Tursunjan Emet is a poet, public intellectual and writer. His famous poem blooded Nahun got strong influence among the readers and because of the pome being presented at the Tembur Music Night in January 2001, the musician Nurmemet Tursun being fired, following days political re-education started entire Uyghur cities, universities, schools, medias and publishing houses.
Tursunjan Emet was born 1955 in Ghulja, northern part of Uyghur Homeland. He published his poems on Ili Rivier, Ili Evening and Tarim. He had written lyrics, and they got popular among his Uyghur readers.
Tursunjan Emet got arrested first time in 2001, when he was first detained for reading an Uyghur poem at a New Year’s party in the Urumqi People’s Hall on January 1. His poem was interpreted by officials as being “against the people and advocating separatism”. He was detained and released a number of times since. He got detained in 2008, when the Olympic torch passed Urumchi.
Tursunjan Emet was detained in September or September of 2018. At first, he was being detained in Ghulja, then transferred to a camp in Urumqi called Midong detention center, which was built in Midong District, Urumchi.
On September 14, 2020, he was allegedly trailed for reading the poem in 2001, and sentenced 12 years prison accused of “inciting separatism”.
This is his poem Blooded Nahun (alternate link, alternate link) in Turkish and Uyghur:
Kanlı Nahun
(Tursuncan Emet) İnlemeden utanıyordu Güneş, Nahundan aktı samadan kan yaş. Izdırap dertle doldu dunyanın bağrı, Ne tende can kaldı, ne canına katlanmak. İnledi Uygur’un bağrında nale, Sazların ızdırapı Allah’a sırdaş. Vurulan tel değil, tan da ağlamak, Bağrında ateş yandığında erir Taş. Nasıl sığar göğsüne şu sada, Söylesene, bağrın kimle bundaş. Basılan perdeye baş koymak geliyor, Tövbe! hay ağlamadan duran Güneşe. Örülen zincirdur ecdad ve evlad, Teşvişler kıyafeti kan ile renktaş. Işınlanma mümkün mü ecrinden dünya, Bu sanat değil ki, vicdannı boyamak. Görüyorum hiyelen tırnakların kan, Bir tenha kıyafetin tanda ki inilti. Titriyor tellerde hesretin sesi, Bu feryada kimler yad, kimler kaderdaş. Sayısız tellerni halkın için vur! Bil ki ey dünya, budur yaşamak! |
قانغا بويالغان ناخۇن تۇرسۇنجان ئەمەت نالەڭدىن خىجالەت ئىلكىدە قۇياش ، ناخۇندىن تۆكۈلدى پەلەكتىن قان ياش . مۇڭ بىلەن خۇن بۇلدى زاماننىڭ باغرى ، نە تەندە جان قالدى ، نە جانغا چىداش . ئىڭرىدى ئۇيغۇرنىڭ باغرىدا نالە ، كۆيلىرىڭ پىغانى ئاللاھقا سىرداش . چېكىلگەن تار ئەمەس تاڭدىكى يىغا ، باغرىڭدا ئوت يانسا ئېرىپ كىتەر تاش . قانداقمۇ سىغقاندۇ كۆكسىڭگە شۇ مۇڭ ، ئېيتقىنكى، باغرىڭ كىم بىلەن مۇڭداش . بېسىلغان پەدەڭگە باش قۇيغۇم كېلۇر ، توۋا دەي يىغلىماي تۇرۇپتۇ قۇياش . چىتىلغان زەنجىردۇر ئەجداد ۋە ئەۋلاد ، تەشۋىشلەر سىياقى قان بىلەن رەڭداش . نۇرلىنىش مۇمكىنغۇ ئەجرىڭدىن دۇنيا ، سەنئەتتۇر ئەمەسكى، ۋىجداننى بوياش . كۆرىمەن خىيالەن تىرناقلىرىڭ قان ، بىر تەنھا سىياقىڭ تاڭدىكى ئىڭراش . تىترەيدۇ سىملاردا ھەسرەتنىڭ ئۈنى ، بۇ مۇڭغا كىملەر يات كىملەر تەغدىرداش . ساناقسىز سىملارنى خەلقىڭ ئۈچۈن چەك ، بىلىپ قال ئەي دۇنيا ، مانا بۇ ياشاش . |
Another lyrics A Sculptor:
作词:吐尔逊江•艾买提
作曲:如孜•阿布都瓦利
雕塑精梳
不会平息的,我心里不舒服。
把我的眼睛献给你
不会平息的,我心里不舒服。
把我的眼睛献给你
你就给我看你的脸。
希望有机会看你啊!
有机会看你。
你就给我看你的脸。
希望有机会看你啊!
有机会看你。
哎
有机会看你。
音乐
你不给我看你的身材。
我再也忍不下去了。
你不给我看你的身材。
我再也忍不下去了。
我想做你的雕像
哭着去梳雕像
哭着去梳雕像。
我想做你的雕像
哭着去梳雕像
哭着去梳雕像。
哎,,。
哭着去梳雕像。
哎,,。
|
سۆزى :تۇرسۇنجان ئەمەت
مۇزىكىسى: روزى ئابدۇۋەلى
بېسىقمايدۇ كۆڭلۈمدە غەۋغا
كۆزلۈرۈمنى ساڭا ئاتاشقا
بېسىقمايدۇ كۆڭلۈمدە غەۋغا
كۆزلۈرۈمنى ساڭا ئاتاشقا
جامالىڭنى كۆرسەت شۇ ئەسلا
نىسىپ بولسۇن ساڭا قاراشقا ئەي…………
نىسىپ بولسۇن ساڭا قاراشقا
جامالىڭنى كۆرسەت شۇ ئەسلا
نىسىپ بولسۇن ساڭا قاراشقا ئەي…………
نىسىپ بولسۇن ساڭا قاراشقا
ئەي ………………………ئەي……………………
نىسىپ بولسۇن ساڭا قاراشقا
كۆرسەتمىسەڭ زىبالىغىڭنى
تاقىتىم يوق ئەمدى چىداشقا
كۆرسەتمىسەڭ زىبالىغىڭنى
تاقىتىم يوق ئەمدى چىداشقا
ھەيكىلىڭنى ياسىتاي دىدىم
يىغلاپ بىرىپ ھەيكەل تاراشقا ئەي………………
يىغلاپ بىرىپ ھەيكەل تاراشقا
ھەيكىلىڭنى ياسىتاي دىدىم
يىغلاپ بىرىپ ھەيكەل تاراشقا ئەي………………
يىغلاپ بىرىپ ھەيكەل تاراشقا
ئەي ……………………ئەي………………………
يىغلاپ بىرىپ ھەيكەل تاراشقا
ئەي ……………………ئەي………………………
يىغلاپ بىرىپ ھەيكەل تاراشقا
|
One of his poets To brother Muhemmetjan Rashidin (مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا)
One of his article Nozugum’s tomb is in “a water-melon field” (نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى «تاۋۇزلۇقتا»)
Below is his article A grave with sorrow (When found grave of Nezer Ghoja Abdusemetov a.k.a Uyghur Child):
مۇڭ باسقان قەبرە
چېقىلغان تۇلۇق تاش
تۇرسۇنجان ئەمەت ئىبرەت
«نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتۇۋ (ئۇيغۇر بالىسى)نىڭ قەبرىسىنى تاپقاندا)
مەن80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتۇۋ (ئۇيغۇر بالىسى)نىڭ قەبرىسىنى ئىزدەپ، سۈرۈشتۈرۈپ يۈرگەن ئىدىم. ئۇستازلاردىن، چوڭلاردىن بۇ ئالىمنىڭ قەبرىسىنى جاغىستايدا دېگەن گەپلەرنى تولا ئاڭلىغانمۇ بولدۇم.
كېيىنكى كۈنلەردە، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئالىم ساۋۇت موللا ئاۋۇت ئاكا كېلىپ مەن بىلەن ئەسرالىشىپ قالغان بولدى.
ئۇكىشىنىڭ يەنە بىر نۆۋەت كېلىشىدە (1995-يىلى كەچ كۈزدە) نەزەر غوجىنىڭ ھايات قىسمەتلىرىنى ۋە جاغىستايدا ئۆتكۈزگەن ئاخىرقى ھاياتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن ئىكەن. مەرھۇم ئۇستازىم تۇرسۇن زىرىدىن بۇ ھەقتىكى سۆھبەتكە مېنى لايىق كۆرگەن چېغى، ساۋۇت ئاكىنى ئۆيۈمگەباشلاپ كەپتۇ. بۇ سۆھبەتكە مېنىڭ تاللىنىپ قېلىشىمدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار ئىدى:بىرى، مېنىڭ غۇلجىدىكى بىر قانچە مەدەنىيەت سىمالىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى ئىزچىل ئىزدەپ يۈرگىنىمنى ئۇستازىم تۇرسۇن زىرىدىن خېلى چوڭقۇر بىلەتتى، يەنە بىرى، مېنىڭ موللابىلال ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدە تۇرسۇن زىرىدىن ئاكا ماڭا نۇرغۇن قوليازمىلارنى بېرىپ زور يار-يۆلەكتە بولغان ئىدى. ساۋۇت موللا ئاۋۇت ئاكىمۇ بىر ئۆمۈر موللا بىلال ھەققىدەئىزدىنىپ يۈرگەن ئادەم ئىكەن. ساۋۇت ئاكابىلەن ئەنە ئاشۇنداق ئورتاقلىقىمىز بولغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن تۇرسۇن زىرىدىن ئاكا ساۋۇت موللا ئاۋۇت ئاكىنى ئۆيۈمگە باشلاپ كەلگەنىكەن. ئۇستاز ساۋۇت ئاكا بىلەن تۇنجى سالام-سائىتىمىزنىڭ مۇنداق باشلانغانلىقى يادىمدا:
ـــ مەن سېنىڭ موللا بىلال ھەققىدە يازغان «جاۋاھىرۇل بىلالى» دېگەن يازماڭنى «ئىلى دەرياسى»دىن ئوقۇپ، سېنى تېيىپجان ھادىدەك ياشانغان ئادەم دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم، بالىكەنسەنغۇي، غۇلجىغا كېلىپ، موللا بىلال ھەققىدە گەپ بولسا تولا ئادەم سېنى كۆرسەتكەن ئىدى، بۈگۈن نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتۇۋ (ئۇيغۇربالىسى) توغرىسىدا گەپ بولۇۋېدى، يەنە سېنى كۆرسىتىپ، تۇرسۇن زىرىدىن ئەپەندى ئۆيۈڭگەباشلاپ كەلدى، سەن قالتىسكەنسەن جۇمۇ!
شۇ كۈنى كەچ تۇرسۇن زىرىدىن ئاكا ئۆيدىن ئۇزاپ، ساۋۇت ئاكا قونۇپ قالدى، چايدىن كېيىن ساۋۇتئاكا ماڭا قاراپ:
ـــ سېنىڭ زۆرۈر ئىشلىرىڭ بولمىسا مەن بىلەن بىر-ئىككى كۈن بىللە بولدە… كېچە ساڭا ئېيتقاندەك نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتۇۋ (ئۇيغۇر بالىسى)نىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، رەسىمگەتارتىپ ئەكەتمىسەم بولمايدۇ، ئۇياقتىكىلەر ماڭا قاراپ تۇرىدۇدە، ـــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ساۋۇت ئاكىنى ئارىغا ئېلىپ بىر ماشىنىدا جاغىستاي يېزىسىغا قاراپ كەتتۇق.بىز نەزەر غوجا كۆمۈلگەن قەبرىستانغا كىرىپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ تۇرۇشىمىزغا يېنىمىزدابېشىغا كۆكۈچ شىلەپە كىيگەن، قولىغا ھاسا تاياق تۇتقان گەۋدىلىك بىر كىشى پەيدابولۇپ قالدى.
ـــھادىل تۆگە، ـــ دېدى يېنىمىزغا كېلىپ توختىغان قۇلاقچىلىق بىر كىشى ۋە يەنە پىچىرلاپ تۇرۇپ، ـــ نەزەر غوجىكامنىڭ قوشنىسى، ـــ دېدى.
ــــنېمە قىلىپ يۈرىسىلەر؟
گەۋدىلىك ئادەم شۇنداق دېگەچ يىرىك، قوپال قولىنى تەڭلەپ ھەممىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتى. شۇئارىدا، ساۋۇت ئاكا گەۋدىلىك ئادەمگە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ:
ـــ مەن ئالمۇتا يەركەنتتىن كەلگەنغۇ، نەزەر غوجىنىڭ بالىلىرى، تۇغقانلىرى شۇ يەردە تۇرىدىغۇ،بىزلەر يەركەنتتە بۇ كىشىنى ناھايىتى چوڭ بىلىمىزغۇ، يېقىندا بۇ كىشىنىڭ نامىنى بىر مەھەللىگە بېرىشنى توختاتقان، مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ كىشىنىڭ تۇغقانلىرى مەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ماڭا قەبرىنى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان، شۇڭا….
ساۋۇت ئاكا قالغان مەقسەت-مۇددىئالىرىنى مۈرە ۋە قول ئىشارەتلىرى بىلەن تۈگەتتى. ھەممىمىزقەبرە ئۈستىدىكى جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدۇق. ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر بولغان بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ تۇپراق توپىسى ئاللىقاچان تۈزلىنىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەتلا بىر دانە سۇنغان تۇلۇق تاش بەلگەن سۈپىتىدە چوقچىيىپ تۇراتتى. قەبرە بېشىدا چوڭلار ئولتۇرغان،ياشلار بولسا ئۆرە تۇرۇشاتتۇق. ساۋۇت ئاكا سۆز ئېلىپ:
ـــ مەن بۇياققا مېڭىشنىڭ ئالدىدا نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتۇۋنىڭ جەمەتلىرى، «دادىمىزنىڭ تۇپراق بېشىدا بىر تەرىپى سۇنغان تۇلۇق تاش بار، شۇنىڭدىن تونىسىڭىز بولىدۇ» دېگەن ئىدى،مانا تۇرۇپتۇ، ـــ دېيىشىگە،
ـــراست، ـــ دېدى ھادىل ئاكا سۆز ئېلىپ، ـــ غوجىكام ئالەمدىن ئۆتكەندە بىز قوشنىلار[1]مۇنۇ تۇلۇق تاشنى كۆمۈپ بەلگەن قىلغان، بۇ يىلنى 95 دېسەك، 43 يىل بوپتۇ.
ھەممىمىزسۈكۈتكە چۆمگەن ئىدۇق. كىمدۇر بىرسى بۇ دەقىقىلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا ئىدى.
كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا، ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مەن بۈگۈن ئالبۇملىرىنىڭ ئارىسىدىن، شۇ چاغدا قەبرە ئۈستىدە تارتىلغان ئىككى پارچە رەسىمنى تېپىپ ئېلىپ، بۇكىچىككىنە ئەسلىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. شۇ چاغدا غۇلجىدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇستاز نەزەر غوجىنىڭ قەبرىسىنى ياساپ قويۇشقا خېلى تەرەددۇت قىلغان ئىدىم. بۇ گەپنى جاغىستايدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئاڭلاپ، رەھمەت بىلەن بىللەئۆزلىرىنىڭمۇ ياساپ قويۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ سۆز كىرگۈزگەن بولدى. راست دېگەندەك،ئاز پۇرسەتتە جاغىستاي جامائىتى ئۇستازنىڭ قەبرىسىگە يادنامىلەر قويۇپ ياساپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
بۇيىلى يەنى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى جۈمە چۈشتىن كېيىن جاغىستايغا يەنە ئۇستازنىڭ قەبرىسىگە مەرىپەتپەرۋەر ئىنىم كامالىدىن ئابلىمىت بىلەن يەنە بىر قېتىم چىقتىم.
كامالىدىن بىلەن ئىككىمىز ماشىنا بىلەن قاينۇققا چىقىپ، قاينۇقتىن ئۇدۇل كېسىپ ئالغان يېڭى يول بىلەن ئۇدۇل جاغىستايغا يېتىپ باردۇق. جاغىستايغا كىرىپ كېلىپ، ھەيرانۇ-ھەسلىكتەئەتراپقا قاراپ قالدىم. مەن يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا كېلىپ كۆرگەن جاغىستايدىن ھېچقانداق بىر نامۇ-نىشان كۆزگە كۆرۈنمەيتتى. ياسىلىپ كەتكەن چەكسىز يوللار، سېلىنىپ كەتكەن مەكتەپ-بازار ھەم دۇكانلار، مەھەللە-مەھەللىلەرگە قاتار تىزىپ سېلىنغان رەتلىك پاكىزە قورۇ-جايلار، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تىزىقلىق تۇرغان ماشىنا،توكسىكلىتلار… مەن سۆيۈملۈك يۇرتىمىز، مەرىپەت ئوچىقى ـــ نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتۇۋ(ئۇيغۇر بالىسى) دەك، ئىمىن تارىختەك، ھوشۇر ئىسلامدەك، خالمۇرات ئۆمەردەك، پەرھات ئىلياستەك زاتلار تەۋۇللۇت تاپقان بۇ ئەزىز يۇرتقا خۇددى ساپ ھاۋاغا تويمىغاندەكتويماي قاراپ كەتتىم. بۇ ئۇلۇغ يۇرتنىڭ ئوي-چوڭقۇرىنى تونالماي تۇرغىنىمىزدائالدىمىزغا چولپان يىگىتىمىز خالمۇرات ئۆمەرنىڭ ئاكىسى كۆڭلى-كۆكسى ناندەك پاكىز،دېھقان دىلمۇرات ئۆمەر سالام قىلىپ كېلىپ قالدى.
بىزدىلمۇرات ئۆمەرنىڭ باشلىشى بىلەن نەزەر غوجا ياتقان قەبرىستانلىققا يېتىپ بېرىپ ئۇستازنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇپ زىيارەت قىلدۇق، رەسىملەرگە چۈشتۇق ۋە رەسىمگە تارتقان بولدۇق.
قەبرىنىڭ يېنىدىن مەكتەپ توپا قېزىپ توشىغان ئىكەن، قەبرىگە خېلى ئېغىر زىيان سالغۇدەك بولۇپ قاپتۇ، ئامال بولسا بۇ ئازگالنى تىندۇرۇپ قەبرىگە زىيان يېتىپ قېلىشتىن ساقلاپ قالسا بولغۇدەك دەپ قالدىم.
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتۇۋ (ئۇيغۇر بالىسى)نىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كىرىپ، كېچە بىر ۋاقىتقىچەقابىل تەرجىمان، ياخشى يازغۇچى، كۆپ قىرلىق زىيالىي ئىنىمىز پەرھات ئىلياسنىڭ«ئىلى تارىخىي ماتېرىياللىرى» دېگەن كىتابقا بېرىلگەن «چىن ئېتىقادلىق ئىنسان» دېگەن كاتتا ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ ماقالىنىڭ بېشىدا مۇنداق قۇرلار يېزىلىپتۇ:
«ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق خىلۋەت ھەم قەدىمىي يېزىلارنىڭ بىرى بولغان جاغىستايدىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قىبلىسىدە، مۇڭلۇق بىر قەبرە بار، ئۇ بوران-شاماللارنىڭ ئۇچۇرۇشى بىلەن تۈزلىنىپ كېتەيلا دەپ قالغان، يان تەرىپىدىكى ئازگالدىن توپا قېزىۋەتكەنلىكتىن قەبرىمۇ ئېچىلىپ كېتىشكە ئاز قالغان. پەقەت ئۇنىڭغا تىكلەپ قويۇلغان قىرلىق تۇلۇق تاشلا ئۇنىڭ بىردىنبىر كۆركى… ئەنە شۇ كۆرۈمسىز قەبرىدە ئۆز زامانىسىدىكى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ باشلامچىسى ھېسابلانغان مەشھۇر ئەدىب، تارىخچى ۋە ئالىم نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتۇف مەڭگۈلۈك كۆز يۇمۇپ ياتماقتا.» [2]
ھاياتلىق دۇنياسىدا، بىزلەرنى سۆيگەن، بىزلەرنى دەپ جان پىدالىق بىلەن ياشىغان، بىزلەر ئۈچۈن ھاياتىنى، جېنىنى، ھەممە-ھەممە نېمىسىنى ئاتىۋەتكەن، بۇيولدا خار ۋە زەبۇنلۇقتا، ئاچ-يالىڭاچلىقتا ياشاپ ئادەملىك قەدىر-قىممەتكە ئېرىشەلمىسىمۇ ۋايسىمىغان ۋە ئەل ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن ئۇلۇغ جان پىدالىرىمىزنى ئۇنتۇمىساق، ئۇلارنى ئاتا-ئانىمىز قاتارىغا قوشۇپ ھەر مەۋسۈملۈك كۈنلەردەقەبرىگاھلىرىنى يوقلاپ، ياد ئېتىپ تۇرساق، ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىكىگە جاۋاب بېرەلەيمىزشۇنداقلا «تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن ئىبارىگە جاۋاب تاپالايمىز.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سەيشەنبە شەھىرى غۇلجا