Skip to content

Who is Gheni Semet

Gheni Semet With Tahir Hamut Izgil

Gheni Semet is one of the imprisoned poets since 2017, and since then, there has been no news about him. His poems are still popular among the Uyghur diaspora. Gheni Semet was born in 1978 in Maralbeshi, Kashgar. He went to Xinjiang University in Urumqi in 1995, where he studied Uyghur literature for five years. He started teaching in 2001 in Urumqi and became an editor at a literary magazine called “Bulaq”. He was the founder of the first private library called “Menggu Tash” in Urumqi, and after a few years, he had his own bookstore called “Izdinish“.

Gheni Semet was an active writer, student activist, and organizer at Xinjiang University. He was a constant columnist at the newspaper and radio station operated by the University, and his poems attracted many students. He was also an outstanding speaker at the university forums, and his speech “Uyghur’s Punch” influenced and encouraged a lot of Uyghur students. The sentences from the speech became a motto at the dormitories.

Due to restrictions, he published very few essays and poems in literary magazines, preferring social media platforms in Uyghur. His poems were selected in the “Flaming Wheats” (Koyuwatqan Bughday, 燃烧的麦穗), a modernist Uyghur poetry collection published in China. Unfortunately, he was arrested in the fall of 2017, and there is no confirmed news about his situation or where he is being detained.

Gheni Semet in front of His Bookstore
Gheni Semet in front of His Bookstore
Gheni Semet With Tahir Hamut Izgil
Gheni Semet With Tahir Hamut Izgil

Some of his poems on the internet:

 

گۈلساي

غېنى سەمەت

بۇ يەرنىڭ ئىسمى گۈلساي
بۇ يەردە جەسەتلەر گۈلدەك پۇرەكلەيدۇ
مېنىڭ ئۇ يەردە ئۆيۈم بار
قورقماي كېلىۋېرىڭ
بىزگە ئاللا، ئەرۋاھلار يار…

مۇھەممەت باغراشنى يېقىندا كۆمۈپ قويدۇق
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلىنى يوقلىغاچ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىڭ
ئايلىنىپ ئايلىنىپ
مازاردا بىر ياشاپ بېقىڭ

مېنىڭ بىر ئاغىنەم بار
ئۇ مېھمانلىرىنى كەچتە گۈلساي بىلەن مېھمان قىلىدۇ
بىر سوم بولسا كۇپايە
بۇ يەرگە 310-يول ئاپتۇبۇسى كېلىدۇ

بۇ يەردە پوجاڭلار ئېتىلىدۇ
ھەربىيلەر مەشق قىلىدۇ
بۇۋاقنىڭ ھەمرىيى كۆمۈلىدۇ
ئۆلىۋالماقچى بولغانلار ئۆلۈمگە تويىدۇ

ئۈرۈمچىدە بولسىڭىزلا
يا يوقلاپ يا ئۆلۈپ كېلەرسىز
كەلمىسىڭىزمۇ مەيلى
گۈلساي شېھىتلىكى يۇچۇن بىر تارىخقا شاھىت بولۇپ
تا قىيامەتكىچە تۇرىۋېرىدۇ

2014-يىلى 22-مارت، ئۈرۈمچى گۈلساي

ئەسقەرتۇردى

( رەسسام دوستۇم ئەسقەر تۇردىغا بېغىشلايمەن )

غېنى سەمەت

تۈمەن دەرياسىدا داستان تىڭشاۋاتقان بىر ساددا بالا
چوڭ بولمايلا ئايلىنىپ قالاي دېدى ھېراتتىكى بېھزادقا
رەڭ قايناملىرىدا لەيلەپ يۈرۈپ
ئۆزىمۇ سەزمەي كىرىپ قالدى بىر تىلسىماتقا

ئۇ قان بولۇپ ئاققان
دولان مۇقامچىلىرىنىڭ يېرىلاي دېگەن تۇمۇرلىرىدا
سەكراتقا چۈشكەن
ئەتلەس كۆينەكلىك قىزنىڭ پەرۋاسىز قاراشلىرىدا

قاق سەھەردىكى كاززاپ باققاللار
سۇغۇقتىن لاغ-لاغ تىترىگەن جانانلار
چاچلىرىغا يۆگىلىپ ئۇزىغان دەرۋىشلەر
ھېيتگاھتا ساماغا چۈشكەن ھەلقىچىلەر
ئېقىپ چۈشكەن ئۇنىڭ پەلكۈچلىرىدىن
بۈشۈك تەۋرەتكەن ناتىۋان ئانا
ئۇپۇقنى كۆرگەن ئۇنىڭ دەرىزىسىنىڭ رۈجەكلىرىدىن

ئۇ ئۆزىدىنمۇ غېرىب راۋابنى چالغان ئاشىقنىڭ بېقىنىدا
تەڭ توۋلىغان بولغىيمىدى غېرىب كۈيىنى:
‹‹غېرىب بىچارىدۇر كۆڭلۈم،
بىتايىنلىق ماكان ئولماس .
شۇبۇ كۈندە ئۆلۈپ كەتسەم،
خۇنۇم ئەلگە تاۋان بولماس››…؟!

پىغانلىق زېمىننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ
تارتىنىپ تەڭلەيدۇ مۇھەببىتىنى
بوياقلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ
باشىغا كەلگەن كۈلپەتلىرىنى

ئۇ ئاڭلايدۇ ئۆستەڭ بويىدا
بىر دېھقاننىڭ ‹‹ ئادارگۈل ›› ىنى
ئۆز قەلبىدە ئېزىقىپ تۇرۇپ
تاپار ئاخىر مەشرەپ چۆلىنى

قېنى دوستۇم ئىچىۋەتكىنە
پەريادلاردىن ياسىدىم بىر جام
بەندىگە خاس ياشاپ باقىمىز
بىر خۇدالا ئەڭ ئۇلۇغ رەسسام

2014-يىلى3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى

 (ناخشا سۆزى) «مۇھەببەت سوراپ»

شېئىرى : غېنى سەمەت ، ئىسكەندەر سەمەت
ئاكوردلاشتۇرغۇچى : مۇراتجان مۇختەر
دىكلىماتسىيدە : مەۋلۇت ئىبراھىم
﹎﹎﹎
ئەللەيدىن دىلىمغا مۇھەببەت تاراپ
جان ئاتا-ئانامنىڭ باغرىدا يايراپ
بارىنى بەرسىمۇ يەنە مېھرىگە
قانالماي كەلدىم مەن
قانالماي كەلدىم مەن مۇھەببەت سوراپ
سەنئەتكە باغلانغان رىشتىمنىڭ تارى
ئىشقىدا داغلانغان يۈرەكنىڭ بارى
بولاي دەپ سەنئەتنىڭ چىن ۋاپادارى
گۈلخاندا كۆيدۈم مەن
گۈلخاندا كۆيدۈم مەن مۇھەببەت سوراپ
ھەر سەھەر ناخشامدىن ئويغانسا جاھان
ھەر سەھەر ناخشامدىن تولغانسا جانان
ھەر سەھەر يۈرەكتە بېخلانسا ئارمان
گۈل تىزىپ كەلدىم مەن
گۈل تىزىپ كەلدىم مەن مۇھەببەت سوراپ
مېھرىڭدىن قەلبىمگە ئوت ياقتىڭ سەنئەت
پەرۋانەڭ يولىغا نۇر چاچتىڭ سەنئەت
ئالقىشلار، تىلەكلەر مەن ئۈچۈن مەدەت
سەنئەت دەپ ياشايمەن
سەنئەت دەپ ياشايمەن
سەنئەت دەپ ياشايمەن مۇھەببەت سوراپ

Ben Bir Kovalanan

* Gani Samet *

Türkçe çeviri: Enver Hamit *

 

Yağmur gibi zamansız damlayışı

Kurak teni kırbaçlar

Can alıcı gözleri

Her gecenin kalbini kırar *

Unutmak mümkün mü?

Gönlü ezip geçen adımlarını?

Unutmak mümkün mü?

Melek gibi yüzü gülse de

Cadı gibi elemlerini?

* Büyük bir ihtimam göstererek kendini

Onun kalbine sürgün ettiğinde

Elinin ucuna bile dokunamadan

Yüreğin delik deşik delindiğinde

Rüyalarından da kovalanıp

Nezaketinden daha sahte içkilerde boğulduğunda

Bilmemiş miydin?

Muradın çoktan evinin yanındaki mezara

Masallara defnedildiğini?

Bilmemiş miydin,

Aşkın zulüm, sitemlerini? *

Sen Aşkın müzik gibi seslerini bekleyip

Onun pervasız seslerinden kovalanansın

Kendi elinden pilav yemeyi isteyip

Aksu① pirinci gibi dağılansın

Sükûnetlerden medet umup

Kendi kendine konuşansın

Hasta anneni şad etmek isteyip te

Sene 2013 ten tamamen kovalanansın

Tanışalı bir sene olan bu günde

Gururunu ateşe verip şiir yazansın!

Elveda!

Sevimli rüyalarım

Ben sizi unutacağım

Elveda!

Sevgilim

Ben adını hiç unutmayacağım!

1 Şubat 2014 Urumçi

* Türkçe çeviri: Enver Hamit

① Aksu, çok kaliteli pirinç yetişen bir bölgedir, aynı zamanda şairin aşk olduğu kızın memleketidir. …

مەن -بىر قوغلاندى

* غېنى سەمەت *

يامغۇردەك بىمەھەل تامچىلىشى

قاقشال تەننى قامچىلايدۇ

جاننى ئالغۇر كۆزلىرى

ھەر كېچىنى ئازابلايدۇ *

ئۇنۇتماق مۇمكىنمۇ

كۆڭۈلنى دەسسەپ ئۆتكەن قەدەملىرىنى ؟

ئۇنۇتماق مۇمكىنمۇ

پەرىشتىدەك كۈلۈپ تۇرسىمۇ

جادىگەردەك ئەلەملىرىنى ؟! *

ئۆز-ئۆزۈڭنى ئاۋايلاپ يۈرۈپ

ئۇنىڭ قەلبىگە سۈرگۈن قىلىنغاندا

قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتالماي

يۈرەك-باغرىڭ تىلىنغاندا

چۈشلىرىدىن قوغلىنىپ تۇرۇپ

تەكەللۇپلىرىدىنمۇ ساختا مەي-شارابقا چىلانغاندا

بىلمىگەنمىدىڭ

ۋىسالنىڭ ئاللىقاچان ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى قەبرىستانلىققا

چۆچەكلەرگە دەپن قىلىنىپ كەتكىنىنى ؟ !

بىلمىگەنمىدىڭ

كۆيۈكنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرىنى؟

* سەن مۇھەببەتنىڭ مۇزىكىدەك شىۋىرلاشلىرىنى تەمە قىلىپ

ئۇنىڭ پەرۋاسىز ئاۋازىدىن قوغلانغۇچى

قولىدىن پولو يېيىشنى ئىستەپ

ئاقسۇ گۈرۈچىدەك چېچىلغۇچى

سۈكۈتلەردىن مەدەت تىلەپ

ئۆز-ئۆزۈڭگە سۆزلىگۈچى

كېسەلچان ئاناڭنى خۇش قىلاي دەپمۇ

2013-يىلىدىن تەلتۈكۈس قوغلانغۇچى

تونۇشقىلى بىر يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە

چاكىنىلىشىپ شېئىر يازغۇچى *

خەير،

سۈيۈملۈك چۈشلىرىم !

مەن سىلەرنى ئۇنۇتۇپ كېتىمەن

خەير،

قىزچاق !

مەن ئىسمىڭنى ئۇنۇتۇپ قالمايمەن…

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى

كەتتىم
( خەلق قۇشاقلىرى ئىزىدىن )غېنى سەمەت

قىز لېۋىدەك يۇمران خىياللار،
دوستلىرىمدەك تۇزىدى، كەتتى.
ئاچ قوينۇڭنى شاراب، جانانلار،
ماڭا ئەجەپ غېرىبلىق يەتتى.

ئېغىر-ئېغىر تىنغان جانانلار،
دەردىمگە دال بولالماس بەلكىم.
ئاچچىق-ئاچچىق يۇتقان شارابلار،
پىغانىمنى ئالالماس بەلكىم.

شاماللارغا سوزدۇم قولۇمنى،
پاناھىغا ئالارمىكىن دەپ .
قەبرىستانغا ئالدىم يولۇمنى،
مۇردا بىلەن ياتايمىكىن دەپ.

پىلەك تارتىپ ياتقىلى نە ۋاق،
سويماممۇ ھېچ قوغۇن بولمىدى.
‹‹ ئادارگۈل ›› گە توۋلىدىم ئۇزاق،
بىر مۇساپىر سوراپ قويمىدى.

دەرۋىشلەردىن خەۋەر ئالالماي،
ساراڭلارغا ئەگىشىپ باقتىم.
ساراڭلاردىن ساراڭ تاپالماي،
يەنە ساقلىق دەردىنى تارتتىم.

چېكىپ باقتىم ھەسرەتمىكىن دەپ،
ھەسرىتىممۇ ھەسرەتتەك ئەمەس.
ياقا تۇتتۇم ھەيرەتمىكىن دەپ،
لېكىن، ھېچكىم توۋىمۇ دېمەس.

بېرىپ باقتىم باياۋانلارغا ،
ئۇچرىمىدى گۈل تۈگۈل يانتاق.
چىداش ئاسان ھەر بالالارغا،
ئۈمىد ئۈزدۈم ئۈمىدتىن بىراق.

2012-يىلى15-نويابىر، ئۈرۈمچى