭا،
تۇغقونۇمنى ئۇزوتۇپ سالدى ئادراسمان خوتۇن.
قەددى تۇز، ئەپسۇس ئۇنىڭ دىلى ھەردەم ئەگرىدۇر،
شۇنچە داغدام يول تۇرۇپ، يولى ھەردەم ئەگرىدۇر،
كۆزى چۇنتەكتە ھامان، قولى ھەردەم ئەگرىدۇر،
روزىغارغا سوقسا تام ھولى ھەردەم ئەگرىدۇر،
خوشنىلارمۇ”دات”دېدى، ئۆزى بەك ئالمان خوتۇن.
ئاغزىدىن ئوت چاچرىدى، ئالتۇن چىشى پال-پال قىلىپ،
بولدى ئاراز ھەممە قوشنام بوخوتۇن جاڭجال قىلىپ،
باسمىدى بىرسى ئاياق، چىللسام پوشكال سېلىپ،
قويدى غەيۋەتلەر ئۇنى قۇترىغان جەددال قىلىپ،
قىلمىدى راست گەپ ھامان، قىلغانلىرى يالغان خوتۇن.
ئاز دېگەندەك شۇنچە دەرتنى ئۆزى بەك كۈنچى تېخى،
كۆزلىرىمدىن ئاختۇرار سىر، ئۆزىچە سىنچى تېخى،
ھارمىدى ھەر ھەپتىسى، ئىزلىدى رەمچى تېخى،
مېنى ئو ئالدامچى رەمبال قىلدى، يالغانچى تېخى،
چاچلىشىپ كەتتى تالاي چوكان بىلەن شۇئان خوتۇن.
“ھاي”دېسەم ئۈستى ياغاچقا، شۇدەم قاناتتى بۇرنىنى،
“ۋاي مېنى ئۆلتۇردى”دەپ باشقا كەيدى ھويلىنى،
ئەيلىدى نوغۇچنى نەيزە، قىلدى قالقان چويلىنى،
مەلە-يۇرت تۇتۇپ ياقا، چايقاپ زىرىكتى بوينىنى،
موتىھەم، ئارسىز ئەجەب، غوۋغا دېسە پالۋان خوتۇن.
ھۆسنىگە شەيدا بولۇپ كۆيگەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،
ئۇنى گويا ھۆر-پەرى بىلگەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،
كۈندە مىڭ تارتىپ ئىزا، ئۆلگەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،
سۇ ئەمەس ئوت قويدى ئۇ تۈگمەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،
ئال خېتىڭنى بولدى بەس، قىلدىڭ مېنى ۋەيران خوتۇن.
1993-يىل.
يىتەر بۇ جاھان
(ناخشا تېكىستى)
قاسىم سىدىق
يىتەر بۇ جاھان ساڭا ھەم ماڭا،
تۇتقىن بۇرادەر كوكسۇڭنى كەڭرى.
بىركۇن بولسىمۇ ياشا مەردانە،
مەردانىلەرگە يار ئىكەن تەڭرى.
يىتەر بۇ جاھان ساڭا ھەم ماڭا،
ھەممىگە تالىق قۇياش ۋە ھاۋا.
ھەسەت قىلمىغىن مەن قۇچسام زەپەر،
سىنىڭ دەردىڭگە يوقمىدۇ داۋا؟!.
يىتەر بۇ جاھان، ساڭا ھەم ماڭا،
يولۇمغا ھەرگىز قازمىغىن ئورا.
ئارقامدىن كىلىپ ئۇرغىچە خەنجەر،
ئالدىمغا كىلىپ، جىنىمنى سورا.
2004-يىلى2-ماي.
تىرىك تارىخ قىسسىسى
قاسىم سىدىق
چىققان ئەمەس بىكارغا “تىرىك تارىخ”دېگەن سۆز،
ئاپئاق ساقال بوۋايلار بۇ تارىخنىڭ دەل ئۆزى.
سۆڭىكى بار-گۆشى بار، قايناپ تۇرغان قېنى بار،
بەربات بولار ئۆسەكلەر قادالغاندا جۈپ كۆزى.
بەدىنىدە ئىزى بار ئۆزى قىلغان جەڭلەرنىڭ،
يۈرىكىنىڭ قېتىدا ئۆزى سۆيگەن دىلبەرلەر.
سۆزلەپ تۇرار بۇ تارىخ كوچا-كويدا، ھويلىدا،
ھاجەت ئەمەس ئۇنىڭغا سەلتەنەتلىك مۇنبەرلەر.
مۇھەررىرلەر بويالماس بەتلىرىنى ئۇلارنىڭ،
چۈنكى ئۇلار شىرەدە سۈكۈت قىلىپ ياتمايدۇ.
تۈگىتەلمەس تارىخچى خەتلىرىنى ئۇلارنىڭ،
چۈنكى ئۇلار قەغەز ھەم كىتابلارغا پاتمايدۇ.
قايسى تارىخ كىتابى ھازىر جاۋاب ئۇلاردەك،
ئۇلار ھىكىمەت خەزىنىسى، قامۇسلارنىڭ- قامۇسى.
ئۇلاردا بار ھاياجان، شادلىق- قايغۇ؛ ھېسسىيات،
بەرق ئۇرار چېھرىدە شان- شەرەپ، ئار-نومۇسى.
خاتىمىسى يوق ئەسلا بۇ تارىخنىڭ ئەزەلدىن،
باش-ئاخىرى كۆرۈنمەس شەپەقلەرگە سىڭىشكەن.
تىراژىنىڭ سانى يوق، مەتبۇئەگە يوق ھاجەت،
ئۆلگەنلەرگە تىرىكلەر جارچى بولۇپ كېلىشكەن…
تىرىك تارىخ شىۋىرلاپ قىلسا لەزىز تەلقىنلەر،
جاھان چۆكەر سۈكۈتكە، بۆرە –توڭگۇز شۈك بولار.
بىر ئېغىز ھەق مات قىلار دەستە-دەستە ساختىنى،
دىتلىيالماي ۋەزنىنى كىتاپبازلار دوك بولار.
چىققان ئەمەس بىكارغا “تىرىك تارىخ” دېگەن سۆز،
بوۋىلىرىم ھەيۋەتلىك تارىخىمنىڭ تىرىكى.
ئۆلتۈرەلمەس ئۇلارنى ئىچى قوتۇر ئەجەللەر،
نەۋرىلەرنىڭ كۆكسىگە كۆچۈپ يۈرگەچ يۈرىكى!
2007-يىلى10-ئاۋغۇست.
ۋاقىتسىز كەلدى كۆپ داغلار……..
قاسىم سىدىق
مۇقەددىمە
ۋاقىتسىز كەلدى كۆپ داغلار،چىكەممۇ قىستى نۇرغۇن ئاق،
پىكىردە ئۇلغىيىپ قالدىم،بەختتە تاپمىدىم روناق.
سۈكۈتنى بىراۋا كۆردۈم،ھومايدىم ساختا جەننەتكە،
ئۆزىنى ئۇرسا قاپقانغا،سۆلەيسۇننى دېمە ئاخماق.
قولۇمغا كويزا چۈشكەندە تېڭىرقاشنى نومۇس بىلدىم،
گوياكى مەنمۇ كەلتۈردۈم بىرتال قاققا بىر تال قاق.
جاھان ئەردى ئاسارەتتە گىدەيگەن تاج كىيىپ زۈلمەت،
يورۇقنى كۈيلىدىم مەغرۇر،غەزەللەر توۋلىدىم ياڭراق.
بۇرادەر،ئەھلى زىنداندا غەزەپتىن ئۆزگە نە بولسۇن،
ئېلىپ ئىلكىمگە ئۆتكۈر تىغ،كۆتەردىم تۈنلىرى بايراق.
سىناپ كۆرسە،سېلىپ دەھشەت،زۇلۇم دەرياسىدا ھىجران،
ۋاپادىن بەردى كۆپ تەلىم ماڭا نۇرانە بىر قىرغاق.
مانا ئەمدى ئاڭا يەتتىم،سۆيۈندى دىل ھوزۇرىدىن،
سىلاپ بېشىمنى دەۋرانە ئۆزىگە قىلدى بەك ئامراق.
مۇبارەك تاڭدا ئەي دوستۇم،پەرزدۇر تۈننىمۇ ئەسلەش،
تەققازادۇر نىگاھىڭغا ئەلەملىك ئىككى-ئۈچ ۋاراق.
1981-يىل،مارت.
زامانە
رەھمە قىلما بۇ زامانغا بۇ رەھىمسىز زامانە،
غەمدە كۆيسەڭ سەن بۇياندا قىلچە غەمسىز زامانە.
بەزىلەرگە كۈلكە بولغان بەزىلەرنىڭ قايغۇسى،
تۆت تەرەپكە كۆز يۈگۈرتسەڭ شۇنچە ئەنسىز زامانە.
كۈلسە ياكى ناخشا ئېيتسا ئادىمىگە ئىش تولا،
جىن-شاياتۇن ناغرا چالغان شۇنچە ئەنسىز زامانە.
بۇزاماننىڭ بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ چاققۇلۇق،
پۈتتى شەپقەت،سالدى كۈلپەت،ئەسلى پەمسىز زامانە.
1969-يىلى يېزىلغان.
زۇلۇمغا
قىلىپ دوق ھەي زۇلۇم-كۈلپەت يېشىمنى تۆكمىگىڭ مۈشكۈل،
بېسىپ يەلكەمنى تاغلارچە بېلىمنى پۈكمىگىڭ مۈشكۈل.
ئۆزەڭگە بۇ ئايان ھەقتۇر رەقىبىڭنىڭ ھىسابى يوق،
دېمەك تەختىڭدە تەشۋىشسىز قاقاھلاپ ئۆتمىگىڭ مۈشكۈل.
جاھان ئوكيانلىرى چوڭقۇر ئەمەستۇر شۇندىمۇ تەكسىز،
ئۆزىدىن ئۆزگىگە رەببىم ئۆمۈردىن بەرمىگەن چەكسىز.
زۇلۇم قىلمىشلىرىڭ نۇرغۇن ھېسابى بار بۇنىڭ شەكسىز،
ھېساب دەستۇرىنى ئاچسام ئۆلۈمسىز پۈتمىگىڭ مۈشكۈل.
1975-يىلى يېزىلغان.
كاشكى
بۈگۈن ئىلكىم قۇرۇق-بوشتۇر تېپىلسا بىر بۇردا نان كاشكى،
زىرىكسەم ئوشبۇ پانىدىن ئەشۇ دەم چىقسا جان كاشكى.
تۆرەلدىم قايسىدۇر بىر كۈن زامانغا بىھېساپ باقتىم،
نىچۈك باققاي ماڭا بىررەت كۆزى كور بۇ زامان كاشكى.
سىناپ قەددىنى كۈلپەتلەر يېرىم ئۆمۈر راۋان بولدى،
خۇدانىڭ بۇ ھوزۇرىدا تۈگىگەي ئىمتىھان كاشكى.
جاھاندەك بۇ كىچىك خانە مېنىڭ بەستىمگە تار كەلدى،
لېكىن ئىستەك بىلەن باقسام كۆرۈنگەي نە پايان كاشكى.
ئەجەپ كۆپ ئەرزى-ھالىم بار جاھانەم ئەھلىگە ئەپسۇس،
تىلىمنى بوغدى ئىسكەنجە ئىتەلەي نە بايان كاشكى.
<<قەلەندەر>>قەلبىمنى رەببىم نىچۈن تۇيغۇغا باي قىلدىڭ،
ئارام بەرگەي ياساپ ئۆركەش ئۇنىڭ كۆكسىدە قان كاشكى.
1975-يىلى يېزىلغان.
قېرىتتى
يىل ئەمەس مېنى بىر ئارمان قېرىتتى،
بېشىمغا چۈشكەن بۇ ھىجران قېرىتتى.
ھالىمدىن رەنجىسەم بەزلىدى ئۈمىد،
تۇتقۇزماي ئۆزىنى جانان قېرىتتى.
قالمىدى تۇرقۇمدا ياشلىقتىن ئەسەر،
ئۇنى قېنىمدىكى ئىسيان قېرىتتى.
ھەرقاچان ئۈمىدنىڭ مەھبۇسى بولدۇم،
مېنى ئەھلى مەغرۇر زىندان قېرىتتى.
ئەي شائىر،راست سۆزلە ۋىجدان ئەھلىگە،
ياشايسەن ھەم ياشسەن،يالغان قېرىتتى!
1975-يېلى يېزىلغان.
ئۇيقۇ
ئاقىۋەت بىدارى قىلدى ئۇيقۇ،
چۈنكى بەك بىچارە قىلدى ئۇيقۇ.
نە ھايان ۋە نە زىياننى سەزمىدىم،
بۇ جاھان ئەمارى قىلدى ئۇيقۇ.
جىنۇ-ئىس گەجگەمگە مىندى قامچىلاپ،
مال سىياق ئاۋارى قىلدى ئۇيقۇ.
تەر تۆكۈپ بايلىق ياراتسام بىھېساپ،
بۇردا ناننىڭ خارى قىلدى ئۇيقۇ.
قالدى ئاپتاپتا مېنىڭ ئىستەك قاچام،
تامچە سۇ تەشنارى قىلدى ئۇيقۇ.
ياخشىلار ئۇيقۇمنى ئاچسا رەنجىدىم،
ئەسكىلەرنىڭ يارى قىلدى ئۇيقۇ.
كەت،يوقال،ئەللەيچى قاقۋاشلار نېرى،
مېنى بەك بىزارى قىلدى ئۇيقۇ.
1975-يىلى يېزىلغان.
دوست
بەزىلەر مالۇ دۇنيايىمغا دوست،
بىرمەھەل يانچۇقتا بارىمغا دوست.
مەن پەقەت ئاپپاق كۆڭۈلنىڭ دوستىمەن،
خۇمسىلار ھەتتاكى يارىمغا دوست.
زادى تۈگىمەس ھىيلىسى قۇۋ تۈلكىدەك،
كۈلسە يالغان قاملىشار راست كۈلكىدەك،
مەن نادانغا كۆڭلىدە ئۆچ ئۈلگىدەك،
كۈلكەمگە دۈشمەن،قايغۇ-زارىمغا دوست.
قىينىلىپ كەتمەننى چاپسام بىرسى يوق،
پاتسا ھارۋا تەستە تارتسام بىرسى يوق،
ئوخلىماي توپاننى ئاتسام بىرسى يوق،
چەشلىسەم شۇندا تەييارىمغا دوست.
كۆرسە شېرىن سۆزلىرى باش ئاينىتار،
ئارقامدا غەيۋەتتىن قازانلار قاينىتار،
قوللىرىنى شىلتىپ مۇشتلار ئوينىتار،
كەلسە گەر دەردۇ-بالايىمغا دوست.
ئۇشبۇ دوستتىن پايدا كۆرمەس ھېچ كىشى،
نامى دوستتۇر ئەسلى دۈشمەن قىلمىشى،
يوللىرىمغا ئورا كولاشتۇر ئىشى،
ھەرقاچان جەبرى-دىشۋارىمغا دوست.
1975-يىلى يېزىلغان.
تۈمەنيىل ھاياتتۇر ھەربىر ئۇلۇغ نام،
مەلئۇنغا مۇناسىپ ئۆمۈر دېگەن چەك.
ھاياتتەك دەريادا قاينىسۇن قاينام،
يۈرەكنىڭ زەربىدىن يېرىلسۇن كۆكرەك.
1975-يىلى يېزىلغان.
ئىتلارغا يارىشار زەنجىر ئەزەلدىن،
ئاتلارغا ئىگەر ھەم ئىشەكلەرگە چوم.
ئادەملەر ئۆمرىگە پاك مەزمۇن كېرەك،
ئۇلارغا ياراشماس زەنجىر ۋە توقۇم.
1975-يىلى يېزىلغان.
كۈتۈش
كىچىگىمدىلا ئۇيقۇم كەم ئىدى،
ھەيران بولاتتى بۇ ئىشتىن كېچە.
ھەتتا چولپاننى ئويغىتار ئىدىم،
دېمەك ئويغاقمەن قوياش چىققىچە.
كىچىكلىكىمنىڭ ۋاقتىغۇ ئۆتتى،
لېكىن،بىرلا ئىش كەتمىدى ئۆتۈپ.
نېمە ئىش ئۇ دەپ سورىساڭ ئەگەر،
يەنە تۈن ئۆتەر قۇياشنى كۈتۈپ.
1974-يىلى دىكابىردا يېزىلغان.
خاتىمە
مانا ئەمدى ئۆتمۈشكە ئۇردۇممەن غەزەپتىن ئىككى-ئۈچ توقماق،
نىسىپ بولدى ئوقۇبەتنىڭ بېشىدا بىر ياڭاق چاقماق.
ھالالدۇر مەن ئۈچۈن ئەمدى،بۇرادەر،ئىپتىخار ئەيلەش،
سۆيەرمەن مەۋقەئى ھەقنى ئەمەسمەن ئەسلا ۋىتۋالداق.
كېتىپتۇ ياش ئۆمۈر ئۇچراپ گويا ھايۋانچە قىسمەتكە،
لېكىن،قەلبىمدە قىپقاپتۇ گۈزەل ئارزۇ،ئىسىل ئەخلاق.
خالايىق رەنجىدىن كۈلسەڭ قىيىندۇر بىر ئۆمۈر كۈلمەك،
يىغام كۈلكەمگە ھامىلدار،ھاياتنىڭ تەبىرى شۇنداق.
يەنە ئەپسۇسقا نە ھاجەت جۇدۇنلۇق ئۆتتى دەپ يىللار،
ياشاردى قارىغاي بەكرەك،تىقىلدى ئورىغا قامقاق.
شۇڭا،ئىلھام بۈگۈندىن سوڭ بۇرادەر بولدى شادلىققا،
زامان كۆركەم،ھايات شېرىن،پېقىرنى ئەيلىدى مۇشتاق.
1981-يىلى يېزىلغان.
لەببەيچىلەر
قاسىم سىدىق
بەك بەلەن ئەھلى ھۈنەر لەببەيچىلەر،
تاشقىمۇ تەرسە ئۈنەر لەببەيچىلەر،
بەس،ئۇلارنى خار قىلىش ھەددىڭ ئەمەس،
ھەر نەپەستە موتىۋەر لەببەيچىلەر.
مەيلى بەگۇ،مەيلى ئامبال ئۇچرىسۇن،
مەيلى بىر سەھرايى داڭگال ئۇچرىسۇن،
مەيلى ئابدال،مەيلى رامبال ئۇچرىسۇن،
نەپلا چىقسا پۈكۈلەر لەببەيچىلەر.
بولمىغاندەك گالغا ئاشلىقسىز جاھان،
بولمىغاي مەڭگۈگە باشلىقسىز جاھان،
ئالسىمۇ باشلىقلىرى يۈز ئىمتىھان،
يۈز ئەمەس مىڭنى بىرەر لەببەيچىلەر.
قاغىنى<<ئاپئاق>>دېسە<<ئاپئاق>>دېگەن،
ئوغرىنى<<بۇ ساق>>دېسە،<<بۇ ساق>>دېگەن،
<<بۇ ئورا پەشتاق>>دېسە،<<پەشتاق>>دېگەن،
توتىدەك سايراپ كېلەر لەببەيچىلەر.
قانچە<<شاھ>>لارنى چۈشۈردى<<تەختى>>دىن،
قانچىلارنى ئايرىدى قۇد-بەختىدىن،
باج ئالار ھەركۈندە مىڭ ھاڭۋاقتىدىن،
بارچە ئالەمگە زەرەر لەببەيچىلەر.
ئالدىنىپ قالما ھەمىشە،-خوش،-دېسە،
بولما گول گەپنى مۇلايىم-بوش دېسە،
كەلمىسۇن تەس ئەتىلا<<پوش-پوش>>دېسە،
بەك چىچەن،
بەكمۇ چىۋەر لەببەيچىلەر.
مەنبە:<<تارىم>>ژۇرنىلى،1989-يىل1-سان
دەۋىتەي
قاسىم سىدىق
ئۇدۇل دېيىش بۇ گەپنى قىيىن،
شۇڭا ئۇنى بىر ئاز ئەگىتەي.
ياراشمايدۇ ياشلىقتىن كېيىن،
ياش ۋاقتىمدا بۇنى دەۋىتەي:
شۇ تۇرقۇڭدىن ئايرىلساڭ شۇ دەم،
لېۋىڭ غۇنچە بولۇپ قالسا ھەم.
ئايرىلىمەن مەنمۇ لېۋىمدىن،
غۇنچە ئۈزرە قونغاندا شەبنەم.
گۈل بويىغا ئايلانسا بويۇڭ،
زىبالىقتىن بەھىس ئاچقاندا.
ئايرىلىمەن مەنمۇ بويۇمدىن،
ھەشقىپىچەك گۈلنى قۇچقاندا…
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان
كېچىدىكى ئارزۇ
قاسىم سىدىق
دېرىزەمنى سۆيگەندە شامال ئوينىشىپ،
ئاستا چىقتىم تالاغا ئۇنى ئەگىشىپ.
كۈمۈش قېيىق ئۈزەتتى ئېگىز ئاسماندا،
تارتار ئىدى زوقۇمنى قوشلار سايرىشىپ.
بۇلاق سۈيى ئاقاتتى قىرغاقنى سۆيۈپ،
ئوينار ئىدى بېلىقلار ئۇندا جۈپلىشىپ.
ئۆزگە جان يوق مېنىڭدىن خىلۋەتكە مېھمان،
موھىت بىلەن ئۈن-تىنسىز يۈردۈم سىردىشىپ.
تەبىئەتنىڭ غەزىنىسى ئەجەپ كەڭ ئىكەن،
قالدىم ئۇشبۇ سەيلىدە تامام ئېلىشىپ.
بولساڭ ئېدىڭ ئامرىقىم سەنمۇ بۇ كېچە،
قالار ئىدۇق دالاغا بىز ھەم يارىشىپ.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان
باھاردىكى مىسكىنلىك
قاسىم سىدىق
شۇخ شامال كەزمەكتە زىمىننى لەرزان،
گۈل-گىياھ چۈشمەكتە قىزغىن سەنەمگە.
يورۇتقان ئۇيقۇلۇق سامانى قەمەر،
بۇلبۇللار تۇتۇنغان شېرىن غەزەلگە.
تەبىئەت شۇنچىكى خۇشچىراي-ئوماق،
شۇندىمۇ چۈشكەنمەن بۇ جايدا غەمگە.
دەريالار ھايقىرار تاشنى يىمىرىپ،
دېڭىزلار ئاتىدۇ پەشۋا پەلەككە.
ۋولقانلار پارتلار تاغنى چۆكۈرۈپ،
چاقماقلار ياراشقان يامغۇرلۇق كۆككە.
تەبىئەت قىلماقتا شۇنچە باتۇرلۇق،
شۇندىمۇ مەن چۈشكەن خىيال-سۈكۈتكە.
مۇز ئوكيان ئېتىزغا ئايلىنار بەلكى،
ئافرىقا چۈللىرى گۈلشەنگە ياكى.
تەبىئەت ھەر ئىشقا قادىر،ئەپسۇسكى،
بارمىدۇ بۇ مېنىڭ غېمىمنىڭ چېكى.
ياشىسام ئۆلمەستىن قىيامەتكىچە،
ياشارمۇ بۇ ھىجران شۇنغىچە تاكى.
ئەي ئىلاھ!ھاياتنىڭ ئۇلۇغ ئىگىسى،
باھارنى قىلمىغىن ماڭا ئارتۇق پەش.
باھارنى گۈزەل قىپ ياراتقان بىلەن،
قالدىغۇ يەنىلا مېنىڭ دىلىم غەش.
ئەۋزىلى يارىمغا يەتكۈزگىن مېنى،
تىنجىسۇن روھىمدا غەم سېلى-ئۆرلەش.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان
ھېجران لىرىكىسى
قاسىم سىدىق
يېڭىلا ئالەمگە ئاچقىنىمدا كۆز،
ئىلكىگە ئالغاندا ئاچچىق روزىغار.
تۈمەنلەپ پەرھاتنىڭ كويىغا سېلىپ،
ۋەسلىگە چىللىغان بىر شېرىن نىگار.
ئىزدىدىم مەن ئۇنى پۈتۈن ئالەمدىن،
ئالدىراپ،ئىشقىمنى ئەيلەشكە ئىزھار.
سۆيدۈم راست،
پەقەتلا خىيالەن سۆيدۈم،
ئەمما تۇتالمىدىم قولىنى زىنھار…
كۆرمۈدۈم مەن ئۇنى قانغىدەك تۈگەل،
ئۇچراتتىم ۋە لېكىن نۇرغۇن بىشارەت.
بى نەسىپ نىگارنىڭ بىشارەتلىرى،
بولدى كۈچ،
بولدى نۇر،
بولدى ھەم ھەسرەت.
لەززەتلىك تېتىدى ھەسرەتلىرىمۇ،
گويا تېتىغاندەك تەننازغا ئىشرەت.
قېنى لېكىن ئۇ يار،
قېنى ئۇ مەككار،
ئەجەپ قىينىدىغۇ رەشىك،يا ھەزرەت.
ئىلى باغلىرىدا كۆرسەم بىر غۇنچە،
بولىدۇ ئالدىمدا تونۇش لەپ ئايان.
قاچانكى ئۇچرىسا قەشقەر ئانارى،
گۈل يۈزلۈك شۇ نىگار بولار نامايان.
ئۇنىڭ سۈزۈكلىكى چۈشەر ئېسىمگە،
نىگاھىم ئاغسا قاشتىشى سايان.
پەقەت ئۆزىلا يوق،
پەقەت ئۆزىلا،
بىشارەتلىرى سانسىز ،بىپايان.
مەن ئۇنى چاقىردىم مەشرىققە قاراپ،
بولمىدى بىر ئۇچۇر،كەلمىدى سادا.
تالاي تۈن زارىقتىم مەغرىپكە قاراپ،
بىىھۇدە تۇنجۇقتۇم خۇپسەن ھاۋادا.
تىترەتتى ئاۋازىم ئەرش-كۇرسىنى،
لېكىن گاس بولىۋاپتۇ ئۇ قېرى<<خۇدا>>!
پەقەت غەمدە كۆيگەن يۈرەك باغرىمدىن،
<<مەن بار>>دەپ كەلدى بىر ئاتەشىن نىدا!
ۋۇجۇدۇمنى تەرىك قىلدى يات سەۋدا،
خاھ كېچە،خاھ كۈندۈز زىكرىم شۇ ۋىسال.
كەزدىم بۇ ئالەمنى دەرۋىشانە مەن،
روھىم بە قۇۋۋەت،ئەپتىم بەك ئوسال.
پەقەتلا شۇ يارنى سۆيۈپ ياشايمەن،
مىڭ تۇغۇلۇپ،مىڭ رەت بولغاندىمۇ چال.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان
ئازاب ئىلكىدىكى ئىقرار
قاسىم سىدىق
قاپقارا چېچىمغا قونغاندا قىرۇ،
بۇ نۇرلۇق كۆزۈمنىڭ قاچقاندا خۇنى.
كۆكسۈمگە چۈشكەندە ئاپئاق ساقىلىم،
مەڭزىمدىن يۈتكەندە ياشلىقنىڭ قېنى.
ياشلىقى شۇڭغىچە كەتمىگەن قەلبىم،
نە ئازاپ چەكمىسۇن ئويلىسا سېنى؟!
نە ئازاب چەكمىسۇن شۇ دۈمچەك بوۋاي،
ۋىسالغا ئىنتىزار قۇرۇق پىيالە؟
نە بايان ئەتمىسۇن كونا ئىشقىنى،
ئاي بىلەن يولتۇزغا قىلىپ ھاۋالە؟
نە ياشناپ تۇرمىسۇن ئۇنىڭ قەلبىدە،
سەن ئۆزۈڭ ئۈستۈرگەن مىسلىسىز لالە؟!
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان
بولۇپ
قاسىم سىدىق
ئامرىقىم باقتىم ساڭا،قالدىم ئاشۇ دەم مەست بولۇپ،
تىزلىنىپ ئالدىڭغا باردىم نەچچە گەز مەن پەس بولۇپ.
توقۇدۇم نۇرغۇن رىۋايەت تەكتىگە ئەرزىمنى مەن،
سۆزلىدىم گوياكى چۆچەك،ئاڭلىدىڭ بىلمەس بولۇپ.
زەربىدىن تاشلار يېرىلغان خۇددى بىر شەمشەر ئىدىم،
توۋا قىلدىم ئۇشبۇ شەمشەر قالدى زەپ ئۆتمەس بولۇپ.
نە ئەجەپ،ئۇشبۇ نىگارىڭ جادۇگەر زاتى،دېسەڭ،
قالمةن مةغرۇر كأزۈثگة قارىسام ظوت-خةس بولۇپ.
ساقلىنار جانان،قولۇثنىث كأكسىدة گەۋھەر قەدەھ،
ئىچ ئېلىپ،ئىشقى شارابى قالدى لىق پەيۋەس بولۇپ.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
سۆيگۈنۈمگە
قاسىم سىدىق
باھار كەتمەيدۇ قەلبىمدىن،گۈزەلدۇر ھۆسنى گۈلشەندەك،
ئاشۇ گۈلشەننى ئايلانسام،تېپىلماس ئۆزگە گۈل سەندەك.
زىبا گۈل بەرگىدەك تۇرقۇڭ،كۆزۈڭدە ئاتەشىن جىلۋە،
يوقالدىم ئۇشبۇ بەرگىڭگە سىڭىپ بىر تامچە شەبنەمدەك.
جاھاننىڭ شەربىتى-قەنتى سېنىڭ بەستىڭگە جەملەنگەن،
لېۋىڭگە لەۋنى تەككۈزسەم ھوزۇرى خۇددى زەم-زەمدەك.
قەلەندەر تەرزى ئۆزگەردى نەسىپ بولغاندا بۇ زەم-زەم،
سۇلايمان تاجىنى تاقتى،قۇۋۋەتكە تولدى رۇستەمدەك.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
ھەسرەت ۋە تەسەللى
قاسىم سىدىق
خۇددى بىر ئالتۇن چىراقتەك،كۆكنى ئاي لەرزان كېزەر،
تەلمۈرۈپ باقتىم ئۇنىڭغا،سالدى ئۇ سالقىن نەزەر.
ئۇچرىشىپ قالدى شۇئاندا جۈپ بۇلاقلار روبىرۇ،
ئۇ ئېگىزدە،مەن تۈۋەندە،دىلنى بۇ تۇيغۇ ئېزەر.
مەن كەبى قىسمەتكە داخىل بولمىغىن پۈتكۈل جاھان،
گەر غېرىپ بولساڭ گۈزەلنىڭ ئىشقىدىن قىلغىن ھەزەر.
چىققىلى ئاي ئالدىغا شەمىس كەبى خىسلەت كېرەك،
ھاڭۋېقىپ يۈرسەڭ زېمىندا،سۆيگىنىڭ كۆكتە ئۈزەر.
شۇندىمۇ تەستۇر قەمەرنى بىر يولى دەردسىز دېمەك،
ئۆزىنى،بەلكىم،سېنىڭدەك ئۇمۇ ھەم يالغۇز سېزەر.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
جاۋاب
قاسىم سىدىق
ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
شۇلا قالدى مەن كۆرمىگەن بۆھتان.
قانداق يازماي، ئويغاق تۇرسا بۇ ۋىجدان،
قانداق يازماي، مەۋج ئۇرسا روھتا ئېسيان؟
ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
خىيال ئورمانلىرىدا يۈرسەم مەن سەرسان.
قانداق يازاي بولمىسا يازغىدەك ئىمكان،
قانداق يازاي روھىم قىلسا قەستى جان؟!
ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
زادى نېمە ئىكەن «يازغان»غا مىزان؟
ئەجەب بولالمىدىم يەنىلا «يازغان»،
ئۆزۈم يېزىپ، ئۆزۈم بولدۇم كىتاپخان.
ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
قانداق يازاي،ھوشۇمنى ئالسا ھېجران؟!
قانداق يازماي،ھاياتتا تۇرسا شۇخ ئارمان؟!
قانداق يازاي،كۆزىن يۇمسا گاھىدا جانان؟
ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
يازماق بولسا كېرەك شۇنچە ئاسان.
قانداق يازاي مىسرا تۇرسا دەرد-ئافغان،
قانداق يازاي سىيا بولسا ماڭا قان!
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان
چاقچاق
قاسىم سىدىق
غەزەلخان چىن سۈيەر سىزنى،ئەمەستۇر سۆزلىرى چاقچاق،
تىلى چىن سۆزنى قىلغاندا،قىلار جۈپ كۆزلىرى چاقچاق.
ئۇنىڭ كۆڭلىنى تاش كۆرمەڭ،ئاياندۇر ئۆزىگە دەردى،
چېكەر ئاخشاملىرى ھەسرەت،قىلىپ كۈندۈزلىرى چاقچاق.
ئۆزەمنىڭ سۆيگىنى سۆيگەن،سۆيۈپ دوزاقتا كۆيسەممۇ،
پىقىرغا قىلمىسۇن ھەرگىز بېھىشنىڭ قىزلىرى چاقچاق.
جاھاندا ئاز ئەمەس ئادەم لېكىن ھەرقايسى ھەركويدا،
تېشى گۈل،قەلبى سەھراغا قىلار پەمسىزلىرى چاقچاق.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
كۆرۈپ
قاسىم سىدىق
تاشلىما مىسقالنى ھەرگىز،ئالدىراپ سەرنى كۆرۈپ،
ئۇنتۇما ئالەمنى ھەمدە بىر غېرىچ يەرنى كۆرۈپ.
شۇندىمۇ ئۇشبۇ زېمىننى قىلمىغىن پايمال يەنە،
قۇۋ كەمەكتەك گاھى بەر-بەر،گاھى خەربەرنى كۆرۈپ.
جەبرىدىن تۆكمە يېشىڭنى جەبرىلەرگە جەبرى سال،
ئەر ئاتاپ يۈرمە تىنىمسىز قاخشىغان ئەرنى كۆرۈپ.
تاپمىقىڭ بەكمۇ قىيىندۇر بىر ئۈزۈكلۈك زەرنى سەن،
توختىساڭ مېھنەت-جاپادىن،زەررىچە زەرنى كۆرۈپ.
ئۆزگىلەر گۈلشەندە كۈلسە،كۆيمىگىن ئاپتاپتا سەن،
ئۇشبۇ گۈلشەن سايە سالغان تامچىلىغان تەرنى كۆرۈپ.
سەن ئۆزۈڭ قازغان قۇدۇقنىڭ لەززىتى ئالەمدە يوق،
قىلما ئۆزگەڭگە خۇشامەت ھەۋزى،كەۋسەرنى كۆرۈپ.
بىر ئۆمۈر قىلغان ئەجىرنىڭ نېمىتى تاتلىق بولۇر،
كۆز بوياپ قىلما ئىبادەت،كەلسە مەھشەرنى كۆرۈپ.
ھەقنى ئىقرار قىل مۇبادا بولسىمۇ قويدەك يۇۋاش،
ناھەقنى ھەرگىز ھەق دېمە ئۇرسا خەنجەرنى كۆرۈپ.
كىم گادا بولماي ۋىسالنىڭ تەختىگە چىققان ئىدى،
ھەي نادان،ئارتۇق گېدەيمە ئۇ قەلەندەرنى كۆرۈپ.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
كۆرەلمەسكە
قاسىم سىدىق
كۆرەلمەستىن خەلق ئاگاھ بولغۇسى،
دەۋر ھەمدە تارىخ ئاگاھ بولغۇسى،
ھەي كۆرەلمەس قويۇپ بەرسەك مەيلىڭگە،
ئەۋلاد ئۈچۈن دوۋزاق دەرگاھ بولغۇسى.
يىلان بىلەن چايان ئىكەن ئۈلپىتىڭ ،
ئۇلاردىنمۇ چارى ئىكەن زەخمىتىڭ،
ۋەتەن ياكى مىللەت ئۈچۈن پايداڭ يوق،
دۈشمەن ئۈچۈن كەتمەن چېپىش ئادىتىڭ.
تۇقالمايسەن قاملاشتۇرۇپ ماتانى،
ياراتمايسەن خەق تۇقۇغان تاۋانى،
تېخى بازار تالىشىسەن ماتاغا،
يەپ قويدۇڭمۇ نان ئورنىدا ئىزانى .
باشلىق بولۇپ قالساڭ تېخى ئىش چاتاق،
قۇرۇق شاختىن چىقىرىسەن ھۆل پۇتاق،
ئەندىشەڭ شۇ: مەندىن ئېشىپ كېتەرمۇ،
قول ئاستىمدا ئىشلەۋاتقان قۇڭالتاق؟
ساڭا قانچە ئىختىرالار يولۇقتى،
لېكىن شۇئان بۈشۈكىدە تۈنجۈقتى،
ساغلام پىكىر ،ئىنسانىي ئاڭ سەندە يوق،
سېنى كۆرسە يىرتقۇچمۇ ھۇدۇقتى.
كەسپ قىلدىڭ،پىتنە بىلەن نەيرەڭنى،
قانچە تارتتۇق سېنىڭ سالغان جەبرەڭنى.
يامانلىما شۇڭا بىزدىن زىدى پەس،
چوڭقۇر قىلىپ كولىۋەتسەك قەبرەڭنى!
نەس بولۇپ كەت،
پەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس،
كوچىدىكى خەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس،
مانا ساڭا قەدەھ سۇندۇم لەنەتتىن،
قىيامەتكە مەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس!
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 70-80-يىللاردىكى سانىدىن خاتىرەمگە كۆچۈرۈلگەن.
ياخشى
قاسىم سىدىق
ئاۋارە بولما ئەي دوستۇم،ئۆزەم چايناپ يېسەم ياخشى،
تىرىكتاپ جاننى كۈتكۈنچە،جەھەننەم ئەيلىسەم ياخشى.
بېشىم بار يەلكە-ئۈستۈمدە،مېنىڭ ھەم بارچە دانىشتەك،
جاھان ئەھلىگە ھەردائىم خوشاللىق ئىزلىسەم ياخشى.
تىلىم بار خۇددى ناۋايى،ئۇلۇغ فىردەۋسى،گومىردەك،
جاھالەتكە ئۇرۇپ خەنجەر،يورۇقنى كۆيلىسەم ياخشى.
سامانى قانچە كەزگەنلەر مېنىڭدەك نان يېگەن ئادەم،
چېقىپ زەنجىر-كىشەنلەرنى،ئېگىزگە ئۆرلىسەم ياخشى.
جىمى مەرتلەردىكى خىسلەت پۇچەك ئارزۇنى يەر قىلماق،
جاھاندەك تۆھپە قۇچساممۇ تامانى بىلمىسەم ياخشى.
جاپالىق بولسىمۇ ئەمگەك ئۇنى خالايدۇ پاك ۋىجدان،
سوغۇقتا توڭلىسام ياكى تومۇزدا تەرلىسەم ياخشى.
بەھرىسىز ئادىمىيلىكتىن ھاقارەت تاپقۇسى ئىنسان،
تەلەپكار بولمىسام شۇنداق،جاھانغا كەلمىسەم ياخشى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
ئا.ت.ئۆتكۈرگە
(<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>نى ئوقۇغاندىن كېيىن)
قاسىم سىدىق
ئىشلىتىپ ئۆڭمەس بوياق،سۈرەت سىزىپسىز،ئاقساقال،
زەر تاناپقا سۆز ئەمەس،گەۋھەر تىزىپسىز،ئاقساقال.
نەزمىڭىز كەتتى ئېلىپ قەلبىمنى نە-نەلەرگىدۇر،
بۇ تەپەككۈر جاڭگىلىنى ئوبدان كېزىپسىز،ئاقساقال.
ۋەسلىڭىزنى كۆرگىلى ئاچ ئىدىم،تەشنا ئىدىم،
بىر ئىلاھى كۈچ بىلەن ھوجرامغا كېلىپسىز،ئاقساقال.
سىردىشىپ كەتتىم خىيالەن ئولتۇرۇپ بىر جوزىدا،
ياخشى ئۈلپەت كۆردىڭىز،بولساممۇ كەپسىز،ئاقساقال.
كۆپ تۇتۇپ قالدىم پاراڭغا قانمىغاچ تەشنالىقىم،
بىر قېتىم ئەپۇ قىلىڭ،بولدۇم ئەدەپسىز،ئاقساقال.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
دەرياغا
قاسىم سىدىق
دەريا،
ئوخشايسەن غەزەپكە،
خادا تاشلارنى ئۇرۇپ-سوقىسەن.
كۆۋەجەيسەن قىنىڭغا سىغماي،
ئەسكى ئۆيلەرنى بۇزۇپ-چاقىسەن.
دەريا،
ئوخشايسەن زامانغا،
ئېشىپ كېتەلمەيسەن ھەرگىز قىرغاقتىن.
كىشىلەر شۇ ھامان بولىدۇ نابۇد،
ئايرىلسا ساڭا خاس قېيىق-قولۋاقتىن.
دەريا،
ئوخشايسەن ھاياتقا،
شارقىراتماڭ يەرنى قاسايدۇ.
تىنچ جايلىرىڭمۇ بار،
ئادەملەر بىر-بىرىنى تاللاپ ياشايدۇ.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان
ئاپام،مەن ۋە مەلئۇن
قاسىم سىدىق
ئاپام چۈشۈپ كەتتى تونۇر ئىچىگە،
قىزىل تىللىرىدا يالمىدى يالقۇن.
ئاپام پاك بولغاچقا كۆيدى بۇ ئوتتا،
دوزاقتا كۆيۈپتۇ قايسى بىر مەلئۇن؟!
مەلئۇن جەننەتىنىمۇ زەھەر ئىزلەيدۇ،
ئاپام توقاچ ئېلىپ چىقتى تونۇردىن.
مەن شۇ توقاچنى يەپ چوڭ بولغان بالا،
ۋەزنىمنى ئىزدىگىن قاندىن-تومۇردىن!
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان
«رۇبائىي كائىناتى»دىن تەرمىلەر -2
قاسىم سىدىق
بەس يېتەر كۆزى كور،شەرمەندە دۇنيا،
ئانىلار كۆزىدىن ئاختۇرما دەريا.
بەردى سۈت شۇ ئانا ھەربىر گىياھقا،
ھاياتلىق باغىنى قىلدى مۇھەييا.
ھاقارەتكە چۆمدى زەپ ئەھلى خاتۇن،
خۇراپات پەنجىسىدىن بولدى باغرى خۇن.
دېگەن كىم، ئەقلى قىسقا، چېچى ئۇزۇن،
ئاناسىن ئەممىگەنمۇ ئۇشبۇ مەلئۇن؟!
دەرىخا، خورلاندى زەپ ئايال زاتى،
بوغۇلدى داۋامەت ئۇنىڭ قاناتى.
نىگارىڭ ئۇ، ئاناڭدۇر ئۇ،قىزىڭ ئۇ،
ئايالسىز قايدىكەن ئىنسان ھاياتى؟!.
ئايال پەس ئەمەستۇر،چاچما شال سوپى،
ئىسىڭنى ۋاقتىدا يىغىۋال سوپى.
ئۇنۇتقاق بوپ قاپسەن،سىيگەك ئىدىڭ سەن،
زاكاڭنى قۇرۇتقان بىرئايال سوپى.
ۋەيرانە كۆلبەمگە ئايال بەردى نۇر،
كۆپ ھىممەت كۆرسەتتى،سۈردۈم مەن ھۇزۇر.
ئۆزۈمچە كۈرەڭلەپ نان ياققان ئىدىم.
ساقال – سومباتىمدىن ئايرىدى تونۇر.
ئايال بار ئەسكى تامدا شاھ ھۇزۇرى،
كەم ئەمەس ئايالنىڭ ئەردىن غۇرۇرى.
قىلما تۆھمەت ئەقىلسىز دەپ ئايالغا،
تۈمەن ئەرگە ئىلىم بەردى كىيۇرى.
بىلمىدىم تەگدىكىن قانداق جىن ساڭا،
خۇراپات بولدى بۇت،بولدى دىن ساڭا.
ئەي ئۇيغۇر قىزىڭنى قىلغانتىڭ بەسىر،
بوۋاڭنى تونۇتتى گابائىن ساڭا.
دەس تۇر ئۇيغۇر قىزى،قەددىڭنى رۇسلا،
تۆھمەت ۋە چۈمبەلگە كۆنمىگىن ئەسلا.
گۇناھ روھتا بولۇر،گۇناھ سانالماس،
لەۋلەر قىزىل ياقۇت،كۆز بولسا شەھلا.
ئىلاھا، ھەبىبلەرنىڭ قىل ھەبىبى،
قىلما ھەرگىز رەقىبلەرنىڭ غېرىبى.
ھەبىب بولكى، ۋىسال قۇچقاي غېرىبىڭ.
رەقىب بولكى پەقەت ھىجران رەقىبى.
سېھىرلىك ئالەمدۇر مۇھەببەت بابى،
ئەجەب شېرىن ئازابى –ئىزتىراپى.
لىغىلدىسا كۆزىدە مەي لەبا – لەپ،
پىژىلدايدۇ كۆكرىكىدە كاۋابى.
ئاشىق يۈز ياشتىمۇ قېرىماس ھەرگىز،
مەشۇق مىڭ ياشتىمۇ سۇمبۇل چاچلىق قىز.
ساماۋى دۇنيادۇر سۆيگۈ دۇنياسى،
ئادەملەر شۇ سەۋەب گۈزەل ۋە ئەزىز.
كىم ئۇ يۈرىكىدە كاۋابى تەييار؟،
كىم ئۇ كۆزلىرىدە شارابى تەييار؟،
ئانچە مۈشكۈل ئەمەس بۇسىرنى يەشمەك،
بىراۋغا كۆيۈپ باق جاۋابى تەييار.
يادنامە
قاسىم سىدىق
ئەي لەھەت،قوينۇڭنى ئاچ،دىۋانە كەلدى،
يۇشۇرغان شامنى كۆرسەت پەرۋانە كەلدى.
قەلەندەر قۇرۇق كەلمەس ئالدىڭغا ھەرگىز،
كۆزىدە ئۈنچىلەر دانە-دانە كەلدى.
بىر بېقىپ ساڭا كۆردۈم كۆپ كارامەت،
ئالدىمغا ئىككى جاھان نۇرانە كەلدى.
بەزىلەر كەلدى ساڭا تەشۋىش بىلەن،
بەزىلەر نە ئۈچۈندۇر مەردانە كەلدى.
شاھانە سارايلاردىن قالمىدى ھېچ ئىز،
ھەممىدىن ھەقنىڭ قۇلى شاھانە كەلدى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان
ئوغلۇمغا
قاسىم سىدىق
قۇياشىڭ كەتتىيۇ،بۇ جاھان قالدى.
تېنىمدىن قاچتى گۆش،ئۇستىخان قالدى.
دىلكەشلەر ھەرباھار ئىزلىسە مېنى،
ئۇلارغا مۇڭلانغان گۆرۈستان قالدى.
ئاتاڭدىن پەرۋىشىڭ مۇھتاجى بولۇپ،
مۆكچەيگەن كۆلبەيۇ،باغ-ۋاران قالدى.
قالدى،دەپ بۇ باغنى بولمىغىن بىخۇت،
سەن ئۈچۈن ئۇندا كۆپ ئىمتىھان قالدى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان
ئەر ئۈچۈن بەخت
قاسىم سىدىق
ۋىسالغا يەتمىسەم ئانچە گەپ ئەمەس،
رازىمەن سۆيگۈنىڭ مۇشەققىتىدىن.
بۇرادەر،يۈرىكىڭ ساغلام بولسىلا،
ئالىسەن زور راھەت كۆيۈك ئوتىدىن.
ۋىسالنىڭ ھوزۇرى نەقەدەر يۈكسەك،
ئۇنىڭغا تىكىلىپ كۆزلەر تېلىقتى.
ئەۋزىلى موشۇنداق ئېغىر سىناقتا،
نامەرتلەر زېرىكتى،مەرتلەر چېنىقتى.
چىنىققان يىگىتلەر سەزدى ئۆزىدە،
ھەقىقىي ئاشىقنىڭ پەزىلىتىنى.
شۇ غورۇر بىلەنلا يەڭدى كۆلپەتنى،
كۆرمەيمۇ ھېچقاچان جانان يۈزىنى.
نامەرتلەر قولىدىن كەلمىدى ھەرگىز،
يار ئۈچۈن تاياق يەپ پاراغەت سۈرۈش.
ئەلۋەتتە ھەممىگە بولمايدۇ نېسىپ،
جەھەننەم ئىچىدە جەننەتنى كۆرۈش.
مۇھەببەت ئازابى ئەر ئۈچۈن بەخت،
بۇ ھالنى مازاقلاش پەقەت نادانلىق.
سۆيگۈنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلساقلا،
قەھرىتان قىشلارمۇ بولىدۇ ئىللىق.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان
كېلەچەك ۋە ئۆتمۈش
قاسىم سىدىق
پىكىرنى بىر قەدەھ ئەيلەپ قۇيۇپ شېرىن مۇسەللەستىن،
ناماز خۇپتەندە مەست بولدۇم،نومۇسنى قىلچە بىلمەستىن.
غېرىپ-ۋەيرانە بۇ خانەم گۈزەل ئايۋانغا ئايلاندى،
ئۇسسۇلغا چۈشتى بىر دىلبەر،كىيىپتۇ شايى-ئەتلەستىن.
غۇرۇر ئەۋجىدە ئۇ شۇڭقار،قىيىندۇر يەتمىكى تۇلپار،
قويار يۈزمىڭنى لال ئەيلەپ ئەلىدەك شىر،زەبەر دەستتىن.
يۈزى تۈننى تەرىك قىلغان قۇياشقا ئاتتى بىر پەشۋا،
ئەشۇ ئاتەشتە مەن كۆيدۈم تېخى ھېچ كەيىپنى سۈرمەستىن.
ئەقىل-ئىدراكلىرىم چۈشتى ساراسىمگە،بولۇپ يەكسان،
كۆزۈمگە قەھرىۋا قەددى كۆرۈنگەن چاغدا لىباستىن.
سۈپەردى غەمنى ئالەمدىن مۇبارەك كۈلكىسى بىر پەس،
رەشىك ئىلكىدە توتى قۇش تۇرۇپ قالدى كۆلەلمەستىن.
قىيامدىن ھالقىغان تۈننى بېشىغا ئەيلىدى ياستۇق،
سىرىنى قىلدى ئاشكارە،مېنى غەپلەتتە كۆرمەستىن.
كۆتۈپ مەردانە پەرھاتنى،كۆمۈلدى ئارزۇ-ئارمانغا،
كۆزىنى يۇمدى خىسراۋغا كۆڭۈل-كۆكسىنى بەرمەستىن.
باراي دەپ تەمشىلىپ تۇرسام ئاران دىلبەر ئاياغىغا،
قىزاردى شۇ ھامان مەشرىق،ئەلەم يۇتتۇم سۆيەلمەستىن.
ۋەلىلەردىن يىراق خىسلەت قەلەندەرگە نېسىپ بوپتۇ،
كېزەر جەننەتنى ھەر تۈندە،لەھەت قوينىغا كىرمەستىن.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان
خەپ سېنى
قاسىم سىدىق
چېقىراپ ئۇخلاتمىدىڭ جاڭجالچى چاشقان،خەپ سېنى!
ناشتىلىق نان ئۈستىدە قۇردۇڭ بەدەشقان ،خەپ سېنى!
مەن ئۆزەم تاپقان ئىدىم ، سەندىن ئاشقان،خەپ سېنى!
دان ئوغرىلاپ ھەر كۈنى مىشكاپ ياماتقان ،خەپ سېنى!
ھالىنى ھېچ چاغلىماي شىلتىڭ ئاتقان ،خەپ سېنى!
قاغا – قۇزغۇنلارنى مەن قورىغاندا قايدىدىڭ،
مۇك بولۇپ ، بۇغداينى ھەر سورىغاندا قايدىدىڭ،
كۈنبويى <<لاي-لاي >>ئوقۇپ جورىغاندا قايدىدىڭ،
توپا يەپ، ئىنجىق بىلەن سورىغاندا قايدىدىڭ،
قىپقىزىل چەشنى كۆرۈپ نەپسى تارتقان خەپ سېنى!
تۆت پۇتۇڭ ئىز سالمىغان قالمىدى ئامبار-ئورەك ،
ماي قاپاقتىن گۆر تىلەپ سۇماينى قىلدىڭ بى كېرەك،
ئانچىكى قىلسام سۈكۈت بېشىمدا ئۆتكۈزدۈڭ كۆرەك،
ئېيتقىنا قايدىن ساڭا بوپ قالدى پەيدا بۇ خورەك،
ھاي،دېسەم ، قاچقان پېتى كۆز ئالايتقان خەپ سېنى!
چىقمايىن ھەددىڭ ئەمەس ، بىر كۈن كاماردىن چىقىسەن،
بۇ كاماردىن چىقمىساڭ ، نەپسى بالادىن چىقىسەن،
ئىشلىمەستىن چىشلىگەن ئەھلى تەمادىن چىقىسەن،
شۇ تامايىڭغا بېقىپ ئوبدان خۇماردىن چىقىسەن،
ھەر بۇلۇڭدا كۈتىدۇ ئاسلانۇ-قاپقان، خەپ سېنى!
1981-يىل،ئۆكتەبىر
يار ھەققىدە مۇخەممەس
قاسىم سىدىق
ئەزىز يار بۇ قەلەم دائىم ئۆزۈڭنى ئىختىيار قىلدى،
قىزىللىق پارلىغان مەڭزىڭ مۇخەممەسنى ئانار قىلدى.
زەئىپ مىسرالىرىم شۇدەم قېشىڭنى زۇلپىقار قىلدى،
يۈزۈڭ ئاپتىبىنى نەزمەم ئۆزىگە ئىپتىخار قىلدى،
ئۆزۈم بىخۇت يىگىت ئەردىم ئىشىق شۇنداق قارار قىلدى.
يۇمۇلماس شام بىلەن تاكى گۈزەل سۈبھىگىچە بۇ كۆز،
ۋە مەيلى گۈل – چىچەك پەسلى، ياۋايى قىش، غېرىپ كەچكۈز.
جاپالىق ئۇشبۇ مېھنەتتە بولار پارە يۈرەك يۈز _ يۈز،
بۇ مېھنەت ئاز كېلۇر ئىلھام ئىلاھى ھەسسىلەپ يەتكۈز،
نىگارەمنىڭ ئۆزى تۇرماق خىيالى بەختىيار قىلدى.
كۆزۈڭ تەسۋىرىگە لايىق تاپاي قايدىن بوياق – ئەنداز،
كۆزۈڭ ئەندازكى چولپانغا، نە ھاجەت غەيرى بىر پەداز.
گۇگۇم ئاسمانىدا چاقناپ ئىشارە ياكى قىلدىڭ ناز،
قۇياش ئەمرىڭگە لەببەي دەپ ساماغا ئەيلىدى پەرۋاز،
تىكىلدىم تۈنلىرى كۆككە تاماشەڭ ئىنتىزار قىلدى.
تالاي شائىر نىگارنى كۈيلەپ ئايجامال دەپتۇ،
ئېلىپ جامۇ مۇھەببەتنى زىمىندىن ئايغا تەڭلەپتۇ.
تۆكۈپ ئاي كىرپىكى نۈسرەت ئىشىق ئىزھارى ئەيلەپتۇ،
پېقىرمۇ ھەم مېڭىپ دەم – دەم ئەنە شۇ يول بىلەن كەپتۇ،
كۆرۈمسىز بۇ گۈزەل سەۋدا دىلىمنى نۇرغا يار قىلدى .
ئەزەلدىن غۇنچىنى بىلگەچ ئۆزىنىڭ تاجى گۈلشەنمۇ،
لېۋىنى يارىنىڭ غۇنچە دىگەنلەر ئەسلىدىن كەممۇ.
يۈتۈشنى خالىماس شەبنەم چىرايلىق غۇنچىدىن كەممۇ،
ئەقىللىق پىشىۋالارنى ئىگىز – پەس دورىدىم مەنمۇ ،
نە شەبنەم بەلكى شەربەتتۇر ھايات ئۆتمەي خۇمار قىلدى.
تالايلار يارىغا گۈلنىڭ مەقامىنى كۆرۈپ ماقۇل،
چېكىپتۇ ھەر سەھەر ئەفغان ئۆزىنى چاغلىماي بۇلبۇل.
ھەۋەسكار دىلغا خوپ ياققاچ مىسلىسىز خۇشپۇراق بۇ يول،
پېقىرمۇ قاقمىدى ھەرگىز كۆرۈنگەن شاخ ئارا شاپتۇل
ۋاپا قىلغاچقا مەن گۈلگە، مېنى ئەھلى باھار قىلدى.
زىرىككەن قايسى بىر شائىر سېنىڭدىن شۇڭغىچە رەنا،
ياشانغان نىمشىھېت ياكى مۇتەللىپتەك يىگىت بەرنا؟
كېزىپ كۆكسۈڭنى شەيدالار تېپىپتۇ بىھېساپ مەنا،
يەنە قېپقاپتۇ كۆپ تەبىر نىمانچە كەڭرى بۇ سەينا.
ئاۋام _ شاھمۇ مۇھەببەتنى قەلب سازىغا تار قىلدى…
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1994-يىل2-سان
بىر شائىرغا
قاسىم سىدىق
باشقا شائىرلار بەلەن، بۇ شائىر خاراپ شائىر،
يالغاندىن ئۇيالمايدۇ، يۈزى خۇددى داپ،شائىر،
دەۋران قانچە چۆرگەلسۇن بەك ھازىر جاۋاب ،شائىر،
مەيلى باھار، مەيلى قىش قالىدۇ ياراپ ،شائىر،
مەيلى دۈشمەن، مەيلى دوست يەيدۇ نان سوراپ،شائىر.
<<ئىنقىلاب>>بولۇپ بىر چاغ ئەلنى قاپلىدى يوقلۇق،
يازدى شۇندا بۇ شائىر <<باياشاتچىلىق، توقلۇق>>،
زىمىستاندا دېدى ئۇ <<ئېچىلدى كۈلۈپ چوغلۇق>>،
غىچىرلاتتى قەلەمنى ئۆزىچە قىلىپ شوخلۇق،
ياماشتى ھامان ئۆرگە،تەتۈر بىلجىراپ،شائىر.
جىڭ شۇرېن زامانىدا قۇياشتۇر دېدى جىڭنى،
(ئالدىدا سۆكۈپ بىر پەس،كېيىن ماختىدى مىڭنى)،
شىڭ شسەي ئەمەل تۇتسا، دەرھال ياقلىدى شىڭنى،
تارىخ كۆرمىگەن بۇنداق تۇتامى يوق غىلجىڭنى،
نەپ بەرگەنگە نەپ بەردى ئىت بولۇپ قاۋاپ ،شائىر.
ئېيتالماس ئۆزى ناخشا، باشقىلارغا كاناي ئۇ،
بىردەم چالسا ساپايە، بىردەم چالار سۇنەي ئۇ،
زىددىيەتلىك قىلمىشى، ھەممە ئىشتا يەكپاي ئۇ،
غالىپلارغا غۇلام ئۇ، مەغلۇپلارغا قوماي ئۇ،
دەپ قويسا <<ھۆلۈكۈش-كۈش>>كېتىدۇ تالاپ ،شائىر.
مەقسىتى ھامان مەنسەپ، قەلبىدە خەلق يوقتۇر،
قەلب بولسىمۇ خەقنىڭ، ئۆزىدە قەلب يوقتۇر،
لوغىتىدە يوق<<ۋىجدان>>، ئۆزىچە ئەيىپ يوقتۇر،
تارىخ ئاڭا يات دۇنيا، دوست يوقتۇر، رەقىب يوقتۇر،
جۆنى پەس، قاپاق كاللا، گەندە ئۇسقان قاپ ،شائىر.
مەنسەپ تۇتسا تىرناقچە، ناۋايىنى پوش دەيدۇ،
ھۆۋەيداغا <<ھەي سولتەك، مەپەمگە ئات قوش>> دەيدۇ،
بولسا كىم تالانت ئەھلى تۇمشۇق ئۇچلاپ<<ئوۋش>>دەيدۇ،
مەندىن ئېشىپ كېتەمدۇ مۇشۇ لېيى بوش، دەيدۇ،
مېيىپ بولدى قانچىلار ، چىشلىگەچ ماراپ شائىر.
ئۆكتەبىردە <<ۋەتەن>>دەپ بولدى ئۇ ۋەتەنپەرۋەر،
كەلدى مارت، مانا ئەمدى بوپ قالدى خوتۇنپەرۋەر،
يېتىپ كەلسە ئاۋغۇست، بولار باتۇر -خۇنپەرۋەر،
ئوتۇن بايرىمى بولسا بولاتتى ئوتۇنپەرۋەر،
ئىنشائاللا، بايرام ئاز، چەكتى ئىزتىراپ ،شائىر.
خىيالى تېپىش ئاقچا، پۇلغا دەندىگەن رەسمى،
سىياسەتكە زورلايدۇ، بولمىغاچ بۆلەك دەسمى،
مۇھەررىرمۇ ئامالسىز، ھەر بەتتە شۇنىڭ ئىسمى،
جەم بولسا تۈمەن ئىسمى، تېپىلماس ئۇنىڭ جىسمى،
بولغاچ <<مول-ھوسۇللۇق>> بەك <<مۆتىۋەر جاناپ>>شائىر.
كىتاب، دەپ ئوقۇپ يۈردۇق ئۇ تىككەن توقۇملارنى،
ئىچىۋالدۇق شەربەت، دەپ ئۇ چاچقان زۇقۇملارنى،
زەپ بولغاندى شېئىرىيەت گۆھەر ساناپ قۇملارنى،
ھېچكىم ئالمىدى پۇلغا پوملاۋەرگەن پوملارنى،
جېنىڭغا زۇلۇم سالماي، ساتساڭچۇ دوغاپ شائىر.
نەشرىيات زىيان تارتتى بۇ شائىر بولۇپ ئوپقان،
سېتىلماي كىتاب ياتتى توپىنى قىلىپ يوتقان،
ساتمىدى ئەمەس ساتتى، خالا جايدىمۇ ساتقان،
<<شېئىر ئۆلدى>>دەپ ئەمدى ئوبزۇرچىلار گەپ تاپقان،
ئۆلسە ئۆلدى شۇ شائىر، ئۆلمەس ئەلگە باپ شائىر.
بىلسە ئەگەر بۇ شائىر، بىز سادىق سىياسەتكە،
سىياسەتنى ۋاسىتە قىپ سوقۇنمىدۇق سەنئەتكە،
سامانچى بولۇپ رەققاس سەھنە تولدى ئەخلەتكە،
ئىسلاھات زامانى بۇ، پۇرسەت يوق خۇسۇمەتكە،
قىلغىن ئەمدى ناۋايلىق شېئىرىڭنى قالاپ شائىر.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1994-يىل2-سان
تۆھمەتخۇرلارغا
قاسىم سىدىق
ئادەمگىغۇ ئوخشايدۇ پوستۇڭ،
نېمىگە خاس سەندىكى قىلىق.
تولۇمچىلاپ سويۇپ تىرەڭنى،
تولدۇرغانمۇ تۆھمەت بىلەن لىق.
چىرايىڭدىن تەپچىيدۇ زەھەر،
چىرايىڭدا شۇملۇق مۆھۈرى.
سېنى قانداق خالايدىكىنتاڭ،
ئۇلۇغ ئادەم ئىنسان غورۇرى.
تالايلارنى قەتلە ئەيلىدىڭ،
پىچاق ئەمەس تۆھمەتتە غىرداپ.
ئۆلگەنلەرغۇ غەمدىن قۇتۇلدى،بىراق،
قالدى تىرىككە زەرداپ.
ئۆتۈپ كەتتى تۆھمەتتە زامانە،
سەنمۇ بۇندىن تىزرەك يۈتۈپ كەت.
قۇرۇق كەتمەي تۆھمەتلىرىڭنى،
ئالە-ئالە ئۆزۈڭ ئېلىپ كەت.
قاسىم سىدىقنىڭ<<ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس>>ناملىق ئەدەبىي ئاخبارتقا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى
ئاسمان يېپىنچامدۇر،زېمىن بۈشۈكۈم،
يۇلتۇزلار خەزىنەمنىڭ لەئىل ياقۇتى.
دېڭىزلار پىيالەم،كەۋسىرىم پەيۋەس،
قۇياشلار ئۆمرۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان
كېلىپ مۇھەببەتنىڭ ئاستانىسىگە،
بولدۇم ئاشىق تەبىئەت جەزىبىسىگە.
مېنى ھالال ئاشىق دەپ ئويلاپ قالماڭلار،
ئوغرىلىققا چۈشىمەن خەزىنىسىگە .
ئوغرى بولماي ئاشىق بولغان قېنى،كىم؟
ئەزەلدىن ئوغرىدۇر پەيلاسوپ-ھەكىم!
سىرىڭ ئېلىپ قىلۇر ئاندىن ئۇنى پاش،
شۇلاردىن مىراستۇر بۇ خۇيۇم، بەلكىم!
تەبىئەت سىرىڭغا ئاشىقمەن سۆزسىز،
ئالىمەن_يايىمەن، مەن شۇنداق يۈزسىز.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان
يۈرىكىمگە ئوخشايسەن چىراق،
زۈلمەت باسقان بۇ شۇم كېچىدە.
پۈتمەس-تۈگىمەس سېھرىي كۈچ بىلەن،
يانماقتىسەن بوران ئىچىدە…
1970-يىللار
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان
ئۆزى تۇخۇم تۇغمايدۇ بۇ ھۇرۇن مىكيان،
تۇغۇپ بەرسەڭ باسىدۇ،قىلىدۇ پالاق.
تۈزەشنىڭ ئورنىغا بۇزىدۇ دائىم،
تۈزىگەنلەرنى چۇقۇلاش ئاڭا خاس«ئەخلاق».
رۇكۇلدايدۇ ھەركۈنى كونا مۇقامغا،
چىقمايدۇ ئۇنىڭدىن يېڭىراق سادا.
ئۇنىڭچە ئىلىم-پەن مازار ۋە مەبۇد،
نيوتون پەيغەمبەر،ئېينېشتېيىن خۇدا.
ئەمدى ھاجەت ئەمەس گويا تەپەككۈر،
پەقەت لازىم ئىمىش سەجدە-ئىقتىدا.
قەدىرلىك-نادانلىق،چاكىنا ئېتىقاد،
پاراسەت قەدىرسىز ئۇنىڭ ئالدىدا.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان
«ئالىيلىرى»غا ئەرزى-ھال
ئەيلىيىن ئەرزىم بايان،ئالىيلىرى،
بولسىمۇ دەردىم ئايان،ئالىيلىرى.
قىلمىشىمدىن خەستە روھىم ئالدى نەپ،
بولدى چۆنتەككە زىيان،ئالىيىلىرى.
پۇل بۇزۇپ قىلدىم سەيىر<<بوشلۇق>>نى مەن،
ئاقىبەت قالدىم قۇچۇپ<<يوقلۇق>>نى مەن،
خەجلىسەممۇ<<يوقلۇق>>قۇمدىن مىڭ تۈمەن،
كەلمىدى بىر بۇردا نان،ئالىيلىرى.
بالا-ۋاقام<<يوقلۇق>>قۇمدىن داد دېدى،
ئەرزىمەس نەغمەڭنى بەس،توختات دېدى،
تاڭغىچە ياقماي چىراغ ئۇخلات دېدى،
ئاھ ئەجەپ قىينالدى جان،ئالىيلىرى.
كەلدى ھەم قەرزىڭنى بەر دەپ قانچىسى،
كۆزدە خەنجەر،تىللىرىدا قامچىسى،
قىلدى كۆكرەكنى ماكان خەنجەر بىسى،
ماڭا تار كەلدى جاھان،ئالىيلىرى.
ئۆز پۇلۇمغا<<ھەق>>دېدىم،كۆپ جورۇدۇم،
بارچىكى خەيرەندىلەرنى دورۇدۇم،
ئۆز گۆشۈمنى ئۆز يېغىمدا قورۇدۇم،
بولدى گويا قەستى جان،ئالىيلىرى.
ۋاقتىدا بۇ ئىشقا بەرھەم بەرسىلە،
قانچە بولسا شۈنچە دەرھەم بەرسىلە،
پۇلنى جىقراق،دەردنى كەم-كەم بەرسىلە،
شۇندا تىنجىيدۇ زۇۋان،ئالىيلىرى.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان
بەرق ئۇرسۇن ئامراقلىق
قاسىم سىدىق
ئىناقلىقتا ئىش-ئوقەتنىڭ بەرىكىتى،
ئىناقلىقتىن ئۆسەر ئەلنىڭ شەۋكىتى.
<<بۆلۈنگەننى بۆرە يەيدۇ>>دېگۈزگەن،
بۆلۈنۈشنىڭ تالاپىتى،زەخمىتى.
بىر ياقىدىن باش چىقارساق ھەممىمىز،
چىچەكلەيدۇ ئىقبالىمىز،بەختىمىز،
روناق تېپىپ پۈتۈن بولار ئەڭلىمىز،
نېمە غەم-ھە تۇرسا تۇقلۇق دۆلىتى.
نىزا بىلەن قانچە تۇغلار يىقىلغان،
سانسىز ئېسىل دۇردانىلەر چېقىلغان،
قانچە پۇشمان-پەندىياتلار ئوقۇلغان،
ئەستە تۇرسۇن تارىخنىڭ بۇ ئىبرىتى.
ئارىمىزغا سېلىپ دۈشمەن دۈشمەنلىك،
يۇرت-جامائەت،تۇغقانلارغا ئۆچمەنلىك،
قىلار ئاندىن بەختىمىزگە شۇمپەنلىك،
بۇ ئۇلارنىڭ زاكىسىدىن ئادىتى.
ئاپەت ئىرۇر جىدەل-ماجرا،يىراقلىق،
شۇڭا لازىم مەڭگۈ ئېجىل-ئىناقلىق،
بەرق ئۇرسۇن ئارىمىزدا ئامراقلىق،
دىلغا شىپا ئامراقلىقنىڭ شەربىتى.
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ،2010-يىل5-ئاينىڭ16-كۈنى،4-بەت
گۈلشەندىكى نىدا
قاسىم سىدىق
تاڭ ساباسى يەلپۈسە،لەرزان نازغىيدۇ گۈللەر،
گۈل بىلەن تەڭ مەستانىدۇر شەيدا كۆڭۈللەر.
زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سېنى،يۇلتۇزلۇق تۈنلەر،
كەپتەر بولۇپ بىر ئاشىقىڭ بۇقۇلدار،ئۈنلەر.
گۈل بەرگىدە سەھەر پەيتى پارلايدۇ شەبنەم،
گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم.
بوپ قالغانمۇ جانۇ جىسمىڭ گۈلگە مۇجەسسەم،
ھىدلىرىڭنى گۈل ھىدىدىن ھىدلىدىم سەنەم.
باسالمىدى ئوتلىرىڭنى ئىپارۇ ئەنبەر،
قەيەرلەردە قارار گاھىڭ گۈل يۈزلۈك دىلبەر.
سېنى ئىزلەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ – شەھەر،
كۆرسەت ۋىسال،كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر.
نادانلار ئالتۇننى كېسەك قىلىدۇ،
مېھرىگىيانى خەشەك قىلىدۇ.
رەببىمىز باھاسىز پەرزەنىت بەرسە،
ئۇقۇتماي ئۇزىدەك ئېشەك قىلىدۇ.
__ قاسىم سىدىق روبائىلىرىدىن.
قەشقەر لىرىكىسى
قاسىم سىدىق
ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر كەبىسى،
خىزىردەك مويسىپىت بۈزرۈكۋار شەھەر.
ئۈمىت يەلكەنلىرىم يەتكۈزدى ساڭا،
گۈزەل ساھىلىڭغا تاشلىدىم لەڭگەر.
ئانامنىڭ كۆكسىدىن ئۇرغۇغان ئوغۇز،
گۈپۈلدەپ پۇرىدى دەسلەپكى دەمدە.
تويۇندۇم سېنىڭ پاك ئوغۇزلىرىڭغا،
پەرھاتتەك كۈچ-قۇۋۋەت سەزدىم ئۆزۈمدە.
ھايال قالماستىن ئارىلىشىپ كەتتىم،
ۋىسال ئىزدەۋاتقان ئوغلانلىرىڭغا.
تاڭلىرى باغاشلاپ قۇياشلىرىڭنى،
تۈنلىرى يېپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا.
تۈنلىرى يىپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا،
ئىشقىڭغا سادىق يىگىتلەر بىلەن.
ياقتۇرۇپ قالدىم «مەردۇت»لىرىڭنى،
كېلىشەلمىدىم «زاھىت»لار بىلەن.
ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر كەبىسى،
ياق
سەن كەبە ئەمەس
سەن بىر مۇئەررىخ.
سەنلا بار كۆمۈلمەس ئەجدادى ئۇيغۇر،
سەنلا بار كۆمۈلمەس بۇ چۈچۈك تارىخ.
تاشبوران قىلسىمۇ بەدنىيەت قىسمەت،
قوياشتەك نۇرلۇقسەن، تاغدەك ساكىنسەن.
سەن كۆپنى كۆردۆڭ،
چېنىقتىڭ
پىشتىڭ،
قىلىچ ئالدىدىمۇ جەسۈر،تەمكىن سەن.
نەزىرىڭگە قاراپ چىدالماس تۆھمەت،
سەن ئۈچۈن قەدىرلىك جاندىمۇ نۇمۇس.
بولغىچە نۇمۇسسىز ئاسراندى بالا،
بولۇشنى خالايسەن نومۇسلۇق مەھبۇس.
ئاز بەدەل بەرمىدىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن،
لېكىن قوغداپ قالدىڭ ھاي-ھاي تېرەكنى.
سېنىڭ قىسمەتلىرىڭ
سېنىڭ ئاھلىرىڭ،
ئەجەپ ئۆرتەيدىغۇ شائىر يۈرەكنى.
ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر قامۇسى،
سەندە بار ئىپتىخار،سەندە بار خورلۇق.
سەندە بار مۇھەببەت،سەندە بار نەپرەت،
سەندە بار ئاددىلىق ھەمدە ئۇلۇغلۇق.
سەندە بار غاپىللىق ھەمدە مەھكۇملۇق،
لېكىن روھىڭدا يوق ھەرگىزمۇ قۇللۇق!.
سۈكۈت قىلىشنىمۇ بىلىسەن بىر پەس،
قانداق قىلاركىن قېنى دەپ زورلۇق.
لېكىن تولغىنىدا سۈكۈتنىڭ چېكى،
تۇتىسەن دۈشمەنگە ئۆلۈمدىن يوللۇق.
پاك قەلب،
تەبەسسۇم،
سېخىيلىك-مەرتلىك،
سەن ئۈچۈن مۇقەددەس ئەنئەنە- مىراس.
ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مىھماننى كۈتۈش،
ئەزەل-ئەزەلدىن ئۇيغۇرغىلا خاس.
بۇزەكلىك دەپ بىلسە كىمكى بۇ ئىشنى،
«بوزەكلەر»دىن مۇشىت يېمىگىمۇ راسىت!
ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر قامۇسى،
ۋۇجۇدۇڭ يارالغان ھالال نان بىلەن.
ھەرگىزمۇ قۇرمايسەن بەزمە-سەلتەنەت،
قولۇڭغا تىغ ئېلىپ تۆككەن قان بىلەن.
باتۇرلۇق دېمەيسەن قاراقچىلىقنى،
چاقمايسەن بىراۋنىڭ دەرۋازىسىنى.
تىرىكىنى ئېشەك قىپ ھارۋىغا قېتىپ،
سازايى قىلمايسەن جىنازىسىنى.
نۇمۇسسىز ئەمەسسەن ئەي ئۇلۇغ قامۇس،
بىلىسەن شەلپەردەك قىزىرىشنى سەن.
ئۆلۈمدىن ئېغىرراق كۆرىسەن مەڭگۈ،
بىراۋغا چاپلىشىپ بېزىرىشنى سەن.
سۆيىسەن تىنىچلىقنى،ئاسايىشلىقنى،
ھەرگىز خالىمايسەن جەڭنى-نىزانى.
بالىغا تىغ بېرىپ ئاتىغا سىلىپ،
چىللاپلا يۈرمەيسەن بالا- قازانى.
ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر قامۇسى،
مىڭ قوياش نۇرى بار ۋاراقلىرىڭدا.
ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ خۇلقى مۇجەسسەم،
ئېغىشماي كۆتۈرگەن بايراقلىرىڭدا.
ئەي ئۇلۇغ ئاستانە
ساماۋى شەھەر،
بۈگۈنكى چىھرىڭدە شاتلىق جۇلاسى.
لېكىن قوينۇڭدا ئالار –ئالماي دەم،
بولۇپ قالدىم مەن سەپەر شەيداسى.
بۈگۈنۈڭ ھەققىدە يازدى كۆپ نەزمە،
شائىر ئاتالغانلار
شېرىن سۇخەنلەر.
«ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ»،
يازمايمەن بۇ باپتا شۇڭا غەزەللەر.
كەتتىم مەن خىيالى سەپەرلىرىمگە،
كېلەچىكىڭنى سوراقلاپ-ئىزدەپ.
ساماۋى شەھەردىن قاناتلار ئېلىپ ،
ئۇچتۇممەن ساماۋى مەنزىلنى كۆزلەپ.
ئاھ،يەتتىم كۆزلىگەن مەنزىلگە تەستە،
تامام تەل بولۇپتۇ بۇ جايغا ئەجدات.
جەننەتتەك بىر باغدا سۆھبەت قۇرۇپتۇ،
يىراق زامانلارنى ئاستا قىلىپ ياد.
كۆك بۆرە تۇرۇپتۇ قارانچۇق بولۇپ،
بۇ ئەنجۆمەنگە ،بۇ جەمئى نۇرغا.
بوۋام ئوغۇز ئولتۇرۇپتۇ ساقىلىن سىلاپ،
(يولۇقتۇم گوياكى بۇندا خىزىرغا).
مەھمۇت ئولتۇرۇپتۇ گىگانىت تاغدەك،
تۇرك بالىلىرىنى يېنىغا يىغىپ.
ئەنە يۈسۈپ،گومنام،
ئەنە نەۋايى،
تۇرۇپتۇ چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ.
كۆك بۆرىنىڭ كۈللى ئىپى-ئەۋلادى،
بولۇپتۇ مۇبارەك ئەنجۆمەنگە جەم.
تۈمەنمىڭ خىجىللىق ئىلكىدە ھەي…
ھەي….
شاھانە سورۇنغا تاشلىدىم قەدەم.
ئوغۇز ئوغلانلىرىنى ئالسا يەلكىگە،
مەھمۇد«دىۋانى»نى سۇندى مەركىگە.
نۇزوك قېنى بىلەن بۇياپ شەپەقنى،
سادىر ھۆرلۈك ئىزدەپ چۈشتى بەيگىگە.
ھەممەيلەن بېزىدى ئۆشبۇ سورۇننى،
ۋۇجۇدىدىكى دۇرلىرى بىلەن.
كۆزلىرىم قامىشىپ كەتتى شۇ ئەسنا،
ساماۋى مەنزىلنىڭ نۇرلىرى بىلەن.
ئەپسۇس،تۇرۇپ قالدىم خىجىلچىلىقتا،
ئىلكىمدە بولسىچۇ مىسقال زەر مېنىڭ.
سورىدىم ئۆزەمنى كاچاتلاپ ھەتتا،
ئېيتىڭلار،ئېيتىڭلار،نەرىم ئەر مېنىڭ؟!.
باغرىغا باسسىمۇ قېرىنداشلىرىم،
تاپمىدىم خىجىللىق پەيلى تەسەللى.
ئەي ئولۇغ جامائەت ئادەم بولغىچە،
ئايىغىڭدا خاك بولساممۇ مەيلى….
1986-يىلى 6-ئاي قەشقەردە يېزىلغان.
ئىزاھ : بۇ شېئىر «ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.
بىلگىنىڭ دۇ بىلەن پەش ياكى تەشتۈت،
خىجىل بولماي قېلىسەن ھۈتۈت-پۆتۈت.
ئەرەپچە تىللىسام دەرھال يۈكۈندۈڭ،
«قىرائەت»دەپ دۇئا قىلدىڭ ساراڭ،دۆت!.
_ قاسىم سىدىق روبائىلىرىدىن
ىتلىق بورچۇمنى قىلىمەن ئادا
قاسىم سىدىق
چۈش دېگەنگە نېمە كىرمەيدۇ،
نېمە كەلمەس ياكى خىيالغا.
ئامالىم يوق دۈچ كەلدىم بۈگۈن،
خىيال سۇرۇپ شۇنداق خىيالغا:
قالسام بىردىن ئۆزگىرىپ ئىتقا،
ئىككى قولۇم ئايلانسا پۇتقا.
يۈز- كۆزۈمنى بېسىپ كەتسە تۈك،
كۆنەرمەنمۇ شۇ خىل ھاياتقا؟
بېشىم خېلى قاتتى،بۇرادەر،
چۈنكى سوئال ئاسان ئەمەستە.
ئۇيان ئويلاپ،بۇيان ئويلىنىپ
جاۋاب تاپتىم ئۇنىڭغا تەستە:
ئوخلىمايمەن تۈندە،ئەلۋەتتە،
ۋەزىپەم شۇ تىنماي قاۋايمەن.
مېنىڭ ئۈچۈن ئەيىبى يوقتە،
يالاق يالاپ،سۆڭەك غاجايمەن.
بەزىلەرنى چىشلەيمەن ماراپ،
نىجاسەتنى تاپىمەن پۇراپ.
كىمكى بەرسە كىچىككىنە نەپ،
ئەركىلەيمەن تەلمۈرۈپ قاراپ.
تۈمەن قارغىش يېسەممۇ مەيلى،
ئىتلىغىمنى قىلىمەن ئادا.
شۇنداق قىلسام بولىدۇ رازى،
مېنى ئىت قىپ ياراتقان خۇدا.
بۇيرىمايدۇ ئاللا ئەيىپكە،
ھەرمەخلۇقنىڭ سەۋدا-كۈيىنى.
لېكىن ھېچكىم كەچۈرمەيدىكەن،
ئادەم قىلسا ئىتنىڭ خۇيىنى.
مەنبە:<<تارىم>>ژۇرنىلى،1981-يىل8-سان
بۇ قەبرىگە يارىم كۆمۈلگەن
قاسىم سىدىق
ئارىلايمەن قەبرىستانلىقنى،
مەيلى كېچە،مەيلى كۈندۈزى.
كېتەلمەي قەبرە بېشىدىن،
كۆمۈلگەندەك بەختىم يۇلتۇزى.
ئاشۇ غەمكىن ھالەتلىرىمنىڭ،
ئۇزۇن ئۆتمەي چىقتى گەپ-سۆزى:
<<بۇ بالىغا نېمە بولغاندۇ؟
قالمىغاندۇ ياكى ئېلىشىپ.
تارتقىنى ئاھ،چەككىنى نالە،
قەبرە بىلەن يۈرەر سىردىشىپ.
نېمىنىمۇ ھەل قىلىدىغاندۇ،
ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپلىشىپ؟>>
ھەسرەت قوشار يەنە بۇ سۆزلەر،
يۈرىگىمنىڭ چەكسىز دەردىگە.
كوزلىرىمدىن ياغدۇرۇپ يامغۇر،
سۇ سېپىمەن ئاشۇ قەبرىگە.
مەن كۈنۈككەن كۆنۈك ئاپتاپقا،
زىمىستاننىڭ ئاچچىق قەھرىگە.
دوستلار بۇندىن ئون يىل مۇقەددەم،
دۇنيا ماڭا گۈدەك بىلىنگەن.
شاتلىق بىلەن خوشلىشىپ بېشىم،
شۇندىن بېرى غەمگە چۈمۈلگەن.
ئېچىلماستىن ئارزۇ غۇنچىسى
بۇ قەبرىگە يارىم كۆمۈلگەن.
مەنبە:<<تارىم>>ژۇرنىلى،1981-يىل8-سان
كولىما ئورا
قاسىم سىدىق
(ناخشا تېكسىتى)
ھەسەتلەردىن كەتمەن سوقۇپ،كولىما ئورا،
جان ئالساڭمۇ ماراپ ئالماي،ئۇدۇللا سورا.
نۇقسانىم يوق دىيەلمەيمەن،كامىللىق قايدا؟،
ئەمەسمىدى مەي باغلىغان ئۆرۆكلەر غورا؟.
قېقىۋەرسەڭ پەرۋىش قىلماي غورا چىغىمدا،
يېتىلەمتى ئەلگە شەربەت مېنىڭ بېغىمدا؟!.
باغلىرىمنى قىلما خازان ھەسەت قۇيۇنى،
خالىمايمەن قورۇلۇشنى مەن ئۇز يېغىمدا.
كەڭ قوساق بول ،بۇ جاھانغا پېتىپ كىتىمىز.
ئىناق بولساق تېتىغانغا تېتىپ كېتىمىز.
ئىناقلىقتىن مەنزىللەرگە يېتىپ كىتىمىز،
جاڭجاللاشساق تارىختىنمۇ يۆتۆپ كېتىمىز!.
2013.8.27
مۇساپىر ناخشىسى
قاسىم سىدىق
(ناخشا تېكسىتى)
كىممۇ سېغىنماس يورتىنى ،
مەنمۇ سېغىندىم ھەر كۆنى.
ئەل-جامائەت،يارۇ-دوسىت،
زىكرىمدە ھەر كۆن-ھەرتۆنى.
ئوچۇرۇرقامقاق قىلىپ،
ھەر بانىدا قىسمەت مېنى.
گاھ ھەۋەس قىلسا غېرىپ،
گاھ قاترىتار خىزمەت مېنى.
سەرسانلىغىمنىڭ ۋەجى كۆپ،
كىم مۇساپىر -دەردى كۆپ.
دەرىتنى يەڭگەن سەبرىچان،
بۇ جاھاندا ۋەدە كۆپ.
2013.8.27
تېخى نۇرغۇن سەپەر بار
قاسىم سىدىق
(ناخشا تېكسىتى)
مەغرۇرلانما زەپەر قۇچساڭ،ئاندىن يۆكسەك زەپەر بار،
بىر ئۆتەڭدە تۇروپ قالما،تېخى نۇرغۇن سەپەر بار.
كىچىك پېئىللىق ئەزەلدىنلا ئەلگە ياققان شەربەتتۇر،
مەغرۇرلۇقنىڭ قات-قېتىدا شەيتان بىلەن زەھەر بار.
سەن ئاتاڭنىڭ گۆھىرىسەن،سەن ئاناڭنىڭ گۆھىرى،
ئەل -جامائەت ئەزىز بىلگەن سەندىن كاتتا گۆھەر بار.
كەمتەرلىكتە غاپىللىققا ئىھتىيات بار-ھەزەر بار،
مەغرۇرلارنى ماراپ ياتقان پالاكەت ھەم خەتەر بار.
مەغرۇرلانما زەپەر قۇچساڭ،ئاندىن يۆكسەك زەپەر بار،
بىر ئۆتەڭدە تۇروپ قالما،تېخى نۇرغۇن سەپەر بار.
قاراتۆننى روپاش قىلغا چ ھۆسنى نۇرلۇق سەھەر بار،
ھەربىر تۆننىڭ ۋۇجۇدىدا يورۇق تاڭدىن خەۋەر بار.
2013.8.27
بالىلىقىڭغا قېنىۋال،بالام
قاسىم سىدىق
بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ،
بالىلىققا ئالساڭچۇ قېنىپ.
چاپايمىكىن قۇياش كەينىدىن،
بالىلىقنى قوغلاپ ئات سېلىپ.
مەن قانمىغان ئەللەيلەر قېنى؟
مەن قانمىغان ۋاللەيلەر قېنى؟
چۈشۈپ قاپتۇ كۆكسۈمگە ساقال،
قانداق تاپاي مەن ئەمدى سېنى؟
مەن زارىققان لەگلەكلەر نەدە؟
ساددا،سەبىي تىلەكلەر نەدە؟
بەختىمگە پال تۆتقۇلاق نەدە؟
ئىسىت،مەسۇم يۈرەكلەر نەدە؟
قېنى،ئاتام ھاپاشلاشلىرى،
قېنى،ئانام باغاشلاشلىرى،
قاندۇرمىغان مېنى ھەممىگە،
بۇ ھاياتنىڭ چامپۇتلاشلىرى!
زاكامدىلا قېرىغان ئىدىم،
بىھۇدىلا خورىغان ئىدىم.
تەغدىر شۇنداق،تاغدەك توپاننى،
مۇشتتەك تۇرۇپ سورىغان ئىدىم.
بالام،ساڭا بىراۋا ئۇ كۈن،
تۈنۈگۈنگە ئوخشىماس بۈگۈن.
قېنىۋالغىن بالىلىقىڭغا،
يۈرىكىڭدە قالمىسۇن تۈگۈن.
خۇشلۇقىڭدا سەن بىلەن تەڭمەن،
تۆگە-تۆگىلەك ئوينار تۆگەڭمەن.
ئوينىغىنا،شادلانسۇن ۋۇجۇد،
ئېرىپ كېتەي،ئۈگە-ئۈگەڭمەن.
بەختلىكسەن تۆتقۇلاقسىزمۇ،
نۇر ئوغلىسەن جىن چىراقسىزمۇ.
ئوينا،بالام،سېنى باغاشلاپ،
بالىلىققا قانايلى بىزمۇ.
مەنبە:ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى،8-يىللىقلار 1-قىسىم
كەلگىنە يار
قاسىم سىدىق
تۈن ئۆتۈر،كۈنلەر ئۆتۈر،كىممۇ ھالىمغا يېتۈر،
كەلمىسەڭ ئاھىم تۇتۇر،كەلگىنە يار.
مېنى ھېجران يىغلىتۇر،ۋەسلىڭ دىلىمنى خۇش ئېتۈر،
كۈلكەڭ جېنىمنى يايرىتۇر كەلگىنە يار.
سەنسىز يۈرەك چاڭقاق ئەجەپ،لەۋلىرىم قۇرغاق ئەجەپ،
مەن ساڭا ئامراق ئەجەپ،كەلگىنە يار.
گۈللىرىم توزغاق ئەجەپ،كەچمىشلىرىم قىرتاق ئەجەپ،
ئارمانلىرىم قايناق ئەجەپ،كەلگىنە يار.
سەنسىز ماڭا جەننەت نېمە،سەنسىز تائام نېمەت نېمە؟
تەلەي،بەخت،دۆلەت نېمە؟كەلگىنە يار.
ھۆرمەت نېمە،ئىززەت نېمە،ئار-نومۇس شۆھرەت نېمە؟
سەنسىز ئەمەستۇر ھېچنىمە،كەلگىنە يار.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2009-يىل1-سان
تەئەججۈپ
قاسىم سىدىق
كۆڭلۈم پەرىشاندۇر ئەجەپ،
ئەقلىممۇ ھەيراندۇر ئەجەپ.
ئۆزى تىلەپ كىرگەن خوتۇن،
قازى-سۇلتاندۇر ئەجەپ.
ئاقمايدۇ قىلغان گەپلىرىم،
تۈگىمەيدۇ ئېيتسام دەرتلىرىم.
ئاخشامقى يار-ئۈلپەتلىرىم،
داتاڭدا شەيتاندۇر ئەجەپ.
كۆڭلۈم پەرىشاندۇر،
مۈلكۈممۇ ۋەيرانىدۇر ئەجەپ.
خۇشپۇراق گۈلشەنلىرىم،
ئەمدى خازاندۇر ئەجەپ.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2009-يىل1-سان
كۆيدۈرمىگىن
قاسىم سىدىق
ئىشقىڭدا قاخشال بۇ ۋۇجۇد،
كۆيدۈرمىگىن،كۆيدۈرمىگىن.
كۆيسەممۇ كۆيگەيمەن پەقەت،
قىيناپ جېنىم،ئۆلتۈرمىگىن.
سىر ئېرۇر بۇ كەچمىشىم،
خۇپىيانە كۆيمىشىم.
تىڭ-تىڭلىسا دۈشمەنلىرىم،
بىلدۈرمىگىن،بىلدۈرمىگىن.
قەلبىم گۈلىستانىڭ سېنىڭ،
باغۇ بوستانىڭ سېنىڭ.
باغىڭنى قىلغىن پەرۋەرىش،
يانتاق-تىكەن ئۈندۈرمىگىن.
سەنچۇن پىدادۇر جانۇ تەن،
ئەي ھورلىقا،ئەي گۈزەل بەدەن.
قىلسا تەمە كۈندەشلىرىم،
سۆيدۈرمىگىن،سۆيدۈرمىگىن.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2009-يىل1-سان
ىزنىڭ ناخشىمىز
قاسىم سىدىق
ئەزەلدىن ناخشىچى خەلق بىز،
گاھى خوش، گاھى غەم باسسىمۇ.
زېمىننى تىترىتىپ توۋلايمىز،
ماڭدامدا ئۆلتۈرۈپ ئاسسىمۇ.
بىر چاغلار سادىرنىڭ كۈيىدىن،
يىرتىلغان جاھالەت پەردىسى.
مۇتەللىپ ئاستىدا چەيلەنگەن،
قاراڭغۇ يىللارنىڭ گەجگىسى.
مەڭدىمەي توۋلىغان نوزۇگۇم،
بوينىغا سىرتىماق چۈشكەندە.
قۇياشتەك پارلىغان نازىممۇ،
نوزۇكنىڭ يۇلتۇزى ئۆچكەندە.
مۇبادا ئەينەككە ئوخشاتساڭ،
شائىرنىڭ ئۇلۇغۋار كۆكسىنى.
كۆرىسەن ھەردائىم ئۇنىڭدىن،
دەۋرنىڭ سىياقى-ئەكسىنى.
قارىساڭ تارىخنىڭ بېتىگە،
كۆرىسەن بىر ئۇزۇن ناخشىنى.
ھېچكىممۇ بوغالماس ئەۋجىنى،
ئۇ گويا باھارنىڭ تاشقىنى.
ئانىسىز يېتىمنىڭ كۆز يېشى،
چوكاننىڭ جۇدالىق ھەسرىتى.
قىزلارنىڭ خورلانغان ئىپپىتى،
دېھقاننىڭ بۇلانغان مېھنىتى…
شۇ ئىدى ئۆتكەنكى ناخشىلار،
ھەر مىسرا مۇڭ ئىدى، غەم ئىدى.
ئالەمگە سىغمىغان ئەلەملەر،
ناخشىچى قەلبىگە جەم ئىدى.
ئەزەلدىن ناخشىچى خەلق بىز،
توۋلايمىز مىڭ يىلدىن كىيىنمۇ.
زېمىستان قىشتىمۇ توۋلىدۇق،
باھاردا توۋلىماق قىيىنمۇ؟…
ھەسرەتلىك سەپەر
__ ئوسمانجان ساۋۇت خاتىرىسىگە
قاسىم سىدىق
بىر ئۆمۆر گۈللەرنى كۈيلەپ ياشىدىڭ،
كەتتىڭ گۈللەر سولغان بۇ ئايدا.
بىلمىدىم ياشاي دىدىڭمۇ ئاخىر،
گۈللىرى سولاشماس بىرجايدا….
بەلكىم ،سېغىنغانسەن بوتا كۆزۆڭنى،
بەلكىم چىللىغاندۇ سېنى ئەشۇ گۈل.
يۇقاتتىمغۇ سەپىرىڭدىن ئۆزۆمنى،
سېنى ئەگىشىپ كەتتى بۇ كۆڭۈل.
2013.10.22
بوران ئىچىدىكى پەرۋاز
قاسىم سىدىق
زارلىمايمەن ،تالمايمەن ئەسلا،
بورانلارغا قارشى قاقسام پەر.
راۋان يوللار لەزەتسىز ماڭا،
ئۆگەنگىنىم خەتەرلىك سەپەر.
خەتەرلەردە روھىم بەھۇزۇر،
مەن مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر ئەر!.
زەڭگەر ساما، تىنىچ سەپەرلەر،
مىنىڭ ئۈچۇن ھاقارەت -خورلۇق.
ھەتتا،ئوغۇل تۇغقان ئانامنىڭ ،
تۇز-ھەققىگە قىلغان ئوغورلۇق.
زۇلمەتتە نۇر ئىزدىگەن ئۆمرۆم،
نۇرنى قۇچقان دەملەردىن نۇرلۇق!..
مەڭدىمەيمەن،قوروقمايمەن ئەسلا،
بورانلارنىڭ تەھلىكىسىدىن.
تەپەككۇرنىڭ جاڭگاللىرىدىن،
“مەنتىق”لەرنىڭ ئۆتكۈربسىدىن،
تامايىم يوق خانىقالارنىڭ ،
نىسىۋىسىدىن،
دىمىدىسىدىن……
روھىم ئۇلۇغ، جىسمىم تاغ سۈپەت،
راھەتكە گال، مېھنەتكە دادىل.
ماڭاخاستۇر قەھىرلىك دېڭىز،
ئەۋلادقا خاس نۇرانە ساھىل.
ئەزۋەيلىمە،بىچارە بوران،
بىلىسەنغۇ مەن سەندىن جاھىل؟!…
1998.3.27
بەغەرەزلەرگە
بايانىڭغا دەلىل كۆرسەت،دەلىلسىز يايمىغىن پىتنە
ساڭا قىلدىم دىمە ھەرگىز،خەلق قازى،جاھان ئۇتنە.
ئەگەر بىر سىرنى يەشمەككە ناقابىل كەلسە ئىدراكىڭ،
بۇ ئىشنى قابىلى قىلسۇن ،سۈكۈت قىل،چەتنىگىن-چەتنە!
ئەگەر جەرراھ بولۇر بولساڭ، جاراھەتنى تېپىپ تىغ ئۇر،
ماڭا لازىمكى بۇ سايمان، قىلىپ بولغان مىنى خەتنە!….
2015.1.8
«ئىڭڭە» ساداسىدەك جۇشقۇن سادا يوق،
تەۋەللۇتتەك كاتتا سۈرەت-نەما يوق.
ساماۋى دۇنيادۇر ئانا ئىڭرىشى،
ئۇنىڭسىز ئەۋلىيا يوق -ئەنبىيا يوق!
_ قاسىم سىدىق روبائىلىرىدىن
رىزۋانگۈلنى ياد ئەتتىم
قاسىم سىدىق
(ناخشا تېكسىتى)
رىزۋانگۈلنى ياد ئەتتىم،
ئۇ ئۆسكەن گۈزەل يۇرتتا.
ئىزىنى تاۋاپ قىلدىم،
ئۆرتەندى يۈرەك ئوتتا.
نۇزۇك دار بىلەن كەتتى،
ئىپپەت-ئار بىلەن كەتتى.
رىزۋانگۈل ئاكوپلاردا،
ئىپتىخار بىلەن كەتتى.
بوينى كېسىكتە چاپقان،
مايىمخاننىڭ بوينىنى.
كەڭ ئاچقاندۇ رىزۋانغا،
ئۇ ئالەمدە قوينىنى.
ئېگىچە -سىڭللارنىڭ،
ياتقان يېرى رىزۋاندۇر.
ئىپپەت ھەم غۇرۇرىنى،
قوغدىغان چىن ئىنساندۇر!.
2015.1.14
شېئىر بىلەن سۆھبەت
قاسىم سىدىق
شېئىر، ساڭا ئامراقمەن ئەجەپ،
دەرت تارتساممۇ ئامراقلىغىمدىن.
بىلىسەنغۇ ئامراقلىغىمنى،
كېچىلەردە ئويغاقلىغىمدىن.
قانچە تۈننى ئۆتكۈزدۇق شۇنداق،
سېنىڭ بىلەن مۇڭلۇق سىردىشىپ.
سەن نەقەدەر گۈزەل ۋە ئوماق،
قانمىدىمغۇ شۈنچە چىرمىشىپ.
ئەي ئامرىقىم،يۈرەك باغرىمنىڭ،
قىيامەتلىك ھالال جۇپتىسەن.
نۇمۇسۇمنىڭ گۈزەل ھۆسنىسەن،
ھىسلىرىمنىڭ يالقۇن-تەپتىسەن.
ئاھ،بىرزامان قىسىلدىڭ شۈنچە،
خۇنخورلارنىڭ دىتىغا ياقماي.
مېنىڭ بۆۋەك تۇيغۇلىرىمنى،
ئېقىنىڭدا ئوينىتىپ ئاقماي.
تۇتمىدىڭسەن چۈنكى قۇلاقتا،
ئۇ زاماننىڭ تەلەپلىرىنى.
«بەتتە-پولو» دېمىدىڭ ھەرگىز،
ئاداپ بىلەن ھەلەپلىرىنى.
دەردكە ئىلپەت بولساڭمۇ مەيلى،
خەندە ئۇرۇپ كۈلۈپ بەرمىدىڭ.
ئاچ قوساققا سېسىق كىكىرىپ،
كاناي-سۇناي چېلىپ بەرمىدىڭ.
يىرتقۇچلار قىلسا جاللاتلىق،
سائادەت دەپ قىلمىدىڭ پەداز.
يالىمىدىڭ تاۋاق ۋە يالاق،
كۈچۈكلىنىپ كۆرسەتمىدىڭ ناز.
تەستەك تەگدى شۇڭا مەڭزىڭگە،
شۇسەۋەپتىن گېلىڭ سىقىلدى .
شۇ سەۋەپتىن كۆزۈڭ ئويۇلدى ،
باشلىرىڭدا ياڭاق چېقىلدى.
لېكىن ئەۋزەل بىلدىڭ شۇندىمۇ،
چىن قايغۇنى يالغان كۈلكىدىن،
بىلدىڭ نۇمۇس بولماقنى ھامان،
ھارام زادە، قېرى تۈلكىدىن.
***********************
رىيازەتتە كەتمىدىڭ ئۆلۈپ،
ياشىدىڭ سەن يەنە مەردانە.
باقماي قويدۇڭ زامانغا ھەرگىز،
باقمىسىمۇ زاڭا زامانە.
بولساڭ گاھى روھىمدا قۇدرەت،
گاھى بولدۇڭ ئىلكىمدە ياراق.
گاھى تۈننى يورۇتقان مەشئەل،
گاھى مەنزىل قوغلىغان بايراق.
گاھ تۆكۈلۈپ كۆزدىن ئۇنچىدەك،
ئايلاندىڭ سەن ياقۇت تىزىققا.
گاھ ھايقىردىڭ يارىدار شىردەك،
نەرىلىرىڭ كەتتى ئۇزاققا.
***********************
كۆز كۆرگەننى كاللا ئويلايدۇ،
ئويلىغاننى سۆزلەيدۇ ئېغىز.
زەھەر يېدىم دىمەيدۇ ۋىجدان،
چايناپ تۇرۇپ ناۋات ۋە مېغىز.
شېئىر، ئەمدى كۈلگىن قاقاھلاپ،
مەنمۇ سېنىڭ كۈلكەڭگە رازى.
قالسۇن ئەيىپ تاپالماي بىزدىن،
تارىخ كېيىن بولغاندا قازى…
1981-يىلى،فېۋرال.
قارا كۆز لىرىكىلىرى
قاسىم سىدىق
1
كىرپىكلىرىڭ نەم بولسا،پۇچۇلىنار يۆرۆگۆم،
ئازاپلىما ئامرىغىم،ھەر دەقىقە كۆلۆپ يۆر.
كۆلكە كۆرمەك كۆزۆڭدە مېنىڭ ھەر چاغ تىلىگىم،
يۆرەكتىكى ئەسۋەمنى كۆلكەڭ بىلەن ئىلىپ يۆر.
كۆزۆڭدىكى كۆلكىلەر دەرىتلىرىمنى ئەملەيدۇ،
لىۋىڭدىكى شىۋىرلاش سۆيگۆ چېيى دەملەيدۇ.
پىيالەڭدە لەۋلىرىم تۆنەپ قالسا بىر ئۆمۆر،
شاتلىقلىرىم كۆۋەجەپ،قايغۇلىرىم كەملەيدۇ.
كۆزلىرىڭدە دۇنيا بار،شۇنچە سىرلىق،پايانسىز،
قاراغىڭغا مۆكۈنگەن قارا مۇدەن سىماسى.
نەپەسلىرىڭ يالقۇنلۇق،تاش ئىرىيدۇ تەپتىدە،
ھاياتىمنىڭ قوياشى بىرجىلۋەڭنىڭ زىياسى.
جىلۋە قىلغىن ئەي دىلبەر،قارا كۆزۆڭ پارلىسۇن،
ھەسرەت يۇتقان نىگاھلار قىسقارتىدۇ ئۆمۆرنى.
ئارمانلىرىم ئالدىڭدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن،
ئۇلاپ كەلگەن مۇھەببەت دەۋىرلەرگە دەۋىرنى.
جىلۋە قىلغىن قارا كۆز،ھەسرەتلىرىڭ ئاپەتتۇر،
قارچۇغىدىن كۆزۆڭنىڭ قامۇسلارنى قازايمەن.
ھەر بىر جىلۋەڭ ئازدۇرار،ئىشقىنامە يازدۇرار،
شېرىن ئىكەن بۇ سەۋدا،مەيلى ئازسام ئازايمەن!
2015.11.24
2
قارا كۆزلەر قايغۇرسا جاھان ماڭا قاراڭغۇ،
چۈنكى مېنىڭ قەۋمىممۇ تەڭدىن تولا قارا كۆز.
قىلماڭ ھەرگىز كۈندەشلىك،زەڭگەر كۆزلۆك ھەمشىرەم،
دېڭىزلارغا شۇڭغىسام سىز بولىسىز پانا كۆز.
دېيەلمەيمەن ئۆمرۆمدە زەڭگەر كۆزنى سۆيمىدىم،
زەڭگەر كۆزلەر قېتىدا يەنە تونۇش قارا بار.
كۆلدۆرگەنمۇ شۇ قارا،ئۆلتۆرگەنمۇ شۇ قارا،
قارا بولغاچ ھەسرەتلىك يۆرۆگۆمدە يارا بار.
يوقۇلىدۇ قاچانمۇ قارا كۆزنىڭ ھەسرىتى،
ئانىسىمۇ بۇ كۆزنىڭ زىمىندىكى بۇلاقلار؟
كىرپىكلەردە شەبنەم بار،سوغۇق ھەمدە سۈكۈتلۆك،
شەبنەملەرگە لىق تولغان ئەشۇ ئوماق زىناقلار.
يوقۇلىدۇ قاچانمۇ ،قاراكۆزنىڭ ھەسرىتى؟،
زەڭگەر كۆزلۆك ھەمشىرەم كۆلگىنىڭدە ئويلاپ قوي.
قارا كۆزنى ئايلىنار بۇ دۇنيانىڭ تۆھمىتى،
ئەجدادىمىز بىرتىغۇ،ئۆتمۆشۆڭنى بۇيلاپ قوي!…
قارا كۆزگە چۈشكەنمۇ بۇ جاھاننىڭ ئالۋىڭى؟،
ئالۋاڭلاردىن مۆك بولدى قارا كۆزلۆك دىلبىرىم.
مەن يىغلايمەن دىلبەر دەپ،دىلبەر يىغلار مەن ئۈچۈن،
يىغا بىلەن ئۆتەمدۇ،مېنىڭ قىسمەت تەقدىرىم؟!
كۆرۆنگەنمۇ قارا كۆز بۇ جاھاننىڭ گالۋىڭى،
گالۋاڭلارنى ئەپلەشكە بېرىلگەنمۇ ئىجازەت؟
جاۋاپ بەرگىن ئەي قۇرئان،جاۋاپ بەرگىن ئەي ئىنجىل،
جاۋاپ بەرگىن ئەي تەۋرات،مۇشۇنداقمۇ “ئادالەت”؟!
…….
قارا كۆزۆم قايغۇرما،تەئەججۆپلۆك كۆلۈپ قوي،
“ئۆتۆپ كېتەر ھەممىسى”…بۇئىسكەندەر مىراسى.
كىم تاشلىدى كىم سۆيدى،كىملەر سادىق كىم ئاسى؟،
كۈلكىلەرنى مات قىلار يىغىلارنىڭ قىساسى!
2015.11.24
3
ئەي قاراكۆز،قارا كۆز، ئوتلۇق نەزەر تاشلىما،
ئۇنىڭسىزمۇ يېتىدۇ تارتىۋاتقان سىتەملەر.
ئالۋۇن بولۇپ مۇھەببەت دەشىتلىرىگە باشلىما،
مېنى تالاي چۈللەردە تاشلاپ كەتكەن سەنەملەر.
نىگاھىڭدا سۆيگۆ بار،لىكىن لېۋىڭ سۆكۈتتە،
تۇرارتىلىڭ لامۇ- جىم،پەقەت كۆزۆڭ پىچىرلار.
پىچىرلاشلارقىينايدۇ،ئۇمۇندۇرۇپ دىلىمنى،
ئۆزۆم تەنھا،قولۇمدا قېرى قەلەم غىچىرلار.
ئۇمۇندۇرسا كۆزلۆرۈڭ،لېۋىڭ سالار گۇمانغا،
چىقمىغاچقا بىر تەستىق،كۆزۆڭدىكى ئوتلارغا.
كۆزلۆرۈڭگەئالدىنىپ،تۇتقۇزسام مەن قەلبىمنى،
سېتىۋىتىپ قالارمۇ گىلاس لېۋىڭ ياتلارغا؟…
كۆزۆڭ بىلەن لېۋىڭنىڭ تۇتقان يولى بىر ئەمەس،
بىلەلمىدىم سەن ئۆزەڭ ئىككىمىسەن،بىرمۇ سەن؟
گاھى نازغىپ گاھ بازغىپ قويمۇدۇڭ ئەس-ھوشۇمنى،
شەيتانلارمۇ تەلمۆرگەن قالتىس ھۆنەر-سىرمۇ سەن؟!
كۇزۇڭدىكى ئوتلۇرۇڭ ئۈمىد بەرگەن،كۆيدۆرگەن،
ئوتلۇرۇمغا سۇسەپتى لېۋىڭدىكى سۆكۈتلەر.
چاڭقاقلىقنى باسقىدەك تاپالمىدىم بىر جۈملە،
ئىنشالىرىڭ گىرىمسەن، لىكىن سانسىز چېكىتلەر…
تەنھالىقتا قولۇمدا قېرى قەلەم غىچىرلار،
سىياھدانى يۆرۆگۆم — ئەنسىز-ئەنسىز تىپىرلار.
ئوپۇغۇمدا بىر ئۈمىد ئۆچۈپ- يېنىپ جىمىرلار،
چۈنكى، تىلىڭ جىم تۇرار،پەقەت كۆزۆڭ پىچىرلار…
2015-يىلى 25 نويابىر
مومىيىمغا خەت
(ئۆمۆرلۈك جاپاكەش ھەمراھىم ساھىپىجامال جالالىدىنغا
يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تەقدىم)
قاسىم سىدىق
نېمە ئۈچۈندۇر كۆڭلۈم پەرىشان،
يېڭى يىلنىڭ بۇ ھارپا كېچىسى.
گاھى كەڭرى ئىكەن، گاھى بەكمۇ تار،
ئەجەپ سىرلىق ئىكەن ھايات كوچىسى.
كەڭرى كوچىلاردا تاقلاپ كەتمىدۇق،
تار كوچىلاردا ئالدىراپ ۋايساپ.
چۈشىنىش، ئىشەنچتىن شەربەت تۇتۇشقاچ،
تونۇردا كۆيسەكمۇ ئۆلمىدۇق ئوسساپ…
ھەر قاچان ئىرادە كەمىرى باغلاپ،
سەن ماڭا، مەن ساڭا بولۇشتۇق ھاسا.
يۈكسەك غايە ئۈچۈن تۆلىدۇق بەدەل،
تەتۈر قىسمەتلەرنى جېلە قىپ راسا!…
يىللار كېتىپ قالدى، پۈتۈپ كۆپ ھېكمەت،
كۆمەلمەس ئۆتمۈشنى كېچە ياققان قار.
قار قانچە ياغسۇن، جۇت بولسۇن قانچە،
يۈرىكىمدە ساڭا ساقلاقلىق باھار.
ئۈرۈمچى ئاسمىنى يەنە گىرىمسەن،
ئىلى ئاسمىنىدا كۆرۈنگەندۇ ئاي؟
ئۆرلىگىن پەلەككە ئەي ئايدەك موماي،
ئاسمانغا تەلمۈرەر بىر غېرىپ بوۋاي…
2015.12.31
كۆرسە
قاسىم سىدىق
ئىتلار قاۋاشۇر،كارۋاننى كۆرسە،
كارۋان ئېزىقماس ھايۋاننى كۆرسە.
نادان دەستىدىن داناغا كۈن يوق،
قۇترايدۇ شەيتان ئىنساننى كۆرسە…
نادان تامچىنى ئوكيان دەپ بىلۆر،
دانا تامچە دەر ئوكياننى كۆرسە.
يۇنۇس بېلىقتىن قايتا تۆرەلدى،
ئاقىل پەم قىلور ئىمكاننى كۆرسە…
دانا بىلىمگە تويماس ئەزەلدىن،
نادان داپ قىلور بىر ناننى كۆرسە.
نادان كۆندۆزى چىراقلىق يۆرۆر،
بىر ئەما دانا چولپاننى كۆرسە.
نادان زىكرىدە مەنتىق،ھايا يوق،
دانا ئاھ ئۇرار ناداننى كۆرسە.
ئېچىنار يەنە دانا نادانغا،
ناداننى مىنگەن شەيتاننى كۆرسە!
2016.1.1
كونا ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتسۇن
(ئىسلاھات ئېچىۋېتىش دەۋرىگە بېغىشلايمەن )
قاسىم سىدىق
كونا ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتسۇن ،
قويما ھەرگىز ئۇنىڭغا تىرەك .
غەم-ئەندىشىسىز يېتىپ-قۇپۇشقا
بىزگە ئەمدى يېڭى ئۆي كېرەك .
كونا ئۆيدە قارا باسىدۇ ،
ياتساڭمۇ گەر مامۇق-تۆشەكتە.
بىز سالايلى يېڭى ئىمارەت ،
يېڭى ياغاچ ، يېڭى كىسەكتە .
كارغا كەلمەس ھىچ بىر نەرسىسى ،
بۇ زامانغا ئەسكى تاملارنىڭ .
بىز ئۇنىڭدىن كۆچۈپ كېتەيلى ،
گۆرى بولسۇن پاسىق جىنلارنىڭ .
«يۈرەكئالدى ئەي بولماس» دىگەن ،
تارىخ ھۆرمەت قىلغان ئولۇغ سۆز .
بۇ جاھاندا ئەي بۇلاي دىسەڭ
ئەسكى تامدىن ئۈمۈدىڭنى ئۈز .
مەنبە : «خورەك» ناملىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى
تەبىئەت پەلسەپەسىگە ئائىت روبائىلىرىمدىن
*
تەبىئەت ئەگرىنى قىلسا ئىختىيار،
ئۇنى تۈزلەيمەن دەپ زورۇقماڭ زىنھار.
خۇدا نۇرغا پەيۋەنىد قىلغان ئالەمنى،
بەندە تۈز قىلالماس،توۋلۇشۇپ شوئار!
*
ھەركەت ئۆزى ئەگرى،شۇڭا سەن،مەن بار،
شۇ سەۋەپ سەييارە،كۈللى ئالەم بار.
بالىلار ئوينىغان نۇرنىڭ ئۆزىدە،
پەقەت ئەگرى سىزىق سىزار قەلەم بار!
*
ھەر ھەرىپ تەكتىدە بار شۇنداق ھېكمەت،
قەلەم تۈزلا سىزسا بەرپا بولماس خەت!
“ئالەم”نى يازغاندا “خەتتات”نىڭ قولى،
تەۋرىمەي تۈز ماڭماس،كاللاڭنى ئىشلەت!
*
ساماۋى زەررىدىن پۈتكەن ھەر ۋۇجۇت،
مەيلى سەن مەيلى مەن ۋە مەيلى بىر بۇت.
شۇ زەررە ھەركىتى بولمىسا ئەگرى،
پۈتۈلمىش بىر جايدا بولامدۇ مەۋجۈت؟!
*
بىز تۈزلا ماڭساق تاراپ كېتىمىز،
چېكى يوق مەنزىلگە قاراپ كېتىمىز.
ئورتاق بىر مەركەزنى قىلساقلا دەۋرى،
تارىخ بەتلىرىدە پارلاپ كېتىمىز!
*
بىر تال يەككە ھەرىپ ئاڭلاتماس مەنا،
ئىككى ھەرىپ شېئىر پۈتەلمەس يانا.
مەنتىق مەركىزىدە تالاي ھەرىپنى،
چۈرىگەن قەلەمكەش سانىلور دانا.
*
شېئىر ھەم تەبىئەت بىر جان-بىر تەندۇر،
زىمىنلا ۋەتەنمۇ؟ ـ روھ ھەم ۋەتەندۇر!
ۋۇجۇدۇم زەررىلەر جەمگاھى مەخلۇق،
روھىم جەمگاھتىكى بەرقى گۈلشەندۇر.
*
كائىنات شېئىردۇر،شېئىرىم كائىنات،
جاھاننىڭ ھۆسنىدۇر بۇ بىرجۈپ، ھەيھات!
ئۇلار بىر-بىرسىنى قىلىشار كۆزگۆ،
شۇ تۈستە يېشىلەر سانسىز تىلسىمات.
*
“تۈز”دىگەن بۇ خەتمۇ ئەگرىدىن پۈتۆر،
چاقى ئايلانمىغان سەپەرسىز ئۆتۆر.
ئايلاندى دىمەكلىك ئېگىلدى دېمەك،
ئېگىلمەك ھەممىنى ئۇيۇل-جەم ئىتۆر!
*
نەۋرەمدىن تالىشىپ ئوينىغاندا نۇر،
سۈردۈم مەن ئۆمرۆمدە سۈرمىگەن ھۇزۇر.
كائىنات سىرىنى كۆردۆم ئۇنىڭدىن،
كاتتا تۇنلاردىنمۇ ئەقىل بەك پۇزۇر!
*
نۇر گەردىشىدە ئالەمنىڭ سىرى،
زەرىسى-دولقۇنى….بارچە تەسۋىرى.
بولمىسا ئۇنىڭدا شۇنچىلىك ھېكمەت،
نە قىلسۇن نۇر ئويناپ مەندەك بىر قېرى؟!

