Tursunbeg Ibrahim Taymas was arrested in 2017 for reasons that are not entirely clear. However, it is known that his writings had put him in danger several times before his official detention.
Tursunbeg was born in 1952 in Akbel village, Yantak town of Mekit county. He graduated from elementary and middle schools in the town before studying at Kashgar Teacher’s School until 1975. He worked as a host, news reporter, editor, and manager at the town’s Radio Station until 1985, after which he became the head of the town’s Cultural Management division. He later obtained a college diploma from Northwest National University in 1990 and worked in the town’s Cultural Relics Conservation Center since 1999 to his retirement.
Since the publication of his very first poem – “To Country’s Pride” in “Kashgar Literature and Art” magazine in 1976, the multi-faceted writer,Tursunbeg was a prolific writer who published more than 600 poems, over 120 long and short stories, and more than 40 scientific or theoretical articles. He also authored several books, including “Destiny” (novel), “The Beauty Hurt by Evil Eyes” (collection of short stories), “Rebellion Of Love” (collection of short stories), “Bitter Announcements” (collection of literary notes), “My Eight Portraits” (collection of poems), “Mekit Sheep” (scientific book), “The Flower with Thorns” (collaborated with others), “The Stubborn Man“, “Nuzugum” (Bilqut Famous People Stories For Children Series), “Meshrep” (Bilqut Famous People Stories For Children Series), “Lutpulla Mutellip” (Bilqut Famous People Stories For Children Series), “Abdurehim Otkur” (Bilqut Famous People Stories For Children Series), and “Uyghur Dolan Muqams” (edited text). His works such as “My Eight Portraits“, “Drinkers’ Song”, and “Human Spring” had a significant impact on the Uyghur community. His essays on history, cultural relics, and social issues also made significant contributions. Tursunbeg received eight prefectural-level literary awards, the “Khantangri Literary Awards” twice, and two national-level writer’s awards. He was also recognized as an outstanding employee multiple times, and his cultural management division was rated as one of the best in the country.
He translated and published several works into Uyghur and was recognized in more than ten encyclopedic lists, including “List of Young and Middle-aged Writers in China”, “Talent pool”, and the “List of Famous Writers and Artists in the World”. Tursunbeg was a member of the National Minority Writers’ Association, a member of the Shura Writers’ Association, Standing Committee member of the Kashgar Prefectural Writers’ Association, and the vice president of the Dolan Writers’ Association.
Some of his books found on internet:
Some of his articles published on various magazines
Some of his poems found on internet:
ئىككى تېكىست
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
مېھرىڭ ئىسسىق نېمانچە
ئوغۇل: ئاي دېسەم بار ئايدا داغ،
سەن كۈندىن تۇغۇلغانمۇ؟
جىسمىڭغا قوشۇپ ئەترە،
نۇر بىلەن يۇغۇرغانمۇ؟!
قىز: گۈل تولامدۇ ھۆسنىگە،
باغۋەن ئەجرى سىڭمىسە.
ئەزىز خەلقىم باغۋەندۇر،
ئەگەر مېنى گۈل دېسە.
ئوغۇل: بال دېسەم بالدىن شېرىن،
قىلغان ھەربىر سۆزلەرىڭ.
ئوت دېسەم ئاتەشكە كان،
ئويناپ تۇرغان كۆزلەرىڭ.
قىز: كۆزۈمگە نۇر، تەنگە روھ،
بەرگەن ۋەتەن ئەمەسمۇ.
ئاڭا سادىق مەندىكى،
ئالغان ھەربىر نەپەسمۇ.
ئوغۇل: باقسام ساڭا، يۈرىكىم،
ئېرىيدۇ بولۇپ شامچە.
ئەي ۋاپادار گۈل يارىم،
مېھرىڭ ئىسسىق نېمانچە؟!
قىز: تامچە بولسا شۇ مېھرىم،
ۋەتەن مېھرى دېڭىزدۇر.
ئانا دىيار تا ئەبەد،
مۇقەددەستۇر، ئەزىزدۇر.
بىرلىكتە: ئانا ۋەتەن تا ئەبەد،
مۇقەددەستۇر، ئەزىزدۇر.
دىلدا ئارمان قويمايلى
كەلگىن يارىم ئوينايلى،
دەريا بويى بويلايلى.
بېلىق بىلەن سۇ بولۇپ،
ئويناپ-ئويناپ قانمايلى.
چەكلىك ھايات، ياشلىقنىڭ،
قەدرىنى بەك ئويلايلى.
قوغلاپ قايغۇ-ئەلەمنى،
خۇشال ناخشا توۋلايلى.
پۇشايماننىڭ ئەتىكى،
قۇربانى بىز بولمايلى.
گۈزەل ئارزۇ نەقلەشسۇن،
دىلدا ئارمان قويمايلى.
قايتارما: كەلگىن يارىم ئوينايلى،
دىلدا ئارمان قويمايلى.
سەككىز سۈرىتىم
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
(ساتىرىك داستان)
ياشاش ئۈچۈن كۆنگەن شۇ ئىللىتىمنى،
بىر كۆرسىتەي يېرىپ يۈرەك قېتىمنى.
سورىماڭلار نامىم مىنىڭ ئىتىمنى
تەقدىم قىلدىم بۇ سەككىز سۈرىتىمنى،
مەن ئاشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
1
ئېسى- يادىم ھوقۇقۇمنى ساقلاشتا،
چىڭ تۇرىمەن شۇڭا چوڭنى يوقلاشتا.
كۈنۈم ئۆتەر تەزىم بىلەن ماختاشتا،
ئۇ ئاقمىسا داستىخاندا باپلاشتا،
ئىش توغرىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ھوقۇق ئۈچۈن مەن ھەممىنى گوللايمەن،
يۇقىرىغا ساننى يالغان يوللايمەن.
تەكشۈرسە گەر سومكىسىنى توملايمەن،
شۇنداق قىلىپ ئۆز- ئۆزۈمنى قوللايمەن،
مەن «قوللاپلا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
«پىچاق» بەرسە قورقماي دادىل كەسمەيمەن،
مۇزاكىرە قىپ بولالماي ئەسنەيمەن.
شۇنداق قىلىپ قورساقنى ھېچ ئەسمەيمەن،
ئىرادەم چىڭ بەلنى ھەرگىز يەشمەيمەن،
شۇ «ئۇسۇلغا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پاكلىق دېسە سۆزلەپ- سۆزلەپ ھارمايمەن،
كەلسە- كەلمەس سوغا سالام ئالمايمەن.
نەپ چىقمىغان يەرگە ئەمما بارمايمەن،
يەڭ ئىچىدە بەرسە ھەرگىز يانمايمەن،
«سودىلىشىپ» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەزى ياتتىم بالنىستلاردا تەن ئۈچۈن،
خەق بىلمىسۇن ئىككى بولاق قەنت ئۈچۈن.
دېسەممۇ گەر ئاغزىمدا «ۋەتەن ئۈچۈن»،
ھوقۇق ئەلا مىللەتتىنمۇ مەن ئۈچۈن،
«ھوقۇققىلا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
نېمە؟ ساڭا مىڭلاپ لەنەت دەيلىغۇ؟
مەن بىر مەجنۇن ھوقۇق خۇددى لەيلىغۇ!
مەن ئۆسسەملا خەق نېمە بولسا مەيلىغۇ،
مانا بۇ سۆز مەندەكلەرنىڭ پەيلىغۇ،
«پەيلىم» شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ھېچ غېمىم يوق جاھاننى سۇ باسسىمۇ،
ئاپەتلەردىن ئەلنىڭ بېشى قاتسىمۇ.
كۆن ئالالماي يۇرتنى تاشلاپ قاچسىمۇ،
ماڭا ئۇلار قانچە گۇناھ ئارتسىمۇ،
«ھېچ غېمىم» يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
چۇجاڭ، ھاكىم، ۋالىيلىقتا تۇرغۇچە،
ئۆسسەم دەيمەن تاكى داھىي بولغۇچە،
ئۆتەرمەنمۇ شۇ ئارماندا ئۆلگۈچە،
«ئاھ چۈشۈمگە بىر كىرسىچۇ بۇ كېچە»
تەمە قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
2
چوڭ مەسچىتنىڭ بىقىنىدا ئۈيۈم بار،
كىشى كۆرسە ئەيمەنگۈدەك سەللەم بار.
شۇڭا دائىم قولتۇقۇمدا زەللەم بار،
چاپقۇزۇشقا ئاتلارنى ھەم چەنلەم بار،
«زەللىلەرگە» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
قويىۋېلىپ كۆركەم ساقال- بۇرۇتنى،
كەم قىلماستىن تىلدا دائىم دۇرۇتنى.
مەن توپلىدىم كۆپ ئىخلاسمەن مۇرىتنى،
خەق بىلمىسۇن دىلىمدىكى قۇرۇتنى،
شۇ «قۇرۇت» قا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
سورۇن بولسا چىقسام دەيمەن تۆرىگە،
گۆش كەلمەيدۇ قۇرۇق ئايەت، سۈرىگە.
راست گەپ قىلسام نەپسىم ئوخشار بۆرىگە،
نىچۈن باغاق بەردىكىن پەس چۆرىگە،
قىزغىنىپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
«خۇدا» مېنىڭ مۇھاپىزەت قالقىنىم،
بىلىنمەيدۇ شۇڭا جەبرى سالغىنىم.
ماڭا لازىم شۇ باھانىدا ئالغىنىم،
ئېچىلمايدۇ سىرتقا ھېچبىر ئالقىنىم،
ئېلىشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
«يامان»، «گۇناھ» دەپ چىتلايمەن يوللارنى،
رام قىلىمەن شۇ ئۇسۇلدا گوللارنى.
چۆشۆرمەستىن دۇئادىن ھېچ قوللارنى،
يىغىۋالدىم «ھەجگە» دەپ كۆپ دوللارنى،
شۇ دوللارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
داۋالايمەن دەپ كېسەلنى، ئاپەتنى،
ساتتىم پۇلغا ئەرەبچە كۆپ ئايەتنى.
خەقلەر مېڭىپ ئۇ دۇنيانى «راھەتنى»،
سۆيدۈم ئۆزۈم پانىي نەق ھالاۋەتنى،
ھالاۋەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەسچىتلەردە ساۋابلىقنى سۆزلەيمەن،
لېكىن ئۆزۈم «نەپ» بولسا دەپ كۆزلەيمەن.
بېرەر ئۆزى، «ھېچ كىشىنى ئەزمەيمەن»،
شۇڭا مۇشۇ يولدىن پەقەت بەزمەيمەن،
شۇ يولۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
3
چىن ئەركەكتەك مەي ئىچىمەن تاۋاقتا،
ئۆيدە ئەمەس كوچىلاردا، قاۋاقتا.
بەزى قونۇپ قالىمەن شۇ «راۋاق» تا،
كېتىپ بولاي ئەمدى ئۆيگە نەۋاقتا،
«راۋاق» لارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
خەق نېمە دېسە دەۋەرمەمدۇ كارىم يوق،
مەيدىن ئۆزگە ئامرىقىم يوق، يارىم يوق.
ئىچمىسەم ھېچ تۇرالمايمەن، چارەم يوق،
ئىچىۋېلىپ چالدىم گىتار، تارىم يوق،
مەن كارىم يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كۈندە بېرىپ سەجدە قىلىپ تاۋاققا،
تېگىشىمەن ئىقبالىمنى ھاراققا.
ئۇرۇشىمەن ئۆيدە تارتسا سوراققا،
قورقمايمەن ئېلىنساممۇ قاماققا،
شۇنداق قورقماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
دەيدۇ تېخى «ئېسىت سېنىڭ مەستلىكىڭ»،
ھاراقتىندۇر بىلسەڭ سېنىڭ پەسلىكىڭ،
ئوڭشىلارمۇ شۇ ئادەم ئەمەسلىكىڭ،
قاچان تۆگەر بالا-قازا، نەسلىكىڭ،
مەستلىكىمگە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەن دەيمەنكى بەختىم مېنىڭ شارابتا،
نېمە لەززەت مەيسىز مىڭ جىڭ كاۋاپتا،
قەدەھ ياساپ چېلىپ تەمبۆر، راۋاپتا،
مەي ئىچىمەن بارسام ھەجگە، تاۋاپتا،
ئىچىشكىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىر ئىجادىم ئويۇم بارتى، قېنى دەي،
تومۇرۇمدا قېنىم ئەمەس ئاقسا مەي.
ئەنە شۇ چاغ، قىلماس ئىدىم زادى قەي،
يېمەس ئىدىم زاكوسكىغا گۆشۇ-سەي،
مەن ئىجادكار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەي دېگەنلىك مېنىڭ قېنىم، يىلىكىم،
مەي ئىچمىسەم مېنىڭ نېمە كېرىكىم.
ھېساب ئەمەس چىلاشمىسا يۈرىكىم،
شۇڭا مەستتۇر ھەتتا ئارزۇ-تىلىكىم،
مەست تىلەككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەي تۈپەيلى بولسام مەيلى ئۆيسىز، تۇل،
مەيلى بولسۇن كىيىم-كېچىكىم جۇل-جۇل،
قەرز ئېلىپ ئىچىمەن بولمىسا پۇل،
مەن ياشايمەن بولۇپ شۇنداق مەيگە قۇل،
قۇللۇقۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
4
جاھان ئاشۇ دەيمەن قۇدۇق ئاغزىنى،
چىڭ تاقايمەن شۇڭا ئىشىك داۋزىنى،
ئايرىمايمەن لەززەت بىلەن لاۋزىنى،
ياقتۇرمايمەن چىگىش بىلەن ھاۋزىنى،
قۇدۇققىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەزىلەر تاڭ غايە-پايە دەيدىكەن،
ئۆزلىرىچە ئەل غېمىنى يەيدىكەن،
(ئىككى پۇتى بىر ئۆتۆكتە، خەيدىكەن)،
توۋا دەيمەن دۆت ئىكەن، بىلمەيدىكەن،
مەن ئەقىللىق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پۇرسەت تاپسام تىرىكلەرنى قەستلەيمەن،
يىقىتسام گەر پاتىڭىغا دەسسەيمەن.
ئۆلگەنلەرنى رەھمەتلىك دەپ ئەسلەيمەن،
بەلدىن ئاقنى ئۇزۇنغىچە يەشمەيمەن،
قەستلەپ، ئەسلەپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئىشىم بەك كۆپ زادى بىكار ياتمايمەن،
يېغىر تاپسام كوچىلايمەن، تاتىلايمەن،
ئەل دېگەننىڭ گەجگىسىدىن ئاتلايمەن،
باشلىق كۆرسەم بەلنى پۈكلەپ قاتلايمەن،
قاتلىنىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەك ئاقلارغا قار-قۇرا چاپلايمەن،
«قارا» لارنى پات-پات ئوتقا قاقلايمەن،
«يېشىل»، «سېرىق» لارنىمۇ ھەم باپلايمەن،
شۇنداق قىلىپ بىر ئۆزۈملا چاقنايمەن،
ئۆزۈم چاقناپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياراتمايمەن كىچىك ئىشقا زوقۇم يوق،
ئەنقا ئاتاي دېسەم، ئەمما ئوقۇم يوق.
مىنەي دېسەم ئېشىكىمدە توقۇم يوق،
ئىسمىم جاھان بازارىدا چوقۇم يوق،
مەن بازارسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئاقمۇ كىردى تولا ئويلاپ بېشىمگە،
شۇنچىلىك تار قىل پاتمايدۇ ئىچىمگە،
ئامەت كەلسە ئەگەر يېقىن كىشىمگە،
غۇچۇرلاشتىن ئاغرىق كىرەر چىشىمگە،
چىش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كۆرمەيمەن ھېچقانداق ئىشنى ئۆزۈمدىن،
يامانلايمەن قانۇنىيەت، تۈزۈمدىن،
كىم ئۇ چاتاق تاپقان مېنىڭ سۆزۈمدىن،
سەت كۆرۈنمەي تېز يوقالسۇن كۆزۈمدىن،
يامانلاپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
چۈشتە دېسە كەچتە ئاران بارىمەن،
باھانە توقۇپ گۇناھىمدىن تانىمەن،
شۇ بىر ئەمەس تەكرارلايمەن يانىمەن،
شۇڭا جاھان ئالدىدا كۆپ چانىمەن،
چېنىۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياتقا شاتۇر، ئۆزىمىزگە ئاقسايمەن،
ئۆزگە باتۇر، ياتقا سالسا ئاقمايمەن،
پەلسەپەم شۇ جان بېقىشنى ياقلايمەن،
ئاشۇ يولدا تىنىم تاپماي قاتنايمەن،
قاتناۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىكار بولسام ھاڭۋاقتىمەن كوچىدا،
بولاي مەيلى قەشقەر، تۇرپان، غۇلجىدا،
بۇ پەقەتلا بولۇر مەندەك نوچىدا،
نېمىش قىلسۇن ئىشقا بەند پوچىدا،
نوچىلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياراتمايمەن ئىلىلىقنى لاپچى دەپ،
خوتەنلىكنى دىۋانە، راۋابچى دەپ،
قەشقەرلىقنى ئالدامچى، ساپ-ساپچى دەپ،
كورلىلىقنى ئاغزى نەس، كاپ-كاپچى دەپ،
يۇرت ياراتماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
دەيمەن يەنە ئاقسۇلۇقنى كاۋىچى،
دولانلىقنى پوجاڭ تۇماق يامىچى،
ئالتاي، قۇمۇل، قىزىلسۇنى چارۋىچى،
ئۈرۈمچىلىك جىڭ قىزىل كۆز پىۋىچى،
تىللاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەن تىللىماس بىرمۇ يۇرت يوق ئۆلكەمدە،
دېمەك شۇنداق ئېغىر يۆك بار يەلكەمدە،
ئۇنى ئادا قىپ بولارمەن نەكەمدە،
قورۇق تولا شۇڭا مېنىڭ چېكەمدە،
ئېغىر يۆككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئەجدادىمنى كۈندە مىڭ رەت داڭلايمەن،
ئەمما ئۆزۆم بىر غېرىچچە ماڭمايمەن،
ماختاش بولسا ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايمەن،
ئاڭلاپ-ئاڭلاپ سۆيۈنىمەن، قانمايمەن،
ماختاشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ماختاپ تۇرسا قىن-قىنىمغا پاتمايمەن،
ئۇچىمەنكى كۆكتە… يەردە ياتمايمەن،
(قانىتىم يوق) ئەمما موللاق ئاتمايمەن،
ھاي! دېگەننى يېنىمغا يولاتمايمەن،
مەن ئۇچۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
تەنقىد دېسە شۇ ھامانلا باتنايمەن،
ھېچ قاچاندا ئەينەككىمۇ باقمايمەن،
جەھلىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئاقلايمەن،
بۇ ئادەتتى تا مەڭگۈگە ساقلايمەن،
شۇ ئادەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
داشۆگىمۇ ئۆتتۈم بولدى پۈتتى ئىش،
خىزمەت تەييار ئۆتسە ئەمدى تۆتلا قىش.
لازىم ئىكەن نېمىگە ئۇ ئۆگىنىش،
(بىلىم ئەمەس دىپلومغىلا قارارمىش)،
جان قىينىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
قىزىقمايمەن دەرس دېگەن نېمىگە،
ئاھ! ئاشىقمەن ئولتۇرۇشقا، پىۋىگە،
تەگكۆزمىسەم ئىچمەيمەن قىز لېۋىگە،
ئىچىۋالسام ئايلىنىمەن دېۋىگە،
دېۋىلىككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئاتا-ئانا يۇرتتىن ئىزا تارتمايمەن،
ھەممە گۇناھ ئۆزۆڭدە دەپ ئارتىمەن،
ئاھ! نيۇ-يورك، پارىژلارنى يارىتىمەن،
سۆزلىسەم كۆپ ئادەملەرنى قارىتىمەن،
ئىلغارلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئۆيدىن كەلگەن پۇل پۇلغا ئۇلاشمايدۇ،
پۇل بولمىسا سورۇن قايناپ تاشمايدۇ،
يېڭى چىققان مودا مەندىن ئاشمايدۇ،
ئۆز كىيىمىم ماڭا ھېچ ياراشمايدۇ،
مودا قوغلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
داشۆسىڭلار ھەر چاغ ئۇلۇغ ئاتالغان،
مەدەنىيەت داشۆسىڭدىن تارالغان،
بىلىڭلاركى دۇنيا ماڭا يارالغان،
(«تۆت توم« دىمۇ دەل ئاشۇنداق قارالغان)،
شۇ قاراشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئىسىت دەيمەن بەزى ئەخمەق بالىلارغا،
ئىشىنىدۇ ئەجدادىغا، ئاللاغا،
داغ چۈشۈرمەي غورۇرلۇق ساپ قانلارغا،
ئۇل قۇرارمىش كەلگۈسى ئىقباللارغا،
مەن ئەكسىچە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
قىينايدىكەن ئۇلار شۇنچە جېنىنى،
ئۇنتۇپ قالار ھەتتا ئاش ۋە نېنىنى،
ئويلار ئىمىش ئەل-يۇرتىنى، ۋەتىنىنى،
تۆكەر ئىمىش شۇ يولدا ھەم قېنىنى،
مەن قان تۆكمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بۇ دۇنيادا ۋەتەن دېگەن تولا گەپ،
مىللەتمۇ ھەم يۈرۈشمەمدۇ تۈركۈملەپ،
ۋەتىنىم شۇ چىقسا ماڭا نەدە نەپ،
(بۇ سۆزۈمنى خەق بىلمىسۇن بولدى خەپ)،
نەپ كۆزلەپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
6
پۇل تاپىمەن شەمۇ شەرنى ئارىلاپ،
يول-ياتاقتا قۇرۇق ناننى غاجىلاپ،
تىنىم تاپماي زاۋۇت، دۇكان ئارىلاپ،
بەزى چاغدا ھەمراھىمنى قارىلاپ،
دىل يارىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
جىڭ گېپىم شۇ پۇلدىن ئۆزگە دوستۇم يوق،
سىنت چاغلىق زىيان بىلەن خوشۇم يوق.
پۇلۇم مىڭ جىڭ، ئۇچامدا بىر كاستۇم يوق،
شۇڭىمىكىن ئابروي-يۆزۈم، پۇشۇم يوق،
ئابرويسىزراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
يۇرتداش، تۇغقان نېمە، پايدا ئالدىدا،
توغرىلايمەن ئىشنى تېزدىن دالدىدا،
مىڭ بىر ھىيلە-چارە باردۇر كاللىدا،
ئۇنىڭ بىرى بارمىكىن تاڭ داھىيدا،
شۇنداق دانا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
توۋا دەيمەن بەزى ئەخمەق بايلارغا،
قىپتۇ ياردەم يۇرتى نامرات جايلاغا،
مەكتەپ ساپتۇ مەرىپەت دەپ سايلارغا،
نېمە ياردەم ئۇ كۆكتۆش، گادايلارغا،
مەن ياردەمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پۇل تېپىشتا تارتقان تالاي جەبرەمگە،
قالدۇرغۇم يوق بىر سىنتمۇ نەۋرەمگە،
ئۆلسەم ئەگەر پۇلنى تېڭىپ مەيدەمگە،
ئەكېتىمەن جەزمەن ياتقان قەبرەمگە،
پۇلغا شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
نېمىشقا؟ دەپ سورىسا گەر كىمدە-كىم،
كېسىلگەندۇر پۇلدا مېنىڭ كىندىكىم،
دەپ بەرگىنىم چوڭ ئۇچۇر ھەم ئەمگىكىم،
بەرمىسە ھەق يوق مېنىڭ دەپ بەرمىكىم،
شۇ مىراسقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
7
ھەر يىل تۆلەپ ئوتتۇز بەش خىل سېلىقنى،
لەڭگە بەردىم بۇغداي، قوناق، تېرىقنى،
دېمەي قوياي تاپاندىكى يېرىقنى،
شۇ ھالەتتە قىلدىم دېھقانچىلىقنى،
سېلىقلارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
تۇغۇلغاندەك مەڭگۈ كەتمەن چاپارغا،
تولا باردىم قارا قىشتا ھاشارغا،
تولۇپ كەتتى ئالىقىنىمغا قاپارغا،
ئادەم دېگەن ئۆلمەيدىكەن جاپاغا،
جاپاغىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىر نېنىم بار ئىككى گۆدەك تويۇشقا،
بىر قويۇم بار قۇربانلىققا سويۇشقا،
نەدە چولا بەدىنىمنى يۇيۇشقا،
مەن رازىمەن ئاشۇ مۇقىم تۇرمۇشقا،
شۇ تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
باش كۆتۆرمەي ھۆددە يەرنى تېرىيمەن،
ئېتىزلىقتىن چىقماي شۇنداق قېرىيمەن،
بۇ دەۋردىن نەچچە ئەسىر نېرىمەن،
ياۋاش، نادان، بىچارىلەر پىرىمەن،
شۇ «پىر» لىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ھەپتىدە تۆت جەرىمانە تۆلەيمەن،
شۇ پۇل بىلەن سېكرىتارنى يۆلەيمەن،
بالام يالىڭاچ… بۆشۈككىلا بۆلەيمەن،
ئىش ئالدىراش، نەدە يۈدۈپ يۈرىمەن،
بۆشۈككىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياراتمايمەن ئۆز ئېتىمنى، ئىسمىمنى،
تونۇمايمەن ھەتتا ئۆلۈم خېتىمنى،
«ئۇرغۇي» دەيمەن سورىسا مىللىتىمنى،
چۈشەنمەيمەن دەۋردىكى رېتىمنى،
مەن رېتىمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
سۆنئىي ئوغۇت مول ھوسۇل دەپ سانايمەن،
شۇ ھوسۇلدىن ئەمدى قانداق تانايمەن،
سۇ تالاشسام قوشنىلارنى چانايمەن،
دېمەيمەن ھېچ بۇ پەيلىمدىن يانايمەن،
مول ھوسۇلغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئىش دېگەننىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ سانى يوق،
مىدىرلايمەن پۇت-قولۇمنىڭ جانى يوق،
بەزى-بەزى بالىلىرىمنىڭ نانى يوق،
سېكرىتاردىن باشقا قەدىردانىم يوق،
قەدىردانغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
يىل ئاخىرى پۇل ئالساممۇ تۇلۇمدا،
«قەرزىڭ تۆلە» دەيدۇ ئوڭۇ-سولۇمدا،
سىنت قالماي ئاخىرىدا قولۇمدا،
دېيەلمەيمەن شۇڭا ھەرگىز پۇلۇم بار،
پۇلغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئېتىزلىقنىڭ نېرىسىنى كۆرمەيمەن،
بەختىم ئۆچۆن قىلچە خىيال سۆرمەيمەن،
تىل-دەشنامغا دەۋا قىلىپ يۈرمەيمەن،
رەنجىمەيمەن، ھەتتا قاپاق تۈرمەيمەن،
كۆتۈرۈشلۈك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ۋاز كەچكەنمەن ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن،
پەرقىم يوقتۇر ھېچ ماشىنا ئادەمدىن،
ھەممە ئىشنى كۆرىمەن پىشانەمدىن،
بولدى شۇنداق ئۆتۈپ كېتەي ئالەمدىن،
مەن نالىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بۇ دۇنيادا بەلكىم مەندەك بىر كىم يوق،
تا ئۆلگۈچە ئىشلىمەك شۇ گېپىم يوق،
قاتتىق ئىشتىن باشقىغا كېرىكىم يوق،
تەنۇ-جىسمىم بارۇ لېكىن يۈرىكىم يوق،
مەن يۈرەكسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
8
تارتالمايدۇ ئات ھارۋىسى ھالىمنى،
كۆردىڭىزمۇ يارىشىملىق خالىمنى،
قويۇۋالغانمەن ساپ كۈمۈشتىن نالىمنى،
ياراتمايمەن شۇڭا ھەتتا ئالىمنى،
ھال تارتىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كىيىم دېسە «مىڭ تەسەددۇق» جان دەيمەن،
بۇ مەن ئۈچۈن كاتتا شەرەپ-شان دەيمەن،
كىيىم ھەتتا يۈرىكىمگە قان دەيمەن،
توشمايدىغۇ كەيگىنىمگە سان دەيمەن،
مەن سانىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پارقىرايدۇ ئۈستىبېشىم زىننەتتىن،
خەق ئەيمىنەر تۇرقۇمدىكى ھەيۋەتتىن،
ھېچ بىلمەيمەن بىر يوشۇرۇن غەيرەتتىن،
ئاغزىم بىكار بولماس سۆزدىن غەيۋەتتىن،
غەيۋەتخۇمار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىلىم دېگەن نېمىكىن تاڭ ئۇقمايمەن،
كىتاب-پىتاپ دېگەننىمۇ ئۇقمايمەن،
ۋاقىت تاپسام لەززەتلىنىپ ئۇخلايمەن،
مەندىن ئېسىللارنى كۆرسەم پۇتلايمەن،
پۇتلاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
نېمە پايدا كەپتۇ قۇرۇق بىلىمدىن،
ھېچنېمەم يوق مېنىڭ ئارتۇق گېلىمدىن،
شۇڭا كۆركەم تۇرىمەن ئۆز خىلىمدىن،
ياقتۇرىمەن ئۆز ئىشىمنى دىلىمدىن،
كۆركەم يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
گۆش قاينايدۇ كەلسە ئەگەر ئاتا-ئانام،
دەيدۇ ئۇلار بەكمۇ باقتىڭ جان بالام،
ئاغرار بېشىم كېلىپ قالسا قېينانام،
«ۋاي بېشىم» دەپ ياتىمەن شۇ ئىش تامام،
باش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەك ئاسرايمەن، گۈلدەك، ئالتۇن بويۇمنى،
ئۇپراتمايمەن ھەتتا بىر تال مويۇمنى،
ئويلىمايمەن بالىلىرىمنى، ئۆيۈمنى،
قىلسام دەيمەن قايتا ئىسىت! تويۇمنى،
تويغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياشىرىمەن يىگىرمە ياش، توي دېسە،
چۆشتى گىلەم، نەق پۇل يەنە قوي دېسە،
خەجلىنىپتۇ تويدا ئون مىڭ كوي دېسە،
قانچە ئابروي خەقلەر ئاڭلاپ ھوي دېسە،
مەن ئابرويلۇق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياشاپ نېمە بار ئابروي-ئاتاق دېمىسەم،
بەرسە خۇدا خانىشلىقنى تىلىسەم،
ھېچكىشىنىڭ گېپىگىمۇ كىرمىسەم،
كۆڭلۈم نېمە تارتسا كىيسەم ھەم يېسەم،
گەپكە كىرمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئائىلىنى دەركەن مىكرو جەمئىيەت،
گۈللىنەرمىش بولسا بىر دىل، بىر نىيەت،
ماڭا لازىم ئەمەس سوكال تەربىيەت،
ئۆز يولۇم بار ماڭىدىغان تا ئەبەد،
تەربىيىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
خاتىمە
يۈگەنلىنىپ مىنىلىدۇ كۆنسە ئات،
بۇ ئاز كېلىپ دەيدۇ تېخى ھارۋا تارت،
كۆنۈش شۇنداق چوڭقۇرلىشار قاتمۇ قات،
ئاقماس ھەرگىز كۆنۈپ بولۇپ دېسە دات،
ئەمما مەن بەك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كۆنۈش شەيتان، كۆنۈش بەكمۇ خەتەرلىك،
پاكىت سانسىز شۇنچە قايىل ئېتەرلىك،
بولار ئەمدى شۇ كۆنگىنىم يېتەرلىك،
ئەڭ ئاخىر بىر ۋارقىراي جىگەرلىك،
كۆنمەسلىككە كۆنسەم ئاندىن ياشايمەن.