Skip to content

Imprisoned Uyghur bloggers and website owners

Imprisoned Uyghur bloggers and website owners - Uyghur Hjelp - UyghurHjelp

The following Uyghur bloggers and website owners got arrested since 2016. Some of them already got sentenced. They have should not been forgotten.

مەمتىمىن ئەليار

بىلىك تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، 2006-يىلدىكى ئانا تىلنىڭ قانۇنى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپنامە سۇنۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ۋە شۇ يىلى 12 يىللى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئالىم ئەخەت

ئالىم ئەخەت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ كومپىيۇتېر ئوقۇتقۇچسى.

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان تور يازغۇچىسى.

مۇختەر قادىر ھونزادا

بىرھون بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى

نىجات ئازات

شەنبەم تورنىڭ قۇرغۇچىسى، 2009-يىلى ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئەكبەر ئەسەت

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ داڭلىق بولغان باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، باغداش ئېلىكترون شىركىتىنىڭ دېرىكتورى. مەزكۇر تور ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ئەسەرلەرگە ئورۇن بەرگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ساقچىلارنىڭ كۆپ قېتىم ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇ تور 2012-يىلى سىنتەبىردىن 2013-يىلى ئاۋغۇستقا قەدەر ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكتى ھەققىدىكى پىكىرلەرگە ئورۇن بەرگەن. 2012- يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغاندا ئەكبەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھۆكۈمەت باھانە كۆرسىتىپ كۆرۈشتۈرمىگەن. 2013-يىلى باغداش تورى ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى سەۋەپلىك ئۈچ ئاي تەكشۈرۈلگەن ۋە تاقاپ قويۇلغان. ئەكبەر قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار سوراق قىلىنغان. 2016-يىلى يانۋار ئەتراپىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مەخسۇس خەۋەر ئىشلىيەلمىگەن. پەقەت باغداش تورىنىڭ ئابلەت ئىسىملىك باشقۇرغۇچىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئەكبەرنىڭ كاماندۇرۇپكىغا كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. 2015-يىلى 25-ئاۋغۇست ئەكبەر ئەسەت ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە تورنى قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. ھازىر ئەكبەرنىڭ قايسى قاماقخانىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىدۇق.

تۇرسۇنجان مۇھەممەت مارشال

مىسرانىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، تور يازغۇچىسى، تور مۇخبىرى. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇتۇلغان. مىسرانىم، باغداش، بوزقىر قاتارلىق تورلاردا ئىزچىل ياخشى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. 2013-يىلى 21-فېۋرال كورلىدىن قەشقەرگە كېلىپ ئانا تىل بايرىمىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە مۇخبىرلىق قىلغان. 2013-يىلى 19-مارت ئۈرۈمچىدە چاقىرىلماقچى بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قازاق، قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى بىرلەشمە نورۇز پائالىيىتىگە كورلىدىن ۋەكىل بولۇپ كەلگەن. 2013-يىلى 25- ئىيۇن ئانا تىل تەشەببۇسچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۈرۈمچىدە ئاچقان ئانا تىل يەسلىلىرى ھەققىدىكى يىغىنغا مۇخبىر بولۇپ قاتناشقان. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى خىتاي «يەرشارى ۋاقتى» ژورنىلىغا بېسىلغان «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى شەرقى تۈركىستان تېرورچىلارى بىلەن ھەمكارلاشماقتا» دېگەن خەۋەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دېلو ئاقسۇدا تۇرغۇزۇلغان، خەۋەرنى تەرجىمە قىلغۇچى ئاقسۇدا ئىشلەيدىغان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئىسىملىك يازغۇچى ۋە تەرجىمان بولغاچقا ھازىر تۇرسۇنجان ئاقسۇ شەھرىگە قاراشلىق قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

تۇنياز ئوسمان

يازغۇچى ۋە قانۇن تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ «ھەق تەلەپكە دائىر ئەدىلىيەلىك ئىزاھاتلارنى چۈشىنىش ۋە تەدبىقلاش» دېگەن كىتابى 2003-يىلى 11- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇ ئىزچىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ «ئاسپىرانت قىزنىڭ ئۆلۈمىدىن تۇغۇلغان ئويلار»، «دىلولاردىن ئەخلاق كىرزىسىغا نەزەر» دېگەندەك مەشھۇر ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يازغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسى قانۇن كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئادالەتنى ياقىلىغانلىقى سەۋەپلىك قانۇن ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان. تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يەر تەرۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. تۇنىياز ئوسمان 2016-يىلى سىنتەبىردە قولغا ئېلىنغان.

ئادىل رىشىت

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كادىرى، تورچى

ئادىل رىشىت 2011-يىلى شاھتۇر ئىسىملىك بىر توربەت قۇرغان. 2013-يىلى ئىسمىنى بوزقىرغا ئۆزگەرتىپ داۋام قىلغان. ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر مەزكۇر تورنىڭ دائىملىق يازغۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە تەرجىمانى بولغان. مەزكۇر توربەت ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىدە ئىزچىل تەشەببۇسكار بولغان، ئانا تىلنى قوغداشقا دائىر ماقالىلەرنى ئىزچىل ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئانا تىل ھەركىتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرىنىڭ تۇتۇلغان ۋە قويۇپ بېرىلگەن خەۋىرىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلغان. 2016-يىلى 29-مارت سەھەر تۇتقۇن قىلىنغان. نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

قاسىمجان ئوسمان غازى

شائىر. ئاۋانگارت قاتارلىق شىئىرىيەت توربەتلىرنىڭ باشقۇرغۇچىسى. 2018-يىلى سىنتەبىردە 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى دېيىلمەكتە.

سايرامىيە

شائىرلارنىڭ بىرى، تورلاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2018- يىلى سىنتەبىردە 8 يىل كېسىلگەنلىكى دېيىلگەن.

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر

بوزقىر تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، يازغۇچى. 2016-يىلى سىنتەبىردە قولغا ئېلىنغان ۋە 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

قەيسەر ئابدۇكېرىم

بىلىك تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم 20 يىللىق كېسىلگەن. ئىزدىنىش تورىدىكى فوتوگراف نىجات مەمتىمىن 7 يىللىق كېسىلگەن.

نىياز قاھار

ئالتۇن تارىم توربىكەتىنىڭ قۇرغۇچىسى

مەمەتجان ئابدۇللا

ئۇيغۇربىزنىڭ باشقۇرغۇچىسى.

تۇرسۇنجان ھېزىم

ئورخۇن تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى. 2009-يىلى 7 يىل كېسىلگەن. قاماقتىن چىققاندىن كېيىن قايتا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى دېيىلمەكتە.

دىلشات پەرھات

دىيارىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، 2009-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2014-يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ 2017-يىلى قايتا تۇتقۇن قىلىنغان.